مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 18

گۈلگۈن قەترىلەر-يېڭى شېئىرلار توپلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30635
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 09:16:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى كىتاپ ئۇچۇرى <<گۈلگۈن قەترىلەر>>

يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى بىرلىكتە ئەلنى سۆيگەن ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىزدىن بىرى بولغان ئەمەتجان يۈسۈپنىڭ ‹‹گۈلگۈن قەترىلەر›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

gulgun.jpg

amatjan.jpg

بۇ توپلامغا شائىرنىڭ 1988-يىلدىن 2013-يىلغا قەدەر بولغان25 يىل مابەينىدە يېزىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان 82 پارچە ئىسىلشېئىرلىرى توپلام قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن  بەدىئى،ئىستىتىك زوق ئېلىشنى بىلىدىغان كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يېڭى،نادىر تاللىشى بولۇپ قالغۇسى.

شائىر ئەمەتجان يۇسۇپ 1969-يىلى 2-ئايدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭيەكشەنبە بازار يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە،1990-يىل9-ئايدىن 1992يىل 7-ئايغىچە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.ھازىر يەكشەنبە بازار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

شائىر 1988-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن تارتىپلا شېئىر ئىجادىىيىتىنى باشلىغان بولۇپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا 200پارچىغا يېقىن ئىسىل شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ياقتۇرۇشىغا ۋە ‹‹شائىر››دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.‹‹سۆز قەدىرىنى دەنا بىلەر،يىگىت قەدرىنى رەنا››دېگەندەك ياخشى شېئىرلارنىڭ قەدرىنىمۇ شېئىرخۇمار ئوقۇرمەنلىرىمىز تازا ياخشى بىلىدۇ.

ياخشى تائام قەدرىنى

بىلەي دېسەڭ تېتىپ باق.

ياخشى دوستنىڭ قەدرىچۈن

دوستلۇق رىشتىن چېتىپ باق.

دېگەن شېئىردىكىدەك ۋە ‹‹مىڭ داڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا››دېگەن ماقالدىكىدەك ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردىن تۆت پارچىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

باشلىق بول

مۇخەممەس

ئاۋام كۆڭلى نازۇكتۇر ئۇتالىساڭ باشلىق بول،

ئەل غېمىدە دەرد ئەلەم يۇتالىساڭ باشلىق بول.

‹‹خەلقىم››دېسەڭ لەۋزىڭدە تۇرالىساڭ باشلىق بول.

ئادىللىقنى ئەڭ ئۈستۈن قويالىساڭ باشلىق بول،

ھەقىقەتنىڭ يولىنى تۇتالىساڭ باشلىق بول.



ئادەم بولساڭ ئادەمدەك،نان كۇچۇكى بولمىساڭ،

خوشامەتكە چېلىنغان تاڭ گۈدۈكى بولمىساڭ،

ماختانچاقلار ئالدىدا سەن ئۈنلۈكى بولمىساڭ،

پاسىقلارغا يامغۇردا سەن كۈنلۈكى بولمىساڭ،

رەزىللىككە بىر كاچات ئۇرالىساڭ باشلىق بول.



كۆز سالمىغىن، سەتەڭلەر باقسا كۈلۈپ ئويناقلاپ،

چىراي ئاچما، تەخسىكەش كىرسە ئۆيگە دوڭغاقلاپ،

كۆز قىزارتىپ پارىغا،يۈرمە زىنھار تىل چايناپ،

شۇندا يولۇڭ ئاق بولۇر،دىلىڭ نۇردەك چاراقلاپ،

بۇ ئەڭگۈشتەر ساۋاتنى ئۇقالىساڭ باشلىق بول.



يۇرت ئارىلاپ كۆرۈپ كەل،ئۆستەڭ ئاتلاپ قىر ئاتلاپ،

(كور ئەمەسسەن) يۈرمىسۇن،ساپساپچىلار يول باشلاپ،

ئۆزۈڭ كۆرگىن باينىمۇ ئۆزۈڭ ماختا ھەم داڭلاپ،

بالدۇر كۆرۈش قول تەڭلەپ،يوقسىزدىنمۇ سۆز ئاڭلاپ،

چاڭقىغانغا زەمزەم سۇ قۇيالىساڭ باشلىق بول.



تۆگە قىلىپ تۈگمىنى يۇقۇرىغا يوللىغان،

تەشكىل بىلەن پۇقرانى يالغان ساندا گوللىغان،

قىلمىغاننى قىلدۇق دەپ،كۆزنى يۇمۇپ توۋلىغان،

شەكىلۋازغا يول بېرىپ،دائىم ئۇنى قوللىغان،

شەيتانلارنى ‹‹ئويۇن››دىن توسالىساڭ باشلىق بول.



دوكلاتتا كۆپ يالغىنى،بېسىقلىق ھەم تامغىسى،

دەيدۇ ئۇندا:‹‹پۇقرانىڭ پۇلغا تولدى بانكىسى-

تۇغۇۋەتتى بۇقىسىى،قوچقىرى ھەم ھاڭگىسى،

شۇنداق كاتتا بۇ يۇرتتا قۇشلارنىڭمۇ چاڭگىسى››

دەيدىغاننىڭ تىلىنى يۇلالىساڭ باشلىق بول.



قېرىندىشىم دەپ بىلسەڭ،شۇ جاپاكەش دېھقاننى،

بىرگە ئوننى ياندۇرار،ئۇ بىلىدۇ قىلغاننى،

چەكلەپ تۇرساڭ ھەر ۋاقىت،ئارتۇق سېلىق سالغاننى،

تاپقىنىنى ئۇدۇللۇق ئوت نەپسىگە تىققاننى،

ئاچ كۆزلەرنىڭ كۆزىنى ئويالىساڭ باشلىق بول.



تەر تۆكسە ئۇ مېھنەتتە،سەن ياتمىغىن سايىداپ،

تۇرۇۋالما بېشىدا، ھەم ئورۇنسىز ۋارقىراپ،

سىلىق بولۇپ ھەر ئىشتا،قەدەم ئالغىن ئاۋايلاپ،

ئۇ يۈرمىسۇن گىدەيسەڭ،سەندىن يىراق ياتسىراپ،

ئۆز ئۆيۈڭدەك ئۆيىدە قونالىساڭ باشلىق بول.



تۇتالىساڭ قوش قوللاپ،كەتمەن چاپقان قوللارنى،

بىرگە ئالساڭ ئېتىزدا،ئانچە مۇنچە سوللارنى،

راۋان قىلىپ ئىگىز -پەس توپا ئۇچقان يوللارنى،

ئاۋام ئۈچۈن مەيلىغۇ،‹‹ئىسراپ›› قىلساڭ دوللارنى،

شۇنداق پەيتتە ‹‹بەتخەج››رەك بولالىساڭ باشلىق بول.



يوقسىزلارنى يۆلەپ قوي،پەرزەنتلىرى ئوقۇسۇن،

نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ،ئاق قارىنى تونۇسۇن،

خۇراپاتتىن يان دېسە،ئۇمۇ ئاڭلىق ئۇنىسۇن،

ھېكمەتتە دىل يورىسۇن،ئەجرىدە يۇرت گۈللىسۇن،

ئەۋلادقا گۈل ھىممەتتىن سۇنالىساڭ باشلىق بول.



ئۈمىدىسەن ئاۋامنىڭ،تەڭ كۆكلىگىن ئەل بىلەن،

پاك ياشىغىن،پاكلىقنى بۇلغۇماستىن چەل بىلەن،

سەۋەنلىكنى يوشۇرۇپ،پەردازلىما ھەل بىلەن،

كۆمۈلگەندە تۆھمەتكە،پىتنە- ئېغۋا يەل بىلەن،

پەرۋا قىلماي ئاستىدىن قوپالىساڭ باشلىق بول.



2004-يىل 2-ئاي.




رېستۇران

ئەقلىمىزنى لال قىلىپ،دىلنى تارتقان رېستۇران.

يەلكىمىزنى سال قىلىپ،قەرز ئارتقان رېستۇران،

لېۋىمىزنى بال قىلىپ كۆپ ھېجايتقان رېستۇران،

قەددىمىزنى تال قىلىپ كۆمۈپ ئاچقان رېستۇران،

ئەمدى بىزنى چال قىلىپ كامال تاپقان رېستۇران.



مەي ئىچكۈمىز كەلمەيدۇ ئادەتتىكى قاۋاقتىن،

مۇزىكىسىز لەززەتنى ئالالمىدۇق ھاراقتىن،

يۈز ئۆرىدۇق يامىنى ئۆيدە ئەتكەن تاماقتىن،

چولىمىز يوق باشقىنى ئويلاشقا بۇ قۇرساقتىن،

بىزنى شۇنداق ھەر كۈنى ئالدىراتقان رېستۇران.



ئۇنىمايدۇ كۆڭلىمىز كۈندە بىر رەت كەلمىسەك،

ئاچچىق ئۈچەي كۆيگۈدەك قورۇما مۇچ يەممىسەك،

تاقىلدايدۇ نەپسىمىز،بوتۇلكىنى ئەممىسەك،

كەيىپ ئىچرە غەيۋەتنىڭ قىرغىقىغايەتمىسەك،

خۇمار قىلىپ جەزبىدىن كۆز چاقايتقان رېستۇران.



رېستۇرانغا باشلىماي باشلىققا سۆز ئاچماق تەس،

پۇلنى تېپىپ جايىدا ئۇنى بۇزۇپ چاچماق تەس.

ئۇلار شۇنداق كۆنگەندۇر بىز كۆندۈرگەن قاچماق تەس،

يول باشلىنار شۇنىڭدىن كېلىشتۈرۈپ ماڭماق تەس،

‹‹خىسلەت››كۆپتۇر سېنىڭدە سېھرى قاپقان رېستۇران.



پارىخورلۇق يەپ ئىچىش، ئىسراپچىلىق جىنايەت،

تەكىتلەيدۇ يۇقۇرىدىن قىلماسلىققا خىيانەت،

ئىدارىمىز تۈزىدۇ يەنىمۇ چىڭ سىياسەت،

گەر نۆۋىتى كەلگۈچە بىزدە شۇنداق قىياپەت،

شەيتاننىمۇ ئازدۇرۇپ كۆڭۈل ئۇتقان رېستۇران.



باھالاشتا ‹‹بىرىنچى›› بولالمايمىز كۈتمىسەك،

‹‹غاز بويۇن››غا ئايلىنىپ مەي كۆلىدە ئۈزمىسەك،

ھاردۇقىمىز چىقىدۇ پۇلنى شۇنداق خەجلىسەك،

ئامال تېپىپ چىقىمنى ھۆكۈمەتكە يۈكلىسەك،

كۆكسىمىزگە شەرەپتىن ئوردېن ئاسقان رېستۇران.


‹‹تۇغۇلغان كۈن››،خەتنە توي،‹‹قاتار چاي››دىن قالمايمىز،

رېستۇرانسىز توي -تۆكۈن ئۈچۈن ئابرۇي ساتمايمىز،

ئاتا-بوۋام يېمىگەن يېگۈلۈكنى يالمايمىز،

بىزچە ئادەم قايدا دەپ كوچا كويدا قاترايمىز،

ھەر دوقمۇشتا كۆز قىسىپ قۇچاق ئاچقان رېستۇران.



ئۆزگەرمەيدۇ رەڭگىمىز،پالان پۇلنى تۆلىسەك،

مەردلىك بولماس نامايان بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمىسەك،

‹‹بەس تالاشقان رەقىپ››نىڭ قۇرسىقىنى ئەسمىسەك،

چاندۇرمايمىز قەرزنى،قايتۇرىمىز ئۆلمىسەك،

بىزگە شۇنداق رىقابەت تونى ياپقان رېستۇران.



ئويلاپ باقسام دوستلىرىم بىز ئىكەنمىز ھاماقەت،

ئۇدۇم ئەمەس مەيخورلۇق باسار بىر كۈن پالاكەت،

ئەسلى راھەت بۇ ئەمەس،ئەمەس يەنە رىقابەت،

ئاغرىنمايلى ئۆزگىدىن،قولدىن كەلمەي كارامەت،

نادانلىقنىڭ دەستىدىن ھالسىراتقان رېستۇران.



ئەسلى بىزمۇ زىمىنغا باشقىلاردەك ياراشقان،

بارمۇ بىرسى يولىدىن يەنە بىزدەك ئاداشقان،

دورامچىلىق،غەيۋەتتىن ئورىمىزنى كولاشقان،

شۇ سەۋەپلىك دەرت ئېسە،بوغۇزغىچە تاقاشقان،

بولغاچقا يات پەيلىمىز،ئانىي تاپقان رېستۇران.



رستۇرانغا چاپقۇدەك يوق ئەسلىدە ئالدىراش،

ئەھۋالىمىز قانچىلىك؟ ئويلاپ كۆرسەك ئەي ئاداش،

كۈلسەك زەئىپ،كۈلكىمىز ياراشمايدۇ ھەم دادلاش،

‹.ئەسكى تامدا قۇشقاچ كۆپ،يېلىڭ تۆشكە مىڭ پۇتلاش››

‹‹يوتقان قىسقا،پۇت ئۇزۇن››غا پالتا چاپقان رېستۇران.




تاقەتسىز تۇيغۇلار-ئۆچمەس سۈرەتلەر





جۈپ ئەكسىمىز چۈشكەن بۇلاقتىن،

ئۆزۈمنى تاق كۆرۈپ يىغلىدىم.

ساھىللاردا قالغان ئىزىڭنى،

كۆزلىرىمگە سۈرۈپ يىغلىدىم.



بىز قوغلاشقان چىغىر يوللارنى،

قاپلاپتۇ ئاھ، ئېغىر سۈكۈنات،

باغلاردىكى قۇشلار ناۋاسىز،

ئەجەپ مىسكىن تۇيۇلار ھايات.



بىز يۆلەنگەن قاپاق تېرەككە،

خىيال ئىچرە قالدىم تىكىلىپ،

پىچىرلاشلار يوق ئەمدى بۇندا،

ياپراقلارمۇ تۇرار زېرىكىپ.



چىمەنلىكلەر قاپتۇ چۆلدەرەپ،

كۆرۈنمەيدۇ بۇندا ئاھۇلار،

ئىككىمىزنى تاماشا قىلغان،

قېنى مامۇق پەرلىك ئاققۇلار؟!



بارمۇ دىلبەر ئېسىڭدە بۇلاق،

گۈلزار باغلار،شۇ چىغىر يوللار،

بىزگە بەخت، ۋىسال تىلىگەن،

كۈيچى بۇلبۇل نەغمىچى قۇشلار.



مەن يۈرىمەن دىلىم پەرىشان،

ياپراقلاردىن ھېدىڭنى ھىدلاپ.

سېغىنىمەن تىنىقلىرىڭنى،

خىيال بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ.



كەل دىلبىرىم مۇڭدىشايلى بىز،

قەلبىمدە سەن،بىر ئۆزۈڭ تەنھا،

چىدىمىدىم تەشۋىشلەر يامان،

سەنسىز بولدۇم مەن تىرىك ئەرۋاھ.



مەن تۇرىمەن بۇلاق تۈۋىدە،

كەچمىشلەرگە قىلىپ مۇراجەت.

سۆيەۈمىزگە مەجنۇنتال گۇۋاھ،

قىلما دىلبەر ئەمدى بىتاقەت.



مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر



مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،

ئۇ نازلىنىپ مەن ‹‹قېلىن››لىق قىلغان چاغ.

ئەجەپ ئىكەن ياشلىقتىكى كۆيۈشلەر،

بىلىنگەنتى شورتاڭلىقمۇ گۈلزار باغ.



مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،

ناخشىمىزدا پاك سۆيگۈدىن ئاھاڭ بار.

ناخشا ئېدى ياشلىقتىكى كۆيۈشلەر،

كۈلكىمىزدىن ئويغىناتتى نەۋ باھار.



مەڭگۈ ئەستىن چىقماسئەشۇ سۆيۈشلەر،

مەست بولۇشقان بەخت ئىچرە سەزگۈمىز.

كەلگۈسىدىن تاتلىق خىيال سۈرۈشلەر،

ئىدى ھەيھات،ياشلىقتىكى بەلگىمىز.



مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،

ھەر ئەسلىسەك دىلدا پىراق ئۇلغۇيۇپ.

ئالماشتى ئاھ،بەىت بىلەن ئۆكسۈشلەر،

كېتەلمىدۇق ئۇنى زىنھار ئۇنتۇلۇپ.



مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،

قوشۇلمىغان بولسىمۇ گەر رىزقىمىز.

پاك كۆڭۈلگە ياتتۇر ئۈمىد ئۈزۈشلەر،

چۈنكى سادىق ھامان سۆيەۈ بىز ئۈچۈن.


1991-يىل 4-ئاينىڭ-19 كۈنى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 09:22 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 09:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن، مىللىي تىل-يېزىقتىكى كىتابتىن يەنە بىرسى كۆپىيىپتۇ!
چوقۇم سېتىۋالىمەن؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 09:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماختاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 10:09:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏شېئىر يېزىشقا شېئىر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن سىرت قانداق ئىقتىدار كىتىدىغاندۇ ھە؟ مېنىڭ ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس باشقا ئونۋېرسال بىلىم ساپايىم خېلى بوپ قويسىمۇ ھەم شېئىر توغرىسىدىكى مەلۇماتقا ئىگە بولساممۇ پەقەت شېئىر يازالمايمەن،نىمە سەۋەپتۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 10:44:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ  نازلىنىپ مەن قىلىنلىق قىلغان چاغ       دەششەت كەلتۇرۇپتۇ     چوقۇم ئالىمەن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13059
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1115 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
masrura يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 10:09 PM
‏شېئىر يېزىشقا شېئىر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئى ...

مۇمكىن بولسا كۆپرەك يادلاپ بېرىڭ. ئادەتتە بىر شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى باشلىيالمايسىز، باشلىۋالسىڭىز بەزىدە توختىيالمايسىز. شېئىر مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرىي كىتابلارنى ھەم شېئىرلارنى ئوقۇغاندا تاللاپ ئوقۇڭ، ھەم مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان شېئىرىڭىزنى ئانچە-مۇنچە يادلاپ تۇرۇڭ، بۇ ئارقىلىق يېڭى دىتاللارغا ئېرىشىسىز، ھەم شۇ لىرىكىلار سىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزدا ئارىف (ئويغۇنۇش) ھاسىل قىلىپ شېئىرنى قەلبىڭىزگە بۇرما مىختەك كىرگۈزۈشكە باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا يېرىم كېچە بولسىمۇ قەلەمنى قولىڭىزغا ئېلىپ شېئىر يىزىشنى باشلىۋېتىسىز. مانا مۇشۇ ھالەتتە سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئەڭ نادىر ئەسەرلەر بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىزگە ئىشىنىمەن، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ، ئوقۇپ تۇرۇڭ، يادلاش مۇمكىن بولسىلا... نەزىرىيەلەرنىمۇ داۋاملىق پۇختىلاڭ. سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. نادىر شېئىرلىرىڭىزغا تەشنامىز!@

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13059
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1115 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەتجان ئاكامنىڭ شېئىرلىرىنى بۇرۇندىن سۆيۈپ ئوقۇيتتىم، مۇنبەرلەردە ئۇچرىتىپ تۇراتتىم. ئاكىمىزغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە قابىلجانغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16449
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7080
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىغا قارايدىغۇ ئىككىسى بىرگەپدۇ ؟شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى تارمىقىدا شىنجاڭ خەلق  نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى،پەن تېخنىكا نەشرىياتى ،قىزىلسۇ قىرغىز نەشرىياتى ..... تارمىقىدا 7 نەشرىيات بىر باسما زاۋۇت بار خاتالاشمىغان بولسام  

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:17:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا كۆپرەك يادلاپ بېرىڭ. ئادەتتە بىر شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى باشلىيالمايسىز، .رەھمەت،چۇقۇم تېرىشىمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   masrura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 12:19 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش