مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20455|ئىنكاس: 63

ئامېرىكا سەپىرى ،بېيجىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا-مىسرانىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 41
مۇنبەر پۇلى : 15977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7647 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 01:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

image.jpg

ئامېرىكا سەپىرىنىڭ ئىككىنجى كۈنى ؛ئامېرىكا كونسۇلىغا بېرىپ كېلىش يولىدا ..... تۈنۈگۈن كەلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى سەۋەبلىك دەماللىققا ئۇيقۇ كەلمىدى... بىر چاغلاردا بۇخاراغا كېتىپتىمەن...ئويغانسام ئاران 2 سائەت ئۇخلاپتىمەن...نە ئامال ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم سىردىشىپ يەنە ئۇخلاپ قالدىم....تەلەپ بويىچە ئامېرىكا كونسۇلىغا ۋىيزا قويغۇزۇش ئۈچۈن تەييارلاندىم...بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ياتاق بىناسىدىن چىقىپ قانداق چىقىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئۇقالماي ماشىنىلارغا كۆرسەتكەن كۆرسەتكۈچ بەلگە بويىچە ياتاق بىناسىنى تولۇق بىر چۆگىلۋىتىپ سىرتقا چىقتىم...تاكسىي توسۇپ سەپەرگە ئاتلاندىم ....ئۇف ،يالغۇزلۇق مۇساپىرلىق مانا ماۋۇ يەردىكەن ئەسلى...بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىتتا قوقماي مۇساپىرچىلىقتا مانداق قىيىنچىلىقنى كۆردۈم،كۆرۈۋاتىمە دەپتىكەنمەن....ئۇ يەردىكى ھېچقايسىسى قىيىنچىلىق ئەمەسكەن ئەسلى ،قاياقتىن ياردەم سورىساق بار ئەمەسمۇ؟ مانا مۇساپىرچىلىق مۇشۇ يەردىن باشلىندىكەن...چىقىپلا تاكسىيدىن بىرنى توسۇپ ماڭدىم ، يېرىم يولغا كەلگەندە مەخسۇس ۋىيزام ئۈچۈن چۈشكەن رەسىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ يەنە قايتىدىن ياتاق بىناسىغا كەلدىم...تاكسىي پۇلى30 يۈەن چىققان  بولۇپ سەپەرنىڭ دەۋامىنىمۇ شۇ تاكسىيدىلا تۈگىتىشنى ئويلاپ شوپۇرغا چۈشەندۈردۈم...ساقلاپ تۇردىغان بولدى،ھەر ئېھتىمالغا قارشى 100 يۈەننى ئارلىقتىكى ئىشەنچ ئۈچۈن شوپۇرغا تۇتقۇزدۇم،شوپۇر رەت قىلدى،كاللامدى ھېلىقى يۇرتىمىزدىكى تاكسىي بىلەن پالانى يەرگە بېرىپ تاكسىيچىغا پۇل بەرمەي كېتىپتۇ دىگەن خەۋەرلەر ئەگىپ ئۆتۈپ ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىپتىمەن،ياتاققا كىرىپ رەسىمنى ئېلىپ چىقىپ يولۇمنى داۋام قىلدىم...شىنجاڭدا 30 يۈەنلىك تاكسىي پۇلىغا تېلۋىزىيە ئىستانسىدىن تىببىي دوختۇرخانىغا بارغىلى بولىدۇ،ئەمما بۇ يەردە بىرە يۈز يۈەننى تاكسىيدا خەجلەش ئىنتايىن ئاسانكەن...يوللار بىرەر قۇر تونۇش تۇراتتى ،چۈنكى ئالدىنقى يىلى بىرتوپ توربېكەتچى بالىلار نەچچە قېتىملاپ ماڭغان يوللار ئەمەسمۇ... كونسۇل ئىچىگە بىرقانچە قېتىملىق بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ 1- نۇمۇرلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى بىلەن پاسپورتۇمنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ ،بارماق بېسىپ ،يۈز تۇرانە سۆزلىشىش تۈرلىرى بويىچە قانۇنىي تەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنلاپ يەنە ياتاق تەرەپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا قاراپ يولغا چىقتىم...بۇ قېتىم چىققان تاكسىي شوپۇرى ياشقا چوڭراق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئازراق مۇڭدىشىپ ماڭدىم،مۇڭدىشىش جەريانىدا بېيجىڭنىڭ ئۆي باھاسى ھەققىدە بېيجىڭدىكى 15 يىللىق  شوپۇرىنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ ئۆتتۈم.... بېيجىڭدىكى ھازىرقى چەترەك رايونلاردىكى ئۆينىڭ ھەر كۇۋادرات مېتىرى 45 مىڭدىن 50 مىڭ سومغىچە ئىكەن ....ئەگەر ئىككىنجى ھالقا ياكى ئۈچىنچى ھالقىلار يەنى ئاۋاتراق شەھەر مەركىزىدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى 80 گە يېقىنلىشىدىكەن...بۇ ئەھۋال ئۈرۈمچىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن...بېيجىڭدا تېگىدىن تاۋار ئۆيى بار كىشى شۇنداق قىلىپ ئىككى ئۈچ مىليونلۇق كىشى ھېسابلىنىدىكەن... ئۇنىڭدىن تاكسىيچىلىق خىزمىتىنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلق توغرىسىدا سورىغىنىمدا ناھايىتى كۈلۈپ تۇرۇپ ؛ ياقتۇرمىغان ئىشنى كىشى قىلامدۇ ؟ بۇنىڭ سورىغۇدەك نەرى بار؟ چۈنكى تاكسىچىلىقنىڭ ھەرھالدا جاپاسىغا تۇشلۇق كىرىم قىلالايمىز ئەمەسمۇ ،گاھى بىر كىرانى ئالساق 300 يۈەن چىقىشىمۇ نورمال ئەھۋال ...كەچلىك تاكسىيچىلارنىڭ ئىشى ياخشىراق، كەچلىرى يول توسۇق ئەمەس ،،بېشىمىزنى قاتۇرۋاتقىنى بۇ مەسىللەر ئەمەس ،مۇھىت مەسىلىسى ، ھازىر 10 ئادەمنىڭ 8ى بۇرۇن ياللۇغى،سىرتلارغا چىقمايلى دىسەك تۇرمۇش غېمى،چىقساق سالامەتلىكىمىزگە تەھدىت بولىۋاتىدۇ دېگەچ ،ھاۋا مۇھىت سۈپىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى بۇ ھەقتە چوقۇم ئويلىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېغىر ئۇھسىنىپ سۆزلەپ بەردى،،ئۈرۈمچىلەردە نەچچە يىل تۇرۇش جەريانىدا چېگرىسىز بولغان مۇھىتقا قانداق مۇئامىلە قىلدۇق؟بىزمۇ كىيىن مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كېلەمدۇق ياق؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەلۋەتتە...مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ياتاققىمۇ كەپ قاپتۇق،بىر تىلنى بىلگەنلىك سەۋەبلىك نۇرغۇن مەلۇماتلارغا شۇ يەرلىك ئاغزىدىن ئەينەن ئېرىشتىم...يەنە شۇنداقلا ئانا تىلىم بىلەن كۆپ تورداشلار غا يەتكۈزەلىدىم... مۇھىت مەسىلسىگە باشقا ساھەدىكىلەر جېنىدا كۆيۈنىۋىتىپتۇ ،ئەمسە بىزلەرچۇ؟ دىمەك مۇھىت ئاسراشنىڭ چېگرىسى يوق ... قولىمىزدىن كېلىشىچە مۇھىتنى ئاسراشقا ،كۈنلەر بىرىدە كېسەل كارۋىتىدا نەپەس يولى سەۋەبلىك يېتىپ قالماسلىققا تېرىشايلى...                             بېيجىڭ

image.jpg


image.jpg


ئامېرىكا سەپىرىنىڭ 2- كۈنى، بېيجىڭ روزى باي رېستۇرانىدا ........ شۇنداق قىلىپ بېيجىڭدىمۇ ئاراملارنى ئېلىپ ئايرىدىرومدا تارتىۋالغان قوساق كۆپۈكلىرىم سەل تۈگەپ بېيجىڭدىكى ئىلغار پىكىرلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇرتىل فاكولتىتىنىڭ مۇئەللىملىرىدىن ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ،موللىنىياز ،مىللەتلەر ئۈن سىن نەشىرياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتۇر دولقۇن قادىر ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق غىجەكچىسى ئادىلجان ئابلىز،مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ  رىياسەتچىسى ئابدۇرسۇل قاتارلىق بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدىكى روزى باي رېستۇرانىدا كۆڭۈللۈك ئۇچرىشىش بولدى،ئۇچرىشىشتا ھەر ساھەدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ يولۇقۇۋاتقان مەسىللىرى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىندى، ھېس قىلغىنىمدا بېيجىڭدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورۇنلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر پەخىرلەنگۈدەك دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاپپاراتلىرى ئىكەن...بېيجىڭنىڭ بۇ تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىمۇ شۇنداق ئىقتىساسلىقلارنىڭ بولغانلىقى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ...دىمەك ئۇيغۇرلارمۇ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا بەيگىگە چۈشەلەيدۇ...شۇنى ئىسپاتلايدۇكى بۇلاردا مۇستەقىل تەپەككۇر مەۋجۇد...ئىنسان بىرنەرسىنى يوقاتسا ئېرىشكىنى بەلكىم ئۇنىڭدىن ياخشىراق بولىدىكەن...يۇرتتىن ئايرىلىش بەدىلىگە ئىددىيسى قالايمىقانلاشماي ، تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ ئىلغار پىكىرلىرى،ئىلغار ئېقىملىرىنى مىللەتداشلىرىمىزغا سۇنۇش ۋە شۇ جەرياندا ھاردىم تاردىم دىمەي داۋراڭسىز ھالدا ئىشلەۋىتىپتۇ....مۇئەللىمنىڭ مەكتەپتىكى تىلغا بولغان مۇئامىللىرىدىن ،تېلفونغا زىيادە بېرىلىپ ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىۋاتقانلىقىغا بولغان سەمىمىي پىكىرلىرىنى ھەربىر ئوقوغۇچى ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك....دولقۇنكامنىڭ پاراڭلىرىدىن يېقىندا قۇتادغۇبىلىكنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسقىسىنى تەييارلاپ بازارغا سېلىش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى....خەلقتىن ئايرىلىپ ياشاپ خەلققە ئەڭ يۇقىرى تېرىشچانلىقتا خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ قېرىنداشلارغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم ئەلۋەتتە......بۇلار كىبىردىن يىراق ئىكەن....ياخشى يىغىلىشلا بولىدىكەن ھەر قاچان ۋاقىتنى ئىلىم سۆيەرلەر ئۈچۈن چىقىرىشقا تەييار ئىكەن...سۆھبەتلىرىمىزدە ئۇيغۇرچە تورلارنىڭ رايونىمىزدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ،ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشتا ئالاھىدە رول ئويناۋاتقىننى ، ئۇيغۇر تورلىرىغا ياردەم لازىم بولغىنىدا ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى... بىرقانچە ئۇيغۇر قېرىنداش بىلەن ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدىكىگە ئوخشاش تاماقلارنى يېيەلەش ئادەمنى خۇددى شىنجاڭدا تۇرغاندەك ھېسياتقا ئەكىلدىكەن....ئەمما شۇ يەردىن ئايرىلدۇق، تۇرىۋاتقان يېرىمنىڭ بېيجىڭ ئىكەنلىكىنى سىرتلاردىكى چىرايلاردىن ھېس قىلدىم.... دولقۇنكام ئۇنمىغىنىمغا قارىماي مېنى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويۇپ يانچۇقۇمدىكى 50 يۈەن پۇلۇمنى تىجەپ بەردى....مۇساپىرچىلىقتىكى ھەربىر يۈەن پۇلنىڭ قىممىتىنى مۇساپىر بولۇپ باققانلار ھېس قىلالايدىكەن... ياتاققا كىرىپ يەنە يالغۇزلۇققا تەن بېرىپ نەچچە كۈندىن بېرى كۆنگەن ئادىتىم بويىچە ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىشقا باشلىدىم،ياندىكى كارىۋات قۇرۇق ،ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەپ ئۇزۇندىن تارتىۋالغان قوساق كۆپۈكلىرىمنى تۆكەيمۇ؟ ما يۇرتتىكى دوستلىرىمدىن ھېچ بىرەرى تېلفون قىلمايدا.... مانا ئاپام تېلفون قىلدى...كونىلارنىڭ ئانىلار ئۇلۇغ ،ئانىلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىمۇ ساڭا پاسىبان بولالايدۇ دىگەن سۆزلىرى دەرھال ئېسىمگە كەلدى...ئاپاملار بىلەن تاتلىق پاراڭلىشىپ يۇقارقى خاتىرىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلىپ خەنزۇچە ياتاق تەكشۈرەيمىز دېگەن سۆز تەكرارلىنىپ چېكىلىۋەردى...مانا دېگىنىمچە كىيىملىرىمنى كېيىپ ئالدىراش ئىشىكنى ئاچسام ئىككى يىغىنغا كەلگەن مۇخبىر كەسىبداش دوستۇم نىجات نىياز ئېھسان ھىجىيىپ تۇرىدۇ...تىللاي دىسەم ھېلىقى مۇساپىرچىلىقتىكى قاغجىرغان قەلبىم ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوشاللىقتا تۇرسا....ۋاھ ،ئۇنى قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ شىنجاڭدىكى بارلىق كۆرۈشەلمەي ماڭغان قېرىنداشلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ دىدارلىشىۋالغاندىك بولۇپ كەتتىم...مانا ئەمدى بايىقى كۆزۈمگە سەت كۆرۈنگەن قۇرۇق كارۋات توشتى...گۈلخان ئاشخانىسىدىن ئېلىپ كىرگەن تۈركە كولا...شىنجاڭدىن ئېلىۋالغان نېنىمىز بىزنى يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشتەك ھېس قىلغۇزۇپ تۇراتتى....مانا سائەت بىردىن ئاشتى ...ئۈرۈمچىدە 11 دىگەن ئالتۇن ۋاقىتقۇ...ما شەرتسىز رېفلىكىس مېڭىمىزنى شۇخىل ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپتۇ...بوپتۇلا ئامال قىلىپ باقاي ،كاللامغا ئورۇنلاشتۇرۋالغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كىيىن ئۇخلاش بۇيرىقى بېرىلگەن سائىتىمنىڭ مېنى ئۇخلىتىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىپ قالار....!خەىر ئەتىدىكى چىن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەرمىز..!!!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 02:17:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيقۇم كەلمەي مۇنبەرگە قاراپ باقاي دەپ كىرىپ ،تەسىراتىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرۇپتىمەن...مۇساپىرچىلىق ھەقىقەتەن يامان .ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسرىغايسىز.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   unix212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 02:17 AM  


بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87645
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 02:26:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ھەم ئۈندىداردىكى ئالدېراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يېزىۋاتقان ساياھەت خاتېرىڭىزدىن يىراق سەپەر جەريانىدا  كەچمىشلىرېڭىزدىن  خەۋەردار بولۇپ تۇرالىغىنىمىزدىن خۇرسەن ھەم خاتېرجەم بولدۇق ... ھەممىمىز سىزگە ئاق يول تىلەيمىز ....

ياخشىلىق قىل ، قولۇڭدىن كەلسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 03:11:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنكى سەپەر ۋە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي .
ئىكران ئالدىدا نەچچىلىگەن قارا كۆز دوست - قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ بار ، ئۇلارنىڭ تىلەكلىرى سىزگە ھەمراھ ، ئۆزگە يۇرتلارغا مۇساپىر بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئەسلەشكە ، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشەلەيسىز .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 04:20:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بېيجىڭدا ئۆي باھاسى نېمىدىگەن قىممەت ھە،كىيىنكى سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97803
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2013-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 07:23:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ بېيجىڭغا بارغاندەك بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 07:56:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھەت خاتىرىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تىما،چۈنكى ساياھەت خاترىرىسى ئارقىلىق ئۆيدە تۇرۇپ دۇنيانى كەزگىلى بولىدۇ،رەھمەت ،سىزگە..
ۋاقىتتىن ۋاقىت  چىقىرىپ بىزنى ساياھىتىڭىزگە جۆر قىلغان قەلىمىڭىزگە بارىكاللاھ!
سەپىرىڭىزگە ، ئاسانلىقلار،خۇشاللىقلار،خەيرلىكلەر ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولسۇن !
سەپەر جەريانىدا ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!!!ئىشىنىمەنكى ئامرىكىغا بارغاندىكى يازغان ساياھەت خاتىرىڭىز چوقۇم بىزدەك قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىلارغا نىسبەتەن  زور  پايدىسى بولىدۇ!
سەپەر جەريانىدا ئۇچراتقان مىللەتداشلىرىمىزغا يۇرتنىڭ ئەڭ ئالىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويارسىز!!!

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2999 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 08:04:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۋېتىپتۇ ، ئىشىنىمەنكى ئامېرىكىغا بارغاندىمۇ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز سىزنى كۈتىۋېلىپ غېرىپلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 08:37:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنى اللاھ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104248
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 08:39:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ، مومكىن بولسا ماڭىمۇ شۇ يۇرتۇمنىڭ سالمىنى ئالغاچ كەلگەن بولسىڭىز ، بولۇپمۇ ئاشۇ غۇلجنىڭ سالقىن شامىلنى،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش