|
|
|
|
ئامېرىكىغا سەپەر، كېچىچە ئۇخلىماي تىل ئۆگىنىش...---
شۇنداق قىلىپ بېيجىڭدىمۇ 4 كۈننى كەچ قىلدىم...تۈنۈگۈن كېچىچە ئىنگلىس تىلى ئۆگىنىمەن دەپ چىراقنىمۇ ئۆچۈرمەي سۆزلۈكتىن بىرە يۈزنى ،جۈملىدىن 20 غا يېقىن ئۆگىنىپ تەييار بولغان ئىدىم، ئەپسۇس ئەتتىگەن يەنە ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلشىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئويغىنىپ بىر كۈنلۈك ئارىمىم ئۈچ سائەتلا بولۇپ قالدى، قوپۇپ ئادىتىم بويىچە شەخسىي تازلىقلىرىمنى تۈگۈتۈپ ھېلىقى ئاخشام ئۆگەنگەن سۆزلەرنى بىر مەشىق قىلىپ باقاي دەپ يادلاشقا باشلىدىم.... مەن كەسپ جەھەتتە سەندىن كۆپرەك ئۆگىنىشنى خالايمەن.....ئۇف، دىيەلمىدىما؟ سان مەشىقى قىلىپ باقاي، ئاپلا، ئۈچ قېتىم سانىغان بولساممۇ 8 نى سانىماي ئاتلاپلا ئۆتىمەنغۇ؟ بۇمۇ قاملاشمىدى....مانا ،بۇنىڭدىن ھېس قىلغىنىم شۇكى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا بىكار، بۇ قىلغىنىم خۇددى ئالىي مەكتەپتىكى ئىمتاھانغا ھەپتە قالغاندىن باشلاپ كېچىسى ئۇخلىماي ئۆگەنگەندەكلا ئىش بولدى، دىمەك ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۆگىنىش ئاستا-ئاستا ،قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزلىشىپ ماڭىدۇ..شۇڭا قانداقلا يەردە بولمايلى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ئېلىشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيلى.... چۈشتە تاماق ۋاقتى بوپتۇ...تاماق يەي دەپ پەسكە چۈشىۋاتقۇچە دۇككاندىكى ئامىنە تەييار چۆپى دىققىتىمنى تارتتى ، بىر قاچا ئېلىپ چاي قاينىتىپ ئۈستىگە ناننى چىلاپ ئىچتىم...ۋاھ ،ئەزەلدىن تەييار چۆپ بۇنچىلىك تېتىپ باقمىغاندە... تامىقىمدا گۆش يوق دەمسىز؟. ئاۋۇ چىلىغان نانلىرىم نەق ئۆزى تامىقىمنىڭ گۆشلىرىكەن....مەززە بىلەن يەپ دىيىشكىنىمىز بويىچە تاكسىي توسۇپ ۋىزا ئېلۋىلىشقا ماڭدىم....قىززىق ۋىزا ئېلىشتا يۈزتۇرانە سۆزلىشىش ۋاقىتلىرىنى باشقا كىشىلەرنىڭ خاتىرىلەردە خېلى كۆپ قۇر قىلىپ يازاتتى،ئەمما ئويلىسام مەندە قىلچە ئۇ توغرىسىدا ئەسلىمە قالمىدى...پەقەت نېمە قىلغىلى ئامېركىغا بارىسەن دېگەن سۇئالىغا قارىتا ، مەنمۇ بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بېرىشىم ۋېزىدىكى ئۇ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكىنى يادىمدا...يولدا كېتىپ بارغاچ مەنمۇ ئۈندىدارداشلىرىمغا ئوخشاش ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن زورلاپ تاكسىي شوپۇرى بىلەن مالايسىيا ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قويدۇم .. كۆپ تەرەپلىك تەھلىللەردىن ئورتاقلاشتۇق... بىر چاغلاردا كونسۇلخانا ئالدىغا كەلدۇق،ۋىزا ئېلۋىلىش ئىسپاتى بىلەن كونسۇل ئالدىغا كېلىپ ئامېركىغا چىقالمايدىغان بولدۇم دەپمۇ ئەنسىردىم...تەخمىنەن 200 گە يېقىن كىشى ئۆچرەتتە تۇرىۋىتىپتۇ..بىرقانچە كىشىگە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈپ ئۆچرەتتە تۇراتتىم،ئارىدىن بىر خەنزۇ يولداش ، سەن ئۆچرەت ساقلىماي ئۇدۇل بار دەپ كۆيۈنگەن ھالدا ئامال كۆرسەتتى...ۋاھ،مانا ،تۇغۇلۇپ مىيىپلار قانۇنى ۋە تېلۋىزىيەدە دىيىلىۋاتقان مىيىپلارغا ئالدىن مۇلازىمەت قىلىش نىزامىنىڭ تۇنجى قېتىم پايتەختتە ئىجرا قىلىنغىندىن خۇرسەن بولدۇم...ياخشى يېرى بۇلار قەشقەردىكى كوچا ئاپتوبۇسچىلىرىدەك ئىككى ھاسىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ مىيىپلىق كېنىشكىسى سورىمايدىكەن...،ئۈرۈمچى ئايدىرومىدىكىلەرگە ئوخشاشكېنىشكىسىگە ئىشەنچ قىلالماي ھاسىنى تارتىۋالمايدىكەن ...نۇرغۇن ئۆچرەتنى بۇزۇپ تاشلاپ ۋىيزامنى 10 مىنۇت ئىچىدە قولۇمغا ئالدىم...ھاياجانلانمىدىم...چۈنكى پاسپورت ، ۋىيزا قولغا تەگكەندىن كېيىن،ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنچە قەدىرلىك كۆرۈنۈپ كەتمەيدىكەن... ئەگەر بۈگۈنلا ئالالمىغان بولسام پۈتۈن لىنىيدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالاتتىدە...ئاللاھقا شۈكرى....ئەمدى راسلا ھەيرانلىق ئىچىدىمەن...بۇرۇنلاردا ئۆزەمگە ئۆزۈم دەيتىم ، مەن ھەرگىز ماشنا ھەيدىيەلمەيمەن، چەتئەلگە چىقالمايمەن دەپ، چۈنكى ئىككىلىسىدىكى مەندە بولغان ئەمەلىي شارائىت پىسخىكامدا شۇ تۈرگە توسۇلۇش ئېلىپ بارغان ..ئەمما كەسپىمىز ئۈچۈن تېرىشىپتۇق ،،،ئاللاھنىڭ رەھمىتى چەكسىز بولدى...ماشىنا ھەيدەپ تۇنجى قېتىم تاشقى ئايلانمىدا تارام تارام شۈكىر ياشلىرى ئېقىپ چۈشكەن بولسا ، ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىقىش ئىشىنىڭ ھەل بولۇنغانلىقىدىن راسلا ھاڭۋىقىپ ئۆزۈم ئەمەستەك ھېسياتقا كېلىپ قالدىم..ئەمما ئەمەلىيەت ھامىنى ئەمەلىيەتتە...ئىشەنمەي نە ئامال .... شۇنىڭدىن بىلىۋىلىشقا بولۇدىكى ھايات ئېقىنىدا قارشى ئۈزگۈدەك روھ بولمىسا دولقۇن بىزنى دەريا قىرغىقىغا ئاپىرۋىتىدۇ ....
كونسۇلدىن ئىشلىرىمنى تېز بېجىرىپلا مىللەتلەر نەشىرياتىغا بېرىپ دولقۇنكام بىلەن بىر ھازا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىشىمىزغا،غورۇرنامە كىتابىنىڭ ئاپتورى ، ئوتتۇز يىلدىن ئاشقان بېيجىڭدا تۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئاكىمىز ئەركىن ئابدۇقادىر بىلەن مىللەتنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى،مەدەنىيەتلىرىنى قانداق قوغداش قاتارلىق بىر قېتىملىق ئىلمىي سورۇن راسلىۋالدۇق...خېلى ئۇزۇن سۆھبەتلىشىپ ،يەنىلا بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم..
.ئارىدىن يېرىم سائەتلەردىن كېتىن دوستىمىز ئابدۇرۇسۇل مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ زىيارىتگە ئورۇنلاشتۇردى...زىيارەتتە مەن ۋە دولقۇنكام ئۇيغۇر تورچىلىقى ،ئامېرىكا سەپىرى ۋە چىدام ،ئىرادە غەيرەت توغرىسىدا سۆزلىدۇق...زىيارەتتىن كېيىن دولقۇنكام بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىغا كىردۇق...
مەكتەپ ياتاق بىنا ئالدى لىق ئادەم بىلەن تولغان ھەرخىل ئۇسۇللاردىكى مۇھەببەتلىشىشلەر كەچلىك چىراقنىڭ يورۇماسلىقى بىلەن تېخىمق ئەۋج ئاپتۇ... ئۇيغۇر ،قازاق قىزلارمۇ كۆپ ئۇچرىدىغۇ، مانا ماۋۇ مەس بولۇپ قاپتىكەن ئىككىسى يۆلەپ ئېلىپ كىرىۋاتىدۇ... ئەسلى دولقۇنكام بىلەن بۇ يەرگە كىرىشىمىز ھەرگىزمۇ بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈش ئەمەس ئىدى...دولقۇنكام ئۆزىنىڭ ئەمەلىي بولغان مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ بەرمەكچى ئىدى ،ئەپسۇس< ھېلىقىنداق ئوقوغۇچى ئىشەك لەردىن تىزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن دولقۇنكامنىڭ ياردىمىدە ياتىققمغا قاراپ يول ئالدۇق ،ماتىرياللار چېچىلىغلىق ،قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەتە يولغا چىقىمەن مانا...مۇرەككەپ ھېسياتلار قەلبىمنى چىرمىدى...شۇ تاپتا توختىماستىن ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدىغان ئاپام ،دادامنى تولىمۇ سېغىندىم...ھېچقىسى يوق ،چوقۇم قەيسەر بولىشىم كېرەك...مىيىپنىڭ دۇنيانى يالغۇز ئايلىنىش سەپىرىنى بۇ قېتىم بىلەنلا ئەمەس ،ھېچ بولمىسا يىلدا بىرەر قېتىم داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىشىم كېرەك.....شۇنداق قىلىپ ئەتە كېيىدىغان تەنتەربىيە كىيىملىرىمنىمۇ رەتلەپ قويدۇم....ئاپلا بىر ئىشنى چالا قىلىپتىمەن...ئەزەلدىن گالىستۇك تاقاپ سۈنئىي ھالدا مەجبۇرىي قېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم سەۋەبلىك بىرەر قېتىممۇ گالىستۇك تاقاپ باقماپتىكەنمەن...قىززىق تۇيلىۋاتامدا... تاقاپ باقمىغانلار سىناپ باقسا بىلەلەيدىكەن....گالىستۇكنى ئۆلچەملىك،قىر چىقىرىپ تاقاش خېلى بىر تەس ئىشكەن. ھېچقىسى يوق توردىن دەرسلىكىنى ئۆگىنەي...دېمىسىمۇ قاسساپمۇ موزدۇزلۇقنى ئۆگەنمەيدۇ ئەمەسمۇ.... بولدىلا ئۆزۈمگە تەسەللىينى بېرىشنى توختىتىپ ئەمەلىي زىيارەتتىكى سۆزلەرنى يەنە كېچىچە يادلاپ چىقاي.خەيىر قېرىنداشلار..... بېيجىڭ.
|
|
|
|
|
|