ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر ، مەن بىر قانچە ياخشى يۇمۇرلارنى كۆرگەنتىم ، سىلەرنىڭمۇ بىرگە ھوزۇرلىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ بۇ تىمىنى يوللىدىم . قىنى مەرھەمەت........
مىنى نىمىشقا ئېلىۋالمىغان
دادىسى ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاىتلىرىنى ئەسلەپ بالىسىغا:
_ ئۇ ۋاقىتلار نىمە دىگەن ياخشى، دالىدا تومۇزغا تۇتاتتۇق، جىلغىلاردا ئوينايتتۇق، كۈن بويى چۆپلۈكتە ئۇخلايتتۇق، قىلچە غېمىمىز يوق، بەك ياخشى ئىدى، _ دەپتۇ.
دادىسىنىڭ گىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقان بالا بىردىنلا چىرقىراپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
_ نىمە بولدى؟ _ دەپ سوراپتۇ دادىسى ھەيران بولغان ھالدا.
_ ئەينى ۋاقىتتا مىنى نىمىشقا ئېلىۋالمايسەن، _ دەپ تېخىمۇ بەك يىغلاشقا باشلاپتۇ.
گىپىمنى چۈشەنمەيدۇ
بالىسى: ئاپا قارا، ئاۋۇ ئادەم مايمۇنغا بەك ئوخشايدىكەن.
ئاپىسى: بۇنداق گەپ قىلما، باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ.
بالىسى: ھېچقىسى يوق، مايمۇن بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشەنمەيدۇ.
نېمىنى تاشلىۋەتمەكچى
_ مەن ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ، ئاخىرى تاشلىۋىتىشنى قارار قىلدىم.
_ سەن زادى نىمىنى تاشلىۋىتېش قارارىغا كەلدىڭ؟ ھاراقنىمۇ ياكى تاماكىنىمۇ؟
_ ياق، ھېچقايسىسى ئەمەس، كىتاب ئوقۇشنى.
دۇنيانى ئۆزگەرتىش
جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى جوندىن سوراپتۇ:
_ نېمىشقا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىش تاپشۇرۇقىنى ئىشلىمدىڭ؟
_ سىزغان دۇنيا خەرىتەمنىڭ دۇنيانى ئوزگەرتىۋېتىشىدىن قورقتىم.
تاقابىل تۇرۇش
موماي ئايال قوشنىسىدىن سوراپتۇ:
_ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا كۆرۈنمەيسىز، نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟
_ ئېرىمنىڭ ئەتكەن تامىقىمدىن قۇسۇر تىپىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۇرۇستا ئوقۇۋاتىمەن.
_ ئاشپەزلىك كۇرۇسىدىمۇ؟
_ ياق، چامباشچىلىق كۇرۇسىدا.
تەخسىنىڭ چىقىلىشى
بىر خىزمەتكار ئېھتىياتسىزلىقتىن قىممەت پۇللۇق تەخسىنى چېقىۋېتىپتۇ، خوجايىن تەخسى سۇنۇقلىرىنى كۆرۈپ قېلىپ كىمنىڭ چېقىۋەتكەنلىكىنى سوراپتۇ.
_ مەن چېقىۋەتتىم، _ دەپتۇ خىزمەتكار ئىقرار بولۇپ.
_ قانداق چېقىۋەتتىڭ؟ _ دەپ سوراپتۇ خوجايىن.
خىزمەتكار خوجيىننىڭ سورىقىغا جاۋاپ بىرەلمەي تىت _ تىت بولغان ھالدا يەنە بىر تەخسىنى يەرگە چۈشۈرۋىتىپ:
_ مانا مۇشۇنداق چېقىۋەتتىم، _ دەپتۇ.
يولۋاس قايسى ھايۋاندىن قورقىدۇ؟
_ كىچىك دوسلار، يولۋاسنىڭ ئورمان ھايۋانلىرىنىڭ پادىشاھى ئېكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ھەممە ھايۋانلارنىڭ قورقىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. بىراق، يولۋاسمۇ مەلۇم بىر خىل ھايۋاندىن قورقىدۇ، ئەلى سەن يولۋاسنىڭ قايسى ھايۋاندىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى.
ئەلى ئىككىلەنمەيلا:
_ يولۋاس، چىشى يولۋاستىن قورقىدۇ. _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.