مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 5

تەربىيە(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10433
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 10:52:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                تەربىيە(1)
                                               (ھېكايە)
      تۇرغۇن مىجىت قادىرى
ئارام ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۆيدە يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقاپ كىتاپ ماتېرىيال دۆۋىسىگە بىردەم قادالغاندىن كېيىن نېرۋىلار چارچاپ، كۆزلەر چىڭقىلىپ، تورلاشقاندىن كېيىن بىرەر يېرىم سائەت خەلق مەيدانىغا بېرىپ گۈل-گىياھلارنى، مەنزىرىلەرنى ئايلىنىشنى ئادەت قىلۋالغان ئىدىم. بۈگۈنمۇ يېڭى كەلگەن گېزىت-ژۇرناللارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ، كۆزۈم تالغاندا بىنادىن چۈشۈپ خەلق مەيدانىغا قاراپ ماڭدىم. پىيادىلەر يولىدا ئۇيان-بۇيانغا ئۆتۈشۈۋاتقان ئادەملەر، كەڭ كەتكەن ئاسبولىت يوللاردىكى باپكانىڭ مۇككىسىدەك ئۆتۈشۈۋاتقان ھەر خىل ماشىنىلار ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇراتتى. كوچا-كويلارنى، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىپ بىردەمدىلا خەلق مەيدانىغا كىلىپ قالدىم.
مەيداننىڭ چېتىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراي دەپ بارسام ئورۇندۇقلارغا ئادەم تولۇپ بولغان ئىدى، شۇڭا باشقا جايدىكى ئورۇندۇقنى تاپاي دەپ خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇردىكى گۈل-گىياھ پورەكلەپ ئېچىلغان، دەل-دەرەخ غۇچچىدە كۆك بىلەن بوي تالاشقان مەنزىرلىك جايغا كېلىشىمگە بىر ئورۇندۇقتا 15-16 ياشلاردىكى ئۈچ نەپەر بالىلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. مەن ئۇ بالىلارغا بىر قاراپ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۇ بالىلارنىڭ كىيىنىشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، چاچ پوسۇنلىرى، چاچ رەڭگىمۇ غەيرى ئىدى، ئۇلارنىڭ چاچلىرى قەدىمى ئەپسانىلەرنى ئەسلىتىدىغان قەدىمى سەھرادىكى قېرى پاق-پاق جىگدە، قېرى، ئەگرى- بۈگرى، كوڭتەيلىرىدىن ھازىرلا بېشى يوق ئېشەك، بېشى يوق ئوغلاقلار چىقىپ بىزنى يەپ، ئالداپ مەكىلاتلار، جىن-ئالۋاستىلار قاتارىغا كىرگۈزۈۋېتىدىغان تۇيغۇ بىرىدىغان سۆگەتنىڭ پاخپاق شاخلىرىدەك، كىچىك چاغلىرىمىزدا چۆچەكچى بوۋام-موماملار سۆزلەپ بەرگەن چۆچەك، رىۋايەتلەردىكى چاچلىرى قىزىل، چاچلىرى قوڭۇر ئالۋاستىلاردەك... ياسىنىۋېلىشقان ئىدى.
-توۋا خۇدايىم توۋا،-دەپ ياقامنى چىشلىدىم- بورۇن جىن ئالۋاستىلار ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى دەيدىغان، بۇ جاھان تەرەققى قىلغاندىن كېيىن جىن- ئالۋاستىلارمۇ تەرەققى قىلىپ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە كۆرىنىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟!
ئۇ بالىلارغا يەر تىگىدىن ماراپ دېگۈدەك يەنە بىر قېتىم سەپ سالدىم، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، چاچ پوسۇنى ۋە چاچ رەڭگىنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، رەڭگى-رۇخسارىغا سەپ سالىدىغان بولسا شۇنداق كېلىشكەن، چىرايلىق ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگىدەك بالىلار ئىدى.
مەن كارىم بولماي ئۆتۈپ كېتەيمۇ دېدىم. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى غودۇراپ مېنى بۇ جايدىن كەتكىلى قويمايتتى. چۈنكى 30 نەچچە يىل ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ ياش ئەۋلاتلارغا تەربىيە بىرىپ، بىر ئەۋلاد ياراملىق ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ يۈكنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئۇ بالىلار بىلەن سۆزلەشكۈم كەلدى.
بالىلار تەرەپكە بىر قەدەم ماڭدىم، بىردىنلا ئۆز-ئۆزۈمگە «توختا!» دېگەن نىدا كەلدى. «توغرا، بۇ ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان چوڭ ئاممىۋىي سورۇن تۇرسا، ئۇ بالىلارغا گەپ قىلسام گېپىمنىڭ بېلىگە تىپىپ مېنى جامائەت ئالدىدا سەتلەپ تىللاپ كەتسەچۇ؟ ئۇلار ياشلار قېنى قىزىق كېلىدۇ، قىزىپ كېتىپ قېرىغاندا مېنى دومبالاپ كەتسەچۇ تېخى؟!» مەن يەنە ئويلۇنۇپ قالدىم. «توغرا، تەربىيە ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك، بىر سىنىپتىكى 40 نەچچە بالىغىمۇ تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟»
  مەن غەيرەتكە كېلىپ ئۇ بالىلار ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-بالىلىرىم، يېنىڭلاردا بىر دەم ئولتۇرسام بولامدۇ؟
ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان بىر بالا مېنىڭ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە كۆزلىرىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ قاراپ كەتتى، شۇنىڭغا ئۈلگۈرتىپ:
-ئەلۋەتتە بولىدۇ دادا، بۇ يەردە ئولتۇرسىلا،-دەپلا مەن تەرەپتىكى چەتتە ئولتۇرغان بىر بالا ئورنىنى بوشاتتى.
كانىيىمغا كەپلىشىپ قالغان ئۆپكەم، قېپىدىن ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغاندەك تېز سوقىۋاتقان يۈرىكىم سەل جايىغا كەلدى. مەن بالىلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.
مەن بالىلارنىڭ يېنىغا كىلىپ تۇنجى قەدىمىمنى مۇۋاپىقيەتلىك باسقاندىن كېيىن، مەن ۋە ئۇ بالىلار بىر نەچچە دەقىقە ئۈن-تىنسىز ئولتۇردۇق، مەن ئارىدىكى جىملىقتىن پايدىلىنىپ سۆز باشلىدىم.
-بالام سىز مۇشۇ بازار ئىچىدىنمۇ؟-دەپ سورىدىم ماڭا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن بالىغا قاراپ.
-شۇنداق، ھەممىمىز بازار ئىچىدىن، مېنىڭ ئۆيۈم قوشقۇدۇق مەھەلە رايۇنىدا، ماۋۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆيى زەرقۇم ئولتۇراق رايۇنىدا، ھەممىمىز مۇشۇ بازاردىن.
  -ئوغلۇم، دادىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
   ...
-تارتىنماڭ ئوغلۇم، ئاتا-ئانىنىڭ كەسپىدىن نومۇس قىلساق بولمايدۇ.
-مېنىڭ دادام كىچىكىمدە قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كىتىپتىكەن، بۇ ئىككەيلەننىڭ دادىسى بار، ئۇلار زاۋۇتلاردا ئىشلەپ ئىش ئورىنىدىن قاپتىكەن، مېنىڭ ئانام ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھازىر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
-سىلەر مەكتەپتە ئوقىغانمۇ؟
-بىز بۇ يىل تولۇقسىزنى پۈتتۈردۇق.
-نىمىشكە يوقۇرلاپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمىدىڭلار؟
-شۇ خانىم تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇڭلار دېگەن، بىز ئۈچەيلەن ئوقۇمايلى دىيىشىپ شۇ...
-نىمىشكە ئوقۇمايسىلەر؟
-شۇ...تولۇق ئوتۇرىدا ئوقۇش پۇلى، كىتاب-ماتېرىيال پۇلى تۆلەيدىكەنمىز، ھەمدە ئالى مەكتەپتىمۇ نۇرغۇن پۇل تۆلەپ ئوقىغان بىلەن خىزمەت تاپقىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى نامرات ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ئىقتىسادىي يار بەرمەيدۇ، شۇڭا ئوقۇمايلى دېيىشتۇق...
  -ئوقۇمىساڭلار نېمە ئىش قىلىسىلەر؟
  -ھازىر ھېچ قايسىمىز نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەيمىز...
  - ئائىلەڭدىكىلەر نېمە دەيدۇ؟
  -ئائىلىدىكىلەر قانداق قىلساڭلار مەيلى ئوقۇساڭلارمۇ، ئوقۇمىساڭلارمۇ ئۆزەڭلارنىڭ ئىختىيارى دەيدۇ.
  -مېنى تونۇمسىلەر؟
  -سىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇتقۇچىغۇ دەيمەن، شۇنداق سىز ئوقۇتقۇچى، بىز تونۇيمىز...
-سىلەرنى مەن تولۇق ئوتتۇرغا قوبۇل قىلىپ ئوقۇتايمۇ؟
-ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يەتمەي قالارمىكىن...
- ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، «توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ» ھەقسىز بولىشىغا ئەگىشىپ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان نامرات شەھەر ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دۆلىتىمىز ھەقسىز ئوقۇتىدۇ، ھەمدە تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپكە ماڭغان نامرات ئائىلەلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەشكىل، ئىدارە-ئورۇنلار، ساخاۋەتلىك كارخانىچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇيدىغانلارمۇ خېلى بار...
مەن بىرىنچى پاي «ئوق»ۇمنىڭ دەل جايىغا تەگكەنلىكىدىن كۆڭلۈم سەل ئەمىن تاپتى-دە، بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىچكىرلەپ كىرىشكە، بالىلارنىڭ تۈپكى مەقسىدىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قىزىشقا «ھۇجۇم»ۇمنى تېخىمۇ كەسىپلەشتۈرۈشكە باشلىدىم.
-بالىلىرىم قاراڭلار، ھازىر بىلىم ئىگلىكى دەۋرى، بىلىملىكلەر تاللىنىدىغان، بىلىمسىزلەر شاللىنىدىغان، بۇ گەپنى چۈشەنگەنسىلەر، مەن دېمەكچى، «بىلىم-كۈچ»، بىلىم- ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەلدە بولسا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئوقۇغاندىلا بىلىم ئالغىلى بولىدۇ، بىلىم بولغاندىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. سىلەر مۇشۇنداق لاغايلاپ يۈرسەڭلار قانداقمۇ پۇل تاپالايسىلەر، كۈنۈڭلار مۇشۇنداق ئۆتۈۋەرسە كۈنلەردىن بىر كۈنى سىلەر يامان بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ،سېلەرنىڭ پارلاق كېلىچىكىڭلار نابۇت بولىدۇ، سىلەر ھازىر « شۇ نۇرغۇن پۇل تۆلەپ ئوقىغان بىلەن خىزمەت تاپقىلى بولمايدىكەن...» دېدىڭلار، بۇ ھېچقانداق ئاساسىي يوق گەپ، بۇنداق دېيىشىمدىكى ئاساسىي سەۋەب، بىزدە ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىمۇ يامان ئەمەس، ئاساسلىقى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىز قالغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ھەمدە مەركەز رايۇنىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى تېپىشقا قولايلىق شارائىت يارتىپ بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەردىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىككى يىل تەربىيەلەپ ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ئاساس سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇڭلار.
ماڭا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەن ھېلىقى بىرلا بالا بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتاتتىم، ئىككى بالا بىزنىڭ پارىڭىمىزغا قۇلاق سېلىپ يېنىمىزدا ئولتۇراتتى.
-بىزنىڭغۇ شۇنداق ئوقۇغىمىز بارئىدى، لېكىن سىنىپتىكى بەزى بالىلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالدىغانلىقىنى بىلگەچكە
بىزنى مەسخىرە قىلىپ، «پۇل بولمىسا قانداق ئوقۇيسەن، پۇلۇڭ يوق ئوقۇيمەن دېيىشىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش بىلەن ئوخشاش...» دەپ ئوقۇش ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرۇۋەتتى. شۇڭا بىز كەچتە ئۆيگە بېرىپ، كۈندۈزلىرى كوچا ئايلىنىپ يۈردۇق...
-بالىلىرىم ھەرقانداق بىر ئادەم بىرەر ئىشنى قىلىمەن دەپ نىيەت قىلسىلا جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، شۇڭا ئوقۇيمەن دېسەڭلار ئوقۇيالايسىلەر، مەنمۇ چوقۇم سىلەرگە ياردەم بىرىپ ئوقۇش نىيىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قولۇمدىن كىلىشىگە ياردەم بىرىمەن، بۇ ئىككى ساۋاقدىشىڭىزمۇ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلامدۇ؟
-ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالغاچقا، ماڭا ئوخشاش بۇرۇقتۇملۇقتا، ئالدىنقى كۈنى ئۈچەيلەن ئۈزۈمچىلىك كەنتىگە بېرىپ ئۈزۈم ئۈزۈشۈپ، قايچىلىشىپ بىرىپ ئازراق پۇل تېپىپ، چاچلىرىمىزنى ياسىتىپ، كۇچا ئايلىنىپ يۈرگەنىدۇق.
- بالىلىرىم، سىلەرنىڭ پۇل تاپقىنىڭلار ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ئائىلنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتماي، بىكار ۋاقتىڭلاردا، تەتىللەردە ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئوقۇش پۇلىنى، كىتاب پۇلىنى تاپساڭلار بولىدۇ، پۇل تاپماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇڭا تاپقان پۇللارنى ئورۇنلۇق جايلارغا ئىشلىتىڭلار، چاچلىرىڭلارنى مۇشۇنداق ياساتقىنىڭلاردىن پەخىرلىنەمسىلەر؟
-ياق، لېكىن بىزنىڭ سىنىپتىكى باشقا بالىلار مۇشۇنداق ياسىتىپ يۈرۈيتى، بىزنىڭ پۇلىمىز بولمىغاچقا ياسىتالمىغان، ئالدىنقى كۈنى ئازراق پۇل تېپىپتىكەنمىز، شۇڭا بىزمۇ مۇشۇنداق ياسىتىپ باقىلى دەپ ياساتقان ئىدۇق.
-كىشىلەر قاراشتىمۇ؟
-كوچىدا كىشىلەر بەك قارىشىپ كەتكەچكە بىز بىئارام بولۇپ مۇشۇ يەردە تارتىنىپ ئولتۇرۇشىمىز.
-دۇنيادا كىشىلەر غەيرى نەرسىلەرگە بەكرەك قارايدۇ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى، مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك، مىللى ئۆرۈپ-ئادىتىگە خىلاپ بولغان كىيىملەرنى، يۈرۈش-تۇرشىغا ماس كەلمەيدىغان قىلىقلارنى قىلسا ئۇلارغا نەپرەتلىنىپ غەيرى كۆز بىلەن قارايدۇ، مەسىلەن كۈندۈزى چوڭ كوچىدا يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا توۋلىغان ئادەمگە، ھېچقانداق ئىشنىڭ تايىنى يوق يۇقىرى ئاۋازدا كۈلگەن ئادەملەرگە، ساراڭ بولۇپ قېلىپ كۇچادا قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگەن ئادەملەرگە نەپرەتلىنىش، ئىچ ئاغرىتىش يۈزسىدىن ئۇلارغا قارايدۇ ، شۇڭا سىلەرنىڭ بۇ چاچ پاسۇنۇڭلار بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ چاچ پاسونىغا ماس كەلمىگەچكە شۇنداق قاراشقان گەپ.
بۇ بالىلار مېنىڭ تەربىيەمدىن سەل بىئارام بولدى بولغاي بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراشتى. مەنمۇ تەربىيەمنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ يانچۇقۇمدىن 50 يۈەن ئېلىپ مەن بىلەن كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقان بالىغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
-بالىلىرىم، بۇ پۇلنى ئېلىپ چاچ ياساش ئورنىغا كىرىپ چېچىڭلارنى قايتا ياسىتىپ چىقىڭلار، ئۆيگە بارساڭلار ئاتا-ئاناڭلار خاپا بولۇپ قالمىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇلۇم-خوشناڭلار، تونۇش بىلىشلەر كۆرسە نېمە دەيدۇ؟ئوقۇغۇچى چوقۇم ئاددى-ساددا، رەتلىك كېيىنىپ، ئوقۇغۇچىدەك ياسىنىپ يۈرۈشى كېرەك، بۇ «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»دىكى ئاددى ساۋات.
بۇ ئۈچ بالا ئورۇنلىرىدىن تەڭ تۇرۇشتى ۋە ماڭا قاراپ :
-رەھمەت مۇئەللىم، بىزنىڭ يېنىمىزدا پۇل بار ھازىرلا بېرىپ چېچىمىزنى بۇرۇنقىدەك ياسىتىپ كېلەيلى-دىيىشىپ ماڭا چوڭقۇر تازىم قىلىپ ئۆز يولىغا مېڭىشتى.
- بالىلىرىم مەن بىللە باراي...
-بولدى، سېلىنى ئاۋارە قىلمايلى، سېلىنىڭ تەربىيەلىرىمۇ بىزگە يېتەرلىك بولدى،كۆپ رەھمەت!-دەپ ئۈچ تۆت قەدەم مېڭىپ بولۇپ-ھە...راست مۇئەللىم سېلىنى نەدىن تاپىمىز؟
- كۈنلىكى مۇشۇ ۋاقىت بىلەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ مۇشۇ ئورۇندۇقتا بىرەر سائەت ئولتۇرىمەن، بۇ يەردە بولمىسام، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىللىكلەر بىناسى 1-دوم 301-ئۆي، ئىسمىم سادىق قۇربان، شۇ يەرگە بېرىپ ئىزدىسەڭلار بولىدۇ، سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بىرىشكە ھەر ۋاقىت تەييارمەن.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇردۇم، ئۇلار خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى چاچ ياساش ئورنىغا كىرىپ كەتتى. مەنمۇ ئارام ئېلىشقا چىققاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق تەربىيەمنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىدىن چەكسىز مەمنۇن بولۇپ ئۆز ئۆيۈمگە يۈرۈپ كەتتىم.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى. ئاۋات بازارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98280
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.  بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن.   



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى بولۇپ ئىنكاس يېزىپتىمەن ئەمەسمۇ!!!!!
خاپا بولسىڭىزمۇ دەۋىرەي،ھازىر بەزى ئوقۇتقۇچىلارغا بىز ئوقوغۇچىلار نەسىھەت قىلىمىز،مەسىلەن : تاماكا چەكمەسلىك،كەسىپداشلىرى(باشقا ئۇستازلىرىمىز) بىلەن ئىناق ئۆتۈش ، قاتارلىقلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alimjan705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 12:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31290
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4223 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 01:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىڭىزنى بو توردا كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن...

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 01:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش