|
|
|
|
چېخ دۆلىتىگە سەپەر ( 1 )
بىز ياۋروپادىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيەگە قوشنا بولغان چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھرىدە سەيلە-ساياھەتتە بولدۇق. ۋالتاۋا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان، يەر تۈزۈلۈشى ئىگىز-پەس بولغان بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ئۈزگىچە ئىكەن، دەريا ياقىسىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدىكەن. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە بۇ شەھەر ساپسېرىق يۇپۇرماقلار بىلەن قاپلىنىدىغان بولغاچقا، «ئالتۇندەك پراگا» دەپمۇ تەرىپلىنىدىكەن. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئەشۇ چاغدىكى سەيلە-ساياھەتنىڭ خاتىرىسى بۇلۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئەھۋاللارنى «ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر» نىڭ 6-قىسمى بولغان «كەچكۈزدىكى ياۋروپا« دىن كۈرۈۋالغايسىلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 01:01 PM
|
|
|
|
|
|