مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10304|ئىنكاس: 66

قاچقۇن ئاشىقلار ئاجراشماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 05:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                        قاچقۇن ئاشىقلار ئاجراشماقچى

     بىرقانچە يىل ئاۋۋال شەھەرگە كىرسەم خەنزۇ بازىرىدا دەي ساتىدىغانلار«‹قاچقۇن ئاشىقلار›نىڭ داۋامى كەلدى» دەپ توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ. قارىسام تۈركىيەنىڭ ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق كىنوسى ئىكەن. سىرتىدا بىر قىز بىلەن يىگىتنىڭ قول تۇتۇشۇپ قىچىپ كېتىپ بارغان سۈرىتى چاپلاغلىق ئىدى. بۇ كىنونىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولسا كىرەك باشىقىلار« قايسى قىسمى» دەپ ئىزدەپ سوراپ سېتىۋىلىۋاتاتتى. شۇچاغدا يىنىمدىكى بىر باققالنىڭ «پاھ، ماۋۇ كىنو بىزنىڭ بۇيەرگە ئالامەت ماس كەپتۇ دە» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقا كىنونى كۆرۈپ باققۇم كەلگەن بولسىمۇ كۆرۈپ بولالمايدىغانلىقمنى ئويلاپ ئالماي يېنىپ كەلدىم.
    مەھەللەگە چىقىپ قارىسام كىچىكلا قىزلار قاچقىلى تۇرۇپتۇ. ھەم بۇ قاچقانلارنىڭ يېشى بارغانسىرى كىچىكلەپ سانى كۆپىيۋىتىپتۇ. شۇۋاقىتتا ھىلىقى باققالنىڭ گېپى ئېسىمگە كېلىپ ئويلىنىپ قالدىم. بۇ كىنو بىزگە ماس كەلدىمۇ ياكى بىز ئۇ كىنوغا ماسلىشىۋاتامدۇق؟
     كېيىن ئوقۇش، خىزمەت تېپىش ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇ خىياللىرىممۇ شۇ يەردە قېلىپ قالدى. بۇ جەرياندا مەھەللەمدىكى قانچىلىغان قىزلار قېچىپ توي قىلدى. توي قىلىپ ئاجراشتى. ھەتتا بىزنىڭ كوچىدىكى قىزلىرى بار ئۈچ تۆت ئائىللىكنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قىزى قېچىپ توي قىلدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەزىلىرى  يامانلاپ يىنىپ كەلدى. بەزىلىرى بالا، مال مۆلۈك، ئالتۇن -جابدۇق دەۋاسىغا چۈشتى. بۇ ئىشلارغا قايناپ ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلىپ  يۈرۈشنى خالىمىغان بولساممۇ ئەمما بۇ قىتىم مەن دۇچ كەلگەن ئىش مېنى قولۇمغا قەلەم ئىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
      ئالدىنقى دەم ئىلىش كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام مەھەلىمىزدىكى بىر ئايال كىچىكلا بىر قىزنى يىتىلەپ بىزنىڭ ئۆيگە كىردى. «ئەتىگەندىلا سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭ،-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ئايال سالام سائەتتىن كىيىن،- ئۆزىڭىزمۇ جىق ئوقۇغان بالام، قانۇندىنمۇ خەۋىرىڭىز بار، شۇڭا سىزگە ھاجىتىمىز چۈشۈپ كىرگەن، بىزگە بىر ئەرزنامە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز.
- نىمە ئىش توغۇرلۇق، ئاجرىشىش ئەمەستۇ؟
سوتقا ئەرز قىلدىغانلارنىڭ جىقىنىڭ ئاجرىشىش دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.
-ئۇ ئايال-سەل پەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ «شۇنداق»دەپ جاۋاپ بەردى.
ئايالنىڭ ئۆزىگە قارىسام خىلى چوڭ، قىزىغا قارىسام 14-15 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ تىخى كىچىك ئىدى.
