مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 23302|ئىنكاس: 112

مەن نېمە ئىشقا ئامېرىكىغا ماڭدىم ؟ - مىسرانىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 40
مۇنبەر پۇلى : 15952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7641 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 02:53:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.jpg


ئامېرىكا سەپىرى,3-كۈن --- ۋېيزام مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇلۇپتۇ ... بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىدىكى ياتاقتا،. بۇ قېتىملىق خەيرىلىك سەپەرگە چىققىنىمغا مانا 3 كۈن بوپتۇ، 3 كۈندە كۈندىلىك خاتىرىم ئارقىلىق نۇرغۇن تورداشلار بىلەن سىردىشىپ كېلىۋاتىمەن...دىمەك ياتاقتا ياكى مۇساپىرچىلىقتا ئۇيغۇر توربېكەتلىرى بىلەن سىردىشىۋاتىمەن دەۋاتقان يۇرتتىن ئايرىلغانلارنىڭ توربېكەتلىرىمىزگە بولغان مېھرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتىمەن... نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمگە يازغان ئىنكاسلىرى مېنى تېخىمۇ ئىرادىلىك قىلىۋەتتى...ئەمما ھەممىسىگە بىرمۇ بىر ئۇچۇر قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىدى...بىراق كۈندە قىلىدىغان مۇھىم ئىشىم خاتىرە يېزىش ۋە تورداش قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاش بولدى....يۇرتلاردا بۇنداق شارائىت تېپىلمايدۇ....ئويلاپ قالدىم ،بەزىدە ئۇزۇنراق ئايرىلىپ ياشاپ نەتىجە قازىنىش يولىدا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت جاپالىق ،ئەمما مىۋىسىنى كۆرىدىغان ئىشنى سىناپ بېقىش زۆرۈركەن.... چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يەنە ئۆزۈم ئۈستىدە ،كەسپىم ئۈستىدە ئويلىنىپ ياتتىم....ئويلاپ باقسام 5 يىلدىن بېرى سورۇننىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىز ئازدۇرۇشلىرى بىلەن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىم يەپ ئىچىشكە كېتىپتۇ...ئەلۋەتتە يېقىنلىرىغا ۋاقىت چىقىرىش سىردىشىپ جەمئىيەت ئالاقە ،مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرۈشمۇ كىشىنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم كۈن تەرتىپ،ئەمما ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قارايدىغان بولساق ئۈرۈمچىگە شۇنداقلا بارلىق پائالىيەتكە ۋەكىل بولۇپ بارىدىغانلار سانى مۇقىم ،ھەممىمىز تونۇش...بۇنداق كۆپ ھاللاردىكى پائالىيەت ئاخىرىغا بېرىپ شۇ شەخىس ۋە شىركەت ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ،ئۆزىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان پىسخىكا قايچىسىنى گاللاشتۇرۋىتىدىكەن، چۈنكى ئوپچە بولغان پىكىر ئېقىمى بار يەردە يالغۇز تەپەككۇر قىلىش تەستە، شۇڭا بەزىدە ئۆزىمىزگە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ ،ئۆزىمىز ھەققىدە تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز زۆرۈركەن. ... ھەر بىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزگە ساغلام بولغان پىسخىكا دوختۇرى بولىشىمىز كېرەك ئىكەن، شۇنىڭدەك قان ئازلىق ياكى قان بۇزۇلۇش بولغاندا باشقا قانلارنى سېلىش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك كۆنۈش ۋە يەكلەش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئوخشاشلا ئۆز پىسخىكىمىزنىڭ دوختۇرى بولالىغاندا ئاسانلا شۇ دوختۇرنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىگە ھېچ كۈچىمەيلا يېتەلەيدىكەنمىز.
2.jpg



.. خوشخەۋەر كەلدى، ئامېرىكا ۋىيزام مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇلۇپتۇ،جۈمە سائەت 2 دە تاپشۇرۋىلىشىمنى ئۇقتۇردى...ئەگەر تاپشۇرۋالالماي قالسام سەيشەنبە ئېلىشىم كېرەك ئىكەن، ئاللاھ ئىشلارنى ئاسان قىلىپ بېرىۋاتىدۇ... بىر قەدەممۇ قايتا تەكرارلانماي مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىلىۋاتىدۇ...ئاللاھقا شۈكرى،. قاتتىق ئۇسساپ بىر قۇتا مىنىرال سۇ ئېلىش ئۈچۈن لېفىت ساقلاپ تۇراتتىم بىر كىشى لىفىت ئالدىدا كۆزەينەك بىلەن تۇرۇپتۇ، دەمال ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەچكە ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا تېلفون كېلىپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىن دەرھال سالام قىلىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم..ئۇنىڭ بىلەن ئازراق سىرداشقىم كەلدىيۇ ئەپسۇس ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۇ يەردە تۇرغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ،سۆز قايتۇرۇشلىرىدىن سۆزلىشىشتىن ۋاز كەچتىم ،يەنە ياتاققا قايتىۋاتىمەن،ئامېرىكىغا بارىدىغان ئۇشبۇ ئېسىل پۇرسەتتىن بىر تەرەپتىن خۇرسەن بولسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمگە يۈكلەنگەن مىللەتنىڭ ۋە كەسىپنىڭ ئارزۇلىرى مېنى تەمتىرتىپ قويماقتا...توختا ،، ئانچە مۇنچە ئېنگىلىستىلىنى ئۆگىنۋالاي،ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكىلىققا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىمنى نېمىش قىلالايدىغىنىمىزنى ،قايسى تەرەپلەردە كەسپىي ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقىمىزدەك ئەڭ ئاددىي سۇئاللارنى بولسىمۇ سورىيالىغۇدەك بولاي ،، ئىسىت شۇ تاپتا تىل ئۆگەنمىگىنىمگە راسلا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. .. بولدىلا ...باشقا كەلگەن باتۇر ...تەييارلىقلىرىمنى پۇختا قىلىپ ئۆگىنىشىمنى داۋاملىق داۋاملاشتۇراي...خەير ... ....



مەن نېمىشقا ئامېرىكىغا ماڭدىم؟. پائالىيەتتە قانچە كىشى بار؟ نېمىشلارنى قىلىمىز؟؟. ئامېرىكىغا سەپەر ،شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ قوللاپ دۇئالىرىڭلاردا ياد ئېتىپ ،ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشىڭلار نەتىجىسىدە مەنمۇ كېچە ئۇيقۇدىن بىدار كۈندىلىك خاتىرەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىۋاتىمەن.... مەزكۇر پىروگرامما يېڭىچە تاراتقۇلار ئامېرىكىدا ناملىق ئامېرىكا پارلامىنتى ، مائارىپ مەدەنىيەت مەھكىمىسى ،خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى،ئافرىقا ئىقتىساد كومتىتى ،ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەت بولۇپ 1940-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ ساھەسى بويىچە ئەڭ تالانتلىق باشلامچىلاردىن تاللانغان 4500 كىشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەستايىدىل تاللاپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان بىر تۈر...راستىنى دېگەندە مەن بۇلارنىمۇ تازا ئېنىق چۈشىنىپ كەتمەيتىم،ۋېيزا قويىدىغاندا نېمىشقا ئامېرىكىغا بارىسەن دەپ سۇئال سورىغىنىدا بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بېرىشىم ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ،

555.jpg


مانا بۈگۈن بىزنىڭ ساياھەت ئومومىي پىلان جەدۋىلى چىقتى ،ماتىريال ئىنگىلىسچە بولغاچقا چۈشىنەلمەي بۈگۈن بېيجىڭغا كەلگەن دوستۇم ئىدرىسجاننى مانا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2 گىچە ئۇخلاتماي تەرجىمە خىزمىتىنى قىلغۇزدۇم...شۇلاردىن بۇ پائالىيەت تەرتىپى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتىم ... بۇ تۈردە پۈتكۈل جۇڭگودىن ئاران مۇشۇ بىر نەچچە كىشى تاللانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە؛ سىنا تورى شەنشى رايوننىڭ باش دېرىكتورى خۇداڭشاۋ ئەپەندى ،. جۇڭگو سودا تورىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى yicai.com ،لىجىڭ خانىم ..... ئابابەكرى مۇختەر --شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى بېكەت مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،. شۈجەن ئەپەندىم - تېڭشۈن گوروھى ، تېڭشۈن پاي كونتىرول قىلىش چەكلىك شىركىتى خۇنەن تارماق شىركىتىنىڭ باش لىدىرى .... تەنرېنۋېي ئەپەندىم---جەنۇب شەھەر گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىر ياردەمچىسى ،. جاڭدۇڭشىن ئەپەندىم ----فۇجىيەن ئۆلكىسى تېڭشۈن پاي كونتىروللۇق شىركىتى قارمىقىدىكى دامىن لىنىيسى تورىنىڭ باش مۇھەررىرى ......قاتارلىقلار .... بۇ تۈرنى يولغا قويۇشتىكى پىلان بولسا ئامېرىكا پارلامىنتى زۇڭتۇڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلنىشىغا ياردەم بېرىش ،تېخىمۇ ئەركىن ،تېخىمۇ بىخەتەر ،تېخىمۇ گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتلىرى ۋە مەسئۇللىرى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بۇ تۈرنى ئوتتۇرغا قويغان...مەزكۇر تۈرگە قاتناشقان ئىكىسكۇرسىيە ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت ،سىياسىي، تاراتقۇ، مائارىپ ،غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ،سەنئەت،سەھىيە،خەلقئارا بىخەتەرلىك ،ئىقتىساد ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردىن تەشكىل تاپقان ،ھازىرغىچە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ،نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي ،خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى 320 دىن ئاشىدۇ....مەزكۇر زىيارەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكى،ئەنئەنىۋىي تاراتقۇلار ۋە رور تاراتقۇلىرى ،ئامېرىكا ۋە جۇڭگو دوستلۇقىيېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش،تاراتقۇلارنىڭ تېخنىكا سېلىنمىسى ۋە ئوبۇرۇتى ،ئاخبارات رەكشۈرۈش ،سەمىمىي ۋە ئەخلاقلىق بولغان ئاخبارات،تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارلىقى ۋە مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزىمىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈر بولۇپ، پۈتكۈل راسخوتنى ئامېرىكا پارلامىنتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ......مانا مۇشۇنداق ئىش...قالغىننى شۇ نەق مەيداندىكى ئەمەلىي ھېس قىلغانلىرىم بويىچە داۋاملىق تورداشلارغا سۇنۇپ تۇرىمەن.... يانفوندا يازغانلىقىم سەۋەبلىك ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالىي ئەمەسمەن، توغرا چۈشىنشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.....

------------    بېيجىڭ
ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زەردار007 + 10 ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئ.
qaraxani + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
pixamxan328 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
quxtikiakku + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
zumrettash + 100 ئاللاھ يار بولسۇن
قاياش + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
tohtihan1 + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
qimaltak + 126 ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى
tohotur + 59 شەرەپ بەردىڭىز
yultuzay0997 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
yaprah0999 + 300 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 961   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 03:08:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇنداقتا پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئارىسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر سىزكەنسىزدە،سىزگە ،ئىرادىڭىزگە قايىلمەن،بولسا بۇندىن كېيىن كۆپرەك تىل ئۆگۈنۈشكە ۋاقىت چىقىرىڭ ،يەنە بۇنداق پائالىيەتلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تىلغا ئېھتىياج تۇغۇلىدىغان ۋاقىت كۆپ بولۇپقېلىشى مۇمكىن, ،سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98280
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 03:41:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەپىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.  ھەم بۇ قۇتلۇق سەپىرىڭىزنىڭ ياخشى بولىشىنى، ھەر بىر قەدەمدە شانلىق نەتىجىلەر قايتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91362
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 03:42:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بۇ خەيىرلىك سەپىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇر تور-ئۇچۇر ساھەسىدە بەلگىلىك رول ئويناپ .بۇنىڭدىدىن كىيىن تورچىلىق ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرلۇپ تېخىمۇ راۋاجلىنىشنى شۇنداقلا بۇ ئەھمىيەتلىك سەپىرىڭىز جەريانىدىكى پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىككىلى دۇنيادا مەنپەئەتلىك بولىشنى تىلەيمىز !

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22425
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 04:29:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ،دىگىنىڭلاردەك بۇ پائالىيەتكە تاللانغىنىڭلار پەقەت ئۆزۈڭلا ياكى مىسرانىم تورى نامىدىلا ئەمەس ھەممىدىن مۇھىمى بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە قاتنىشىسىلەر . قانچىلىك ۋاقتىڭلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېنگلىزتىلىنى ياخشى پۇختىلاڭلار .  ھامىنى ئەسقاتىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا بولىدىغان پائالىيەتدەك قىلىدۇ ، ئالدىڭلارغا چىقىپ كۈتىۋالغۇدەك ئۇيغۇرلارمۇ يوق ئەمەس  ، ئامېرىكا سەپىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەم مىۋىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز!

ئۇيغۇرلار سالونى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى سالونىمىزدىن كۆرۈڭ. سالون ئۈندىدار نومۇرى: uyghurz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 05:49:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ،ئابابەكرى ئاكا سىزگە ! سەپىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم ئاق يول بولسۇن!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104248
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:21:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103598
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:43:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 07:36:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك،اللاھ خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 07:57:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق يول بولسۇن ،ئىشلىرىڭىزنى ئاللاھ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرغاي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akijan + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش