|
|
|
|
سىزنى سېغىنىپ
قارا كۆزۈم ياشقا تولدى سىزنى سېغىنىپ،
كۆز ياشلىرىم دەريا بولدى سىزنى سېغىنىپ،
تاڭدا چولپان،تولۇنئايلار گۇۋاھچى بولسۇن.
كىلەريولغا كۆپ تەلمۈردۈم، سىزنى سېغىنىپ.
"مەشۇق قەدىرىنى ئاشىق بىلمەس"دەپ قوشاق توقۇپ،
ناخشا ئېيتىپ نالە قىلدىم سىزنى سېغىنىپ.
گۈلىستاندا بۇلبۇللارمۇ ئىچ ئاغرىتىشار....
مەجنۇن كەبى ھالىمغا ،سىزنى سېغىنىپ.
"قارا كۆزۈڭ ياشلىما "دەپ ماڭغان ئىدىڭىز،
يۈرەكىمگە بىر ئوتنى ھەم سالغان ئىدىڭىز،
"قابا پەلەك...ۋاپا پەلەك.."دەپ نالە قىلايمۇ؟
ياقا يىرتىپ زەبۇن بولدۇم ،سىزنى سېغىنىپ.
باغقا كىرسەم سىز تەرگەن گۈل توزۇپ كىتىپتۇ،
يولغا قاراپ كۆز نۇرۇم ھەم سىزىپ كىتىپتۇ.
دوستلىرىم ئىچ ئاغرىتىشسا،دۈشمەن كۈلۈپتۇ.
مەن بىچارە ناتىۋانغا.سىزنى سېغىنىپ.
يۇلتۇزلارغا سىرلار ئىيتتىم سىزنى سېغىنىپ.
تاڭ چولپاندىن سالام ئېيتتىم سىزنى سېغىنىپ.
ئەلچى بولسۇن كۈيچى قۇشلار قۇلاق سالارسىز...
شائىرە بوپ كۈيلەر ئېيتتىم،سىزنى سېغىنىپ.
كېچە-كۈندۈز يولىڭىزغا تەلمۈردۈم شۇنچە.
يۈرەكلىرىم چاك-چاك بولدى سىزنى سېغىنىپ.
ياخشىنىڭ قەدىرىن بىلمەس،يامانغا يەتمەي....
نادان يارىم ،ئاھ ئۇرارمەن سىزنى سېغىنىپ.
يۈرىگىمنىڭ ھەر سوقۇشى سىزنى ياد ئىتەر....
ئاشىق نەپەس...زىكرى قىلار ئاھ...نامىڭىزنى.
بىلمەي قېلىڭ،تىنىقلىرىم توختاپ قالسا گەر.
سىز ئۈچۈندۇر ھەر بىر قەدەم ،سىزنى سېغىنىپ .
بېغىڭىزدا قىزىلگۈللەر پۇراق چاچمىسا...
خۇش ئاۋازلىق بۇلبۇللار ناۋا قىلمىسا.
تاڭدا چولپان سىزگە قاراپ كۆزىن قىسمىسا.
"مەشۇق گۈلۈم قۇرۇپتۇ"دەڭ،سىزنى سېغىنىپ.
گۈلمىسال يازمىسى 2014.3.14
|
|
|
|
|
|