|
|
|
|
دىقىقەت ! بۇ تىمىدىكى كىشىلەر مەلۇم مىللەتكە ۋەكىلىك قىلمايدۇ، بۇنداقلار ھەممە يەردە ھەممە مىللەتتە بار ، شۇڭا تىمىغا ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن يەنى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ!
يىقىندا بىيجىڭ شەھەرلىك سۇپەت تەكشۇرۇش تارماقلىرى بىر ئىچىملىك سۇينى پىشىقلاپ ئشلەش ( ئەمەلىيەتتە تۇربا سۇيىنى تۇڭغا قاچىلاش شىركىتى دىسەكمۇ بولىدۇ) شىركىتىنى تىجارەتتىن توختاتتى. ئۇلار ئىستىمالچىلارنى ئالداپ تۇربا سۇيىنى بىۋاستە تۇڭغا قاچىلاپ ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى چاپلاپلا ئىستىمالچىلارنى ئالدىغان.
مانا بۇ يىغىلغان تۇڭلارنىڭ سىرتىنى يۇيۇپلا ماركا چاپلاپ سۇ قاچىلاپلا بازارغا سالىدۇ، تۇڭلارنى بىرەر قىتىممۇ رىزىنپىكسىيە قىلمايدۇ، يۇيۇش كۆلچىكىدىكى سۇمۇ ئاساسەن ئالماشتۇرۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۇربا سۇينى تىخنىكىلىك سۇپەت ئۆلچەم بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىغىز ئىچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.بۇ ئاتالمىش ساپ سۇلار دۆلەتنىڭ سۇپەت ئۆلچىمىگە قەتئى يەتمىگەن.
ماركا چاپلىنىپ بازارغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئاتالمىش ساپ سۇ .
بۇ دات باسماس تۇڭلارغا زاپاس سۇ قاچلىۋىپ ، ئىش ئۇنۇمىنى ئاشۇرۇش.
ئۇلار دەسلەپتە ساپ سۇ ئىشلەشكە كىرەكلىك مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئالغان لىكىن كىيىن زاۋۇتنى ماڭدۇرۋالغاندىن كىيىن ،ئۇلار چىقىمدىن قورقۇپ ، بۇ ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتمىگەن، پەقەت بۇ چوڭ تۇڭلار سۇ قاچىلاش ۋە زاپاس سۇ تۇڭنىڭلا رولنى ئالغان.
ئۇلار ئازىراق چىقىم بىلەن زاۋۇت قۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىجىرۋىلىپلا ، ئۆزلىرنى قانۇنلۇق تىجارەت نىقابى بىلەن نىقاپلاپ ،كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ھەتتا ھاياتى بىلەن ئويناشماقتا.
شۇڭا مۇشۇنداق ساپ سۇنى ئىستىمال قىلىش توغرا كەلسە ، ئىشەنچىلىك ئورۇننى تاللاڭ،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز مۇمكىن بولسا ئاشۇ ساپ سۇ ئىشلەپ چىقارغان ئورۇننى بىر كۆرۇپ كىلىڭ.
مەنبەhttp://pic.health.sohu.com/group-536687.shtml#8 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 12:06 PM
|
|
|
|
|
|