|
|
|
|
پەرەزدىكى ۋاقىت تونىلى
1990-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋېنسۇئېلا كاراكاس كونترول سۇپىسىدا كىشلەر تۇيۇقسىز ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىتىشتىن توختىغان «داگلاس» ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بايقايدۇ. ئەمما بۇ ئايروپىلان رادارغا چۈشمىگەن بولۇپ، بۇ ئايروپىلان قونغان ھامان ساقچىلار قورشاۋغا ئالىدۇ. ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچى ۋە خادىملار ھەيرانلىق ئىچىدە:«زادى نېمە ئىش بولدى؟ بۇ يەر قەيەر؟» دەيدۇ. بۇ ۋېنسئوئېلا سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟! ئۇچقۇچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن :« بۇ قانداق ئىش؟ بىز ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 914-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولىمىز، ئەسلىدە نىيۇرۇكتىن فىلورىدا شىتاتىغا قاراپ ئۇچقان قانداق بولۇپ ۋىنسوئېلاغا كېلىپ قالدۇق؟ ئۇچۇش يۆنىلىشى 2000كىلومېتىر پەرىق بار تۇرسا!؟ » ھەمدە دەرھال ئۇچقۇچىلىق خاتىرىسىنى كۆرسەتتى: خاتىرىدە 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇچقانلىقى ئېنىق خاتېرلەنگەن. ئايدروم خادىملىرى:مۇمكىن ئەمەس! ھېكايە توقۇدىڭلار! بۇ ئىشقا ئىشەنمىدى ھەمدە دەرھال يۇقىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى . تەكشۈرۈش ئارقىلىق 914-نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەقىقەتەن 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى نىيۇرىكتىن فىلورىداغا ئۇچقان چاغدا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، ئىزچىل ئىز-دېرىكىنى بولمىغانلىقى چىقىدۇ. ئايروپىلاندىكى 50نەپەر يولۇچى ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ياش ھالىتى پېتى تۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان باللىرى قېرىپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە ئالىملار بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيتى ۋە سالامەتلىكىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ توقۇلما ئەمەس بەلكى راست ئىش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
كۆپلىگەن قاراشلاردا « 914-نومۇرلۇق» ئايروپىلان ۋەقەسى ۋاقىت تونىلى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق ؟. يەنە بىر قىسىم قاراشلاردا ئايروپىلان ۋەقەسى تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن دېگەن تالاش - تارتىش بولماقتا. »ۋاقىت تونىلىنىڭ بار- يوقلىقى ھازىرقى ئىلىم پەنگە نىسبەتەن يەنىلا بىر سىرلىق يىشىلمىگەن سىر بولماقتا!
1981-يىلى 8-ئايدا ، ئەنگىلىيەنىڭ « دېڭىز شامىلى » ناملىق ساياھەت كىمىسى ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك __ بىرمۇدا دېڭىز رايۇنىدا غايىپ بوپ كەتكەن ، ساياھەت كېمىسىدىكى 6 ئادەمنىڭمۇ ئىز - دىرىكى بولمىغان. ئەجەبلىنەرلىكى ، 8 يىل ئۆتكەندىن كىيىن " دېڭىز شامىلى " ناملىق ساياھەت كىمىسى بىرمۇدا دېڭىز رايۇنىدا مۆجىزىلەرچە پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ ، كىمىدىكى 6 ئادەمنىڭ ھەممىسى ساق - سالامەت ئىكەن .
بۇ ئالتە ئادەمگە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىك شۇكى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇچاغدا پۈتۈنلەي سەزگۈسىنى يوقاتقان بولۇپ ، ئۆتكەن سەككىز يىلغان نىسبەتەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس قالمىغان ، تېخى ئۇلارغا نىسبەتەن بىردەمچىلىكلا ۋاقىت ئۆتكەندەك تۇيۇلغان . ئۇلار تەكشۈرگۈچى خادىملار قايتا -قايتا ئاللىقاچان 8 يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كىيىنلا ، بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان . ئۇلاردىن شۇنچە ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقى سورالغاندا ئۇلار جاۋاب بىرىشكە ئامالسىز قالغان ، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن پەقەت بىردەمچىلىكلا ۋاقىت ئۆتكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىسقا ۋاقىتتا ئۇلار ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرسا.
تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ بىر بولغان ئاۋستىرالىيىلىك نامسىز ئۇچار جىسىم مۇتەخەسىسى خاتمان بۇ ئىشقا ئىنتايىن قىزىققان، چۈنكى بىرمۇدا رايۇنىدىكى غايىپ بولغانلارنىڭ قايتا پەيدا بولىشى تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى، بۇرايۇندا كىمە - پاراخوتلارنىڭ يوقاپ كىتىشى پات - پات يۈزبىرىپ تۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئىشلارنىڭ باش - ئاخىرىنى بىلگىلى بولمىغان ئىدى . گەرچە بۇ ئالتە ئادەم تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمىگەن بولسىمۇ ، خاتماننىڭ قارىشىچە ئۇلارغا نىسبەتەن مۈگدىتىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندە ئۇلارئۇچرىغان بۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلارنى ئىگەللەش ، ئۇلاردىن كىشىنى ھەيراق قالدۇرارلىق بايقاشلارغا ئېرىشىش ئىھتىماللىقى يوقىرى ئىكەن .
بۇ غەلىتە ئىشتا ۋاقىت پەرقى ھادىسىسى يۈزبەرگەن بولسىمۇ ، بۇ بىرىنچى خىل دۇنيا بىلەن ئىككىنچى خىل دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت پەرقى مەسىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ياخشى بىر مىسالى . شۇنداقلا «ۋاقىت كارىدورى » نى تەتقىق قىلىشتىكى ياخشى ماتىرىيال . بۇ نۇرغۇنلىغان نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋەقەلىرى ئىچىدىكى ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلار مەلۇم بىربۆلۈك ۋاقتىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ياكى ئۇلاردا قېرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەر تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مىساللارنىڭ بىرى بولغاچقا ، نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىماقتا .
1954-يىلى كارىپ دېڭىزىدا مەشغۇلاتچى روگىن ۋە نوتۇن ھاۋا شارىنى ئۇچۇرۇپ ، باشقا 50 نەچچە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى بىلەن بىرلىكتە ھاۋا شارى بىلەن ئوكياندىن ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتاتتى . بۇچاغدا ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ كۆرۈش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى . تۇيۇقسىز شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ ھاۋا شارى سەۋەبسىزلا غايىپ بوپ كەتتى. 1990 - يىلى ، غايىپ بولغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان ھاۋا شارى تۇيۇقسىز ھالدا كۇبا ۋە شىمالى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز بويىدا پەيدا بولۇپ قالدى، شۇچاغدا ھاۋا شارىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشى كۇبا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنى جىددىلەشتۈرۈپ قويغان ، بولۇپمۇ كۇبا بۇ ھاۋا شارىنى كۆرگەندىن كىيىن ئامېرىكا مەخپى قۇرال ئىشلىتىپ بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى - دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان.
كۇبا ئۇچقۇچىسى مايور جىم.ئاجدۇ مۇنداق دەيدۇ : « بىرمىنۇتنىڭ ئالدىدا ئاسماندا تېخى ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى ، بىرمىنۇتتىن كىيىن بولسا بىر ھاۋا شارى پەيدا بولۇپ قالدى ». ئۇ چاغدا كۇبا ھاۋا ئارمىيىسى راداردا بۇ ھاۋا شارىنى بايقىغاندىن كىيىن ئۇنى ئامېرىكىنىڭ مەخپى قۇرالى - دەپ قاراپ ، ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئېتىپ چۈشۈرىۋەتمەكچى بولغان . ئاخىرىدا ھاۋا شارى كۇبا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى دېڭىزغا قوندۇرۇلغان ، ئىككى نەپەر مەشغۇلاتچى بولسا ئوكيان چارلاش پاراخوتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ ، كۇبانىڭ بىر بىر مەخپى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا سوراق قىلىنغان .
بۇغەلىتە ئىش كۇبالىقلارنى ئەجەبلەندۈرۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئىككى مەشغۇلاتچى نوتۇن بىلەن روگىننىمۇ قاتتىق ھەيرانلىقتا قالدۇرغان . ئۇئىككى مەشغۇلاتچى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىككى جاي ئارىسىدىكى بىر ھاۋا شارى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان . ئۇلار ئاللىقاچان 36 يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمىگەن ، ئۇلار پەقەت ئاجىز توك پۈتۈن بەدىنىنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەندەك يىنىككىنە بىر ئاغىرىشنى ھىس قىلغان ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئەتراپتىكى مۇھىت ،دېڭىزمۇ ئاسمانمۇ ئۆزگىرىپ ئاقۇش كۈلرەڭ بولۇپ قالغان،ئارقىدىنلا بىر كۇبا ئايروپىلانى ئۇلارنىڭ ھاۋا شارى ئەتراپىدا پەيدا بولغان.
چىكاگولۇق تەكشۈرۈش خادىمى كار.گىر ئىككى نەپەر ھاۋاشارى مەشغۇلاتچىسى روگىن ۋە نوتۇنلارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن 1954 - يىلىدىكى بىرقېتىملىق ھاۋا شارى مۇسابىقىسىدە سىرلىق ھالدا غايىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . گىرنىڭ قارىشىچە بۇ ھاۋا شارى « ۋاقىت كارىدورى » غا كىرىپ قالغان . ئىككى نەپەر مەشغۇلاتچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەقەت بىردەملىكلا ۋاقىت ئۆتكەن ، لىكىن يەرشارىغا نىسبەتەن بولسا 36 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ ، پەرق ناھايىتى چوڭ بولغان، شۇڭا بۇنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى يەرشارىنىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاستا بولغان بىر ۋاقىت كارىدورى - دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
يۇقارقىدەك مىساللار يەنە نۇرغۇن . ئورتاق بىر تەرىپى - غايىپ بولغانلارغا نىسبەتەن ۋاقىت ئەمەلىي ۋاقىتقا قارىغاندا ئاستىلىغان . لىكىن يەنە غايىپ بولغانلارغا نىسبەتەن ۋاقىت ئەمەلىي ۋاقىتتىن تىزلەپ كەتكەن مىساللارمۇ بار.
بىرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنىدا يەنە مۇنداق غەلىتە ۋەقەمۇ يۈزبەرگەن . بىرمىنۇت بۇرۇن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر سۇئاستى كىمىسى بىرمۇدا دېڭىز رايۇنىنىڭ سۇ ئاستىدا كېتىۋاتقان ئىدى ، ئەممە بىرمىنۇتتىن كىيىن لەيلەپ چىققاندا سۇئاستى كىمىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ھىندى ئوكياندا كۆردى . يەرشارىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئايلىنىپ بولغان بۇ دېڭىز سەپىرىدە سۇئاستى كىمىسدىكى 93نەپەر كىمە خادىمى 5 ياشتىن 20 ياشقىچە قېرىپ كەتكەن .
بۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كىيىن ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربى تەرەپ ۋە ئىلىم - پەن ساھەسى سۇئاستى كىمىسى ۋە بارلىق خادىملارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم ئۈچ پارچە دوكىلات تەييارلىغان .
تەتقىقاتچى خادىم دوكتۇرئالىس.مازىلوۋنىڭ قارىشىچە : « بۇ سۇئاستى كىمىسى بىر ۋاقىت كارىدورىنىڭ ۋاقىت تىزلەتكۈچ يولىغا كىرىپ قالغان . گەرچە ۋاقىت كارىدورىغا نىسبەتەن بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۇنىڭدىنمۇ باشقا مۇۋاپىق جاۋاب يوق ، ۋاقىتتىن ھالقىش جەريانىدا تىزلىكنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىغا بىزمۇ ئىنىق بىرنىمە دىيەلمەيمىز، ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىغا تەسىرى بولىدۇ ، لىكىن ئۇ كىمە خادىملىرى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 5 ياشتىن 20 ياشقىچە قېرىپ كەتكەن ، بۇنداق ئىشنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان » .
بۇ سۇ ئاستى كىمىسىنىڭ قوماندانى نىگرا.سىپىيوۋ مۇنداق دەيدۇ : « ئۇچاغدا بىز بىرمۇدادا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتاتتۇق ، ھەممە ئىش ئىنتايىن نورمال ئىدى ، نىمە سەۋەبتىنكىن تۇيۇقسىز كىمە چۆكۈشكە باشلىدى ، ئەمما بۇئىش كېلىشىدىن كېتىشى تىز - دىگەندەك ناھايىتى تىزلا ئاخىرلاشتى ، ئاندىن يەنە ھەممە ئىش نورمال ھالەتكە كەلدى ، پەقەت سەل غەلىتىلىك ھىس قىلىپ دەرھال لەيلەشكە بۇيرۇق بەردىم . پۈتۈن ئىش ناھايىتى تىز يۈزبەردى ، ئويلىنىۋالغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق ئىدى ، ئەمما شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ نىشان كۆرسەتكۈچىمىز بىزنىڭ ئورنىمىزنىڭ ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىدە ئىكەنلىكىمىزنى ، يەنى ئەسلىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئورنىمىزدىن 10 مىڭ كلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتى» . ئۇ چاغدا سۇ ئاستى كىمىسى دەرھال سىمسىز تىلىگىراف ئارقىلىق سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە باش شىتابى بىلەن ئالاقىلاشقان . ئالاقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ بىرمۇدادا ئەمەس بەلكى ، ھىندى ئوكياندا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
بۇ سۇئاستى كىمىسى قارا دېڭىزدىكى بازىغا قايتقاندىن كىيىن ، كىمىدىكى بارلىق خادىملار دەرھال ئايروپىلان ئارقىلىق موسكىۋادىكى بىر تەجىرىبىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلاردا ناھايىتى روشەن قېرىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئۇلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى : قورۇق چۈشۈش ، چېچى ئاقىرىش ، موسكۇللار ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار ئىدى . ئادەمنى قېرىتىۋىتىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇبىر تىراگىدىيە ، ئەمما ئىلىم -پەن نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا بۇ بىر خوشاللىنارلىق بايقاش ئىدى . بۇ كىمە خادىملىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلىرى بىزگە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى يەرشارى ۋاقتىدىن تىز بولغان يەنە بىر ۋاقىت كارىدورىنىڭ بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
كىيىنكى ساندىكى ۋاقىت تونىلغا مۇناسىۋەتلىك سىرلىق ئىشلار:
1. يوقاپ كەتكىنىگە 24يىل بولغان بېلىقچى سىرلىق پەيدا بولغان
2.تېتانىك چۆكۈپ كېتىپ 80يىلدىن كېيىن شىمالىي تىنىچ ئوكيان ۋە ئىسلاندىيەگە يېقىن جايدا 2نەپەر ھايات قالغۇچى بايقالغان
3. 1975-يىلى موسكىۋا مېترو تونىلىدا 100دىن كۆپ يولۇچىنىڭ سىرلىق يوقاپ كېتىشى
4. 1958-يىلى ئارگېنتىنالىق شوپۇر يېرىم سائەت ئىچىدە 13مىڭ كىلومتېرلىق يولنى بېسىپ ئۆتكەن
5. 1915-يىلىدىكى تۈركىيە ئەنگىلىيە ئۇرۇشىدا 100گە ئەنگىلىيە ئەسكىرىنىڭ تاغ چوققىسدا سىرلىق يوقاپ كېتىشى
6. 1900-يىلى ئامېرىكا گروگىيە شىتاتى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىدا 19-ئەسىردىكى يارىلانغان ئەسكەر تېپىلغان.
7. 1978-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا يېڭى ئورلىيان شىتاتىنىڭ بىر پۇتبول مەيدانىدا 14ياشلىق بارسېك ۋارتارغا توپنى ئۇرۇپ كىشلەر ئالدىدا تۇيۇقسىز غايىپ بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulack تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 08:46 PM
|
|
|
|
|
|