|
|
|
|
دۇنيا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر(4)
ئىزوپ مەسەللىرى
ئىزوپ Aesop نىڭ تارىختا ياشاپ ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكىگە قارىتا ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. گىرىتسىيەلىك تارىخشۇناس رىدودنىڭ قارىشىچە، ئىزوپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ بېشىدا سىكوموسScomos ئارىلىدا ياشاپ ئۆتكەن بىر قۇل بولۇپ، ساتىرىك ئەسەرلىرى بىلەن ھۆكۈمرانلارنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ياردىن تاشلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. « ئىزوپ مەسەللىرى Aesop’s Fables » دۇنيادا 200خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، كۆپ قىسىم مەسەللىرى بالىلار ئوقۇتۇش ماتىرياللىىرىغا كىرگۈزۈلگەن. تۆۋەندە كىلاسسىك ئىزوپ مەسەللىرىدىن ئىككى پارچە تەرجىمىسى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا. Sour grapes
One day, a hungry fox tried to reach a bunch of grapes handing from a vine. But they were just too high. Finally, the fox give up. As he walked away from the grapes, the fox decided that they were probably sour anyway.
ئاچچىق ئۈزۈم
بىر كۈنى ئېچىرقىغان تۈلكە ئۈزۈم بارىڭىدىن ئۈزۈم ئۈزۈپ يىمەكچى بولۇپتۇ. بىراق باراڭ بەك ئىگىز بولغاچقا بويى يەتمەپتۇ. ئاخىرىدا تۈلكە ئىلاجسىز ۋاز كىچىپتۇ. ئۇ كىتىۋاتقاچ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ: - بۇ ئۈزۈملەر ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن، دەپتۇ. Tortoise and hare
A tortoise and a hare made a bet over who was the faster animal. As soon as their race began, the hare ran so far ahead of the tortoise that he had time to sit down and rest. As he waited for the tortoise, the hare accidentally fell asleep. Soon, the tortoise, who had not stopped since the race began, passed the hare and won the race.
تاشپاقا بىلەن توشقان
تاشپاقا بىلەن توشقان كىمنىڭ تېز يۈگىرەيدىغانلىقى ھەققىدە تىكىشىپتۇ. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن توشقان جېنىنىڭ بارىچە يۈگىرەپ تاشپاقىنى خېلى ئارقىدا تاشلاپتۇ. تاشپاقىنى ساقلىغاچ بىردەم ئارام ئالماقچى بولغان توشقان ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇخلاپ قاپتۇ. مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي ماڭغان تاشپاقا توشقاننى كەينىدە قالدۇرۇپ، مۇسابىقىدە غەلبىگە ئېرىشىپتۇ.
مەنبە: ئويتاغ قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-13 10:10 AM
|
|
|
|
|
|