مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13477|ئىنكاس: 80

روسىيە قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىپ مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20018
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10623 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روسىيە قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىپ مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ

سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، 300 نەپەر قورالسىز ئوكرائىنا ئەسكىرى ناخشا ئېيتقان ھالدا ئۆزلىرى بۇرۇن تۇرغان قىرىم جۇمھۇرىيىتى بېلباكېر ھاۋا ئارمىيە بازىسى (Bell Baker AFB) غا قاراپ ماڭماقتا ۋە شۇنداقلا روسىيەدىن مەزكۇر ھەربىي بازىنى قايتۇرىۋېلىشنى تەلەپ قىلماقتا. مەزكۇر بازىنى ئىگىلىۋالغان روسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلىرى ھاۋاغا ئوق چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يېقىن كېلىشىنى توسىماقچى بولغان ئىدى.

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 13-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيەلىك بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزاسىنىڭ 12-چىسلا ئاستىرىتتىن گەپ قىلىپ ئېيتىشىچە، روسىيە ئوكرائىنانىڭ قىرىم جۇمھۇرىيىتى رايونىغا ئەسكەر چىقىرغان بولۇپ، قىرىم جۇمھۇرىيىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئاۋارىگەرچىلىك قىلىشقا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

بىراق روسىيە پارلامىنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتىتى رەئىسى لېئونىد سىلۇتسىكىي (Leonid Slutsky) موسكىۋا ئەكىس سادا تېلېۋىزىيە ئىستانسىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھازىر بىر قىسىم ئەسكەرلەر قىرىم رايونىغا يىتىپ باردى ھەمدە كىيېۋ تەرەپتىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي جەھەتتىن باسقۇنچىلىق قىلىپ كىرىش، ھەربىي جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت ئەمەس.
لېئونىد سىلۇتسىكىينىڭ سۆزىنىڭ روسىيەنىڭ قىرىم رايونىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياكى ئىپادىلىمەيدىغانلىقى مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇ ئېنىق جاۋاب بەرمىدى، بىراق مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، مېنىڭ سۆزۈمنىڭ مەنىسى شۇكى، قوراللىق قىسىم ئوكرائىنانىڭ شەرقى قىسمى ۋە قىرىم رايونىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، دېگەنلىكتۇر.

لېئونىد سىلۇتسىكىي يەنە مۇنداق دېدى، دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئارمىيە بەزى گازارمىلارنى ئىگىلىدى، چۈنكى بۇنداق ھەربىي جەھەتتىن باسقۇنچىلىق قىلىش، بولۇپمۇ قىرىم جۇمھۇرىيىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. لېئونىد سىلۇتسىكىي يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، ھەرگىز ئۇرۇش پارتلىمايدۇ، بىراق خەلقنى قوغداش قانۇنغا بويسۇنۇشتىنمۇ مۇھىمراقتۇر.
ئۇنىڭ بۇ سۆزى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ، پۇتىن بىلەن روسىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى، قىرىم رايونىدا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىۋېلىشىمىز شۇ جاينىڭ ئۆزىنى قوغداش قىسمى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەركەت.

پۇتىن 4-چىسلا مۇنداق دېگەن ئىدى، روسىيەنىڭ ھازىر ئوكرائىناغا ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق بىز بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئوكرائىنادىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمىز. پۇتىن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرىم رايونىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە مۇنداق دېدى، پەقەت يەرلىك قوغدىنىش قىسمى ئوكرائىنانىڭ ھەربىي بازىسىنى قورشىۋالدى. بۇ دۇنيادا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەربىي فورمىلار خېلى كۆپ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، روسىيە فىدىراتىپ كومىتىتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى زۇڭتۇڭ پۇتىنغا ھوقۇق بېرىپ ئوكرائىناغا ئەسكەر چىقىرىشىنى قارار قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئوكرائىنا چېگرىسى ئىچىدىكى روسىيە پۇقرالىرىنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ ۋە شۇنداقلا روسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەتىنى قوغداشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، روسىيە تەرەپ كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ ئوكرائىنا بىلەن ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، قىرىم پارلامىنتىدىكى ئەمەلدار گرىگورىي لوففى (Grigoriy Ioffe) مۇنداق دېدى، قىرىم پارلامىنتى بىر قېتىم قارار قىلىش ئېلىپ بېرىپ، قىرىم رايونىنىڭ روسىيەگە قوشۇلۇشىنى قارار قىلدى. قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى رۇستەم تېمىرگالىيېۋ (Rustam Temirgaliev) مۇنۇلارنى جاكارلىدى، 3- ئاينىڭ 16-كۈنى قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە روسىيەنىڭ مەركىزى قىسم، غەربى قىسىم ھەربىي رايونلىرى تۇيۇقسىز ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھالىتىگە كىردى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي كۈچ 150 مىڭ ئەسكەر، 90 دانە ئايروپىلان، 120 دانىدىن كۆپرەك تىك ئۇچار ئايروپىلان، 880 دانە تانكا، 80 دانە پاراخوت ۋە 1200 دىن ئارتۇق ھەربىي ئەسلىھە قاتارلىقلارغا چېتىلدى، روسىيە دۆلەت مۇدائىپە مىنىستىرى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاياتى كۈچىدە روشەن ئۆزگىرىش بولدى، دېدى.

2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، روسىيە ئارمىيىسى ھاۋا ۋە دېڭىز ئىككى تەرەپتىن بىرلىكتە ھەركەت قىلىپ، قىرىمنىڭ قاتنىشىنى ئىشغال قىلىۋالدى. 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ روسىيە ئارمىيىسى قىرىمنىڭ ھەربىي رادارلىرى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەشىق قىلىش بازىسى، باشقۇرىلىدىغان بومبا بازىسى قاتارلىق گازارمىلارنى ئىگىلەشكە باشلىدى.

مەنبە _ جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى،

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى نەدىن چىقاكىن بۇ ئىشلارنىڭ

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20018
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10623 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قىلچىلىكمۇ جەڭ قىلىش كۈچى يوق

ئامېرىكا، روسىيە مىدىئالىرى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئارمىيەنىڭ ئەھۋالىدىن سېلىشتۇرۇپ، روسىيە، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، روسىيە مىدىئالىرى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قىرىمدا ھەربىي توقۇنۇش بولمايدىغانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئۇكرائىنا ئىزچىل رەسمىي ھالدا قانداق قىلىپ قوراللىق كۈچىنى بىر ھەقىقىي جەڭ قىلالايدىغان قىسىمغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاشمىغان.


ئۇكرائىنانىڭ قورال-ياراقلىرى ئاللىقاچان كونىرىغان قىلچىمۇ جەڭ قىلىش كۈچى يوق

روسىيەنىڭ«كۆزقاراش گېزىتى» تورى 11- مارت ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بايانىنى نەقىل قىلىپ، ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلالايدىغان ئادەم سانى پەقەت 6000، بۇ بىر ئەمىلىيەت ئۇكرائىنانىڭ جەڭ قىلالايدىغان ئەسكەرلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق دىگەن.
ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئارسېنىي ياتسېنيۇك بارلىق كىشلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن« ئاۋال مىڭىسىنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى ئويلاش» قا مۇراجەت قىلغان. ئۇ بىر قىسىم روسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئاشقۇنلارغا ئۇكرائىنا بىلەن روسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى سېلىشتۇرۈپ، ھاۋا ئارمىيە نىسبىتىنى 1:98 دىگەن.
نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ پەقەت جەڭ تېخنىكىسى ۋە باتۇرلۇق ئىرادىسى بار. ئۇكرائىنانىڭ 41 مىڭ كىشلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلساق، پىلان بويىچە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەدىكى ھەركەتلىنىشكە تىگىشلىك ئادەم 20 مىڭ، ئەمما پەقەت 6000 كىشىلا تەييارلىنىپ بولغان.
بۇ قېتىملىق كىرزىستىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنا ئارمىيەگە قورال-ياراق سەپلەش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئېلىپ بېرىپ جەڭ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. بەلەىلىمە بويىچە، ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدىكى ئارمىيە كۈچى 168 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 125 مىڭ ئەسكەر بار. ئىسلاھ قىلىشنىڭ مەقسىتى 2017-يىلدىن بۇرۇن ئارمىيە كۈچىنى ئادەم سانىنى 115 مىڭغا كىمەيتىش، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسكەر سانى 70 مىڭ.
ئۇكرائىنانىڭ ئارمىيە كۈچى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ھەم ھەركەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان پاراشوتچىلار ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرزىستىن ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە 54 مىڭ ئەسكەر بولۇپ، بۇلار شىمال، جەنۇپ، غەرب قىسىم رايونلارغا ئايرىلغان، ئەڭ مۇھىم قىسىمى پايتەخىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىم گازارما، ئەڭ ئاجىز بولغىنى قىرىم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇپ گازارما.






ئۇكرائىنانىڭ پاراشوتچىلار قىسىمىدا 6000 ئەسكەر بار. قىرىمدا ئۇكرائىنانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يوق، ئەمما بىر ماشىنلاشقان دېڭىز قىرغىقى تارماق قىسىمى بار.
ئىلگىرى كىشلەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تانكا ئارمىيەسى بار دەپ ئاڭلىغان. دەرۋەقە ئۇكرائىنانىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان 5500 دىن ئارتۇق تانكىسى بار، ئەمما كىيىن بۇ تانكىلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىۋاتكەن. ئۇكرائىنادا ھازىر 2000 دىن ئارتۇق تانكا بار، ئاساسلىقى T-64 تانكا، ئەمما ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ جەڭ قىلىشقا ئامالسىز، پەقەت يەنە پۇل بولمىسا كىرەكسىز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.




ئۇكرائىنانىڭ كىرەكسىز قىلىنغان تانكىلىرى


خەۋەردە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق كۈچ ھېسابىدا 616 تانكا، 2000 يىنىك تىپتىكى بىرونۋىك ماشىنا، 700 زەمبىرەك ۋە كاتىيۇشا بار دىيىلگەن. نۇرغۇنلىغان قورال ياراقلار رىمونىت قىلىنمىغانلىقتىن پىچەتلەش ھالىتىدە، جەڭگىۋارلىقى بىر مەسىلە.
ھاۋا ئارمىيە ۋە ھاۋا مۇداپىئە قىسىمىدا تەخمىنەن 40 مىڭ ئەسكەر، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 140 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 60 تىك ئۇچار ئايروپىلان بار. قىرىمدىكى بېلبېك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 49 ئايروپىلان بار، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 5-6 ئايروپىلانلا ئۇچالايدۇ.





خەۋەردە ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئۇكرائىنا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كۈچلۈك بولغان ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى،S-300 كونا نۇسخىدىكى باشقۇرۇلدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىدىن 30 يۈرۈشتىن ئارتۇق بار، يەنە S-200 ۋە S-125قاتارلىقلار. بۈگۈنكى كۈندە بارلىق S-20 نىڭ ھەممىسى چىكىندى، بارلىق S-300PT1 ۋە S-300V1نىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. بىرقەدەر يېڭى بولغىنىدىن S-300PS ۋە S-300V نىڭ ھەممىسىنى تېزلىكتە رىمونىت قىلسا ياخشىلىغىلى بولىدۇ.





يانۇكوۋىچ ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى كۆتىرىلگەن. ئەمما ئارمىيەنىڭ قورال-ياراق سەپلىمىسى ئەھۋالى ناھايىتى ناچا بولغان، كوماندىرنىڭ ھېچقانداق جەڭ قىلىش تەجىربىسى يوق، ئارمىيەگە يىتەكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز، ئەمما روسىيە ئارمىيەسى كەمىدا ئىككى قېتىم چىچىنىيە ئۇرۇشى قىلغان يەنە گىرۇزىيە بىلەن بەش كۈن ئۇرۇشقان.
خەۋەردە، ئۇكرائىنا ئىلگىرى ئارمىيەنىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلالايدىغان قىسىمغا ئايلىنىش مەسىلىسىنى قىلچىلىكمۇ ئويلاشمىغان دىيىلگەن.

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
elqe بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1036 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەرلەردە ئىيتىلىشچە ھازىر روسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئەتىرتىنىڭ 20مىڭ ئەسكىرى ئۇكرائىنا چىگراسى ئىچىدە ئىكەن.
ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر پايدىغا ئىرىشكۈچى يەنىلا ئۈچۈنچى تەرەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بۇ خۇددى ئىت قاۋايدۇ پايدا قەلەندەرگە دىگەندەكلا بىر ئىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:47:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 11:28 PM
ئامېرىكا: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قىلچىلىكمۇ جەڭ قىلىش ...

بۇ گەپچە ئوكرائىنا 2  3كۇن ئۇرۇشا ئۇرۇشمايلا ئۆز دۆلتىدىنمۇ قۇرۇق قالدىكەندە.
سوۋىت پارچىلانغىنمۇ 24يىلدىن ئاشتى ئۇلار نىمىش قىلغاندۇ. ھەربى كۇچنى كۇچەيتمەي؟؟؟؟!؟

elqe بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:54:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:04:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elqe يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 11:41 PM
قىرىم خەلقى ئۆز رازىلىقى بىلەن روسىيەگە قوشۇلۇشنى خال ...

قىرىندىشىم سىز  بەك يۇزەكى ئويلاپسىز. شۇ روسىيەنى قوللىغان قىرىملىقلارنىڭ ھەممىسى روسلار. روسدىن باشقىسى روسىيەنى قوللىمايدۇ.  روسىيەنى قوللىغۇچىلار كۆپ ساننى ئېگەللەيدۇ. شۇڭا روسىيەدىن ئومومى خەلق ئاۋازغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.  خەقنىڭ زىمىنىغا ئۆز پۇقرالىرىنى كوپلەپ يۇتكەپ  ئاخىردا ئۆز پۇقرالىرىنى  ئاۋازغا قويۇپ خەقنىڭ  زىمىننى ئېگەللىۋىلىش  ھەقىقىتەن يامان ئىش. خۇددى بىزگە ئوخشاش.

ئىلىمنىڭ دۇشمىنى قانائەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورائىنا مەسىلىسى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى، رۇسىيە ۋە
ئامېرىكا قاتارلىق چەتئەل كۈچلىرى ئوكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا
ئارىلاشمىغان بولسا ياخشى بۇلاتتى.               

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7441
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1821 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:14:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاۋىل كورچاگىننىڭ ئەۋلادلىرى ھوورۇنلىشىپ كېتىپتۇ-دە!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش