مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 12

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 10:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ


مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ.

قېنى، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قلىپ باق:

بىرىنچى، ھەرىكەتچانلىق:

ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ.ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەرىكەتچان ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ؛ ھەتتا يوچۇن ۋە قىيىن مەسىللەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلىۋالمايدۇ.

ئىككىنىچى، نىشان:

نىشانىڭ ئېنىق بولسا، ئاشۇ نىشانىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زارىقىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋۇجۇدۇڭدىكى يالقۇن سېنى يېڭى-يېڭى خىرىسلارغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ يېڭى-يېڭى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ.

ئۈچۈنچى، ئالدىن كۆرەرلىك:

دۇنيادا ئاتالمىش «ھازىرى ھالەت» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئىلگىرىلىگىلى بولمىسا چېكىنىدىغان گەپ. چۈنكى بىزگە كېرىكى، تەلپۈنۈش ۋە كېلەچەك. ئالىدىن كۆرەر ئادەم، ئەتىنىڭ مەنزىرسىنى بۈگۈن كۆرەلەيدۇ.

تۆتىنچى، ئانالىز كۈچى:

ئانالىز كۈچى: ئادەمنىڭ كۈندە دېگۈدەك تاللشى ۋە ھۆكۈم قىلىشغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا مەسىللەر بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى ۋە ئۆز ئارا تەسىرىنى تەھلىل قلىپ، ئۇنىڭ نېگىزلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدىغان گەپ.

بەشىنچى، پىلانچانلىق:

پەقەت كۆڭلىڭدە ئېدىتلىق پىلان تۇرغۇزالىغان ئادەم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كۈچلۈك خىرسىلار ئالدىدا، ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ماھىرلىق بىلەن جانلىق ئىش كۆرۈپ، مەسلىنى ئاسان ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىش ئارقىلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك لايھىنى تۈزۈپ يولغا قويالايدۇ.

ئالتىنچى، تەسەۋۋۇر:

تەسەۋۋۇر- كىشلىك ھاياتنىڭ گۈلىستانى، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقى. تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم –چارە تەدبىر ۋە مەسلىھەت«ئىشلەپچىقىرىش» نىڭ بازىسى؛ يېڭىلىق يارىتىش قۇشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن. بۇ خىل كىشىلەردە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇ ھالقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىۋاستە سەزگۈ ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كونكىرېت ۋە پۇختا بولىدۇ.

يەتتنچى، ماسلىشىشچانلىق:

تۇيۇقسىز تەلەپ ۋە تاساددىپىي ئوڭۇشىسىزلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغلاردا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەر ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا لايىقىدائىنكاس قايتۇرالايدۇ.

سەككىزىنچى، سىردىشىشچانلىق:

ئادەتتە مەززىسىز تۇيىلىدىغان بىرەر ئۇقۇمنى جانلىق بايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلەمسەن؟ ئادەتتكىچە بىر ھېكايىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزلەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالامسەن؟ دېگەنلىرىڭنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنى ئوبرازلىق تىلىڭ ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەمسەن؟ سىردىشىشقا ماھىر كىشىلەر شۇنداق قىلالايدۇ.

توققۇزۇنچى، كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارى:

ئالاقىگە ماھىر كىشىلەر باردى-كەلدىدە، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنش مەقسىتىدە باشقىلارغا تەبئىي ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىشىنىدۇ. بەزىدە باشقىلار بىلەن بەكىرەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە ئويلىمىغان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ كېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل خەۋپ-خەتەرگە دادىل يۈزلىنەلەيدۇ.

ئونىنچى، رىقابەت كۈچى:

رىقابەتچانلىق كىشلەر ئادەتتە خوجايىن بولۇش ئىستىكى بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرىدۇ؛ رىقابەتتىن روھىي مەدەت تاپىدۇ. رىقابەتكە چۈشكەن ھامان تىرشىپ-تىرمىشىپ ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ ھەم شۇنداق.

ئون بىرىنچى، ھېرىسمەنلىك:

بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىسلىتى ئادەتتە تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار نىشاننى توغرا بېكىتىشكە ناھايتى ماھىر بولۇپ، ھەمىشە ئىشنى بېكىتۋالغان نىشاننىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىدىن باشلىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ۋاقىت ۋە زېھىنىنى ئىسراپ قىلىمايدۇ.

ئون ئىككىنچى، تەپەككۇر ئىقتىدارى:

تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئادەتتە ھەرگىزمۇ يالغۇسراپ قالمايدۇ؛ يېگانىلىقتىن قورۇقمايدۇ. ئۇلار تەپەككۇر قىلىشتىن شادلىق تاپىدىغان بولغاچقا، ھەتتا شاۋقۇن-سۆرەنلىك سورۇنلاردىمۇ دىققىتنى ئۆزى ئويلىنىۋاتقان نوقتىغا يىغالايدۇ.

  ئون ئۈچۈنچى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى:

ئۆگىنىشكە ئامراقمۇسەن؟ ئۆگىنىشكە ئامراق كىشلەر ئادەتتە ئىلىم ئىگىلەشكە تەبىئيىلار ئىنتىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۆگەنگەن مەزمۇنلار بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ھاياجانغا سالسا، ئۆگىنىش جەريانى ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرەلەيدۇ.

ئون تۆتىنچى، ئىستراتېگىيە:

ئۆزۈڭدىن ھەردائىم « ناۋادا نېرى-بېرى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا قانداق بولار؟» دەپ سوراپ تۇرامسەن؟ بۇ دەل مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيە نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغانلارنىڭ ئادىتى. بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە خىلمۇ خىل ئاقىۋەتلەرنى پەرەز قىلىپ باقىدۇ؛ تۈرلۈك مۇساپىلەرنىڭ يۆنلىشىنى ئېنىق پەرىق ئېتىپ، ئۇنىڭغا توختاۋسىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە شۇ ئاساستا يېڭى-يېڭى پىلانلارنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئاخىر ئەڭ پايدىلىق لايھىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ.

ئون بەشىنچى، ئېتقاد:

ئېتقاد- قىممىتىنىڭ يادروسى. ئۇ ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيتىنى تونۇتۇپ، ھەرىكىتىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭدىكى ھەرقانداق كۈچ-قۇدرەت كارغا كەلمەي قالغان چاغلاردا، سەندىكى ئېتقاد غايەت زور كۈچ-قۇدرەت سۈپتىدە ساڭا ھىمات بولالايدۇ.

ئون ئالىتنچى، تەلەپچانلىق:

تەلەپچان كىشلەر ئادەتتە ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە تەرتىپ-قائىدىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىششقا ماھىر كېلىدۇ؛ نازۇك ھالقا ۋە ئىنچىكە نوقتىلارغىغچە دىققەت قىلىپ، سەۋەنلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۆز نىشانىغا قاراپ ھارماي-تالماي ئىنتىلىدۇ.

ئون يەتتىنچى، ئاكتىپچانلىق:

ئىجادىيەتكە باي، ئاكتىپ كىشىلەر ئادەتتە ئۈمىدۋار، مەرد، قىزغىن، زېھنى ئۆتكۈر كېلىدۇ؛ ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچ ئارقلىق ئەتراپىدىكەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققان چاغلاردىمۇ ئىخلاسدىن قايىتمايدۇ.

ئون سەككىزنچى، مەسئۇلىيەتچانلىق:

  مەسئۇلىيەتچانلىق- ئىشەنچ ۋە ئىناۋىتىڭنى ياراتقۇچى تۈپكىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىندۇ. شۇڭا، چوقۇم لەۋزىڭدە تۇرۇشۇڭ، ۋەدە قىلغىنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ئۇنى چىن كۆڭلۈڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭ لازىم. ناۋادا لەۋزىڭدە تۇرالمىساڭ تاغاردا بىر باھانىلەرنى كۆرسىتپ ئۆزۈڭنى ئاقلىغىنىڭ بىلەن بىكار. شۇڭا ئونى باشقىچە ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىشىڭ زۆرۈر.

ئون توققۇزىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىش:

ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمىگە تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. ئۇنداقلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكگە ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە يېڭى خىرىسلارغا ئۆزىنى ئېتىپ بېقىش ئارقىلىق، ۋەدىسنى ئەمەلدە كۆرسەتمەي قويمايدۇ؛ ئۆزىنىڭ قاراىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىشنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تەۋسىيلىرىگە ئالدىراپ ئىشنىپ كەتمەيدۇ.

يىگىرمىنچى، مۇكەممەللىك:

مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ ئىستىلى ئادەتتە مۇنەۋەرلىككە ئىنتىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ۋەجىدىن مەغلۇپ بولۇپ كېتىشتىن نەپىرەتلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار تەربېيلىنىش ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.



مەنبە:ئۇيغۇرجان بىلوگى
تور ئادرىسى:http://uyghurjan.com/?paged=10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 01:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98185
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:39:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشىنىۋالدىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 01:19:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،تېخىمۇ تىرىشىمەن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 01:36:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستايىدىل ئوقۇپ ئۆزىڭىزىنى تەكشۈرۈپ  بېقىڭ.ھەر بىر قېرىندىشىمنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ ئۆزىگە  سۇئال قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 04:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق   تىمىلارنىڭ   مۇنبىرىمىزگە   كىرگەنلىكىدىن  خۇرسەن  بولدۇم  ،  رەھمەت  سىزگە  ،  خاتىرلىۋالدىم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 05:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش  قىمىمىتى بار يازمىكەن رەھمەت

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 06:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 07:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخسى تىمدىن بىرنى يوللاپسىز ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 08:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،تېخىمۇ تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش