|
|
|
|
بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، يەنىلا مەكتەپتە ئۇسۇل مەشىق قىلدۇق. ئالدىمىزدىكى نۇرۇز ئۇچۇن ساما ۋە سىنىپنىڭ كوللىكتىپ ئۇسۇلىنىڭ مەشىقلىرى بار ئىدى. خېلىلا ھارغان بولساممۇ، ئامالسىز يەنىلا مەكتەپكە باردىم. نېمە ئامال، يېرىم كۈن ساما مەشىق قىلىپ. چۈشتە دوسلار بىلەن تاماق يەپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالغان ئىدى. تاماقتىن كېيىن قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدا ئولتۇرۇشلۇق ھاجى مىرزاھىت كېرىمى بىلەن كۈرۈشۈپ كەلدىم. سەئىدخان، ئابدۇرەشىدخان، جۇدالىق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى ھاجى مىرزاھىت كېرىمى قەشقەردىكى تەۋەرۈك كىشىلەر ئىدى. ئالدىنقى قېتىم كىرگىنىمدە شۇنداق خۇشال پاراڭلاشقان ئىدىۇق. كېيىن ئالدىراش بوپ كېتىپ بارالمىدىم، ئاڭلىسام ئالدىنقى قېتىم قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. كۆڭلۈم سەل يېرىم بولغان ئىدى. بۈگۈن بارسام، شۇنداق خۇشال تېمەن تۇرىدۇ. ئاللاھ كىسىلىگە شىپالىق بىرىپتۇ. كىسەللىرى سەللىمازا ساقىيىپ، تېمەن بوپ قاپتۇ. يەنە شۇنداق قىزغىن،خۇشال پاراڭلاشتۇق، مەن ئۇنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى ئېلىپ كىرگەنىدىم، ئۇ ئالدىنقى قېرىم « جۇدالىق » رۇمانىنىڭ يوقلىقىنى ئېيىتقان. بۈگۈن ئالاھىدەن ئۇنىڭغا بىر تال سوۋغات قىلدىم. ئۇ شۇنچە خۇشال بۇلۇپ كەتتى. يەنە قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. گەپ ئارلىقىدا ئۇ مۇشۇ يېلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،. مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن بارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندىغانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنداق خۇشال بولدۇم. ھەمدە بارلىق كىتابلىرىغا ئۇنىڭ ئىمزاسى ۋە بېغىشلىمىسىنى يازدۇرۋالدىم. يازغۇچىنىڭ بارلىق كىتابلىرى يېقىندا چىقىدىكەن. ئاللاھتىن ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن. يېڭى كىتابلىرىنىڭ تىزراق نەشىر قىلنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
2014-3-15
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 11:21 PM
|
|
|
|
|
|