مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3995|ئىنكاس: 37

نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 07:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

              نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە  ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىلىرى



خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)



    قىسقىچە مەزمۇنى:  بۇ ماقالىدە نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمىنىڭ    كېلىپ چىقىشىغا دائىر    تارىخىي پاكىتلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنىڭ  ئەسلىدىن  ھۇن (ئۇنغۇر) ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  مىللىي بايرىمى ئىكەنلىكى،تۈركى قەۋىملەر ئارقىلىق ياۋرۇ-ئاسىياغا تارقالغانلىقى ، نەۋرۇز– يېڭى يىلبايرىمىنىڭ  ئۇيغۇر-تۈركمەدەنيىتىدىكى  ئەنئەنىلىرى  قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ ،نەۋرۇز –يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ  ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى  كۆرسۈتۈپ بېرىلىدۇ.


      ئاچقۇچلۇق سۆز: ئۇيغۇر-تۈركلەر      نەۋرۇز– يېڭىيىل بايرىمى       ئەنئەنە



      1 .نەرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى


       مىللەتلەرنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان  مەنىۋىي ئامىللار ،ئادەت –ئەنەنىلىرى،مېراسىلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىدۇر، بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرغان ،ئۇنى ياشناتقان، داۋاملاشتۇرۇشقامۈمكىن قىلغان تۈرك مەدەنىيەت ئۈلگۈلىرىدىن بىرسى نەۋرۇز ( يېڭى يىل ) بايرىمىدۇر.تۈرك خەلقلىرى تارىختىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ئىجتىماىي ۋە دىنىيھاياتتىكى  بەزى ئۈنۈملۈك ۋاقىتۋەقەلەرنى  بايرام دەپ قۇتلۇقلاپ كەلگەن.بۇلارنىڭ بىرى –نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرام كۈنىدۇر.

   ‹‹نەۋرۇز " ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ ،نەۋ   يېڭى ،رۇز  كۈن يەنى يېڭى كۈن، " " تۇنجى باھار كۈنى " ، " يېڭى يىل كۈنى" دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈركىيخەلقلەرگە ئوخشاش ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇقلىنىدۇ .ئۇيغۇرلاردا بۇبايرام  يېڭى يىل بايرىمى دەپقۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادىيە كالىندارى بۇينچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن23-كۈنىگىچەبولىدۇ.

     نەۋرۇز –يېڭى يىل بايرىمى 2009-يىلى دۇنيامەدەنيىتى مىراسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا ،2010-يىلدىن باشلاپ  خەلىقئارا نەۋرۇز بايرىنى قىلىپ بەلگىلەندى.

نەۋرۇز  پائالىيىتى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا،مىللەتلەردە  ھەرخىل ئىسىم –ئاتاشلار بىلەن  قۇتلۇقلانغان. تۈركىي خەلقلەردە  بۇ دىنىي بايرام بۇلۇشتىن  كۆپراق ،بىر تەبىئەت بايرىمى،بىر قۇتۇلۇش بايرىمى، باھار بايرىمى بۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.   

     ئەڭ قەدىمقى تۈركىي خەلق بايرامى بولغان نەۋرۇز تۈركىي خەلقلەردە ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن.

نەۋرۇز   بىرقانچە مىڭ يىللاردىن بېرى تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن . بۇ  بايرام مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردە ھۇنلار(ئۇنغۇر) تەرەپىدىنمۇ  قۇتلۇقلانغان ، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا  پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ بۈيۈك بايرام دەپ ئالقىشلىنىپ كەلگەن. ( تۈرك بايرامى نەۋرۇز http://www.turksolu.com.tr/78/adiguzel78.htm)


    تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ،نەۋرۇز  نامى بىلەن قۇتلۇقللىنىپ كەلگەن بۇ  بايرام،يەنىسەي (ئاناساي)،ئورخۇن ئەتراپلىرىدىن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپلىرىدىن  ھۇن (ئۇنغۇر) لارنىڭ ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن  ماجارىستان (ۋېنگىرىيە- ھۇنگىرىيە)، بالقانغا، ۋە ياۋرۇ –ئاسىياغا تارقالغان. مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ   ھازارلارنىڭ جەنۇبىدىن ئانادولۇغا ۋە مىسسىپوتامىيەگە تارقالغان . مىسىر نەۋرۇزنى يىلباشى دەپ مۇقىملاشتۇرغان .تۈركلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل بايرىمى ،ئىرانلىقلارتەرىپىدىن  تۈركلەردىن قۇبۇل قىلىپ نەۋرۇز   دەپ تەرجىمە قىلىپ قوللۇنىلغان.ئىران ئارقىلىق ئەرەپلەرگىمۇ تارقالغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن  ئابباسلار دەۋرىدە  نەۋرۇز بايرىمى دەپ قۇتلۇقلاش داۋام قىلغان ،سالجۇقىلاردا  ، ئوسماننىي (ئوسمانتۈركلىرى)  بۇ ئەنئەنە داۋاملاشتۇرۇلغان .ھەرقايسى جايلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش پەرىقلىق بولسىمۇ  لېكىن ،كۆپلىگەن ئورتاق تەرەپلەرمۇ بولماقتا.ئورتاق تەرەپلەرنىڭ بىرسى نەۋرۇز ئوتىدۇر، قەدىمقى تۈركلەدە ئوت بەخىت دەپقارىلىدۇ .

  تۈركى خەلقلەرنىڭ  مىللىي بايرىمى بولغان نەۋرۇز  ئاتالىرىمىز بولغان ھونلاردىن باشلىنىپ ، كۆكتۈرك  ،ئۇيغۇر ، تۈركمەن ،قىرغىز، تاتار،ئۆزبەگ ،قازاق قاتارلىق  تۈرك قەۋىملەرئارىسىدا تارىخ بۇيىنچە  يېڭى يىلنىڭ باشلانغىنى بۇلۇپ قۇتلۇقلانغان . بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە .

    جوڭگۇنىڭ قەدىمقى تارىخى ماتىرياللىرى بولغان‹‹تارىخىي خاتىرلەر›› ۋە ‹‹خەننامە.ھونلار تەزكىرسى››دىكى مەلۇماتلارغا  ئاساسلانغاندا ، ھونلاردا مىلادىدىن بۇرنقى3-ئەسىردە مودۇن (مەتە-باتۇر) تەڭرىقۇت زامانىسىدىن بېرى تۈركلەردە باھاربايرىمى  ئۆتكۈزۈلگەن .  ھۇنلار 21-مارتتا  تۈرلۈك يىمەكلەرنى ھازىرلاپ ، يايلاقلاردايىغىلىپ ،ئاتا –ئەجداتلىرىنى ئەسلىشىپ، مال –چارۋىلىرى ،نۇپۇس سانلىرى ئېنىقلاپ،تەبىئەت،زىمىنغا ،تەڭرىگە ئاتاپ مال چارۋىلارنى سۇيۇپ ،داش قازانلارنى ئېسىپ،مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە نەغمە ناۋا،تۈرلىك كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنىئۆتكۈزگەن. ‹‹ نەۋرۇز ئوتى›› يېقىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، سۇدىنئاتلاپ ئۆتكەن،چۈنكى تۈرك مەدەنيىتىدە ‹‹ئوت›› ۋە‹‹سۇ›› دامولھۇسۇل-بەرىكەت،ھاياتلىق، تىرىلىش جەم بۇلىدۇ دەپ قارالغان. ئىسلامىيەتتىنئىلگىرى ‹‹يېڭى كۈن›› نىڭ باشلىنىشىغا باغلىنىشلىق  ئىشلار  ھازىرمۇ ئۇچرايدۇ.

   1)  تۈركلەرنىڭ ئېرگېنېكۈن دىن چىقىش كۈنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇلۇپ ،تۈرك  خەلقلەرى بۇ كۈننى ‹‹قۇتۇلۇش بايرىمى››  دەپ قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە.

   2)  ئون ئىككى ھايۋانلىق قەدىمقى تۈرك  تەقۋىمى (كالىندارى)دا  كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ  تەڭلەشكەن كۈنى دەل  3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇلۇپ، ‹‹يىلباشى ›› دەپئېتىراپ قىلىنىماقتا  ، بۇ كۈندە يېڭىيىل  قۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلماقتا.

  3)   قىش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭباشلانغانلىغى،تەبىئەتنىڭ جانلانغانلىقى 21- مارتتا بۇلۇپ، تۈركىي خەلقلەرقىشلاقلاردىن يايلاقلارغا كۈچۈشكە باشلايدۇ ،بۇ كۈن ‹‹باھار بايرىمى ›› بۇلۇپ  چوڭ ۋە كەڭ كۆلەمدە قۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

  بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ ، باھارنىڭباشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ .

" ئۇيغۇرلار ئارىسىدا‹‹نەۋرۇز ›› بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز . لېكىن'نەۋرۇز' بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 'نەۋرۇز' بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇىقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك " ( <ئۇيغۇرئۆرپ - ئادەتلىرى > ناملىق كىتابتىن )


بولۇپ ،  بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەلەرگەئاساسلىنىپ تۇرۇپ " نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان " (ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ " نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمىتوغرىسىدا " ناملىق ماقالىسى ) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ .


" نەۋرۇز --- نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس ، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا ، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى . بۇ زارا ئاسرىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش ، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارائاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش ، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى " (ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن " نەۋرۇزبايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا " ماقالىسى ) . نەۋرۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاسترونۇملار ، جۈملىدىن ئەبۇر رەيھانبىرونى ، ئۆمەر ھەييام .... قاتارلىقلار "قوزى" (ھەمەل) بۇرجىداباشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . " ھەتتا زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەسكىتابى ‹‹ ئاۋېتسا ››دىمۇ نەۋرۇزنى قوزى بۇرجى بىلەن باشلىنىدۇ " دەپ يېزىلغان . زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹‹ ئاۋېتسا ›› مىلادىدىن بۇرۇنقى10-ئەسىردە يېزىلغان.




       ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار  ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قۇيۇپ ‹‹ئاق قۇزا›،ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا قۇت- بەخىت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە ‹‹ئاق قوزا››ئاينىنىڭ تۇنجى كۈنىنى يېڭى كۈن (نەۋرۇز ) دەپ قۇتلۇقلاشقان،بۇ(ھازىرقى مىلادىيەكالىندارى بويىنچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدۇر).


ھازىرغا قەدەر تۈركىي خەلقلەردە بۇخىل ئادەت-ئەنئەنە ،قائىدە ئورتا ئاسىيادىن بالقانغا ھەتتاكى ئامرىكىدىكى قىزىل دەرلىلەرئارىسىدىمۇ  ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە.ھەر يىلى يەنە 3-ئاينىڭ21 - كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بۇ كۈن قۇتلۇقلىنىدۇ.بۇ كۇندە  ‹‹كۆجۆ›› دېگەن ئالاھىدە تاماق تەييارلىنىدۇ.مازارلىق زىياپىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ ،زىياپەتتە ،ھالۋا ،پولو ۋە تۈرلى تاماق تارتىلىدۇ،ناغرا ،سۇرنايچېلىنىپ، تۈرلى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى،ئەل نەغمە ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


    بۈگۈنگە قەدەر ،تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا،خىرىستىيان بولغان  چۇۋاشلار ، بۇددىس بولغان تۇۋالار ۋە مۇسۇلمان بولغان قىرغىز ،ئازەرىيلەرمۇ  بۇ بايرامنى قۇتلۇقلايدۇ . ئەگەر ئۇ  شىئە –ئالەۋى بايرىمى بولسا ئىدى،خىرىستىيان دىنىغا ئېىقات قىلىدىغان تۈرك  قەۋىملىرى قۇتلۇقلىماس ئىدى، بۇددىس تۈركلەرنىڭ بۇ بايرامنى بىللە قۇتلۇقلىغىنى  بۇ بايرامنىڭ دىنىي سەۋەپتىن بولمىغانلىقىنى ئۇچۇقلاشتۇرىدۇ.

    تۈرك دۇنياسىدا  ئىسلامدىن ئىلگىرى 12 ھايۋان نامىدىكى مۆچەل تەقۋىمنى قوللىناتتى، تۈركلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ،بۇ دىن ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ،ھىجىرىيە تەقۋىمىنى(كالىندارىنى) قوللىنىشقا باشلىغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،  نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى ,بەزى ئېتنىك گۇرۇپىلار تەرىپىدىن  سىياسى ئۆلچەم ,سىناق قىلىپ      قوللۇنىشنى ئستىمەكتە . بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ، مەسىلىلەرگە  باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنماقتا .

نەۋرۇز –يېڭى يىل(باھار) بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ، نەۋرۇز –يېڭى يىل بايرىمىنىڭ  تۆۋەندىكىدەك   ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە ، مەسىلەن:

     - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى--- تۈركلەرنىڭ ئەرگەنەكۈن دىن  چىققان كۈنىدۇر.

     - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇر .

     - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—ئاتەشپەرەسلەردىن قالغان بىر بايرامدۇر .

     - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقان كۈنىدۇر( كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭتەڭلەشكەن ۋاقتىدا ).

     - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—ئىنسان نەۋرۇز كۈنى(كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا )يارىتىلغان.

    - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—  قۇتلۇق خەلقنىڭ بايرام كۈنىدۇر .

    - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردە باھار بايرىمى كۈنىدۇر.

    - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ئىران ۋەئافغانىستان  تەقۋىمىگە كۆرە  رەسمىي يىل باشىدۇر .

    - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردە  تۆمۈر تاۋلاش بايرام كۈنىدۇر .

    - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—نۇھ پەيغەمبەر ،نۇھ تۇفان بالاسىدىن كېيىن يەنە نەۋرۇز كۈنى يەرگە قەدەم باسقان .

    - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ئەركىنلىكنى ،مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرام كۈنىدۇر.

     - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— باھارنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر .

    -  نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— پەيغەمبەرمۇھەممەدنىڭ  مەككىدىن مەدىنىگە  ھىجرەت قىلغان كۈنىدۇر.

    - نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ توي قىلغان كۈنىدۇر .

    -نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ياھۇت ھەزرەتنىڭ نۆھنىڭ كېمىسىنى زىيارەت قىلغان كۈنىدۇر.

        بۇنىڭدىن شۇنى چۈشۈنىۋېلىشقا بۇلىدىكى ، نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، قۇتلۇقلاپ كەلگەن،مىللىي تىرىلىش ، دۆلەتقۇرغان كۈنىدۇر .

(IGDirli.com. www   تۈركلەردە يېڭى يىل:)

     ئۇيغۇرلار ئىسلام  دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇخىل ئەنئەنە داۋاملاشقان . 11-ئەسىردە ئۇيغۇر قارا خانىيلار قاغانلىقى (مىلادى 850-1212)دائۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى :‹‹دىۋانى لوغەتىت تۈرك›› ناملىق ئەسىرىدە :‹‹ يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دىيىلىدۇ.چۈنكى بۇئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ .ئىنسانلار ۋەجانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ .نەۋرۇز–جاھان  بەخىت-سائادىتىنىڭ  ئانىسى،بەرىكەت ۋە خوشاللىقنىڭ  مەنبەسىدۇر . بۇ سەۋەپتىن كىشىلەر  بىر بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ  سېخىلارچە خوشاللىقىنى نامايەن قىلىدۇ ›› .(مەھمۇد كاشغەرى : ‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،ئۇيغۇرچە،1-توم 452-بەت)


    ئۇيغۇرلارداقاچاندىن بېرى ‹‹نەۋرۇز ›› سۆزىنىڭ ‹‹دىۋانى لوغەتىت تۈرك›› تە خاتىرلەنگەن ‹‹يېڭى كۈن ›› سۆزىنىڭ ئورنىغا  قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا ، بۇبايرامنىڭ ۋاختى ئىككى ھەپتە  يەنى ئونبەشكۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر 7كۈندىن 3كۈنگىچە قىلىپ خاتىرلىنىدۇ.


يۈسۈپ خاس ھاجىپ " قۇتادغۇ بىلىك"داستانىدا نەرۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە :

قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا ،


بېلىق قۇيرىغىدىن قوزى بۇرنىغا .



  دېگەن بىيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ ، يەنى 12 - مۆچەل (بېلىق) ئۆتۈپ ، 1- مۆچەل(قوزى بۇرنى) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ، زېمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ ، ئىللىق باھارپەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نورۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ) بايان قىلغان.
  "نەۋرۇز" زېمىستان قىش تۈگەپ ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان ، قار - مۇز ۋەتوڭلار ئېرىپ ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل - دەرەخ ، گۈل - گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان ،دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپكەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ ھال " قۇتادغۇ بىلىك " داستانىدا ،ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

2. ئۇيغۇرلاردا  نەۋرۇز  ئەنئەنىسى پائالىيىتى  تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ.


       نەۋرۇز بايرىمى توققۇزرەسىميەت بۇيىچە ئۆتكۇزۇلىدۇ.

   1)كونا  يىلنى ئۇزۇتۇپ ،يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش.بۇنىڭئۈچۈن نەۋرۇز ناغرسى، ناغرا سۇنايلار چېلنىپ، يۇرۇپ–يۇرۇتلارغا نەۋرۇزبايىرىمنىڭ يېڭى باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلكىى جاكارلنىدۇ.     نەۋرۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ –ئۆيئارىلاپ ‹‹نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ ،نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل›› قاتارلىقئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ.

   2)نەۋرۇز-يېڭى يىل تازىلقى قىلىش .نەۋرۇزناغرسى ئاڭلغان جامائەت كونا يىلنى ئۇزۇتۇت، يېڭى يڭلنى،يېڭى باھارنى كۇتىۋىلشيۇزسىدىن بارىلق بۇلۇڭ–پۇشقاقلار ئالا قويماي تازىلنىدۇ،يەرلەرگە سۈپسۈزۈك باھارسۇلىرى ئۆيلەردىكى ئىدشلار باھار سۈيىگە لىق تۇلدۇرۇلىدۇ.

  3) سوغوق قوغلاش. بۇ ئاساسەن بايرامىنڭبىرىنچى كۇنى كەچتە ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەت بۇلۇپ، ياشلار سوغوقىنى ھەجۋىي قىلپ،ئوت يېقىپ ،قاپاق كۆيدۇرۇپ، جۇتنى قوغلاپ،باھارنى كۇتىۋالىدۇ،كېچىچە ئوخلماييۇرۇت–يۇرۇت مەھەللەردە قوشاق قېتىپ،سوغوقىنى قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ .،يولبۇيىدا سوغوق تاماق يىيلدۇ.

   4) ‹‹نەۋرۇزغا چىقىش›› ‹‹نەۋرۇزئېشى يىيىش ۋە ‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ››قىلىش. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە  چوڭقازانلار ئېسىلىپ ‹‹كۆجە››  تاماقپىشۇرىلىدۇ . ھەممە كىشى بۇتاماقتىن ئېغىزلىنىدۇ ، ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ ،ئاندىنقول سىقىشىپ  كۆرۇشۇپۆپ بىربىرى بىلەن  مۇبارەك بولسۇن دىيىشىپ  قىزغىن ئالقىشلىشىدۇ.بۇ بىرلىكتە يەپ ئىچمەك، دۇئاقىلماق، بۇلۇپ  بىرلىك ،باراۋەرلىكنىئىپادىلەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن يىلدىكى ئىشلاردىن ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىلىپ، يېڭى يىلئىشلىرى پىلانى  تۈزۈلىدۇ ،نەۋرۇزپائالىيىتىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئېلان قىلىنىپ ،تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ھازىرلاشئۇختۇرىلىدۇ. نەۋرۇز ئېشى يىيىش. بۇ ئىككىنچىكۇنى ئەتىگەندە ھەر كىشىقۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ،مەھەللىدىكى بۇ پائالىيەتكە ئاتاپ ،ئۇن،ياغ،شەكەر ،قۇرۇق يىمىش،نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يىمەكلىكلەرنىكەلتۈرىدۇ. جامائەت بىر يەرگە جەم بۇلۇپ، تاپقان–تەرگىننى بۇيىچە،چوڭ داشقازاندا يەتتە خىل دان ياكى توققۇز خىل يىمەكلكتىن نەۋرۇز ئېشى تەييارىلنىدۇ،بۇپائالىيەتكە قاتناشقان چوڭ–كىچىك قىرى ياش ھەممىسى ئېغىز تېگشدۇ. ‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ›› كىشىلەر پاكىز،يارىشىملىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ ،مازار-تۇپراق بېشىنى يوقلاپ  ،ئۈلۈپكەتكەنلەرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ،دۇئا قىلىشىدۇ.بۇ ‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ››دىيىلىدۇ.

  5)كىشىلەر بىر بىرىنى يوقلىشىدۇ،ياردەمگە مۇھتاجلارغا  ياردەمقىلىشىدۇ،كېسەللەرنى ،ئاجىز،مېيىپلارنى يوقلايدۇ. يامان ئىش-ھەرىكەتتە بولغانلارغانەسىھەت قىلىدۇ. ئارائازلىشىپ قالغانلار ، قۇلۇم قوشنىلار ياراشتۇرىلىدۇ. ئۆيلىنىشيېشىغا توشقانلارغا ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.

