بىلىپ قوي
(بىر دوستۇمغا)
يىقىلغاننىڭ ھەممىسى ئاجىز ئەمەس بىلىپ قوي,
يىغلىغاننىڭ ھەممىسى دەرتمەن ئەمەس بىلىپ قوي.
قىسمەت كەلسە بېشىڭغا دوست دۈشمەننى بىلۇرسەن،
ۋاي دىگەننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس بىلىپ قوي.
شۇنداق كۈنلەر كىلىدۇ سەندىن تانار‹‹بەزىلەر››،
ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ھەمراھ بولار‹‹بەزىلەر››.
پۇل –مال دېگەن ھاياتقا باقىۋەندى ئەمەستۇر،
ھالاۋەتكە ئىنتىلگەن دوستۇڭ ئەمەس بىلىپ قوي.
دوست دېگەن بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سىنىلۇر،
كۆڭلىدە ھەم نە غۇم بار ئېنىق بولۇپ بىلىنۇر.
دوستۇممىكىن دەپ قالما تۈلكە بولۇپ كەلگەننى،
ھېجايغاننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس بىلىپ قوي.
ئازاپلىنار چىن دوستۇڭ سەن يىغلىغان چاغلاردا،
تەسەللىلەر ياغدۇرار مەيلى كېچەتاڭلاردا.
ئازابىڭنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھەم تەيياردۇر،
شۇنداق دوستۇڭ بولسا گەرتاشلىۋەتمە بىلىپ قوي.
باتۇر ئابلەت
2014-يىلى3-ئاينىڭ 14-كۈنى(بېيجىڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakan18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 12:19 PM