ئۈندىداردىكى قوللىنىشچان بىلىملەر ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر،ھەممىڭلارغا كەمىنە مەشئە لدىن ئوتلۇق سالام،تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ كۈنسايىن ئىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈندىدار تۇرمىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بولغان ئۇچۇر قورالىغا ئايلاندى،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۈندىداردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشنى بىلمەي ئۇنىڭدىن قاقشىغانلارمۇ بولدى،توغرا يولغا ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىپ ئۆز ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن روناق تاپقۇزغانلارمۇ ھەم بار،يىغىپ ئىيىتقاندا بىزدە شاكىلىنى ئايرىۋىتىپ مىغىزىنى قوبۇل قىلىش دىگەننى قۇرۇق شوئار ئورنىدا ھەممىمىز توۋلىيالايمىز،ئەمما ئەمەل قىلالايدىغانلا تولىمۇ ئاز.ئاددى قىلىپ ئىيىتقاندا ئۈندىدار سىزنى ئەمەس بەلكى سىز ئۈندىدارنى باشقۇرىسىز،شۇڭا ئۆزىڭىز لايىقىدا باشقۇرالماي ئاخىردا ئۈندىدارغا ئارتىپ قويسىڭىز،ئۇنىڭىدىن ئاغرىنسىڭىز پەقەتلا باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھاماقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىز خالاس،ھىچكىم سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ يۈرمەيدۇ،ھەم بولۇشۇپمۇ يۈرمەيدۇ.چۈنكى يالغۇز ئۈندىدارلا ئەمەس باشقا ھەر قانداق نەرسىنى توغرا يولغا ئىشلەتمىگەندە ئۇ نەرسە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى ئىنىق،شۇڭا ئۈندىداردىن ئاغرىنىشىمىز بىھاجەت. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك بۈگۈن دوسلارغا سۆزلىمەكچى بولغان دەرىسلىك بولسا نۇرغۇن دوسلارنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىش جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلىرى بولۇپ ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن،تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن. دوسلار چەمبىرىكىگە پەقەت خەتلىكلا ئۇچۇر يوللاش(رەسىم قاتماي يوللاشنى كۆرسىتىدۇ) بۇغۇ ئەسلىدە ھۈنەرگە كىرمەيدۇ،تولىمۇ ئاددىي ئىش بۇ،ئەمما نۇرغۇن دوسلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن بىلمەيدىغانلارنى ئاساس قىلىپ بۇنى يىزىشنى توغرا تاپتىم،بىلدىغانلار قايتا كۆرۈپ تىخىمۇ پىششىقلىۋالاسىلە ھە. بىرىنجى قەدەمدە ئۈندىدار سۇپىمىزنى ئاچىمىز:
ئىككىنجى قەدەمدە دوسلۇق چەمبىرىكى ئىچىلغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى رەسىم يوللاش كۇنۇپكىسىنى(ئاپىرات بەلگىسىنى)3 سىكۇنىتتىن 5 سىكۇنىتقىچە بىسپ تۇرىمىز.
ئۈچۈنجى قەدەمدە بولسا خەتلىك ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ(رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان)
تۆتىنجى قەدەمدە مەزمۇننى كىرگۈزۈپ يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ،ئاندىن كىيىن يوللىغان مەزمۇن دوسلار چەمبىرىكىدە كۆرىنىدۇ.(رەسىمدىكىدەك)
ئەسكەرتىش:بەلكىم ئۈندىدارنىڭ كىيىنكى نۇسخىلىرىدا تىخنىكا يىڭىلىنىشى سەۋەپلىك خەتلىك ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى ئەمەلدىن قالدۇرلىشى مۇمكىن،شۇڭا ئامال بار بەك مۇھىم نەرسىلەرنى خەتلىك ئۇچۇر قىلىپ يوللىماڭ. ئۈندىداردا ئۇلىنىش ئادىرىسى يوللاش سىز بەزىدە يانفوندا تورغا چىقىۋاتقان چاغلاردا پايدىلىنىش قىممىتى بار بولغان يازمىلارنى ئۇچۇرتىپ قالسىڭىز ئۇنى دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق دوسلار بىلەن بىللە پايدىلىنىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز،كونكىرىت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:ئالدى بىلەن يانغون تور كۆرگۈچىدە (ھازىرقى مودا بولۋاتقان يانفون تور كۆرگۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ)ھەمبەھىرلىمەكچى بولغان ماتىريالنى ئاچىمىز،ئاندىن نۇر بەلگىسىنى خەتلىك مەزمۇن بار يەرگە ئەكىلىپ تۇرۇپ (رەسىملىك خەتلىك بىللە كەلگەن ماتىرياللاردا)بىردەم بىسىپ تۇرىمىز،ئاندىن رەسىمدىكىدەك كىچىك كۆزنەك ئىچىلىدۇ،ئاندىن تور بەتنى ھەمبەھىرلەش دىگەن خەتنى باسىمىز(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدىن دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەش دىگەننى تاللايمىز
ئاندىن ماتىريالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ھەمبەھىرلەش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن كىيىن يوللىغان مەزمۇن دوسلار چەمبىرىكىدە كۆرىنىدۇ(رەسىمدىكىدەك)
ناۋادا مەزمۇننى بىرەر دوستىمىزغىلا ھەمبەھىرلەيمەن دىسەك تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ،نۇر بەلگىسىنى مەزمۇننىڭ ئوتتۇرغا ئەكىلىپ بىردەم بىسىپ تۇرىمىز،ئاندىن كىيىن چىققان كىچىك كۆزنەكتىن دوسقا ھەمبەھىرلەش دىگەننى تاللىساقلا بولىدۇ.(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن دوستىمىزنى تاللايمىز(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن ھەمبەھىرلەشنى باسساقلا بولىدۇ،(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن كىيىن بىز ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇر دوستىمىزنىڭ ئۈندىدارىغا بارىدۇ(رەسىمدىكىدەك)
ئۈندىداردا توپ قۇرۇپ پاراڭلىشىش بەزى چاغلاردا ئۈندىداردىكى كۆپ دوسلارغا ئوخشاش ئوخشاش ئۇچۇر يوللاشقا توغرا كىلىپ قالىدۇ(شىركەت كارخانلارغا نىسبەتەن)بۇنداق چاغلاردا ھەر بىر ئادەمگە ئايرىم ئايرىم يوللاش تولىمۇ ئاۋارچىلىق،بۇ ۋاقىتتا بىز توپ قۇرۇپ ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان ئادەملەرنى بىر يەرگە يىغساق نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالالايمىز،قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن. بىرىنجى قەدەمدە ئۈندىداردىكى خالىغان بىر دوستىمىزنىڭ پاراڭلىشىش ئۇچۇرنى ئاچىمىز(دوستىڭىزنىڭ باش سۈرتىنى بىسىش ئارقىلىق)توۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئىككىنجى قەدەمدە دوسلارنى تاللايمىز،تاللاپ بولۇپ مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ(رەسىمدىكىدەك)
ئەمدى دوسلىرىڭىز بىلەن توپتا پاراڭلىشىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ(رەسىمدىكىدەك)
ئەمىسە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي،كىيىنكى دەرسىلىكتە ئۇندىداردا سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتىمەن،ئاللاغا ئامانەت. ھۆرمەت بىلەن Declan تور گۇرۇپىسى. مەنبە:ئۆزۈم يەنى Declan تور گۇرۇپىسى.
|