  6)نەۋرۇزسەيلىسى– بۇ پائالىيەت ساپ ھاۋالىق چىچەك بىلەن پۇركەنگەن باغدا سۇنىنڭ بۇيلىرىدائۆتكۇزلىدۇ، ھەر يەردە ئاتسەيلىسى،بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى،يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلىكسەيلە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. بۇ جايداھۇنەر–كاسىپلار، مەدداھلار، ناخىشچلار،ئۇسىسۇلچلار ،ئەلىنەغمىچلەر،يازغۇچى،شائىرلار نەزمە ئوقۇشىشۇپ ئۆز ماھارىتنىكۆرسىتدۇ ھەمدە جامائەت ئۆز پەرزەنتىلرىنى ھەر خىل ئۇسىتازلارغا شاگىرتلققابېرشىدۇ. ھىكايە ،داستانئېيتىش،جەڭ قىسسەلىرىنى ،مەشھۇر زاتلارنى تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەددالارداستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەل نەغمىچىلەر ‹‹نېۋرۇز نامە›› ئۇقۇشىدۇ.مەسىلەن:


                               كەلدى نەۋرۇز –يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭچىرىكىنى،

                                 نەۋرۇز دىبانكەلۇرلەر  خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،

                                گۈللەر قىسىۇرقىز ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆكىنى،

                                 مەجلىس قىلىپئويناشۇر، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،

                                 قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ ،يايرىشار كۈندۇربۈگۈن .


  7)نەۋرۇز يارشى– بۇ پائالىيەت مۇسابىقە تۇرنىئالغان بۇلۇپ، تۈرلىك شەكىلدىكىخەلق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئەل نەغمە، نەۋرۇز مۇقام مەشرەپلىرى، ساما ئۇيىنلىرى،مەددالىق،سەرۋازلىق ،دارۋازلىق، ئاتلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ،ئوغلاقتارتىش،چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، چەۋگەن توپ تەنھەىكىتى ،بۇقا سوقاشتۇرۇش (خەتىرى كۆپ بولغاچقا ئېلىپبېرىلمايدىغان بولدى) ،تۇخا سۇقاشتۇرۇش، تۈرلىك قىزىقچىلىقلار ،چاقپىلەك ،گۈلەڭگەئۇيۇنلىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەچتە ئوغلاق ئالغان كىشى يۇرۇت ئىچدەمەشىرەپ ئۇيۇشىتۇرىدۇ..

  8)نەۋرۇزمەشىرىپى–بۇ مەشىرەپكە يىگىت بېشى(يۇرۇت ئاقىساقلى ياكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەربولغان كىشلەرنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئىرشىكەن كىشى) سايلىندۇ, پاشىشاپ،مىرشاپلارسايلىنپ مەشىرەپ تەرتىپنى قۇغىدايدۇ،ئۇتتۇز ئوغۇل،توققۇز قىز مەشىرەپكە باشبۇلۇپ،پۇتا ئويناش بېيت ئېيتتش،ھەر خىل جازا تۇرلىرى(يەنى كىشلەرنى ئەدەپ–ئەخلاقئۇنىدەيدىغان) بىرلىپ مەشىرەپ ئەۋجگە كۆتىرلىدۇ.

  9)نەۋرۇزلۇق تىلەك.  بايرامىنىڭ 3–كۇنىنى يۇرۇتىكى ھەر بىر ئائىلەتاپىقنى بۇيىچە قازان ئېسىپ بۇ يىل تىنچ–ئامانلىق بۇلۇشى،زىرائەتلەرنىڭبالا–ئاپەتىتن ساق–سالامەت ئوتۇشى،قىلغان ئىشىلرىغا بەرىكەت، جان–جانىۋارلارغا كۆپتۇلە ئېلشنى مەقىسەت قىلپ، نەزىر بىرىدۇ،يولىدىن ئوتىكەن–كەچكەنلەر ھەم بارىلىقيۇرۇت ئەھلى ھەر–بىر كىشنڭ تاماققا ئېغىز تىگىپ،دۇئا بىرىدۇ،ئاخىرىدا جامائەت،يېقىنئۇرۇق–تۇققانلار، دوسىتلار ئۆز–ئارا بىر–بىرگە ئامان–ئىسەنلىك ياخىشى تىلەك تىلشىپبايرام ئاخىرلشىدۇ.

قىسقىسى نەۋرۇز-يېڭى يىل بايرىمى ، پائالىيىتىئارقىلىق قىش زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش ، يېڭى يىلنىڭيېڭىچە خوشاللىق ئەكىلىشىنى تىلەش ، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش ،كىشىلەرنى ئىلىم مەرىپەتكە ئۈندەش ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش ،ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەلىسئەتتۈرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، تەبىئەت بايرىمى، مولھۇسۇل بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى،ئىناقلىق-ئۇيۇشۇش بايرىمى، ھۈنەر كەسىپ بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى،شاتلىقبايرىمى ،كۆرەك قىلىش بايرىمى ،ئەدەبىيات –سەنئەت بايرىمى ،مىللىي-خاسلىقنىكۆرسىتىش  بايرامى،  قىسقىسى ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ،تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىدىغان، ئۆگۈتىدىغان، ھەرتەرەپلىمە  ئىقتىداريېتىلدۈرىدىغان ،ئېچىۋېتىلگەن ،خەلق مەكتىۋىدۇر.

       ئىزاھاتلار:

    1)     ئېرگېنېكۈن دىن چىقىش كۈنى- تۈركلەرنىڭئېرگېنېكۈن دىن قوزغۇلۇپ چىققان كۈنى باھارنىڭ كەلگەن كۈنى بۇلۇپ ، بۇ كۈننى قۇتۇلۇش كۈنى دەپ ، ھەريىلى يىلباشىدا چوڭ كۆلەمدىكى قۇتلۇقلاش،خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ   . ئۇيغۇر ئېلىدىن  بالقانغا قەدەر  پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى ۋە قەبىلىلىرىتەرىپىدىن  مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىنبۈگۈنگە قەدەر ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21- كۈنى قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ .

ئەپسانىلەرگەكۆرە ،   تۈركلەرنىڭ پۈتۈن قەۋىملىرىبىرلىشىپ ، تۈركلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان تەرەپكە ئاتلانغان ۋە 10كۈن ئۇرۇش قىلغان،ئۇرۇشتا تۈركلەرنى يېڭىشقا  كۆزى يەتمىگەنقارشى تەرەپ ، ھىلە ئىشلىتىپ تۈركلەرنى يەڭگەن. تۈركلەرنىڭ پۈتۈن  چاتىرلىرىنى،ماللىرىنى ئېغىر زىيانغائۇچراتقاندىن كېيىن ،تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. كىچىكلىرىنى قۇلقىلىپ ئېلىپ كەتكەن. كۆك تۈرك خانى ئېلخاننىڭ كىچىك ئوغلى قىيىن بىلەن يېقىنىتوكۇز خوتۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن  قېچىشتىن باشقا يۇلى قالمىغاچقا ، قېچىپ بىر يەرگە كېلىپ قالغان . ئۇلاربۇيەرگە ئەرگەنەكون  دەپ ئاتىغان. بۇيەربەك مۇنبەت بولغاچقا ئۇلار بۇيەردە  400يىلتۇرغان. ئۇلار كۆپۈيۈپ  ،بۇيەرگە  سىغمىغان، كىشىلەر ئەرگەنەكوندىن چىقىشكېرەكلىگىنى دىيىشىپ ، ئۇلار  بۇ تاغنىتۈمۈر بىلەن تىشىپ  ،تاشقىرغا چىققان.دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ ،ئۆچىنى ئالغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ  باشلىقى(ھۆكۆمرانى)بۆرتەچىنە=  بوزقۇرت ئىدى  ،بۇ كۈن يېڭى يىلنىڭ  باشلانغان كۈنى بۇلۇپ ،كۆك تۈركلەردە  بايرام دەپ قۇتلۇقلاشقا باشلىغان . (http://blog.Millet. Com. tr/   )

    2)    12ھايۋانلىق تۈركتەقۋىمىدە – بىر كۈن 12 بۆلۈمگە ئايرىلغان ،ھەر بۆلىمىگە ۋاقىت-چاغ ئاتىبېرىلگەن.بىر چاغ ئىككى سائەت ، بىر كۈن 24 سائەتكە  ئايرىلغان، يىل باشى   كېچە بىلەن كۈندۈز  تەڭلەشكەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى  بۇلۇپ ، نەۋرۇز كۈنى بۇلۇپ  قۇتلۇقلىنىدۇ. بۇ يېڭى يىل باشلانغان كۈن دەپئاتىلىدۇ.


       2014 .3.6


  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-12 11:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 08:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ئەتراپلىق يىزىلغان تېما !ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەتېۋالىقىمىز ،ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان مىراسلىرىمىز!نەۋرۇز!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 10:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 08:51 PM
ئىنتايىن ئەتراپلىق يىزىلغان تېما !ئەجدادلىرىمىزدىن قا ...

بىرە ئىسلامى تىمىلارنىمۇ مۇشۇنداق ماختاپ قويىشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن..

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋرۇز توغرىسىدا خېلى قىممىتى بار ،ئەتراپلىق توختالغان ئەسەركەن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20038
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6481
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كاتتا تېما بوپتۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت ! نەۋرۇز بارىمى يۇرتىمىزغا نىسبەتەن ھەقىقى باھار بايرىمى. نەۋرۇزنى بايرىمىنى چوقۇم ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .

يىگىت قەسەم ئچمەيدۇ يىىگىتنىڭ سۆزى قەسەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 08:51 PM
ئىنتايىن ئەتراپلىق يىزىلغان تېما !ئەجدادلىرىمىزدىن قا ...

بىرە ئىسلامى تىمىلارنىمۇ مۇشۇنداق ماختاپ قويىشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن..

مەنمۇ شۇنداق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 10:30 PM
بىرە ئىسلامى تىمىلارنىمۇ مۇشۇنداق ماختاپ قويىشىڭىزن ...

ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلماندارچىلىقنى بىر - بىرسىگە قارشى قىلىپ قويمىسىڭىز ئاخشىمى ئۇيقۇڭىز كەلمەمدا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 10:30 PM
بىرە ئىسلامى تىمىلارنىمۇ مۇشۇنداق ماختاپ قويىشىڭىزن ...

ئىسلام دىنىغا ،مۇسۇلمانلىقىمىزغا بەزىلەردەك دەپ چىلىپ ماختىمايمەن.دىن مىنىڭ ،ئىتىقادىم مىنىڭ ،ئىمانىم مىنىڭ ،دىلىمدا بىلىمەن ،جىمجىت مۇسۇلمان پەرزلىرىنى ئادا قىلىمەن .
نەۋرۇز مېللىتىمنىڭ كۈچىمنىڭ بىرىشىچە قوللايمەن ،ھۆرمىتىنى قىلىمەن .يەنە بىر گەپ ئىسلامىي بىلىم لاھىم بولسا مىسرانىمغا كىرمەيمەن .‹‹伊斯兰之窗››دىگەن بىر قانۇنلۇق مەملىكەت خاراكتىرلىق تور بەت بار شۇ يەرگە كىرىمەن .
  ئىشىنىمەن ،سىزمۇ بەزىلەدەك ئېمانى .ئىتىقادى يايما ئاشقانداق سۆرەپ يۇرىيدىغانلاردىن بىزار.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
masrura يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 11:16 PM

شەرقشۇناس فۇن لىكوك 1904-1907-يىلى قاراخوجىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر كەمتۈك ۋاراقنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇ مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك «ئىككى يىلتىز نوم»نىڭ پارچىسى بولۇپ، ۋاراق پارچىسىدا «قۇتلۇق يىلى قۇتلۇق ئاي قۇتلۇق كۈن» دە «يۇقىرى مەرتىۋىلىك تەڭرى (تۈركىي چارۇق) نىڭ شەھىرى ئارغۇ تالاس ئۇلۇغدا پۈتۈلدى. پۈتۈشتىكى مەقسەت ‹ئون ئوق ئىلىدىكى مۇشرىكلار›ئۈچۈندۇر» دېيىلگەن. ۋاراقتا يەنە جاكان كەنت (ياركەنت)،«ئوردۇكەنت» (كاشغەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى خانئۆي قەدىمكى ئىزى)، چىگىل بالىق (كاشغەر ئەتراپىدا)، كاش-كەش (بۈگۈنكى كاشغەر شەھىرى رايونى) قاتارلىق ناملار بار بولغان. ئىلگىرى بەزى ئالىملار «‹ئونئوق ئىلىدىكى مۇشرىكلار ›ئۈچۈندۇر» دېگەن جۈملىگە ئاساسەن، مەزكۇر ۋاراق پارچىسىنىڭ يېزىلغان تۆۋەن چېكىنى مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى دەپ قارىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 11:30 PM
ئىسلام دىنىغا ،مۇسۇلمانلىقىمىزغا بەزىلەردەك دەپ چىل ...

ئۆتكەندە بىرەيلەننى «ناماز ئوقۇڭ .ناماز ھەممىزگە پەرز قىلىنغان »دىسەم ، «خۇدايىم دىلىمغا ئىنساب بەگەن كۇنى ئوقۇيمەن ، ناماز ئوقۇمىساممۇ دىلىمدا با ،دىلىمدا بىلىمەن » دىگەنتى ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .
  سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا گەپ قىلدىڭىز ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش