نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش
قەلبىم گويا ئادەمسىز ۋەتەن
ھاياتلىقنىڭ چىغىر يولىدا،
تەنھالىققا بۇلۇپ كەتتىم يەم.
ئۈمىد كۈلگەن كۆڭۈل لېۋىنى...
سۆيەر تاتلىق لەۋلىرىدە غەم.
قوللۇرۇمدا سۆيگۈ بايرىقى،
قەلبىم گويا ئادەمسىز ۋەتەن.
ھەسرىتىمدە...سەلتەنەت سۈرۈپ
ئۆز-ئۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتىمەن.
ئېچىلمىغاچ ۋاپا گۈللىرى ،
مۇھەببەتتىن يوقالماقتا تەم.
ساداقەتنىڭ كور بولغان كۆزى،
زورغا ياشاپ ئۆتىدۇ ئادەم.
دۇنيادا كىم يەتتى مۇرادقا؟
يالغۇزلىقتىن يېرىمدۇر كۆڭۈل.
سۈنئىلەشكەن رەڭلىك ھاياتتا،
سۆيۈلۈشمۇ، سۆيۈشمۇ مۈشكۈل.
2014-يىلى 11-يانىۋار، ئۇچتۇرپان .
جانان بارمۇ مېنى سۆيگۈدەك
دىيانەتتىن لىباسى بولغان ،
قەلبى بۈيۈك<<ئارمان>>غا تولغان،
نۇزۇگۇمنىڭ ئىزىدىن ماڭغان،
مەن سۆيگۈدەك جانان بارمىدۇ؟
پۇلنى ئەمەس، ۋىجداننى سۆيگەن،
ئەخلاقنى چىن دوسىت،قاياش بىلگەن،
ۋۇجۇدىدىن ۋاپا.....كۆكلىگەن ،
مەن سۆيگۈدەك جانان بارمىدۇ؟
ئىپپەت ئەزىز <<ۋەتىنىم>>دىگەن،
يۈرىكىگە مۇھەببەت تەرگەن ،
ياشاش ۋەجى نىچۈن ھەم بىلگەن،
روھى ئويغاق جانان بارمىدۇ؟
قول بولماستىن نەپسسى شەيتانغا،
كۆڭۈل بەرگەن ئىلىم-ئىرپانغا...
مېھىر بەرگەن ھەر بىر گىياھقا ،
قەلبى ئاپئاق جانان بارمىدۇ؟
باستۇرماستىن ئازاب تېغىغا،
<<ئۇرۇن>>بېرىپ كۆڭۈل بېغىغا،
شاراپ ئىچىپ ۋىسال لېۋىدە
ئۆتىدىغان جانان بارمىدۇ؟
2013-يىلى 23-ئىيۇن، ئۇچتۇرپان .
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ
ئۈزۈلگەندەك گويا زىلتارىڭ ،
سايرىماس شوخ،كۈيگە دۇتارىڭ،
چېچەك ئاچماس،ئەسلا باھارىڭ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
دەرتلىرى كۆپ ،نىمجان بىمارسەن،
سايىسى يوق،يالغۇز چىنارسەن،
خىياللارغا قۇل بوپ ياشارسەن ،
گەر بولمسا ئۆيدە ئايالىڭ .
ناخشا ئەمەس_ئېيتقان كۈيلىرىڭ،
<<مەنا>>لارغا تولماس كۈنلىرىڭ،
خازان بۇلۇر ،تەرگەن گۈللىرىڭ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
گويا كەپە _سەن ياتقان ساراي ،
بولساڭمۇ گەر زەردار،كاتتا باي ،
تېتىمايدۇ ئۆزۈڭ ئەتكەن چاي ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
بەركىتى يوق،تۇتقان ئۆيۈڭنىڭ ،
شىرنىسى كەم، ئىچكەن سۈيۈڭنىڭ،
پەرقى يوقتۇر كۈنۇ-تۈنۈڭنىڭ ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
جازان -چۆمۈچ قىسىدۇ بۇيۇن ،
يىغلاپ كۆيمەس ئۇچاقتا ئۇتۇن،
تۇمۇزدىمۇ ھۇۋلايدۇ جۇدۇن ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
روھىڭ سۇنۇق، ئۆيلىرىڭ رەتسىز،
تۇرۇستا تور،يوتقان يىغىقسز ،
ئارمانىڭ كۆپ،ھەسرىتىڭ چەكسىز،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ .
شىرىن ئۇيقۇ كۆزلىرىڭگە يات ،
خىيالىڭدا پەقەت بىر سۇبات ،
يۈرىكىڭدە ئاۋازسىز پەرياد ،
گەر بولمىسا ئۆيدە ئايالىڭ.
2013-يىلى 4-مارت،ئاقسۇ.