|
|
|
|
ميۇنخېندا كەچكۈز ( 1 )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& x# L+ u; s, v2 ~8 r( F بىز گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە كەچكۈز پەسلىگە كىرگەن كوچىلارنى، ئۇششاق تىجارەتچىلەر بازىرىنى، باغچىلارنى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك جايلارنى ئارىلاپ، دەل-دەرەخلەر ئالتۇنرەڭگە كىرگەن، يۇپۇرماقلار يەرگە تۆكۈلۈۋاتقان كەچكۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇق. كەچكۈزنىڭ ئاخىرلىرىدا ميۇنخېن شەھرىنىڭ ھاۋا كىلىماتى
تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، قېلىن قار يېغىپ كەتتى. پۈتكۈل زىمىن ئاق لىباس كىيىپ، قىش مەنزىرىسى ھاسىل بولدى، ئالتۇنرەڭ دەل-دەرەخلەر كۈمۈشرەڭگە كىردى. بىراق، ئۈزگىچە گۈزەللىكى بولغان قار مەنزىرىسى ئوزاق داۋاملىشالمىدى. كۆك ئاسمان، ئىللىق قوياش يەر-زىمىنگە يېڭىۋاشتىن قۇچاق ئېچىپ، تەكشى چېچېلغان قوياش نۇرىدا قار مەنزىرىسى غايىپ بولدى، كۈمۈشرەڭ دەل-دەرەخلەر يېڭىۋاشتىن ئالتۇنرەڭگە قايتتى. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ميۇنخېن شەھرىدىكى ئەشۇ كەچكۈز مەنزىرىسىنىڭ خاتىرىسى بۇلۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى «ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر» نىڭ 6-قىسمى بولغان «كەچكۈزدىكى ياۋروپا» دىن كۆرگەيسىلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! {" s$ s! o2 f, b P9 J- [: x6 B
|
|
|
|
|
|