-كىم ئاجراشماقچى؟
-مۇشۇ قىزىم دېدى،- دېدى ئۇ خىجىللىقتىن تەستە قىزىنى كۆرسىتىپ.
مەن قىزغا قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. قىزنىڭ سەبىي چىرايىدىن ئوماقلىق بىلەن چەكسىز سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.
-قىزىل قەغىزى بارمۇ؟
-يوق، لىكىن ئاڭلىشىمچە «ھەق-تەلەپ ئەرزنامىسى» دەپ يازساق سورايدىكەنغۇ ؟
-نېمە دەپ ئەرىز قىلماقچى؟
ـ  قىزىمغا بىز ئېلىپ بەرگەن مال مۆلۈكلەرنى قايتۇرسۇن، قىزىمغا  ئۇلار قىلىپ بەرگەن ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى قىزىم ئۆزىگە بەرسۇن، يەنە،-ئۇ سەل توختىۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-قىزىمنىڭ تاتقان ئازاپلىرى، جاپالىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىسۇن.
-قانچىلىك تۆلەم بىرىدۇ؟
- 20مىڭ سوم.
-بۇنچىلىك پۇلنى ئۇلار بەرمەمدىكىن؟
-نىمىشقا بەرمەيدۇ، ئۇلار كىچىىككىنە قىزىمنى ئالداپ، بۇلاپ ئەكىتىپ تويىنى قىلىۋالدى. مەجبۇرىي ئىشىنى قىلغۇزدى. مانا ئەمدى ئۇ بالىسى« قىزىمنى تۇغمۇدۇڭ، تاماق ئېتىپ بەرمىدىڭ» دەپ ئۇرۇپ ھەيدېۋىتىپتۇ، قىزىم كىچىكلا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن بەختسىز بولدى. «ئەرگە تىگىپ ئاجراشتى» دېگەن ئاتاقنى ئالدى...
ئۇ ئايال«قىسقارتىپ دەڭ» دېگىنىمگىمۇ ئۇنىماي بىر سۆزلىگىلى تۇرۇپتى شۇتاپتا ئۇ ئايالنىڭ ئەرزى نەچچە كىچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ يازساممۇ تۈگۈمەيدىغاندەك قىلاتتى.  ئايالنىڭ دەردى ھەقىقەتەن جىق ئىدى. بەزىدە يىغلاپ كىتەتتى. ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن ئىچىم ئاغرىسا بىرتەرەپتىن ئاچچىغىم كەلدى.
-قىزىڭىزنى راست ئۇلار بۇلاپ ئەكەتىتىمۇ، ئۆزى قاچتىمۇ؟
-ياق، ئۆزى قاچامدۇ؟ ياغلىقنى بىشىدىن ئالمايدىغان ئەخلاقلىق قىز ئىدى. سىڭلىسى بىلەن دۇكانغا چىققاندا ئاغىنىلىرى بىلەن مەجبۇرىي ماشىنىغا سېلىپ  ئەكىتىپتۇ.
-ئۇ بالىنى قىزىڭىزمۇ تونۇيدىغاندۇ؟
-ئالدىدا تېلىفۇندا ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇراتتىكەن. لىكىن قاچىدىغان پەقەت ئېسىدە يوقتى قىزىمنىڭ.
-بولدى چۈشەندىم -دېدىم ئۇنى گىپىدىن توختۇتۇپ.
ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم:
-مۇشۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا  تويىنى قىلىشقا قوشۇلدۇڭلار؟
-قوشۇلدىغان ئىش بولامدۇ؟ قاچقان كۈنىلا قىزىمنى ئىزدەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، دەپ جىدەل قىلىپ باردۇق. لىكىن ئۇلار «ئۇقمايمىز» دەپلا تۇرۇۋالدى. قىزىمنى بالىسى يىراق بىر يەرگە ئەكىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامال بولمىدى.
-كىيىنچۇ؟
-كىيىن ئۇلار ئۆيىمىزگە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. «سېلىقىنى سالسۇن، تويىنى چاققانراق قىلىۋەتسەك» دەپ. ئۇلارنىڭ چىرايلىق گەپلىرىگە ئالدىنىپ كىتىپتىمەن. قول-ئىلكىدە بار، قىزىم بەختلىك بولىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. بۇندااق بولىدىغىننى نەدىن بىلەي. بولمىسا قىزىمنى ھەرگىز ئۇ خەققە بەرمەيتىتىم...
ئايال يىغېنى يەنە باشلىدى.
-بولدى ھەدە سەۋر قىلىڭ، بولار ئىش بوپتۇ، قىزىڭىزنى ئويلاڭ، ئۇ تىخى كىچىككەن. بۇندىن كىيىن قىزىڭىزغا تەربىيە قىلىپ ئۇنى ياخشى يولغا سېلىڭ.
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى مىڭ تەستە بىر بەتكە قىسقارتىپ ئەرزنامىدىن بىرنى يىزىپ قولىغا بەردىم. ئۇماڭا توختىماي رەخمەت تەشەككۇر ئېيتقىنىچە «دۈشەنبە كۈنى سوتقا بارىمەن» دەپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىزمەت ئورنۇمغا كەتتىم.
     ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەچلىكى ئىشخانامدا ئولتۇرسام ئۇ ئايال ماڭا تېلېفۇن قىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشچە سوت مەھكىمىسى ئايالنىڭ دەۋاسىنى قوبۇل قىلىپ  قاتتىق چىڭ تۇتۇپ سوراپتۇ. ھىلىقى بالىنى، ئاتا-ئاتانىسىنى، نىكاھ قىلغان موللامنى چاقىرتىپ كەپتۇ. چىڭغا چىقسا بالىنى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزنى ئەپقاچقانلىقى ئۈچۈن  تۈرمىگە سولىغۇدەك، موللامغا نەچچە ئون مىڭ سوم جەرىمانە قويغىدەك. ئۇ بالىنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇ ئايالغا يالۋۇرۇپ تۇرۋالغاچقا ئايالنىڭ ئىچى ئاغرىپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ماڭا تېلېفۇن قىپتۇ. مەن تېلېفۇندا ئايالغا بەك چىڭ تۇرۇۋالماسلىقنى، ئازراق يول قويۇشنى دەپ نەسىھەت قىلىپ قويدۇم، «مۇھىمى قىزنىڭ بەختىنى ئويلاڭ ھەدە، مال دۇنيا-تىپىلىدۇ، ئادەم تىپىلمايدۇ، ئۇلار كىچىكلىكتە شۇنداق قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇلارمۇ ئەقلىنى تاپقاندۇ. قىزىڭىزنىڭ مال-مۆلۈكلىرىنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە بولدى قىلىڭ». ئۇ ئايال گەپلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ كېتىپ «سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا، بىر مەھەلىدىكى ئادەم، بەك ئاشۇرۋەتمەي» دەپ خوشلاشتى. شۇ كۈنى نىمىشقىدۇر ئېغىر  ئۇھسىنىش ۋە ئازابلىق خىياللار بىلەن تەستە ئۇخلىدىم.
    شەنبە كۈنى ئۆيگە چىققاندا تىخىمۇ  قىززىق بىر خەۋەرنىڭ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەنلىكنى ئاڭلىدىم. ئارقا كوچىمىزدىكى بىر ئائىلىنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان قىزى قېچىپ كىتىپتىكەن، شۇ كۈنىلا ئاتا-ئانىسى ساقچىخاننىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ، ھەم ئۇلارنىڭ «بىلمەيمىز» دېگنىگە قويماي ئوغۇلنىڭ كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن باشقا بىر ناھىيەدىن قىز بىلەن ئوغۇلنى ئىزدەپ تېپىپ يىرىم كىچىدە ساقچىلار ماشىنىغا سېلىپ ئەكەپتۇ. ئوغۇل خىلى چوڭ بالىكەن. ساقچىلار قىزنى ئاتا-ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئوغۇلنى «قىزنى مەجبۇرى ئەكىتىپسەن، سولايمىز» دەپ ئېلىپ قاپتۇ. لىكىن ئوغۇلنىڭ ئانىسى خىلى يامان ئايال بولسا كىرەك، ئۆيدىن ھىلىقى قىز بىلەن ئوغلىنىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمنى تېپىپ ساقچىلارغا ئاپىرىپ تاشلاپ بىرىپ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. ھازىر قىز «باشقىلار ھىچنىمىنى ئۇقمىدى» دەپ مەكتەپكە بېرىپ -كېلىپ يۈرۈۋاتقىدەك. ھېلىقى ئوغۇل ھازىرمۇ ئەتىگىنى-ئاخشىمى بۇ قىزنى پايلاپ يۈرگىدەك.
     بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ھەيران بولسام بىر تەرەپتىن بىر قىيىن سوئال مېنى جاۋاپ بىرىشكە قىستايتتى. مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب زادى كىمدە؟ بىر جۈمە كۈنى مەھەللە ئىمامىنىڭ بۇ  ئىشلارغا ئاچچىقلاپ مۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئىسىمدە: «دىنىمىزدا ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىسىز قىچىپ توي قىلىش خاتا، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ. ھەم قىلغان تويىغا بىرىپ پولىسىنى يىيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قاچقانلارغا ھەققىي دىننىي يوسۇن بويىچە جازا بىرىشكە توغرا كەلسە ئۇلار چالما كىسەك-قىلىنىدۇ. لىكىن بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ ئىشلارغا قارشى تۇرماقتا يوق تىخى ئەتىسىلا قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە مۇبارەكلەپ بارىدۇ. ئۇلارنى ھە-ھۇغا سېلىپ توي قىلىپ پولۇرىنى يىيىشكە ئالدىرايدۇ.بۇ نىمىدىگەن ئەقىلسىزلىك، نىمىدېگەن چوڭ گۇناھ!». مەن شۇچاغدا ئىمامنىڭ دېگەنلىرىدىن، ئۆز دېنىمدىن چەكسىز سۆيۈنگەن ئىدىم. ھەم بۇ ئىشلار ئەمدى تۈگەيدىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق باشقلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش ئويلىمىدىمۇ ياكى بۇ گەپلەرنى شۇيەردىلا ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ بۇ ئىشلار يەنىلا تۈگىمدى.
       قېچىپ نىكاھلىنىشنى دېنىمىز خاتا دەپ قارايدىكەن، دۆلەت قانۇنىدىمۇ  يىشىغا يەتمەي، قىزىل قەغەز ئالماي نىكاھلانسا قانۇنسىزلىق ھىسابلىنىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ ئىشلار نىمىشقا داۋاملىق يۈز بىرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ پەيدا بولىشىدا مەلۇم تارىخى سەۋەپ ۋە ئجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بارمۇ قانداق؟ مەن بۇ توغۇرلۇق كۆپ ئويلاندىم. ھەم  مۇنداق ئىككى سەۋەبنى ئاساسلىق ئامىل، دەپ قارىدىم.
1. تولۇقسىز تولۇق ئورتىدىكى ۋاقىتلىرىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدە، غىرىپ-سەنەم، تاھىر-زۆھرە، غۇنچەم-نۇرۇم، گۈلەمخان قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە شۇ بىر جۈپلەرنىڭ مۇراد مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە قاچقانلىقى ياكى قىچىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مەن شۇ تەسۋىرلەنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قەلبىم لەرزىگە كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپرىن ئوقۇغان ئىدىم. ھازىر شۇلارنى ئويلاپ قالدىم، بەلكىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئەزەلدىنلا شۇنداق ئەركىن مۇھەببەتكە بولغان بىر خىل ئىنتىلىش بولسا كىرەك. دەل مۇشۇ خىل ئىنتىلىش ۋە  شۇ خىل غايىبانە مۇھەببەت ياشلىرىمىز ۋە باللىرىمىزنى خاتا يولغا باشلاپ قويىۋاتامدۇ-قانداق!؟ ئۇلار شۇ ۋاقىت ۋە  شارائىت بىلەن ھازىرقى دەۋرنى سىلىشتۇرمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنى چوڭلارنى «مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆگۈنكى كۈندە ھىندىستان، تۈركىيە كىنولىرىدىكى ئاجايىپ رومانتىك كۆرۈنۈشلەر، تەسىرلىك ناخشىلار باللارنىڭ ھىسياتىنى زەرەتلەپ ئۇلارغا مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتتە يۇقارقىندەك ئىشلار يۈز بىرىدۇ.
2. ئاتا-ئانىلار. گەرچە بالىلارنى شۇ خىل خاتا يوللارغا ماڭدى، دېسەكمۇ ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىشى، ئۇلارنى توغرا يولغا سېلىشى كىرەك ئىدى. لىكىن بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىدە ئۇنداق قىلالىغۇدەك ئىقتىدار ۋە ساپا يوق. ئۇلار يا مىڭ يىلدىن بىرى ئۆزى ئىتىقاد قىلىپ كىلىۋاتقان دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدۇ، يا ھازىرقى جەمىيەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ ماھيتىنى  تونۇپ يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار باللىرىنى تىپىپ قويغان بىلەن ئۇلارغا ھەق  يولنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلىرىمىز مۇھەببەت، تۇرمۇش ھەققىدە باللىرى بىلەن پاراڭلىشىىتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھەتتا بالا چوڭ بولغاندىن بۇيان بىرەر قىتىم ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ سىردىشىپمۇ باقمايدۇ.« بالام قانداق يۈرۈۋاتىدۇ؟ نىمىشقا يىقىندىن بۇيان تولا ياسىندىغان، خىيالچان بولۇپ قالدى؟ نىمە ئۈچۈن سېرتقا جىق چىقىپ ئۆيگە كەچ كىلىدىغان  بولۇپ قالدى؟ ئاخشام نەدە قونۇپ قالدى؟ تېلىفۇندا ئۇزاقتىن ئۇزاق كىم بىلەن پاراڭلىشىدۇ؟» ئەسلى بۇ ئىشلارغا ئاتا-ئانا يىراق يىقىندىن كۆز قۇلاق بولىشى كىرەك ئىدى. لىكىن ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوق. ئۇلار بالىسىنىڭ  قورسىقىنى تويغۇزسىلا، كىيمنى كىيگۈزسىلا، خەجلەيدىغان پۇلىنى تەييار قىلىپ بەرسىلا بولدى. ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە خوشاللىقى بىلەن ئورتاقلىشىش يوق. توغرا بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە ئاتا-ئانا، بالا ئوتتۇرسىدا  پەردە-شەپكە قاتتىق دىققەت قىلىنىدۇ. لىكىن زامان ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ كىتىپ باسا بىز بەزى تەرەپلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلمىساق بولمايدىغان يىرىگە كىلىپ قالدى ئەمەسمۇ. ئەلۋەتتە ھەممە ئىشلار مۇۋاپىق بولىدۇ. مېنىڭ دەۋاتقىم شۇ پەردە-شەپنى، ئىسىل ئەخلاقىمىزنى ساقلاپ قىلشى ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا بالىغا نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈش كىرەك. بولمىسا  بۇ پەردە-شەپنى بالا ئۆزى بىراقلا يىرتىپ تاشلايدۇ.   
      مەن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە مۇشۇنچىلىك تەھلىل قىلالىدىم. ئاللاھ خالىسا بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنەرمەن. شۇنداقتىمۇ مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە مىللەتننىڭ كەلگۈسى ئىگىسى بولغان ئانىلارغا ئىككى ئېغىز تەۋسىيەرەمنى قالدۇرۇپ قويۇشنى زۆرۈر  دەپ قارايمەن،.
      ئانا، قولۇڭدىكىسى پەقەت بىر ئاددىي قىز ياكى چوڭ قىلىپ تويىنى قىلىپ چىقىرۋەتسەڭلا قۇتۇلدىغان خىزمەتكار ئەمەس، بەلكى ئۇمۇ كەلگۈسىدە ساڭا ئوخشاش ئانا بولىدىغان، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تەربىيەلەيدىغان كاتتا نوپۇز ئىگىسى. بۇ نوپۇز ئىگىسىنى شۇ نامغا لايىق تەربىيلەپ چوڭ قىلىش سېنىڭ ۋەزىپەڭ. ئۇنىڭ بەختى تالادا ياكى باشقا بىر يەردە ئەمەس بەلكى ئۆز قولۇڭدا، سېنىڭ قانداق تەربىيەلىشىڭدە.
     ئوبدان ئويلۇنۇپ باق ئەي ئانا! ساڭا ئادەم مۇھىممۇ ياكى مال دۇنيامۇ؟ توغرا كەلگۈسى تۇرمۇش ئۈچۈن ئىقتىساد بولمىسا، پۇل بولمىسا بولمايدۇ. لىكىن قاراپ باق، ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ھالقىلار قىزىڭنى بەختلىك قىلالىدىمۇ؟ يال-يال قىلىپ تۇرغان گىلەم، پارقىراپ تۇرغان قاچا-قۇچىلا قىزىڭنىڭ يىغىسى ئالدىدا نىمىگە دال بولالىدى!؟
      شۇڭا ئەي ئانا، دەيدىغىنىم قىزىڭنى ئالدىراپ ياخشى ياخشى يەرگە، پۇلدار ئەرگە بىرىشنى ئويلىماي ئاۋۋال قىزىڭنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەربىيلە، ئۇنىڭغا ئەدەپ ھايا، ئىمان-ئىتىقاد، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگەت. شۇچاغدا ھەققىي بەخت ئۇنى ئۆزلىكىدىن ئىزدەپ كىلىدۇ. قولۇڭدا  ئىچىلىۋاتقان بۇ غۇنچىنى شۇنچىىلىك ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلغىنكى ئۇ يامانلارنىڭ قولىدا بىۋاقىت چەيلەنمىسۇن، جۇدۇن-چاپقۇندا توزىمىسۇن، تومۇز ئىسىقتا سولىمىسۇن. ئۇ ئۆز باھارىدا شۇنچىلىك گۈزەل ئىچىلسۇنكى ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن  ئەھلى ئالەم ھەيران قالسۇن، بۇ گۈلنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن جاپاكەش باغۋەنگە  مەدھىيلەر ياڭراتسۇن.

مەنبە : ئۆزۈم
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 05:49 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەۋدا42 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
mastura82 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
baxagim0996 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103788
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:38:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئشلار بىزنىڭ يۇرتلاردا خىلى كۆپ قىزلىرمىغا ئىگە بۇلايلى ئۇغۇلىرمىزنى باشقۇرۇپ قۇيايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:12:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز. مىنڭچە ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇيغا يەتكەن قىزغا تىلفۇن ئەپبىرشتىن قاتتىق ساقلىنشى لازىم...بۇ مۇشۇ تىلفۇننىڭ كاساپىتدىن بولغان ئىشلار ..ئاۋۇ ئىمام بەك توغرا دەپتۇ بۇنداق ئىشلار

ئافغانىستان ياكى پاكىستاندا يۇز بىرپ قالسا چۇقۇم چالما كىزەك قىلناتتى لىكىن بىزنىڭ ۋەتەندە.....ھەييييي

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلغاندا ئويلاشمايلا قىلغاندەك توينى قىلىپ نەچچە كۈن ئۈتە ئۆتمەيلا ئاجرىشىمىز دەپ تۇردىكەن بۇ توي دىگەن يىلدا بىر قىلدىغان توي بولمىسا يا توېا توۋا ..............................

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16129
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8508 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تېما ئىگىسىگە:
  بۇ ئەسەر قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ئىكەن، شۇڭا ئەسەرنى يازغاندا، ئەتىراپلىق ئويلاپ تەھلىل قىلىپ يېزىڭ. سىز ‹ئايالنىڭ ئۆزىگە قارىسام خىلى چوڭ، قىزىغا قارىسام 14-15 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ تىخى كىچىك ئىدى› ، ‹  شەنبە كۈنى ئۆيگە چىققاندا تىخىمۇ  قىززىق بىر خەۋەرنىڭ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەنلىكنى ئاڭلىدىم. ئارقا كوچىمىزدىكى بىر ئائىلىنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان قىزى قېچىپ كىتىپتىكەن، شۇ كۈنىلا ئاتا-ئانىسى ساقچىخاننىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ، ھەم ئۇلارنىڭ «بىلمەيمىز» دېگنىگە قويماي ئوغۇلنىڭ كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن باشقا بىر ناھىيەدىن قىز بىلەن ئوغۇلنى ئىزدەپ تېپىپ يىرىم كىچىدە ساقچىلار ماشىنىغا سېلىپ ئەكەپتۇ. ئوغۇل خىلى چوڭ بالىكەن. ساقچىلار قىزنى ئاتا-ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئوغۇلنى «قىزنى مەجبۇرى ئەكىتىپسەن، سولايمىز» دەپ ئېلىپ قاپتۇ. لىكىن ئوغۇلنىڭ ئانىسى خىلى يامان ئايال بولسا كىرەك، ئۆيدىن ھىلىقى قىز بىلەن ئوغلىنىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمنى تېپىپ ساقچىلارغا ئاپىرىپ تاشلاپ بىرىپ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. ھازىر قىز «باشقىلار ھىچنىمىنى ئۇقمىدى» دەپ مەكتەپكە بېرىپ -كېلىپ يۈرۈۋاتقىدەك. ھېلىقى ئوغۇل ھازىرمۇ ئەتىگىنى-ئاخشىمى بۇ قىزنى پايلاپ يۈرگىدەك›
مۇشۇنداق يېزىپسىز. 1-قىزىل رەڭدىكى خەتكە قارىسام قىزنى 14-15 ياش دەپسىز، 2- كۆك رەڭدىكى خەتتە قىزنى تولۇقسىز ئوتتۇرا دەپسىز. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسا زادى نەچچىنچى يىللىقتا؟ ئەگەر ئەڭ چوڭ يىللىقتا بولسىمۇ 15 ياشقا كىرمەيدىغۇ دەيمەن.
  سىز ھېسياتنى چىقىش قىلىپلا مۇنداق مۈجىمەل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويماڭ. بۇ بىر ھېكايە ئەمەسكەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 236- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆرۈپ چىقىڭ. سىز ماقالىڭىزدە ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئەھۋال راست بولسا، كۆك خەتتە ئېلىنغان ئەھۋالنى سادىر قىلغان ئوغۇلغا زادى قانچە يىللىق قاماق  جازاسى بېرىلىدۇ؟ چۈنكى سىز ئۇغۇلنى چوڭ دەپسىز، يېشىنى ئېنىق دېمەپسىز. مەن 20 ياشتىن كىچىك ئەمەس دەپ ئويلىدىم، ئەڭ كىچىك بولغاندىمۇ 18 ياش.
   تۈزەتكۈدەك بولسا تۈزۈتىپ قويۇڭ. 2-ئىشقا ساقچىلار ئارىلىشىپتۇ، دېمەك، ساقچىلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ   236-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى بىلمەي قالمايدۇ، ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ، ئوغۇلنى قويۇپ بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ساقچىلارنى قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 09:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 09:23 PM
توي قىلغاندا ئويلاشمايلا قىلغاندەك توينى قىلىپ نەچچە  ...


ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94020
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېما يوللاپسىز،ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىلار، ئوغۇل-قىزلىرىغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4299
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇ ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى. بىزنىڭ مەكتەپتىنمۇ ئاندا -ساندا مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى قىزلارنىڭ ئانىسى ھەممىنى بىلگەن بولىدۇ. بىر قىتىم بىز ئوقۇغۇچى قىز قىچىپ كەتتى. بىز ئەتىسى ئاتا -ئانىسىنى چاقىردۇق. ئانىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ ئىشلارنى بىلەتتىكەن ،قىزى ئۇنىڭغا ھازىر قاچمايمەن ياخشى ئوقۇيمەن دەپ ۋەدە قىلىپتىكەن . ئاڭلاپ يا كۈلۈشىمىزنى يا تىللىشىمىزنى بىلمەي قالدۇق. ئۇ ئايال ئۆزىمۇ شۇنداق 18ياشقا بارماي ئوقۇش تاماملاپ قاچقانلاردىن ئىدى. دېمەك، ئانىسى ۋە ئاتىسى قانداق بولسا شۇنىڭغا يارىشا ئۇ تەربىيلىگەن قىزىمۇ كېسىپ ئېيتىمەنكى %70شۇنداق بولۇپ چىقىدۇ. مەكتەپتىن قىچىپ كەتكەنلەرنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاتا -ئانىسى شۇنداق توي قىلغانلار .مەكتەپتىمۇ تۈزۈكرەك ئوقۇماي مۇشۇنداق قىچىپ توي قىلغانلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تەربىيلىگۈدەك قانچىلىك ئىقدىدارى بولسۇن .

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4299
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇ ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى. بىزنىڭ مەكتەپتىنمۇ ئاندا -ساندا مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى قىزلارنىڭ ئانىسى ھەممىنى بىلگەن بولىدۇ. بىر قىتىم بىز ئوقۇغۇچى قىز قىچىپ كەتتى. بىز ئەتىسى ئاتا -ئانىسىنى چاقىردۇق. ئانىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ ئىشلارنى بىلەتتىكەن ،قىزى ئۇنىڭغا ھازىر قاچمايمەن ياخشى ئوقۇيمەن دەپ ۋەدە قىلىپتىكەن . ئاڭلاپ يا كۈلۈشىمىزنى يا تىللىشىمىزنى بىلمەي قالدۇق. ئۇ ئايال ئۆزىمۇ شۇنداق 18ياشقا بارماي ئوقۇش تاماملاپ قاچقانلاردىن ئىدى. دېمەك، ئانىسى ۋە ئاتىسى قانداق بولسا شۇنىڭغا يارىشا ئۇ تەربىيلىگەن قىزىمۇ كېسىپ ئېيتىمەنكى %70شۇنداق بولۇپ چىقىدۇ. مەكتەپتىن قىچىپ كەتكەنلەرنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاتا -ئانىسى شۇنداق توي قىلغانلار .مەكتەپتىمۇ تۈزۈكرەك ئوقۇماي مۇشۇنداق قىچىپ توي قىلغانلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تەربىيلىگۈدەك قانچىلىك ئىقدىدارى بولسۇن .

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏قىزلار ياخشى تەربىيلىنىپ ،دىيانەتلىك بولسا ئۆز باھارى كەلگەندە بەكمۇ خۇشپۇراق،گۈزەل ئېچىلىدۇ،ھەممە شۇ ۋاقىتتا قايىل بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   masrura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 09:38 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش