مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2801|ئىنكاس: 23

ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ رويخېتى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 10:32:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ رويخېتى...
‏1 ئابدۇللاھ ئىبنى ئوسمان -724 يىلى ۋاپات بولغان.
‏2 ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ-700 يىلى ۋاپات بولغان
‏3 ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر-685 يىلى ھەججاج تەرپىدىن شەھىد قىلىنغان .
‏4 ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد-ساھابە 625 يىلى ۋاپات بولغان.
‏5 ئابدۇللاھ ئىبنى سەئدى ئىبنى ئەبۇ سەرھ-ساھەبە ئۈمەۋىيلەر لەشكەر بېشى 651  يىلى ۋزانتىيە فىلوتىنى تارمار قىلغان
‏6 ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز -ئۈمەۋىييىلەر خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئوغلى .749 يىلى ۋاپات بولغان .
‏7 ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئوسمان -خەلىپە ئوسماننىڭ نەۋرىسى .
‏8 ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان -ئۈمەۋىيلەر خەلىپىسى.(665-705 يىللار) ئارىلىقدا ۋاپات بولغان.
‏9 ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف  -مەشھۇر ساھەبە (556-631- يىلى) 75يېشدا ۋاپات بولغان.
‏10 ئەبۇ ئابدۇللاھ -(زۇبەيىر ئىبنى بەككار)
‏11 ئەبۇ ئابدۇرراھمان -(ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد)
‏12ئەبۇ ئەييۇپ -ساھەبە(خالىد ئىبنى زەيد خەزرەجى).
‏13 ئەبۇ بەكرى سىددىق- (572-634).
‏14 ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇرراھمان- تابىئىن فەقىھ
‏15 ئەبۇ بەكرى ساھەبە -ھىجرى 51 بەسرىدە ۋاپات بولغان .
‏16 ئەبۇ بەرزا -ساھابە .
‏17 ئەبۇ ۋائىل - ئۆلىمائى تابىئىن.
‏18 ئەبۇ داۋۇد -مەشھۇر مۇھەددىس (817-888)يىللار.
‏19 ئەبۇ جۇھەيفە -ساھابە ،ھىجرى 72 يىلى ۋاپات بولغان.
‏20 ئەبۇ زەئە ئەل ئەنسارى-راۋىي (836-؟)
‏21 ئەبۇ زەر -635 -يىلى ۋاپات بولغان.
‏22 ئەبۇ زۇرئە -مەشھۇر ھەدىس ئالىم (مىلادى985-986 )يىللىرى ۋاپات بولغان.
‏23 ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى-ساھابە 51-ھىجرىدا ۋاپات بولغان.
‏24 ئەبۇ مۇھەممەد-(ئابدۇرراھمان ئەۋف )
‏25 ئەبۇ را -ساھابە
‏26 ئەبۇ سەلەمە -750 يىلدا ۋاپات بولغان.
‏27 ئەبۇ سۇفيان- 630 -يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ،652-ۋاپات بولغان .
‏28 ئەبۇ ئۈبەيىد ئەل قاسىم- فەقىھ (837-770 ) يىللار
‏29 ئەبۇ ھەمزە -(ئەنەس ئىبنى مالىك)
‏30 ئەبۇ ھەنىفە-(ئىمام ئەئزەم) (669-767)يىللار
‏31 ئەبۇ ھۇرەيرە -676 يىلدا 78 يېشىدا ۋاپات بولغان.
‏32 ئەبۇددەردا ئەل خەزرەجى -ساھەبە (625 -؟)
‏دەمەشىق قازىسى .
‏33 ئەبۇل ئابباس -
‏34 ئەبۇز زەناد -تابىئىن
‏35 ئەبۇل ئەسۋەد - تابىئىن ،فەقىھ ،مۇھەددىس ،ئەدىپ ۋە شائىر.
‏36 ئەبۇل قاسىم -
‏37 ئەبۇل ھەسەن - فەقىھ (873-935)يىللار
‏38 ئەدى ئىبن ھاتەم ئەت تائى -ئالنىڭ ياردەمچىسى .
‏39 ئەبۇ تەرىف-ئەلىنىڭ ياردەمچىسى .
40 ‏ئەخنەف - تابىئىن 675 -يىلدا ۋاپات بولغان .
‏41 بەرائ ئىبن ئازىب -ئىسلام لەشكەر بېشى
‏42 بىلال -ھەبەش. تۇنجى مۇئەززىن
‏43 ۋەلىد ئىبن ئۇتبە -
‏44 زەئىد ئىبن  سابىت -ئەنسارى 647 ۋاپات بولغان .
‏45 زەينەب بىنتى جەھىش -رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ، مىسكىنلەرنى ئانىسى 625 -يىلى ۋاپات بولغان .
‏46 زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام -636 يىلدا ۋاپات بولغان .
‏47 زۇبەيىر ئىبنى بەككار -مەدىنىلىك ئالىم مەككە قازىسى (786-870-يىللار)
‏48 زۇھرى -(ئىبنى شىھاب )
‏49 ئىبنى ئابباس -پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى 688  يىلى ۋاپات بولغان .
‏50 ئىبنى ئىسھاق -ئەرەب تارىخچىسى (8-ئەسىر)
‏51 ئىبنى رەۋاھە -630 يىلى شەھىد قىلىنغان .
‏52 ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم- ساھابە
‏53 ئىبنى شىاب زۇھرى -(670 -741 )يىللار
‏54 ئىبنى ھەنبەل -ھەنبەلى مەزھەپ ئاساسچىسى
‏55 ئىبنى ھىشام -تىلشۇناس (9 ئەسىر)
‏56 ئىكرەمە-ئەبۇ جەھىلنىڭ ئوغلى
‏57 ئىمام شافىئى -شافىئى مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى (767 -820 )يىللار
‏58 ئىبنى سەئىد -فەقىھ 175 ھىجرى ۋاپات بولغان .
‏59 مەيمۇنە -پەيغەمبەر ئايالى
‏60 مەرۋان -ئۈمەۋىيلەر خەلىپىسى(684-685)
‏61 مالىك ئىبنى ئەنەس - مالىكى مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى .(715-795)
‏62 مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان-ئۈمەۋىييلەر خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى .(661 -680)
‏63 مۇئاۋىيە ئىبن يەزىد - ئۈمەۋىييىلەر خەلىپىسى
‏(661-680)يىللار
‏64 مۇئاۋىيە ئىبن يەزىد - ئۈمەۋىييىلەر خەلىپىسى.
‏(683-684 ) ئەبۇ سۇفياننىڭ نەۋرىسى.
65‏مەئاز ئىبن جەبەل -ساھابە
‏66 مۇسلىم ئىبنى ئابدۇلمەلىك -ئۈمەۋىييىلەر سەركەردىسى.747 يىلدا ۋاپات بولغان .
‏67 مۇسئەب  ئىبنى زۇبەيىر -ئىبنى ئەۋۋام
‏68 مۇغىرە ئىبن شۇئبە -ساھابە 666 يىلى مىلادى ۋاپات بولغان
‏69 مۇھەممە ئىبنى ئەلى -ھەزىرتى ئەلىنىڭ ئوغلى .
‏70 مۇھەممەد ئىبن سىرىن -تابىئىن 728 ۋاپات بولغان .
‏71 مۇھەممەت ئىبن ھەنەفىيە -
‏72 نافىئ ئىبن ئابدۇرراھمان -مەدىنىدىكى 7 قارىنىڭ بىر.
‏73 ئائىشە بىنى ئەبۇ بەكرى -رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ،65 يېشدا ۋاپات بولغان .
‏74 رافىئ ئىبنى زىياد -خوراستان سىجىستان ھاكىمى .
‏75 سەۋدە بىنتى زەمئە -رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى .
‏76 سەلمان فارسى -ساھابە 665 يىلى ۋاپات بولغان .
‏77 سەفىيە بىنتى ھۇيئەي-رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى 672 يىلى ۋاپات بولغان.
‏78 سەئدى ئەنسارى-ساھابە
‏79 سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋاققاس -ساھابە 670 يىلى ۋاپات بولغان .
‏80 سەئىد ئىبنى مەئاز -ساھابە
‏81 سەئىد ئىبن ئۇبادە -ساھابە
‏82 سەيىد ئەنسارى-ساھابە
‏83 سەئىد ئىبنى مۇسەييەپ -فەقىھ 712 يىلى ۋاپات بولغان .
‏84 سەھلى ئىبنى سەئىد -ساھابە 86 ياشتا ۋاپات بولغان .
‏85 سۇلايمان-685 يىلى شەھىد قىلىنغان .
‏86 سۇلايمان ئىبنى يەسار -تابىئىن فەقىھ
‏87 سەمۇرە ئىبن جۇندۇب -ساھابە.
‏89 سۇفيان ئەسسەرۋى -(715-778-يىلللار)مەشھۇر مۇھەددىس.
‏90 سۇفيان ئىبن ئۇبەينە -مەشھۇر مۇھەددىس،
‏(107-198)ھىجرى .
‏91 تاۋۇس ئىبن قەيسان -تابىئىن فەقىھ
‏92 ئۇممۇ سەلەمە-رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى
‏93 ئۇممۇ ھەبىبە -رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى
‏94 ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيىر- تابىئىن فەقىھ ،ئەبۇ بەكرى نىڭ نەۋرىسى.
‏95 ئوسامە ئىبنى زەيىد -ھەدىس راۋىسى .(637 ھىجرى ۋاپات بولغان .
‏96 خارىجە ئىبنى زەئىد -تابىئىن فەقىھ
‏97 شەئبى -تابىئىن مەسلىھەتچى مۇھەددىس.
‏98 شۇرەيھ -ساھابە 100 يېشىدا ۋاپات بولغان.
‏99 قاسىم ئىبنى مۇھەممەد -ئەبۇبەكرنىڭ نەۋرىسى ،مەشھۇر فەقىھ .
‏100 ھەججاج ئىبن يۈسۈپ -ئىراق قوماندانى
‏101 ھەمماد -راۋى كۇفەدە ياشىغان
‏102 ھەسسان ئىبن سابىت -تۇنجى دىنى شائىر
‏پەيغەمبەرنىڭ شائىرى.
‏103 ھەفسە -ئۆمەرنىڭ قىزى
‏104 ھىشام ئىبن ئابدۇل مەلىك-ئۈمەۋىييلەر خەلىپىسى .

‏ئىسىم رەت تەرتىبى بويىچە تىزىلدى .
‏ئاللاھ بۇلاردىن رازى بولسۇن .
‏ھەممەيلەننى جەننەتلەردە بىللە قىلسۇن .



‏بۇلار ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغان 104 ئالىم ،
‏بۇلارنىڭ كۆپىنچىسنى ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھ رەتلىگەن . شۇڭا شۇندىن بۇرۇنقى ئالىملار بولشى مۇمكىن . مەشھۇر مۇھەددىس ئەلبانى غەززالى جەۋزى قەييۇم لار . كىرگۈزۈلمىگەن ئۇلار كېينكى ئالىملار بولغىنى ئۈچۈن .
‏ئاساسى ئىسمى لام مەقسەت قىلىنغان .
‏ھەممىسنىڭ قىسقىچە تارىخى با ئىنشا ئاللاھ كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلسۇن .

‏لۇغەت :
‏ئىبن -ئوغلى
‏بىنتى -قىزى
‏ئەبۇ -دادىسى
‏راۋى -رىۋايەت قىلغۇچى
‏ساھەبە -پەيغەمبىرنى كۆرۈپ ئەگەشكەنەر
‏تابئىن -ساھابىلەرگە ئەگەشكەنلەر
‏مۇھەددىس -ھەدىس بىلەن شۇشۇللانغۇچى .
‏فەقىھ -پەتىۋا ئىلملىردا يىتىشكەن .

‏ئېنتىرنىتقا تەييارلۇغۇچى :شەيىخ ئەبۇ غازى
‏مەنبەلەر :
‏1ئىمام بۇخارى نىڭ سەھىھۇل بۇخارى ناملىق كىتابى.
‏1991 تاشكەنىت نەشىرى
‏2 سەھىھ ھەدىسلەر .شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى
‏2002.11.1

‏بىز توغرا يولنى تېپىپ مېڭۋاتقان ھەدىسنى يەتكۈزپەرگەن ئالىملانى تونۋالايلى .
‏سىز قانچىسنى تونۇيدىكەنسىز ؟؟

‏2013 .3 .13  كۈنى

‏ئەبۇ غازى









ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100696
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-12-10
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 10:52:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم!ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:02:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېگىسى سىزگە اللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
بۇ مەزمۇننى تېما شەكىلدە يوللاشنى توغرا كۆرمۈدۈم . خاپا بولمىغايسىزلەر .
مەن بۇرۇن سوغۇك ئېچىملىك ساتىدىغان دۇككان ئاچاتتىم . سۆڭەك يېلىمى توغۇرلۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن باشلاپ .ئېچىملىكلەرگە شەك چۈشتى  ...
شۇڭا ۋاخا خا، توڭيى ، كاڭشىفۇ ، ھەم چەت ئەللەرنىڭ ئىمپورت ئېچىملىكلىرىنىڭ قانداق ئىشلەپ چېقىرىلدىغانلىقىنى . ماتىرىيالى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان . ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تور بەت. دىنى فەتىۋالار بولسا. بىلىدىغانلارئادېرىسىنى  يوللاپ بەرسە بوپتىكەن   ... باشقا ئىش قىپ باققان تازا قاملاشتۇرامىدىم .شۇڭ اشۇ ئېچىملىككە قارتا تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ   دۇككانىمنى قايتا ئاچاي دېگەن .
رەھمەت قېرىنداشلار ئاۋارە قىلدىم  ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 11:03 AM  


ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23733
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:03:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .

ساھىبىلەرنىڭ ، تابىئىنلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ بىلىۋالدىم  .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:13:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ ئۇلارنىڭ ئارسىدا جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەن ساھابىلەرمۇ باركەن
تىرناق ئىچىگە ئەسكەرتىش بىرۋىتپ يوللىغان بولسىڭىزچۇ؟
بىلمەيدىغانلار بىلۋالاتتىكەن
ياكى ئنكاش شەكىلدە تۇلۇقلىۋىتەسىز
ئاللاھ ئەجىڭىزنى بەرسۇن رەھمەت قېرندىشىم!!!!!

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:30:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن... كۆپ بىلىملاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:40:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز: مېنىڭ كەسپىم بىئولوگىيە، ئۇنىڭدا خىمىيە دەرسىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. ناھايىتى مۇھىم ۋە قىيىن بىر سۇئال پەيدا بولدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ھەربىر ساھە خىمىيىلىك ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن: 1) تېببىي ساھە: بۇ جاھاندا ئاغرىمايدىغان ئادەم يوق. دورا ئوكۇلنىڭ %90 قىسمى خىمىيىلىك دورىلاردۇر. 2) تۇرمۇش بۇيۇملىرى: چاچ، بەدەن سوپۇنلىرى، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، ئەتىرلەر ، چىش پاستىسى، ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى...ۋەھازاكالار. 3) ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم بولغىنى يىمەكلىك ساھەسى. ھازىر بارلىق يىمەكلىكلەرگە قوشۇمچە ماددىلارنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئۇنغا ئاقارتقۇچ قوشىدۇ، مايغا سۈزۈكلىتىدىغان، بۇس چىقارمايدىغان ماددا قوشىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، چىرىشتىن ساقلايدىغان ماددىلار، رەڭ، پۇراق، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىق نەچچە يۇز خىل ماددىلار بار.دېمەك، خىمىيىلىك ماددىلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. شۇڭا مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم بۇ خىمىيىلىك ماتىرياللارنىڭ ھالال-ھاراملىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ گالدىن ھارام ئۆتسە دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ، قان بۇلغىنىدۇ، ئەقىل بۇلغىنىدۇ، ئىمان بۇلغىنىدۇ!(ئاللاھ ساقلىسۇن) بۇ سۇئال قانداق بولۇپ پەيدا بولدى دېسىڭىز، بىز ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ يېمەك-ئىچمەكتىن راسا قىينالدۇق.(ھېلىمۇ شۇنچە كەڭ رىزىقلارغا ئىگىمىز، ئەلھەمدۇلىللاھ) بىر قىسىم پىچىنە-پىرەنىكلەرنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، تەركىبىگە قارايمىز، سۇ مېيى بولسىلا، ئۇن ۋە شىكەرلەر ھالال بولغاندىكىن يېسەك بولار دەپ نۇرغۇن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار يەۋىرىدۇ، ئەمما، بۇنىڭدىن باشقا خىمىيىلىك تەركىپلەرگە پەرۋا قىلمايمىز، دىققەت قىلايلى دېسەكمۇ ھەممىمىز خىمىيە كەسپى ئۆگەنمىگەندىكىن نىمىدىن ياسايدۇ ئۇقمايمىز-دە! شۇنىڭ بىلەن مەن ئىزدىنىپ باقتىم، ئىسلامدىكى ھالال-ھارام ۋە شۇبھىگە بولغان بىلىملىرىم يوق دېيەرلىك بولغاچقا جاۋاپ تاپالمىدىم، مېنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغىنى، بىر خىمىيىلىك ماددىنىڭ ياسىلىش جەريانى ھەرخىل بولىدۇ، ھەتتا كۆپلىرى قاتمۇ-قات ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىغا ھۆكۈمنى پەقەت سىلەردەك ئۇستازلار چىقىرالايدۇ.بۇ ھالال تەركىپ جەدۋىلى  بۇ ھارام تەركىپ جەدۋىلى  بۇ شۈبھىلىك تەركىپ جەدۋىلى ھازىرقى مەسىلە:مەسىلەن: Corn syrup玉米糖浆 نى ھالال دېدۇق، چۈنكى ئۇنى قوناقنى خام ئەشيا قىلىپ ياسايدۇ، ئەمما، ياساش جەريانىدا 淀粉酶amylase)) قوشىدۇ، بۇ 淀粉酶نى ياسىغاندا يەنە كۆپلىگەن خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇ زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت جەريانىغا بولغان ھۆكۇم بەك مۇھىم بولۇپ قالدى. يەنە بىر سۇئالىم: ئادەتتە يىمەكلىكنىڭ تەركىپ ئىزاھاتىغا قارىساق، پەقەت رەڭ قوشقۇچ ياكى پۇراقلىق ماتىرىيالى دەپلا يېزىپ قويىدۇ. ۋەھالەنكى، رەڭ قوشقۇچ دېگەنلا بىر چوڭ ساھە! شۇڭا، مۇشۇ ھەقتە بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئېنىق جاۋاپ بولسا بىز يېسەك بولمايدۇ دەپ قىيلىنىپ يۈرگەن نەرسىلەر ئازىيىشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم ھالال دەپ يۈرگەن ھاراملاردىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. گەرچە بىر قىسىم تەقۋا مۇسۇلمانلار ھەرقانداق شۈبھىدىن قەتئىي ساقلانغان بولسىمۇ، بۇ دائىرە بەك كەڭ شۇنداقلا كۆپ قىسىم ئاددىي مۇسۇلمانلار بىلىمسىزلىكى ۋە بىپەرۋالىقى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالمىغاي!جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.پۈتۈن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، تەقۋادارلىقنى كۆزلەپ ئىش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن جانابى ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن! دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭىزنى خەيرلىك قىلىپ بەختىڭىزنى بەرسۇن! بىللە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداش قېرىنداشلىرىڭىزنىمۇ دۇنيادا مۇسۇلمانچە ياشاپ ئۆتۈشكە، ئاخىرەتتە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە نائىل بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن! ئامىن. ئىچكىرىدە تەبىئىي پەن ئوقۇۋاتقان سىزدەك ھەمشىرىلەرنىڭ دىندا مۇستەھكەم، ھالال-ھارامنى ئايرىشقا ھېرىسمەنلىكىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەزلى مەرھەمىتى كەڭ ئىكەن، بەندىسىگە خەيرلىك ئىرادە قىلسا مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىدىكەن. ئاللاھقا شۈكۈر.مەقسەتكە كەلسەك: يېمەك-ئىچمەك ساھەسى ھازىر پۈتۈن مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ھەم خەتەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ سەۋەبى بۈگۈنكى كۈندە يېمەك-ئىچمەك تەركىۋىگە تۈرلۈك ھارام ۋە شۈبھىلىك ياكى نامەلۇم ماددىلار كىرگۈزۈلىۋاتىدۇ. توخۇ، بېلىق ۋە باشقا ھايۋانلارمۇ نىجىس يەم-خەشەكلەر بىلەن بېقىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. سىز تىزىملىكىنى يوللىغان خىمىيىلىك ھارام ۋە شۈبھىلىك ماددىلار تىزىملىكىدىكى بەزى ماددىلار ھەققىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار، ئىشەنچلىك پەتىۋا كومىتېتلىرى پەتىۋا ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا ھالال ياكى ھاراملىقىدا ئىتتىپاققا كەلگەن شۇنداقلا بەزى كۆزقاراش ئوخشاش بولمىغان ماددىلارمۇ بار. مەسىلەن ئالايلۇق: 1-كوللاجىين (Collagen ) بىلەن جىلاتىين (Gelatin ) ماددىلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولغان. بۇنىڭ ئۆسۈملۈكتىن ياكى ئۆزىمۇ ھالال، بوغۇزلىنىشىمۇ ھالال بولغان كالا ۋە باشقا ھايۋانلاردىن چىقىرىلغىنى ھالال ئىكەنلىكىگە ھەممە بىردەك ئىتتىپاق. چوشقىدىن ياكى ھارام ھايۋاندىن چىقىرىلغىنى ياكى ئەسلى مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن كوللاجىين بىلەن جىلاتىين ھەققىدە بىرقانچە قاراش بار: 1-ھارام. 2-خىمىيىۋىيلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا چوشقا مېيى ياكى چوشقا تەركىۋى باشقا بىر خىمىيىۋىيلىك ماددىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، بىر قىسىم ئالىملار: بۇنىڭ ھۆكمى يېڭى ئايلانغان ماددىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. يەنى، يېڭى ماددا پاك دەپ قارالسا پاك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كېتىش نەزەرىيىسىگە تايانغان. مەسىلەن: ئۈزۈم شەربىتى ھاراققا ئايلانسا ھارام بولىدۇ، ھاراق سىركىگە ئايلانسا ھالال بولىدۇ، دېگەندەك. 3-شۈبھىلىك ھالىتىدە قالىدۇ. لېكىن باشقا ماددىغا ئايلانغان تەقدىردە پۈتۈن ئايلىنامدۇ ياكى قىسمەن ئايلىنامدۇ؟ خىمىيەشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پۈتۈنلەي ئايلانماي قىسمەن ئايلىنارمىش، چۈنكى ئۇ باشقا بىر ماددىغا ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تەركىۋىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسلى نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن. 2-ئالكوھول (Alcohol) ماددىسى. بۇ ئادەتتە تېببىي ساھەدە شۇنداقلا ئەتىرلەرگە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىسپىرت دېسەك ھەممە كىشى بىلىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا: بىرى پاك، بىرى نىجىس. پاك دېگەن قاراش جانلىق.[ تېببىي پەنلەر ئىسلامى تەشكىلاتى سەككىزىنچى قۇرۇلتاي-كۆۋەيت ]بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسپىرت قېتىلغان ئەتىرلەر پاك بولىدۇ. ئىسپىرت ساپ بولسۇن ياكى سۇغا ئارىلاش بولسۇن نىجىس ئەمەس. بۇنىڭغا بىنائەن ئىسپىرتنى تېببى جەھەتتىن دېزىنفىكسىيە قىلىش ياكى ئەتىرگە قېتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ئەلكوھول مەس قىلىدىغان ماددا بولغاچقا، ئۇنى ئېغىزدىن ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن ساقلاش ياكى ئېرىتىش مەقسىتىدە ئاز مىقداردا ئەلكوھول تەركىۋى بولغان دورا-دەرمەكلەرنى ئېغىزدىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ئاغرىق پەسەيتىش ياكى مەس قىلىشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا ھالال دورا بولمىغان ئەھۋالدا شۇنداق. تەركىۋىگە ھاراق ياكى ئەلكوھول كىرگۈزۈلگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.[ تېببىي پەنلەر ئىسلامى تەشكىلاتى سەككىزىنچى قۇرۇلتاي-كۆۋەيت ] ئىسپىرت قېتىلغان ئىچىملىك ئىسپىرت پىرسەنتى تۆۋەن بولۇپ مەس قىلمايدىغان بولسا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.  3-ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماي (Animal Fat) ياكى (Animal Shortening) ماددىسى. بۇ ئادەتتە ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماي بولۇپ، ئۇنىڭغا بەزىدە ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان ماي ئازراق قوشۇپ قويۇلىدۇ. بۇ ماي ئەگەر چوشقا ياكى شەرىئەت ھارام قىلغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان بولسا، ھارام بولىدۇ. شەرئىي بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان بولسا ھالال بولىدۇ. ئادەتتە پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىدىغانغا (Pure Vegetable Shortening) دەپ يېزىلىدۇ. كۆپ قىسمى ئۆسۈملۈك مېيى بولسا (Vegetable shortening) دەپ يېزىلىدۇ. 4-چوشقا مېيى (Lard) ماددىسى. بۇ چوشقا مېيى بولغاچقا ئېنىق ھارام.5-پىشلاق ياكى ئىرىمچىك ياساشتا ئېچىتىشقا ئىشلىتىدىغان خېمىرتۇرۇچ ياكى كۆنەلگۈ (Pepsin) ماددىسى. بۇ ئادەتتە چوشقا ياكى باشقا ھالال ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى ياكى ئۆچەيلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئېنزىم ياكى يېلىمدەك ماددا. بۇ ئېنزىم بىلەن ئىشلەنگەن پىشلاقلارنى ئىستىمال قىلىشتا ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا: 1-ھالال. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابىلار رىم ياكى باشقا ئەللەردىن كەلگەن پىشلاقلارنى ئىستىمال قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى ئېنزىم ئاساسلىق تەركىپ بولماستىن ئاز مىقداردا قوشۇلىدۇ.2-ئەگەر چوشقا ياكى شەرىئەت ھارام قىلغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان بولسا، ھارام بولىدۇ. شەرئىي بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان بولسا ھالال بولىدۇ. (Renin) دېگەن ماددىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئېنزىم. (Flavour) دېگەن ماددىمۇ ئوخشاشلا پىشلاق ياساشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئېنزىم.6-يەنە 350 خىلدىن ئارتۇقراق نومۇرغا (e) ھەرپى قوشۇلۇپ يېزىلىدىغان تەم ياكى رەڭ ياكى پۇراق ياكى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار كىرگۈزۈلگەن يېمە-ئىچمەكلەر ھەققىدە كۆز قاراش ئىككى خىل:1-بۇلارنىڭ ھارام ۋە نىجىس ماددىلاردىن ياسالغىنى ھارام.2-ھەممىسى ھالال.[ بۇ ياۋروپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى 34-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قارالسۇن ]7-تۈرلۈك ھورمون (Hormones) ماددىلىرىمۇ كۆز قاراش ئوخشاش بولمىغان ماددىلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. دىئابىت كېسەللىكلىرى ئىستىمال قىلىدىغان ئىنسۇلىن (Insulin) ماددىسىمۇ بىر خىل ھورمون بولۇپ، بۇ چوشقىدىن چىقىرىلغان ئەھۋالدا داۋالىنىشتا ئىستىمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئالىملار بار. يەنە (Glycogen) دېگەن ماددىمۇ گلوكوزغا يېقىن كېلىدىغان، ئىنسۇلىنغا قارىمۇ قارشى تەسىرلىك ماددا بولۇپ، ھۆكمى شۇنىڭغا ئوخشاش. (amylase) دېگەن ماددىمۇ ئىنسۇلىنغا ئوخشاش ئاشقازان ئاستى بېزىدىن چىقىدىغان بىر خىل ئېنزىم. ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.باشقا شۈبھىلىك ماددىلار تىزىملىكىدىكى ماددىلار ھەققىدە مەلۇماتىم يوق. ئۇلارمۇ يۇقىرىقىلارغا ئوخشىسا كېرەك. 8-ئۇن زاۋۇتىدا ئۇننى ئاقارتىشقا قاتىدىغان ماددا سەھىيە مىنىستىرلىكى رۇخسەت قىلغان پىرسەنت دائىرىسىدە بولسا مەيلى. ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوشۇپ ئىشلەشكە ياكى ئىشلەنگىنىنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.ئەمدى ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولغاندىن كېيىن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم تۆۋەندىكىچە:1. ھەر بىر مۇسۇلمان يېمەك-ئىچمەك، دورا ۋە باشقا ئىستىمال بۇيۇملىرىدا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم.2. داۋالىنىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زۆرۈر ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن تەركىۋىگە يۇقىرىقىدەك ماددىلار كىرگۈزۈلگەن يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك قاتارلىقلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.3. ئېھتىياج بولمىسا، ئورنىدا تۇرىدىغان شۈبھىسىز ھالال نەرسە بولسا، شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.4. ئازغىنە بولسىمۇ تەركىۋىگە ھاراق قوشۇلغان يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ھاراق قۇيۇپ قورۇلغان قورۇمىلارنى يېگىلى بولمايدۇ. ساقلاش ياكى ئېرىتىش ئۈچۈن ئەلكوھول قوشۇلغان بولسا، ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.5. ئازغىنە بولسىمۇ تەركىۋىگە چوشقا مېيى قوشۇلغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا مايلارنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.6. كاپىر دۆلەتلەر شەرئىي ھالال دەپ يېزىۋالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئومۇمەن يېمەك-ئىچمەكتە ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىپ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.. كاپىرلار ئىشلەپ چىقارغان يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتا سەزگۈر بولۇشى لازىم.ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دېگەن:  (ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، يەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ياكى تۆكۈلگەن قان، چوشقا گۆشى -چۈنكى ئۇ نىجىستۇر- ۋە يولدىن چىقىپ كەتكەن ھالدا ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان مال بولغاندىن باشقا ھارامنى تاپالمايمەن. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر.)[ ئەنئام سۈرىسى 145-ئايەت ]يەنە مۇنداق دېگەن:  (شۇڭا ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر.)[ نەھل سۈرىسى 114-115- ئايەتلەر ]نۇئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم چېگرا چۆرىسىدىكى چوپانغا ئوخشايدۇ، پادا چېگرىغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگرىسى بولىدىغۇ؟ ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى چېگرىسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت، قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر».[ سەھىھەين: بۇخارىي 52-ھەدىس. مۇسلىم 1599-ھەدىس ]ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسۇن.ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uygur521 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
baxagim0996 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
تۈركيار + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
★umiD + 10 جاۋابىنى كۈتەي ...
XERHAN + 20 سىزگە اللە رەھمەت قىل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 240   باھا خاتىرىسى

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 12:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن  .  رەھمەت.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6746
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 12:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ۋە ئىنكاستىن كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم.،،تەشەككۈر

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2871
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16568
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2540 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 12:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللانىڭ سالامى ،رەھمىتى،بەرىكاتى مۇھەممەت مۇستاپا سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللام ۋە ئۇنىڭ ساھابە،تابئىن ،ئۈممەتلىرىگە بولسۇن؟............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش