مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5817|ئىنكاس: 27

كېلىن ( ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103578
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېلىن

(ھېكايە)



ھەش-پەش دېگۈچە ئۆمرۈمنىڭ ئەللىك ئىككى گۈلى كېتىپ ئوغۇل ئۆيلەپ،كېلىن كۆرۈپ،قېينانا بولدۇم. ئانا بولۇش جەريانىدىكى مەسئۇلىيتىم ئېغىرلاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ دەم ئېلىشقىمۇ چىقىۋالدىم . ئەمما ،«خۇپتەندىن قېچىپ تەرەۋىگە ئۇچراپتۇ» دېگەندەك، دەم ئېلىشقا چىقتىم دەپ،ئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىغا تۇتۇلۇپتىمەن.

خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي تازىلايمەن، ئاندىن ئىشقا بارىدىغان ئېرىم،ئوغلۇم،كېىلىن بالامغا ناشتىلىق تەييارلايمەن.ئۆيگە كېلىن كىرگەندىن بېرى، ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى بۇرۇنقىدىن موللاشتۇردۇم. سۈت ،تۇخۇم،ياڭاق،ھەسەل، بادام،خامكۆك ھەتتا بەزىدە قۇيماقلانى سېلىپ تاماق ئۈستىلىگە تىزىدىغان بولدۇم.  ئەپسۇس، كېلىنىم رەنانىڭ بۇلارغا قارىغىدەك رەغدى يوق، ھۇجرىسىدىن ئالدىراپ -تىنەپ چىقىپلا:«ھازىر چاي ئىچكۈم يوق،ئىشخانىدا ئىچىمەن» دەپ مېڭىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغلاردا رەنانىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپمۇ قىلمايمەن. بەلكى خىزمەتكە ئالدىراپ قالغاندۇ، دېگەن ئوي بىلەن يېرىم بولغان كۆڭلۈمنى ئۆرە قىلىمەن.


بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى ، بالىلىرىم ئورنىدىن تۇرغىچە كۈندىكىگە قارىغاندا مول ناشتىلىق تەييارلىدىم. چۈنكى رەنا كېلىن بولۇپ كىرگەندىن بېرى ،ئۇنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى بىلەن بىر داستىخانغا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىپ باقمىغانىدۇق. ئېرىم ئىككىمىز،بالىلار بىلەن بىللە ناشتا قىلايلى دەپ داستىغانغا قولمۇ ئۇزاتماي ساقلاپ ئولتۇردۇق.

قۇياشنىىڭ خېلى تىكلەشكەن نۇرى ئۆينىڭ دېرىزىلىرىدە ئوينايتتى. ئېرىم ئىمام پات-پات بىلىكىدىكى سائەتكە قاراپ قوياتتى، ئوڭ قولىدا چاچلىرىنى تېز تېز تارىغاچ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن قاتتىق جىلە بولىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. «بىزمۇ قېينائانام رەھمەتلىك بىلەن بىرگە تۇرغاندا ئورنىمىزدىن ۋاقچە تۇرساق قېينائانام خاپا بولۇپ قالاتتى. قېينائانامدىن رەنجىپ، ئاغرىنىپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلى بۇ ئۆتنە ئالەم ئىكەن. تۆت كۈندە ئالدىمىزغا كەلگىنىنى كۆرمەمدىغان» دېدىم پەس ئاۋازدا ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ.

سائەت توققۇز بولاي دېگەندە ئېلزات بىلەن رەنا ھوجرا ئۆيىدىن چىقىپ بىز ئولتۇرغان ئۆيگە كىردى،رەنا ئۇچىسىغا چىپپىدە كېلىدىغان كالتە چاپان،تار پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان،دولىسىغا ئېسىۋالغان كىچىك سومكىسى سۆڭگىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى. قاپاقلىرى ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ،كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى لىغىلدايتتى.

-رەناگۈل ،بۇ ياققا كېلىڭ قىزىم-دېدىم ئۇنى يېنىمدىكى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ.

-چاي ئىچمەيمەن،ئىدارېدە دىجورنى ئىدىم،-رەنا شۇنداق دېدى دە ،ئايىغىنى كىيىشكە باشلىدى. ئىتتىك رەنانىڭ ئالدىغا باردىم.

-قىزىم،چىرايىڭىز بىر قىسما تۇرىدۇ،مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟

-ئوغلىڭىزدىن سوراڭ،-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتتى.

ئىتتىك ئېلزاتقا قارىدىم ،ئۇنىڭ چىرايى قارا بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ،داستىخانغا قولمۇ ئۇزاتماي خىيالغا پاتقان ھالدا ئولتۇراتتى. كۆڭۈللۈك ناشتا قىلىمىز دېگەن ئارزۇيۇممۇ سۇغا چىلاشتى. ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ سۈتنى قايتىدىن قىززىتىپ ئىمام بىلەن ئېلزاتنىڭ قويۇپ ناننى پارچىلىدىم. ئۈچەيلەن ئېغىر جىمجىتلىق ئىلكىدە ناشتا قىلدۇق.

-بالام،رەنا بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالدىڭلىمۇ؟-دېدىم كۆڭلۈم غەش بولۇپ.

-ئۈزۈلىشىپ كېتىمەن، ئەمدى رەنا ئۆيگە كەلمەيدۇ،ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى خەلق ئىشلار ئىدارىسىدە كۆرۈشىدىغان بولدۇق.

ئېلزاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ھازاغىچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ كەتتىم.

-تولا پوق يېمە،تېخى يېقىندىلا توي قىلغان تۇرساق؟ نېمە بولۇشتۇڭلار؟

-ئۇ ئازراقمۇ ئائىلە تەربىيسى كۆرمەپتىكەن،ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاھان تۇتۇشقا كۆزۈم يەتمىدى.

-نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟-دېدى ئىمام قاپىقى تۈرۈك ھالدا.

-كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسلەرغۇ؟ مەن ماۋۇ ئۆيدە قېينئاتا،قېينئانام بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىمەن، ئەتىگەنرەك ئورنۇمدىن تۇراي،بۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ ھايا قىلاي دېمىسە، شۇنچە گەپ قىلىپ بىرەر كۈن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغۇزالمىسام،ئانام ئەتتىگەندىن كەچكىچە پالاقلاپ ئۆي ئىشىنى قىلسا خىجىل بولمىسا، قاچا-قۇچىنى بولسىمۇ يۇياي دېمىسە، كىيىۋالىدىغان غىتتى-غىتتاڭ كىيىملىرىچۇ تېخى!...- ئېلزات بارغانسىرى ئەزۋەيلەپ سۆزلىگىلى تۇردى.

ـ ئۈزۈلىشىمەن دېگەن گەپنى قىلغۇچى بولما ،تۈزۈلۈپ قالار،-دېدى ئىمام.

-ۋاي تۈزۈلۈپ قېلىشى يوق گەپ،مېنىڭ قىلغان نەسىھەتىمگە سېمونت تام بولسىمۇ تەۋرەپ كېتەر بولغىيدى،لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيسىدە تەۋرىنىش بولمىدى. ئىككى گەپنىڭ بولسا توغرا چۈشىنىڭ ،مەكتەپتىلا يۈرۈپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن چىقىپ قاپتىمەن دەيدۇ، شۇمۇ سەۋەبمۇ؟!-دېدى ئىلزات چېچىلىپ تۇرۇپ.

- بالام، ماۋۇ ئۈزۈلىشىمەن دېگەن گەپنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قىلدىڭ،ئەمدى ئىككىنچى بىر يەردە قىلمىغىن،-دېدىم ئۆزۈمنى سەل بېسىۋىلىپ.- رەنامۇ راست دەيدۇ،مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا ئۆتۈپ، دەماللىققا تۆشۈككە كىرىشەلمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئاستا-ئاستا ئۆگىنىدۇ،مانا مەن ئۆگىتىمەن. شۇنچە كۆيۈپ پىشىپ توي قىلىپ ئەمدى كىچىككىنە بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپلا ئاجرىشىمەن دەپ قوپساڭلار قانداق بولىدۇ؟ سەن نىكاھنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟ يا بىزنى بىكار قالدى دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ كەچكىچە ئوغۇل ئۆيلەپ ،توي قىلىپ يۈرۈيدىغانغا ؟!

- ئانا ،سېنىڭچە رەنانىڭ قىلىقلىرى تۈزىلەرمۇ؟- دېدى بۇ گېپىم بىلەن سەل خىيالغا پېتىپ قالغان ئېلزات.

ئېلزاتنىڭ بۇ سۇئالى كۆز ئالدىمدا رەمەتلىك قېينئانام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتلاردىكى كۆرۈنۈشلە ر بىر بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.


***                                                           ***                                                        ***

--ۋاي قورسىقىم،ۋاييەي!...ئۆلۈپ كېتەمدىم نېمە؟ ھۆ...ھۆ،-كۆڭلۈم ئېلىشىپ كارۋاتتىن چۈشۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا قېينئانام ئۆرۈك ئەكىرىپ قويغان لېگەنگىلا ياندۇرىۋەتتىم.

-ئاپلا! لېگەنگە ياندۇرمىساڭ بولاتتى،چىداپ بىر چامداپلا ھويلىغا چىقساڭ بولماسمىدى،ئانام كۆرۈپ قالسا خاپا بولىدىغان بولدى دە،-دېدى ئىمام.

-دەۋاتقان گېپىنى كۆرمەمدىغان،بۇ لېگەن مېنىڭ جېنىمدىنمۇ ئەزىزما؟-يەنە كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇرۇق ھۆ تۇتۇپ قەي قىلدىم.

-ئادەمنى قورقۇتۇپ نېمانداق قىلىدىغانسەن،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايمۇ؟-دېدى ئىمام بىئارام بولۇپ.

-تاڭ ئېتىشقا ئىككى سائەت قالدى،چىداپ تۇراي،-دېدىم بېقىنىمنى قاماللاپ تۇرۇپ. يەنە كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەينى كەينىدىن ھۆ قىلىۋاتسام،تۇيۇقسىز ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكى چېكىلدى. ئىمام ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى دە،ئىشىكنى ئاچتى. قېينئانام ئىسەنكىرىگەن ھالدا يېنىمغا كەلدى:

-خاسىيەت،نەلىرى ئاغرىۋاتىدۇ؟ دوختۇرخانىغا ئاپىرايلىمۇ؟-دېدى جىددىيلىشىپ.  ئىمامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. توشقاندەك سەزگۈر قېينئانامنىڭ كۆزلىرى لېگەنگە چۈشۈشى ھامان رەڭگى بىردىنلا ئۆڭۈپ ،غال غال تىترەپ كەتتى.

-توۋا! لېگەندىكى نېمە ئىش بۇ خاسىيەت خېنىم،قۇدام سىلىنى ئاشۇ ئېسىل قەۋەتلىك ئۆيلەردە چوڭ قىلماي قوتاندا چوڭ قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ پىلتە قىلىدىغان بىر چىرايلىق لىگەنگە قۇسقۇچە،ئۇ چەت بۇچەت كەڭرى ھويلىغا قۇسسىلىچۇ،-دەپ چېچىلىپ كەتتى.

-بولدى قىلە  ئانا ،ھويلىغا چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ،-دېگىنىچە قېينئانامنى يېنىمدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى ئىمام. بىر ھازاغىچە قېيىنئانامنىڭ ئېغىزى بېسىقمىدى. ئىمام نېمىلەرنىدۇر دەپ قېينئانامنىڭ ئاغزىنى جىمىقتۇردى.

قېينئانام 65 ياشلاردىكى ئاق پىشماق كەلگەن،بوي تۇرقى ئېگىز،كېلىشكەن ،شەرەنداز، زەردىسى بار ئايال بولۇپ، مەھەللىدىكىلەر، تونۇش بىلىشلەر «رابىيخان ئۇچۇپ كېتىۋاتقان لاچىنغا ئۇۋا قويىدۇ» دېيىشەتتى.  بۇ كېچە تولىمۇ تەستە تاڭ ئاتتى.  سەھەردە ئىمام بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدۇق. دوختۇرلار «جىددىي خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئىكەن، ھازىرلا ئوپىراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ» دەپ ، مېنى بىردەمدىلا ئوپىراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىپ بولدى.

ئوپېراتسىيەدىن چىقىشىمغا تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمغا ئولاشتى. كۆزلىرىمگە ياش ئالغان ھالدا تۇغقانلارغا بىرمۇ بىر قاراپ چىقتىم. دەل شۇ چاغدا كۆزۈم قېينئانامغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ سۆرۈن تەلەتىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم. ناركوزنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، تۆت سائەتكە يېقىن تازا ئۇخلاپتىمەن. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام كارۋىتىمنىڭ بېشىدا ئىمام ئولتۇرۇپتۇ. قېينئانامنىڭ سۆرۈن تەلەتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى.

-ئىمام،ئانامغا قارىسام ھېچ ئاچچىغى يانىدىغاندەك قىلمايدۇ،-دېدىم ھالسىزلىنىپ.

-بولدى، ئۇئىشلارنى ئويلىماي ئۆزۈڭ بىلەن بول،ئانامنىڭ دېگىنىمۇ خاتا ئەمەس،-دېدى ئىمام گەپ ئۆرۈگىنىمدىن نارازى بولغان ھالدا. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرىلىق ئىمامغا گەپمۇ ئۆرۈمىدىم. سالامەتلىكىم كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىپ 10 كۈندىلا تامامەن ئەسلىمگە كەلدىم .

دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇپ ئۆيگە كەلدۇق. ھويلىغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا ،قىينئانام قولىدا چىلەك كۆتۈرگەن ھالدا ئۆيدىن چىقىپ قالدى. ئۇ قولىدىكى چىلەكنى پېشايۋان سۇپىسىنىڭ لېۋىدە قويۇپ ئالدىمغا كەلدى-دە :«خېلى ياخشى بولۇپ قاللىما؟» دېدى يۈزۈمنى يۈزۈمگە يېقىن ئەكىلىپ.

-ياخشى بولۇپ قالدىم،-دېدىم كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قېينئانامغا قاراپ. ئۇنىڭ چىرايىدا يا خوشاللىقنىڭ ،يا خاپىلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھەر ھالدا يۈزىنى يۈزۈمگە يېقىپ كۆرۈشكىنىدىن خوشال بولدۇم.

-خاسىيەت، ھوجرا ئۆيلىرىدە يەنە 10 كۈن مىدىرلىماي دەم ئالسىلا،-دېدى قېينئانام بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.

تاڭغا يېقىن شارت-شارت قىلغان ئاۋاز ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتى. دېرىزە پەردىسىنى قايرىپ سىرتقا دىققەت بىلەن قارىدىم. تاڭ سۈزۈلۈپ ئاسماندا ئاندا-ساندا يۇلتۇزلا قالغان ئىدى. قېينئانام غۇلاچلاپ-غولاچلاپ ھويلا سۈپۈرىۋاتاتتى. بېشىمنى يوتقانغا پۈركەپ يېتىۋالساممۇ، سۈپۈرگىنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە شالدىرلاپ ئۇيقۇمنى قاچۇردى. قېينئانام قۇۋۋەت شورپىلىرىنى، شويلا، چۆپ دېگەندەك يەڭگىل تاماقلارنى ئېتىپ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ تاماقلىرى تەملىك بولۇپ، يېگەن ئادەمنىڭ ئاغزىدا قالاتتى. قېينئانام دېگەن 10 كۈنلۈك مۆھلەتمۇ توشۇپ ئىشقا چۈشۈپ بولدۇم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەنىدى. كۈندىكى ئادىتىم بويىچە سائەت يەتتىگە يېقىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنى يۇيۇپ گىرىم قىلىپ، كىيىملىرىمنى كىيگۈچە بىر دەمدىلا سائەت سەككىز بوپ قاپتۇ، شۇڭا سومكامنى ئاسقۇچتىن ئالدىم-دە ،ئىشىكتىن چىقتىم. شۇ چاغدا قېينئانام توساتتىن باغدىن چىقىپ قالدى ۋە «توختىسىلا خاسىيەت» دېدى سوغۇق نەزەر بىر ئاۋازدا . جايىمدا چىپپىدە توختىدىم. ئۇ قولۇمدىن سومكىنى ئېلىۋىلىپ ھويلا سۈپۈرگىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. گاڭگىرىغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم.

-نېمە، كۆزلىرىنى چايغا سالغان ياغدەك پارقىرىتىپ تۇرۇپلا كەتتىلىغۇ،-دېدى قېينئانام ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ.

-ئانا، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بەك چىڭ، ھويلىنى كېلىپ سۈپىرەيچۇ،-دېدىم ئۆتۈنگەن ھالدا.

-مۇنداق دېسىلە، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بار ئىكەنۇ، ئائىلىنىڭ تۈزۈمى يوقمىكەن؟ ئايال كىشى دېگەن ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ، جامائەت نامازدىن يانغۇچە ھويلا ئارامنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ چىنىدەك قىلىۋىتىش كېرەك. كۈن قىزىل بولغىچە ئۇخلىغان ئۇيقۇ مەكرو بولىدۇ. بۈگۈنچە ئىشلىرىغا ماڭسىلا، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىش تەكرارلانمىسۇن،-دېدى قېينئانام قاش قاپاقلىرىنى سۈزۈپ. ھويلىدىن قانداق مېڭىپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمىدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ مەكتەپكە مېڭىشىدىن ئېسىمگە كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىككى تەرىپى شاخمات تاختىسىدەك ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىغىر يولدا كېتىۋاتقىنىمنى بىلدىم. «كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ سەھراغا توي قىلغىنىم ئۈچۈن بۇ كۆرگۈلۈك تېخى ئاز ماڭا » دەپ غودۇرىدىم ئۆز ئۆزۈمگە. شۇ خىياللار بىلەن مەكتەپكە قانداق كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن. سىنىپ مۇدىرى بولغىنىم ئۈچۈن، دەرس تەييارلىقى ۋە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرىدىن باشقا ،سىنىپنىڭ بىر مۇنچە باش ئاغرىقى ئىشلىرىمۇ ماڭا قاراشلىق ئىدى. شۇ ئىشلار بىلەن يۈرۈپ كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ، ۋاقتنىڭ قانداق توشۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. تازىلىق ئىشچىسى زەينۇرە :«ۋاقت توشۇپ كەتتى» دەپ ئىشخانامغا كىرمىسە قانچىلىك ئولتۇرار بولغىيتتىمكى، سائىتىمگە بىرلا قاراپ كەچ قالغان بازارچىدەك ئۆيگە چاپتىم. يىراقتىن قورۇيىمىزنى كۆرۈش بىلەنلا يۈرەكلىرىم سېلىپ، پۇتلىرىم ئالمىشىپ كەتتى. يۈگۈرگەندەك ئۆيگە كىرىپلا كارىۋاتتا ياتقان قېينئانامنىڭ يېنىغا باردىم:

-ئانا، نېمە تاماق ئېتىمىز؟-دېدىم پەرتۇقنى ئېتىكىمگە تارتقاچ.

-كۆزنىڭ يېشىدەك ئۈگرە ئەتسىلە ، قان بېسىمىم ئۆرلەپ قاپتۇ،- دېدى قېينئانام ماڭا قاراپمۇ قويماستىن. شۇئان بېشىمغا تاغ يىقىلغاندەك بولدى. كۆزنىڭ يېشىدەك ئۈگرە دېگەن قانداق بولىدىغاندۇ؟ ھەر ھالدا قازاننى ئوچاققا ئېسىپ قويۇپ، گۆشنى توغراپ سالدىم. قېيىنئانام كارۋاتنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ، خۇددى ئىمتىھانغا كىرگەن كومىسسىيەدەك كۆزىنى مەندىن ئۈزمەي ئولتۇردى. ئەمدى خېمىر يۇغۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا :«خاسىيەت ،باشلىرىغا ياغلىق ئارتىۋالسىلا، خېمىرغا ، قازانغا چاچ چۈشىدۇ» دېدى. دەررۇ يۈگۈرۈپ كىرىپ ياغلىقنى ئارتىپ چىقتىم. خېمىرنى يۇغۇرماقچى بولۇپ، تۇزنى سالاي دەپ تۇرۇشۇمغا :« توختىسىلا، تۇزنى سۇيۇلدۇرۇپ ئىشلەتسىلە، كېرەكسىز ماددىلىرى تېگىدە قالىدۇ » دېدى. قولۇم تىترەپ ئەپلەپ سەپلەپ خېمىرنى يۇغۇردۇم. ئەمبەلنى ئېلىپ چىقىپ ياپاي دەپ تۇرۇشۇمغا :

-ئەمبەلدە يايماي، سۇپرىدا يايسىلا،-دېدى قېينئانام.

-بىلدىم ،- دېدىم پەس ئاۋازدا.

ھەرقانچە قىلىپمۇ خېمىرنى يۇمىلاق يايالمىدىم. يېيىلغان خېمىرنى كۆرگەن قېينئانام :« ۋاي خېنىم بالام، بۇ خېمىرنى بىر پېشى ئۇزۇن، بىر پېشى قىسقا كۆڭلەكتەك يېيىپلا، بۇرۇن بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدا قىز ئالسا ئاش يايدۇرۇپ بېقىپ، كۆمۈرنىڭ ئوتىدا قازان نېنى سالدۇرۇپ بېقىپ، كىگىز ،گىلەمنىڭ ئۈستىدە قازان قومۇچ يۇيدۇرۇپ بېقىپ كېلىن قىلارىكەن» دېدى ياشلىق دەۋردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ. قېينئانامنى بۇ گېپى كۆڭلۈمگە تەگكەن بولسىمۇ ، غىڭ پىڭ قىلمىدىم.

-ئانا، مەن ئۈگرىنى ياخشى كېسەلمەيمەن، سىلى كېسىپ بەرسىلە، مەن ئۆگىنىۋالاي،-دېدىم.

- ئۆگىنىمەنلا دەيدىكەنلا ئۆگىتىشكە مەن تەييار،- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كارىۋاتتىن لىككىدە چۈشۈپ ئۈگرىنى كېسىپ كۆرسىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كەسكەن چۆپلىرى خۇددى قېلىپتىن چىققاندەك تەپتەكشى ئىدى.

-ئاشنىڭ سۈيى پىشتى،ئەمدى سالسىلا،- دېدى. قازانغا ئاشنى سېلىپ، قاينىغان ھامان تۇۋىقىنى ئېچىپ،چۆمۈچ سېلىۋىدىم، ئارزۇلىغان ئېشىم ئېزىلىپ، ئۇماچتەك بولۇپ كېتىپتۇ. قازانغا قاراپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. قېينئانام نېمىلەرنى دەپ كېتەر، دېگەن قورقۇنچ ۋەھىمىسىدە چۆمۈچ تۇتقان قولۇم دىر دىر تىترەيتتى.

-خاسىيەت  تۇرۇپ كەتتىلىغۇ، ئاشنى چۈشۈرسىلە، ساينىڭ سېلىپىدەك قايناپ كەتتى،- دېدى قېينئانام.

- ئانا، بۇ ... بۇ ئاش ئېزىلىپ كەتتىغۇ،- دېدىم گاچىلىشىپ، قېينئانام كېلىپ قازانغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،- تۇزنى ئاز قۇيۇپلا بالام، بۇندىن كېيىن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىۋالسىلا،- دەپلا قويدى. قېينئانامنىڭ كوتۇلداپ كەتمىگەنلىكىدىن خوش بولۇپ يېنىك تىن ئالدىم.

ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ خىزمەتكە چىقتىم، مەكتەپتىمۇ ھەر يىلى ئلىغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىمەن. لېكىن توي قىلىپ بۇ ئۆيگە كىرگەندىن بېرى قېينئانامنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىدىم. گاڭپەن بىلەن لەغمەندىن باشقا تامىقىم ئۇنىڭغا زادى يارىمايتتى. مۇنەججىم ئايالغا كېلىن بولماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. لايىق تاللىغاندا ئۆزىنىلا ئەمەس ،ئانىسىنىمۇ تاللىسا بولغىدەك. تاڭ ئاتسىلا قېينئانامنىڭ قاش قاپاقلىرىغا قاراپ ھېرىپلا قالىمەن.

-       خاسىيەت، خىيالغا پېتىپلا كېتىپسەنغۇ؟ سائەتكە قاراپ باقە نەچچە بولدىكىن، بالدۇرراق يېتىپ ئەتىگەنرەك ئورنۇڭدىن تۇر، ئەتىگەندە ھويلا ئارامنى سۈپۈرمىسەڭ ئانام يەنە خاپا بولۇپ قالمىسۇن،- دېدى ئىمام ماڭا ئەسكەرتىش بېرىپ. كېچىچە خۇددى ئەتىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش دەككە دۈككىدە ئارامخۇدا ئۇخلىيالمىدىم، ئويغىنىپ سائىتىمگە نەچچە قېتىم قاراپ چىققىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.  ئەمما قېرىشقاندەك تاڭ ئېتىشقا يېقىن كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ سائەت سەككىزگىچە ئۇخلاپ قاپتۇق.  شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان قۇياشنىڭ ئالتۇندەك نۇرى دېرىزىدىكى سۇس يېشىل پەردىدىن ئۆتۈپ ،ئۆي ئىچىنى يورۇتىۋەتكەنىدى.

-       ئىمام، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ،- دېدىم ئۈنلۈك ئاۋازدا . ئىمام كۆزىنى ئېچىپ ، «ئاپلا ،ماۋۇ شەيتاننى كۆرمەمدىغان» دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ھاپىلا شاپىلا يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ، چايمۇ ئىچمەستىن تالاغا يۈگۈردۇق. قېينائانام  تۇيۇپ قالمىسۇن دەپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ،دەرۋازا ئالدىغا چىقسام، قېينئانام دەرۋازا ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرماسمۇ، يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى،ئۇ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ، ماڭا ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:«توۋا، ئۇخلاپ قوپۇپ سويمام قېنى دېگەندەك ئەمدى ئىشقا مېڭىشلىمۇ؟ دىۋىدەك ئۇخلىشىدىكەنلا-ھە» دېدى. قېينئانامنىڭ گېپى زەھەردەك بولسىمۇ توغرا ئىدى. بېشىمنى يەرگە سالغىنىمچە گەپمۇ قىلماي ئۈن تىنسىز مېڭىپ كەتتىم.

ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە. بىر دەمدىلا ئىشتىن چۈشۈدىغان ۋاقت بولۇپ قاپتۇ. كەچتە نېمە تاماق ئېتەرمەن دەپ بېشىم قاتتى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ مەكتەپتىكى دوستلىرىمغا قېينئانام ياخشى كۆرىدىغان ئۈگرە، چۆپ، كېسىپ لەڭمەن، شويلا قاتارلىق تاماقلارنى ئېتەلمەي قېينئانامنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىك تارتىۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلار ماڭا يول كۆرسىتىپ، «قۇرۇق چۆپنى ئېلىپ قويۇپ، قېينئاناڭغا كۆرسەتمەي ئاش ئېتىپ بەر، كېسىپ لەڭمەن دېسە كەسمە چۆپ سېلىپ بەرمەمسەن» دەپ مەسلىھەت بېرىشتى.

-قېينئانام بەك چېچەن،بىلىپ قالامدىكىن،- دېدىم ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتىن ئەنسىرەپ.

-خېمىر يېيىشنى ئۆگەنگۈچە تەۋەككۈلىسىگە شۇنداق قىلىپ باق،پالتا چۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ دېگەندەك، ۋاقتلىق بولسىمۇ كۆڭلۈڭ ئارام تاپىدۇ،-دېيىشتى.

- راست دەيسىلەر ،بىر سىناپ باقايچۇ،-دېدىم-دە، مەكتەپ ئالدىدىكى تاللا ماگىزىنىدىن تەييار چۆپتىن بىر سومكا سېتىۋىلىپ ئۇدۇل ئۆيگە ماڭدىم.ئۆيگە كېلىپ سومكامنى ھوجرا ئۆيۈمگە قويۇپ، قېينئانام بار ئۆيگە كىردىم. قېينئانام يېكەنداز سېيرىۋاتقان ئىكەن. ئەتىگەنكى گۇناھىم ئېسىمگە كېلىپ:

- نېمە تاماق ئېتىمىز،- دېدىم قول باغلاپ تۇرۇپ.

- كۆزنىڭ يېشىدەك ئۈگرە ئەتسىلە،- دېدى. بۇ جاۋابتىن كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ كەتتى. دەرھال ئالدىمغا پەرتۇق تارتىپ، بېشىمغا رومالنى چىڭ چىگىپ، ئاشقا تەييارلىق قىلدىم. بەختىمگە قېينئانام كۈندىكىدەك قازان بېشىغا چىقىۋالماي، كۆرپە تىكىش بىلەن بەنت بولدى. ئاشنىڭ سۈيى پىشقاندا ھوجرامدىن قۇرۇق چۆپنى غىپپىدە ئېلىپ چىقىپ قازانغا سالدىم. ئاش كۆكىنى توغراپ ئۈستىگە چاچتىم. بىر چىرايلىق چاچتەك ئۈگرە بولدى. گۈپۈلدەپ تۇرغان مەززىلىك پۇراق ئىشتىھانى ئاچاتتى. خوشاللىق بىلەن بىر چىنە ئاشنى ئۇسۇپ، قېينئانامنىڭ ئالدىدا قويدۇم. ئۇ قوشۇقتا ئاشنى شۇنداقلا بىر ئېلىشتۇرۇپ، بىردە ماڭا، بىردە ئاشقا قاراپ، ئىككى قوشۇق ئىچكەندىن كېيىن ، مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەردى.

- بالام، بىر ئوبدان تاكتىكا ئۆگىنىۋاپلا ھەنىم بولسا، كېيىنچە لاي سۇنى سۈزۈك سۇ دەپمۇ ئىچكۈزېۋىتىدىغان ئوخشايلا ماڭا، بازاردىن ئەكىرگەن كەسمە چۆپ بىلەن ئۆيدە يايغان چۆپنى پەرق ئەتكۈچىلىكىم بار جۇمۇ تېخى مېنىڭ !...- دەپ قايناپلا كەتتى قېينئانام. پۈتۈن بەدىنىم قىزىپ چىپىلداپ تەرلەپ كەتتىم. ئاسمان يىراق ،يەر قاتتىق كەلدى.

- ئانا، سىلىگە يارىغۇدەك خېمىر يۇغۇرۇپ، يايالمىغاندىن كېيىن ئامالسىز شۇنداق قىلغانتىم،- دېيەلىدىم ئارانلا.

- بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيىب، كۆز بوياپ، ساختىپەزلىك قىلىش ئەيىب،- دېدى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن. گەپمۇ قىلماستىن كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا ھۇجرا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.

- خاسىيەت، بازاردىن ئۈستەل سائىتى ئېلىپ كەلدىم، سائەت نەچچىدە تۇرىسەن، توغرىلاپ قوياي؟- دېدى ئىمام.

- سائەت ئالتىگە توغرىلاڭ،- دېدىم.

- بولمايدۇ ،سائەت ئالتىدە كۈن قىزىرىدۇ، ئانام خاپا بولىدۇ. سائەت بەشكە توغرىلاپ قوياي،- دېدى ئىمام. مەنمۇ سائەت بەشتە تۇرۇشنى ماقۇل كۆردۈم.

سائەتنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن ئىمام ئىككىلىمىز ئويغاندۇق. ھويلىغا ئىتتىك چىقىپ، سۈپۈرگىنى قولۇمغا ئېلىشىمغا قېينئانام يەردىن ئۈنگەندەك ئالدىمدا پەيدا بولدى:

-       بىسمىللاھ دەپ تەرەت ئېلىپ يۈزلىرىنى يۇيلىمۇ؟- دېدى خۇش كەيپىياتتا.

-       ياق ،تازىلىق قىلىپ بولۇپ يۇيىمەن،- دېدىم.

-       ناھايىتى بەش مېنۇت كېتىدۇ. تەرەت ئالسىلا، بىتەرەت يەرگە دەسسىسىلە يەر چىقىرايدۇ،- دېدى-دە، سولغا بۇرۇلۇپلا مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى.

ئىدارىدىكى 10 ۋاق يوقلىما، قېيىنئانامنىڭ ۋىتۋىتلىقى جېنىمغا تەگمەكتە ئىدى. ئەتىسى سائەتنىڭ داڭ ئۇرۇشى بىلەن سەھەردە تەرتىپ بىلەن ھويلا ئارامنى جىمىقتۇردۇم. ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ چاي راسلاپ، قېينئانامنىڭ يېنىغا كىردىم. قېينئانام كۆرپىدە تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئالدىغا داستىخاننى سالدىم.

-       چاي ئىچسىلە،- دېدىم ،پىيالىغا چاي قۇيۇپ ئىككى قوللاپ سۇنغاچ.

-       بالام، كېچىچە ئىككىمىز بىرگە ياتمىغاندىكىن، قېشىمغا سۇ كالىسىدەك ئۈسۈپلا كىرمەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرسىلە،- دېدى قاق سەھەردە نېرۋامغا تېگىپ. ماقۇل دېگەن مەنادا باش لىڭشىتىپ چىقىپ كېتىۋاتسام:

-       توختىسىلا،- دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا. جايىمدا چىپپىدە توختىدىم.

-       چاي ئىچتىڭلىمۇ؟- دېدى.

-       مەن ئىدارىغا بېرىپ ئىچىمەن، ئىمام تېخى ئىچمىدى،-دېدىم. قېينئانام دەرھال تام سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن :«يەنە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقت بار ئىكەنغۇ، ئىمامنى چاقىرسىلا، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ چاي ئىچەيلى، ئاش ئىچەيلى، داستىخاننىڭ بەرىكىتى بولىدۇ. دەرقەمتە ئولتۇرۇپ غىزالانغاننىڭ لەززىتى قەنت لەززىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇندىن كېيىن بىر داستىخاندا تاماق يېيىش، چاي ئىچىش، ئائىلىمىزنىڭ تۈزۈمى بولۇپ قالسۇن » دېدى قازانغا چۆپ تاشلىغاندەك ئۈزۈپ – ئۈزۈپ، ئۇرغۇلۇق سۆزلەپ. قېينئانامنىڭ دېگىنىدەك بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپ بولۇپ، ئىشقا ماڭدىم. مەكتەپتە سەككىز سائەت تاقا مىختەك ئولتۇرۇپ ئىشتىن چۈشتۈم. ئۆيگە بارسام قېينئانام يەنە نېمە دەركىن دېگەن تەشۋىش بىلەن دەرۋازا ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. قېينئانام پېشايۋاندا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتقانىكەن. مېنى كۆرۈپ كۆزەينىكىنى قولىغا ئېلىپ، ئۈستى بېشىمغا شۇنداق قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزلەپلا كەتتى :

-       توۋا خاسىيەت، مۇشۇ ئەپتىلىرى بىلەن كوچىدا نومۇس قىلماي قانداق ماڭدىلا؟ چاچلىرى قۇشنىڭ چاڭگىسىدەك چۇۋۇق، كۆڭلەكلىرىنىڭ يېڭى قولتۇقلىرىنىمۇ ياپالماپتۇ. دالاندىكى تام ئەينىكىگە قاراپ باقسىلا، مۇشۇ تۇرقىلىرى بىلەن قانداق بالا ئوقۇتىلا؟- دېدى چالۋاقاپ. قېينئانامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ نەچچە ۋاقتىن بېرى يىغىلغان قورساق كۆپۈكلىرىم بىراقلا پارتلىدى. ئۇنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن، شەپقەتسىزلىكىدىن جاق تويغان ، سەۋر قاچام توشقانىدى. قېينئانامغا جاۋابمۇ بەرمەستىن، ھوجرامغا كىرىپ، كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئېتىپلا يىغلاپ كەتتىم. شۇ ئارىلىقتا ئىمام ئىشتىن كەلدى:

-       نېمە بولدۇڭ؟ يەنە ئالا كۈچۈكلىرىڭ كېلىپ قاپتۇغۇ؟-دېدى ماڭا پىسەنتمۇ قىلماي.

-       بۆلەك ئۆي تۇتىمىز، بولمىسا ئۈزۈلىشىپ كېتىمەن. مەن ئانىڭىزغا زادى يارىمىدىم. ئاش ئەتسەم تېخى ياراتمىغان، كىې يۇسام تېخى؟ توختىماي قۇسۇر چىقىرىپلا يۈرگەن... ئەمدى قوپۇپ كىيىنىشىمدىنمۇ قۇسۇر ئىزدىگەن، ئاش ئېتەلمەيدىغان، چېچىنى بۈدۈر قىلدۇرىدىغان يالغۇز مەنلىما؟- دېدىم مەن ئاچچىقلاپ.

-        ئاستىراق گەپ قىل،ئانام ئاڭلاپ قالىدۇ، يەنە نېمە بولدى؟- دېدى ئىمام كارىۋاتنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ. ئىمامغا قېينئانامنىڭ تىللىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردىم.

-       ئانام توغرا دەپتىغۇ، دەپ باقە، ئانامنىڭ گېپىنىڭ نەرى خاتا؟-دېدى ئىمام گېپىمگە پەرۋا قىلماي.

-       يەنىلا ئانىڭىزنىڭ گېپىنى توغرىغا چىقىرىۋاتىسىز –ھە! «ياغ بىلەن گۆش بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن» دېگەندەك، مەن كېلىن بولغاندىكىن كۆيگىنىم كۆيگەن ئىكەن،-دېدىم مەن ئىمامغا دومسىيىپ.

-       توي قىلغىنىمىزغا يېرىم يىل بولماي تۇرۇپ، بۆلەك بولساق قانداق بولىدۇ؟ ئاناممۇ ئۇنىمايدۇ. ئۇزاقى كۈنى قوشنىمىز «ئىمامنى بۆلەك قىلىش نىيەتلىرى بارمۇ» دەپ سورىۋىدى، ئانام« بۆلەك قىلىشقا تېخى بالدۇر، بۇرۇن بۆلەك قىلىۋەتسە مېھرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى،-دېدى ئىمام. ئىمامنىڭ گېپىدىن ئاسانلىقچە بۆلەك بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتتى. مەن ئاخىرى بىر ئامال قىلىپ، بەلگە سۆڭەك ئۆسۈپ قاپتۇ، ئۇزاق يول ماڭسا بولمايدۇ، دېگەن يالغان دىياگنوزنى قولغا چۈشۈرۈپ، قېينئانمنىڭ تۇغقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ، يۇرت ئىچىدىمۇ ھۆرمىتى چوڭ ئاكىسى قادىر ھاجى ئاكامنىڭ ئايالىغا كۆرسىتىپ :«مەكتەپكە يېقىنراق يەردىن ئۆي ئېلىپ ئولتۇرساق، سىلە قېينئانامغا دېيىشىپ بەرسىلە » دەپ يالۋۇردۇم.  ھاجىم ئاچامنىڭ قېينئانامغا دوختۇرنىڭ قەغىزىنى كۆرسىتىپ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن قېينائاناممۇ يۇمشاپ، ئاخىرى نۇرغۇنلىغان ئەدەپ قائىدىنى ئۆگىنىشىمىزنى شەرت قىلىپ، ئىمامنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىغا كۆچۈشىمىزگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن كاۋابمۇ كۆيمىگەن ،زىخمۇ كۆيمىگەن بولۇپ، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم بەگ، ئۆزۈم خان بولۇپ، خالىغاندا ئۇخلاپ، خالىغاندا قوپۇپ، خالىساق ئۆيدە تاماق يەپ، خالىساق تالادىن يەپ خېلى ئارام تېپىپ قالدىم. ئىمامنىڭ خۇددى قېينئانامنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ قالغاندەك بىرە بىرە كوتۇلداپ قىلغان ئىشىمدىن، بولۇپمۇ ئەتكەن تامىقىمدىن قۇسۇر چىقىرىشلىرىنى دېمىگەندە ، ھازىر كۈنلىرىم ئالامەت راھەت ئۆتمەكتە ئىدى.

قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىمام ئەتىگەندە تۇرۇۋېلىپ، ھېلى رادېئو قويسا، ھېلى تېلىۋىزور قويۇپ،ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتى، ئۇخلاي دەپمۇ ئۇخلىيالمىدىم. سائەتكە قارىسام توققۇز بولغان ئىكەن، يۈزۈمنى يۇيۇپلا بالىكونغا چىقىپ گاز ئوچاققا چۆگۈننى قويۇپ بولۇپ، دېرىزىنى ئېچىپ سىرتقا قارىدىم. ھاۋا تۇتۇق ھەم تىنجىق ئىدى،پەسكە قارېۋىدىم، جىگەر رەڭلىك قول سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بىنا ئىشىكىگە كىرىپ كېلىۋاتقان قېينئانامغا كۆزۈم چۈشتى. ئوچاقنىڭ ئەتراپىدىكى يۇيۇقسىز قاچا قۇچىلارنى ئالدىراپ قاچا يۇيۇش كۆلچىكىگە تىقىۋىتىپ :«ئىمام، ئانىڭىز كەپتۇ، ئىشىكنى ئېچىڭ » دەپ توۋلىدىم.

-       غەم قىلما، ئىشىك ئوچۇق، بايا كىم كەلدى دېدىڭ؟-دېدى ئىمام ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىپ.

ئىمامنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم.

-       قاراپ تۇرسام «ئانىڭىز كەلدى» دەيسىنا؟ مېنىڭ ئانام سېنىڭمۇ ئاناڭ ئەمەسما؟- دېدى ئىمام غەزەپ بىلەن.

-       ۋاي-ۋۇي ئىمام، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ، زەي يەردىن چاڭ چىقىرىپلا تۇرىدىكەنسىز جۇمۇ،- دەپ بالكوندىن چىقسام، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرماسمۇ. «ئاپلا.... قېينئانام گېپىمنى ئاڭلاپ قاپتۇ- دە» دەپ تەشۋىشلىنىپ دۇدۇقلىغان ھالدا:

-       ئانا كەللىمۇ؟ قانداق ئەھۋاللىرى؟-دېدىم چىرايىمغا زورمۇزو كۈلكە يۈگۈرتىپ.

-       گېپىڭلارنى تولۇق ئاڭلىدىم،خاسىيەت بالام، بايىقى گەپلىرى ئۈچۈن نېمىلا دېسەم ئازلىق قىلاتتى، خەير... كىشىنىڭ بالىسى ئىكەنلا، ئەقىللىرى بولسا بۇ گېپىمنى كېيىن چۈشىنىپ قالارلا،- دېدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئوڭايسىزلىقلىرىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلىيەلمەيمەن. قېينئانام ئۈستەلگە كېلىپ، بىرەر پىيالە چاينى ئىچە ئىچمەيلا خۇددى يۇقۇرىدىن تازىلىق تەكشۈرۈشكە كەلگەن تەكشۈرگىچىدەك ھەممە ئۆينىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. ئاشخانا ئۆيدىكى شىرەدە تۇرغان شاپاق، شۆپۈك،يۇيۇلمىغان پىيالىلەرنى كۆرۈپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى، بۇلۇڭدىكى گېزىت يېپىلغان ئەخلەت چىلىكىنىڭ ئۈستىدىكى گېزىتنى ئېلىۋىتىپ بىر قاراپلا چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى. ئۇ چېلەكنى بىرلا كۆتۈرۈپ يەرگە تۆكتى. ئەخلەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئاشقان خېمىر، ئاش، پارچە پۇرات نانلارنى كۆرۈپ :«ئېست...ئېست!» دېدى ھەسرەتلىنىپ. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ:

-       بالام، ئەسلى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمىسام بولاتتى، لېكىن ماۋۇ قىلىقلىرىغا قاراپ يەنە سۆزلىمەي تۇرالمىدىم. سىلىنى قارىسىغا ئەيىبلىمىدىم. سىلىگە تۇرمۇشتىكى قائىدە يوسۇنلارنى ئۆگىتىۋاتىمەن، سىلە ئوقۇتقۇچى، ئەۋلاد تەربىيلەيلا. قارىسىلا، ئەخلەتكە پارچە پۇرات نانلارنى قوشۇپ تاشلاپلا، بۇنداق قىلسىلا يامان بولمامدۇ؟ بىر كۈنلەردە ئاشۇ ئاش ناننىڭ قىساسى تۇتمامدۇ؟ سىلە ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ،بالىلىرىغا قانداق ئۆگىتىلا؟

نېمىشقىدۇر سۆزلىگەنسىرى ئۇنىڭ تەلەتىدىكى سۆرۈنلۈك سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك ئازىيىپ، ئاۋازى مۇلايىملاشتى. كۆزلىرى ياشقا تولدى، ئۇنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرى كۆڭلۈمنى ئېرىتىۋەتتى. ۋۇجۇدۇمدا بايىقى تەشۋىشتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. قىلىدىغان گەپ تاپالماي يىغلاپ كەتتىم.

-       ئانا كەچۈرسىلە، مەن خاتا قىپتىمەن،- دېيەلىدىم ئارانلا.

-       قېينئانام زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك «ئۇھ» دەپ قويدى.

***                                          ***                                            ***

ئېلزات گەپلىرىمنى خۇددى بىر تەسىرلىك ھېكايە ئاڭلاۋاتقاندەك ئالقىنىدا ئېڭىكىنى تېرەپ، ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. سۆزۈم تۈگەپمۇ خېلى بىر چاغقىچە ئاشۇ ھالەتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ:

-       ئانا ،رەنانى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلەي،- دېدى –دە ،ئىتتىك مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

دېرىزىدىن تالاغا قارىدىم، تالا سوغۇق بولسىمۇ ،قۇياش پارلاپ تۇراتتى.


(گۈلنىسا ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ھېكايىسىدىن ئېلىندى. )



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1092
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:17:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىمىزدىكى نادانلىق، جاھىللىق قاپقىقىنىڭ قۇلۇپى بۇزۇپ تاشلانمىغىچە ئىنسانىي پەزىلەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.دىلىمىز ئەدەپ ۋە ئىماننىڭ نۇرى بىلەن يورىمىغىچە تۇرمۇش خاپىلىق ۋە جىدەل-ماجرادىن خالىي بولمايدۇ.تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇ زىدىديەت خاپىلىقلار تۈگىمىگىچە ساغلام ئەۋلاتلار دۇنياغا كەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1092
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست، باشتىكى ماقا-تەمسىلنىڭ ئورنىغا باشقىنى ئىشلەتسىڭىز قانداق؟ مەسىلەن: بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلۇپتۇ دېگەندەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:19:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلىن   بولماق    تەس.  دەپ   ئويلايتىم   ..  بۇ     ھىكايىنى   ئوقۇپ        قېيىنئانا    بولماقنىڭمۇ    نەقەدەر    تەسلىكىنى     ھىس      قىلدىم   .........  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4681
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:34:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ،ياخشى ھىكايىدىن بىرنى ئالغاچ كەپسىز بەك ياقتۇردۇم بۇ ھىكايىنى ، ھەقىقەتەن چىن يېزىلغان ھىكايىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:41:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا بۇ دۇنيا ئۆتنە دۇنيا،ھازىر بىز قىلىۋالدۇق دېگەن بىلەن ھامان بىر كۈنى بىزگە ياندۇرۇپ بېرىدىغانلار چىقىدۇ،ھەربىر قەدەمنى ئويلۇنۇپ ئالايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:07:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا بۇ ئىنكاسنى يېزىشىم،ئاۋۇ ماقال- تەمسىل ھەقىقەتەن كىتابتا بار ئەمما ئەملىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ‹‹ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلۇپتۇ›› دىسىڭىز مېنىڭچە تېخىمۇ ياخشى بوپتۇ،ھىكايىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇپ يەنە باھا يېزىپ قويىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104191
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-2-27
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:50:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ،ئۇلۇغ ئانىلار،شۇلارنىڭ تەربىيەسى بولغاچقىلامىللىتىمىزخانىم-قىزلىرى شەرمى ھايالىق،پاك ئىمانلىق،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىپ ئالدىرماي ئوقۇي

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99293
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ئىنشااللە.


باشقىلار سىزگە قانداق مۇئامىلدە بولسۇن،ئەخلاق بىلەن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇڭ،چۈنكى سىز بارچە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسنىڭ ئۈممىتىدۇرسىز..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش