مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4886|ئىنكاس: 18

ئاقسۇ-تارىم مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 06:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاقسۇ-تارىم مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا


خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتى)

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئاقسۇ مائارىپىنىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ، ئاقسۇ-تارىم مائارىپ  ئاسمىنىدا چاقنىغان  چولپان ،ئەل سۆيگەن ،ئەلگىمۇ كۆيگەن، ئاتاغلىق مائارىپچى تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش،پىلانلاش ماھىرى ،پېداگوك-رەھمان ۋايىت  1932-يىلى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يۈرچى يېزىسى توم ئېرىق كەنتىدە  تۇغۇلغان. ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە  مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ،دىنىي بىلىملەرنى ئىگەللىگەن. كېيىن كەلپىن ناھىيە بازىرىدائېچىلغان پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا تىزىملانغان.

      رەھمان ۋايىت  1949-يىلى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا مەكتىۋى (ئورنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىدا ئىدى) گە  ئوقۇشقا قۇبۇللانغان، كېيىن ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا تاللىنىپ ،1951-يىلى9-ئايدىن 1953-يىلى 7-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتى (شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى) نىڭ بىيو-خېمىيە كەسپىدە 3يىل ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قارا شەھەر ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ،كۆپ ئۆتمەي ئۇچتۇرپانناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان . 1953 -يىل ئاخىرىدا  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن. ئۇ بۇ جەرياندا دەسلەپ بىيو-خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئىلمىي مۇدىر كېيىن ئوقۇتۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدارىغا ئاساسەن ،مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن . 1959-يىلى 10-ئايدىن 1961-يىلى 4-ئايغىچە مەركىزى مىللەتلەرئىنىستىتوتىغا 2يىللىق خەن تىلى ئۆگۈنۈش ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. بۇ ھايات ئۇنىڭغا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھاياتى-ئىش پائالىيەتلىرى ،ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن قىلۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ، قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشۇش،ئۆگۈنۈش  ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلغان .



     1973-يىلدىن1982-يىلغىچە ئاقسۇ مائارىپىنىڭ بۈشىكى بولغان ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمن (پېداگوگىكا مەكتىۋى)دە   مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن.ئۇ چاغدا ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋى  تۈرلۈك سەۋەپ ،زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى ئورنىدىن  قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانىغا يۆتكەلگەن ،  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ بۈلۈپ تاشلانغان ، شارائىت، مۇھىت ناچار ، قىيىنچىلىق  ۋەزىددىيەتلەر كۆپ، قالدۇق مەسىلىلەرمۇ كۆپ، يېڭى مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ،قىسقىسى ‹‹چاڭگىسى بۇزۇلغان قۇشتەك ››مەكتەپنىڭ ھەممە ئىشلىرى پاراكەندىچىلىك ،تەرتىپسىزلەشكەن ،ھەممە ئىنتىلۋاتقان ،ئەمما  ئىشلار ئارزۇلىغاندەك  بولمايۋاتقان شارائىتتا ،ئاقسۇ شەھرىدىن13 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە ئىسمى بار جىسمى يوق ، مەكتەپنى يېڭىلاپ قۇرۇش ،مۇستەكەملەش،ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.

    ئۇ تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش، باشقۇرۇش ،پىلانلاش ماھىرى ئىدى.ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچى -خزمەتچىلەرنى خاتىرجەم تۇرمۇش شارائىتىغا  ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئائىلىلىكلەر قوروسىنى سالدۇرۇپ تارقاق ئولتۇراقلاشقانلارنى   بىر-بىرلەپ ماكانلاشتۇرغان. ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى  1975-يىلى 400 گە يەتكۈزگەن ، مەكتەپ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ شورتاڭ قاقاسلىقتا كەڭ ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچى،خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ، شۇ چاغدىكى شارائىتقا ئاساسەن ،كەتمەن بىلەن 200مولۇقباغ ۋە 500مولۇق سالا ئېتىز بەربا قىلىپ ،مەكتەپ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگەن،ئاشلىق تېرىغان .

ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ ،نورمال خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كېلىپ ، كىشىلەر بۇرۇقتۇرمۇلۇق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، مەكتەپ  ھەقىقى ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.

     بۇ ۋاقىتتا رەھمان ۋايىت  1- قىلىپ  ئوقۇتۇشتىكى سۈپەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتقان،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كېلەچەككە  ئۈمۈتلەندۈرۈپ ،جەمىيەتتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ،ۋەتىنىمىزنىڭ  كېلېچەك ئىزباسارلىرى،خوجايىنلىرىنى تەربىيەلەشتە ‹‹ ئۆگۈتۈم- مائارىپ ئىشلىرى ،بىردىن بىرچىقىش يۇلىمىز ،تاللىشىمىز» دەپ بۇ ئىدىيەدە چىڭ تۇرغان. ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن(پېداگوگىكا ) مەكتىۋى ئۇكىشىنىڭ يىتەكلىشى،باشلىشى بىلەن  تەرەققىي قىلىپ ،جەمىيەتكە  مەدەنىيەت ساپاسى شۇ زامانغا  لايىق نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ ،يىتىشتۈرۈپ ، ئاقسۇ جۈملىدىن شىنجاڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۆچمەس شانلىق بىر سەھىپە ياراتقان.

     ئەسكەرتىش:ئەمما 1989-يىللارغا قەدەر  شۇ زاماندا  قاتناش يوللىرى راۋان ئەمەس،تاشلىق يول ،قاتناش ۋاستىلىرى ناچار بۇلۇپ(ھازىرقىدەك قاتناش شارائىتى يوق ئىدى)، كىشىلەر يولدا ئۇچرىغانلىلى قاتناش ۋاستىلىرى ( ھارۋا، ۋېلىسپىت، قارا ماشىنا  قاتارلىقلارغا تايىنىپ ،غەرىپكەيۈرۈپ ئاقسۇ شەھەر ئىچىگە كىرەتتى. ،ھازىرقى خەلق مەيدانى ۋە ئاق مەسچىتكە بارىدىغان يول (شاڭگاڭ بازىرى ئالدىدىكى)ئاقسۇنىڭ شەھرىنىڭ شەرىقى چېگراسى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ شەرقى شەھەر دائىرسىگە كىرمەيتى. كىشىلەر  بۇ جايدا توپلۇنۇپ كېلەشىدە ،قايتاشىدا قاتنايدىغان ماشىنا يوق ،يوللاردا توپلۇشۇپ قاتنىغىلى بولىدىغان  ۋاستىلەرنى ئىزدەيتى.

       كەڭ  ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ،خىزمەتچى ئاتا-ئانىلارتۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ، مەكتەپنىڭ شەھەر ئەتراپىدا بولۇشنى ،بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ‹‹تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەندەك ›› ، رەھمان ۋايىت ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، يول تېپىپ مېڭشقا ئىزلەندى .كۆپ باش قاتۇردى، ئالاقىدار ئورۇن، مۇناسىۋەتلىكرەھبەر ،ۋىلايەت رەھبەرلىرى،ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم رەھبەر ،ساۋاقداش ،مۇتەخەسىسلەر بىلەن  سۆھبەت قۇرۇپ ،ئالاقلىشىپ، ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمىن (پېداگوگىكا ) مەكتىۋىنى  13كىلومېتىر يىراقلىقتىن ،ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىغا يۆتكەپ ئەكىلىشكە بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن.

   ئەسكەرتىش: شۇ كۈنلەردە  شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەركىزى –ئۈرۈمچىدىن  سەيدۇللا سەيپۇللايوپ قاتارلىق رەھبەرلەرئاقسۇغا كەلگىنىدە ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمىن مەكتىۋىنى كۆزدىن كۈچۈرۈپ ،«ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىڭلار بولىدىكەن ،ئەمما مەكتىۋىڭلار  ئورنى شەھەردىن  يىراق بۇلۇپ قاپتۇ» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىكەن.

    ‹‹ تىرىشچانلىق نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ»، دېگەندەك1980-يىلنىڭ ئاخىرى،ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ،مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەش تەلىپىگە تەستىق سالغان.   نەتىجىدە،تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش،پىلانلاش ماھىرى-  رەھمان ۋايىت  1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ  ئاقسۇ شەھرىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاقسۇ  قەشقەر يۇلى شىمالىي تەرىپىگە، ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋىنى يېڭىلاپ قۇرۇپ چىقىش ،مەكتەپ ئورنىنى پىلانلاش ،ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش ،قاتارلىق  تۈرلۈك جىددىي خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ ، ئاقسۇتارىخدا  مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت  شەرەپلىك ئىشنى يەنە بىر قېتىم  غەلبىلىك ئورۇنلاپ ،كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغان ۋە  قەلىپ تورىدىن ئورۇن ئالغان.

   دەل شۇ ۋاقىتتا ، 1982-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىگى ، رەھمان ۋايىتنى  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە  قايتا مۇدىر قىلىپ يوتكىگەن. ئۇ بۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك1- ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈلگۈلۈك مەكتەپكە ئايلاندۇرۇش ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئاتىغان. ئۇ قەيەرگە بارسا شۇيەرنى تەرەققىي قىلىپ ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش نۇرىنى چاشقان . پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان ،ھەممە ئىشتا  ئامما بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرغان ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەمما ،خىزمەتتە   بوشاڭلىق قىلغان،مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان ،كۆز بۇيامچىلىق قىلغانلارغا دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك تەربىيە بەرگەن .  

    1983-يىلى  دۆلەتلىك مائارىپ كۆمېتىتنىڭ گۇاڭجۇدا ئېچىلغان، يىغىنىدا «ھەرقايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تېزدىن مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇپ چىقىش پىلانلاش، تەستىقلاش يىغىنى» دا  شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر يېرىم مىليۇن نۇپۇس ئۈچۈن بىرئالىي مەكتەپ- ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇشقا تەستىق سالغان. 1984-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىرى ،‹‹ ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن » دىن ئىبارەت ،ئالىي بىلىم يۇرتىنى  قۇرۇپ چىقىش ،بۇنىڭ ئۈچۈن كىمنىڭ  بۇئىشنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىش مەسىلىسىدە ،كۆپ قېتىم  پىلانلاش ئېلىپ بېرىپ ، ئاخىرى يەنىلا ، رەھمان ۋايىتنىڭ    تالانتىغا ،مەكتەپ قۇرۇش ئىقتىدارىغا ، ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ماھارىتىغا ئاپىرىن ئوقۇپ ، 3-قېتىم ئاقسۇ تارىخدا  ئالىي بىلىم يۇرتىنى  قۇرۇپ چىقىش ئىشقا مەسئۇل قىلغان . ئۇ بۇشەرەپلىك ۋەزىپىنى تاماملاپ ،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان ، ئاقسۇ قەشقەر ،خوتەن ۋىلايىتى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى،بۆرىتالا موڭغۇل ئوبلاستى  قاتارلىق جايلاردىن  خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى  9  كەسىپ بويىنچە ، قوبۇل قىلغان، ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى چىڭ تۇتقان .شۇ كۈنلەردە  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومېتېتى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ، «ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى مەكتەپ باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش سۈپپىتى،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشى جەھەتتىن قارىغاندا ،جەنۇبىي  شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى بۇلۇش شەرتىنى ھازىرلاپسىلەر ، يولداش رەھمان ۋايىت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىلەر » ، دەپ  ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاپ قايىتقان .

    ئەپسۇسكى،يولداش رەھمان ۋاھىت ئاقسۇ مەدەنىي مائارىپ تەرەقىياتى  ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ ،جىددىي ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە، 1988-يىلى ئاقسۇ ۋالىي(مەمۇرىي )  مەھكىمىسى يولداش رەھمان ۋايىتنى  ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى  مائارىپ مۇپپەتىش ئىشخانىسى مۇدىرى دەپ يۆتكىگەن، بۇ ئىش ، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىكىلەر ئۈچۈن،يولداش رەھمان ۋاھىت ئۈچۈن ،شۇ جۈملىدىن ئاقسۇ-تارىم خەلقى ئۈچۈن ،ئاسماندىن مۆلدۈدۈر چۈشكەندەك ،ھەممە كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان ،ئېچىندۇرىدىغان،ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە بولغان...؟. 1993-يىلى  دەم ئېلىشقا  چىقىپ كەتكەن .

     ئاقسۇ مائارىپىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ،ئاقسۇ مائارىپ ئاسمىنىدا چاقنىغان  چولپان،ئەل سۆيگەن ،مائارىپچى  رەھمان ۋايىت 2014-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى (دۈشەنبە)ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە 82-يېشىدا    ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئۆز ئۆيىدە ئارزۇ –ئارمانلىرىنى كۆرەلمەي  بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.ئاقسۇ مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىر يۇلتۇز ئۆچتى...

    بۇ خەۋەر تارقىلىش بىلەن ، نەچچە مىڭلىغان  ئاقسۇ خەلقى ،يىراق يېقىندىكىلەر ،توپ-توپ ھالەتتە  سۆغاققا قارىماي ، نامازغا يىتىپ كېلىپ،مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ ،ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنداشقا قاتناشتى.نامىزى يېڭى بازار  مەسچىتتە چۈشۈرۈلۈپ ،ئاقسۇدىن كونا شەھەر(ھازىرقى ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ئونسۇ)گە ماڭغان يولدىكى دۆلەت مۇداپىئە پولكى (گوپاڭتۇەن)نىڭ شىمالىي تەرىپىگە يانداشقان دۆڭلىكتىكى تۇپراق بېشى-مازارلىققا قۇيۇلدى. تۇپراق بېشى مەرھۇمنىڭ نامىزىغا كەلگەنلەر بىلەن لىق تولدى. روھىغا ئاتاپ ئىككى دۇنيالىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى......

    رەھمان ۋايىتنىڭ ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتوتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى پائالىيىتى


  ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولغاچقا ،« ئىسمى بار جىسمى يوق» ،ئاقسۇ شەھرىنىڭ يار ئۈستىدىكى گىيا ئۈنمەس شورتاڭ  تۇپراق يەرگە يەنى يېڭىدىن يۆتكەپ ،قايتا قۇرۇلغان « ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋى»( دارىل مۇئەللىمىن)  نىڭ شىمالىغا ئۇدۇل ،(قارىمۇ –قارشى) ھالەتتە قۇرۇپ چىقىش پىلانلانغان .

مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىغا 1985-يىلى رەھمان ۋايىت باش مەسئۇل قىلىنغان.

1) رەھمان ۋايىتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ،ئورۇنلاشتۇرۇشى،بىلەن  ئاقسۇ پېداگوگكا  مەكتىۋىدىن مائارىپ ئىنىستىتوتىغا يۆتكەپ چىقىلغان –ھادى شادى، قېيىم يۈسۈپ ،مۇھەممەدداۋۇت ، قاتارلىقلارنىڭ  يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشىبىلەن  بۇ شورتاڭ  قاقاس يەردە مەكتەپ قۇرۇش ،پىلانلاش جاپالىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.مەكتەپ قۇرۇش ئىقتىسادى،قۇرلۇشنى ھۆددىگە بېرىش ۋىلايەتدىن كونتۇرۇل قىلىنغان. تۇنجى قېتىم  ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش گومىنداڭ قۇرلۇش شىركىتى گە بېرىلگەن .

2) 1985-يىلى  كۈزدە  بىر تەرەپتىن مەكتەپ قۇرۇش ئېلىپ بېرىش يەنەبىر تەرەپتىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن  تۇنجى قارار ،ئىككى يىللىق «ماتىماتكا كەسپى» گەقۇبۇل قىلغان. سىنىپ ئورنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك  مائارىپ ئىدارىسى  ئائىلە قوروسىئىچىدىكى   ياتاغلىق سىنىپتا  ئېچىلغان .

3) 1986-يىلى 7- ئايلاردا  ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھەر قايسى پەن-كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاقسۇ مائارىپئىنىستىتوتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاپ قۇبۇللانغان. مەن خوجا نىياز(ئەسەر ئاپتۇرى)ئەنە شۇلار قاتارىدا بولغاچقا ، كېيىنكى ھاياتىم مۇشۇ مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش،تۈرلۈك ئىشلارغا شاھىت بۇلۇش ،بۇلۇپمۇ رەھبىرىمىز  رەھمان ۋايىت قاتارلىقلار بىلەن ئاخىرغىچە يېقىندىن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇش بىلەن ئۆتكەن.

4) مىللىي مائارىپنىڭ سۈپپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرەش ئۈچۈن يەنە بىرقىسىم  كەسىپىي سەۋىيەسى يۇقۇرى، داڭلىق ئۇقۇتقۇچىلار ،ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە،يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن  يۆتكەپ ئەكىلىپ ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى تۇلۇقلىغان .

5)ئاقسۇ ۋىلايىتى نۇپۇسىدا شۇ چاغادا ئۇيغۇرلار نۇپۇسنىڭ 92%نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بولغاچقا  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتىتىنىڭ ۋەئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچتە بىر نىسپەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن ئۈچ سىنىپ ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا خەنددىن بىرسىىنىپ  قۇبۇل قىلىش )پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.

6)ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى كەلگۈسىدە جەنۇبىي شىىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئېلىپ بارغان.

7)ھەرقايسى كەسىپلەردە  ئۇيغۇرچە دەرىسلىك كام مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  ، ئالىي مەكتەپنىڭ  دەرىسلىك ئۆلچىمى ،تەلىۋى بۇيىنچە ئوقۇتقۇچىلارنى دەرىسلىك تۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان.

8) دەرىس ئاڭلاش ،يۇشۇرۇن تەكشۇرۇش ،پىكىر ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ،كۈرۈلگەن كەمچىلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ،كەسىپكە پىششىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

9)  داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ،لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نۇتقى ،دەرىس ئۈتۈش ئۇسۇللىرى ،ماھارىتى قاتارلىقلاردىن ئۆگۈنۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان.

10) دەرىستىن سىرىتقى مەدەنىي تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ،ئوقۇتقۇچى،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ   ئاكتىپلىغىنى قوزغاپ،مەكتەپ ھاياتىنى جانلاندۇرغان،ھەم ئۆگۈنىدىغان ھەم كۆڭۈل ئاچىدىغان يەنى ئۆگۈنۈش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرگەن خۇشال  كەيپىيات مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

11) كەسىپنى سۈيۈش ،مائارىپنى سۈيۈش ،ۋەتەننى-خەلقنى سۈيۈش ئىدىيىسىنى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار قەلبىگە سىڭدۈرۈپ،ئۇلارغا مىراس قالدۇرغان.

12) ئەمەلىيەتچان،شەكىلۋازلىقتىن خالى، مەسئۇليەتچان ،خىزمەتتە تەلەپچان ،تۇرمۇشتا ئاددى –ساددە ، مال-دۇنيا، كەيپى –ساپاغا بېرىلمەيدىغان ،ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمايدىغان، خۇشەمەتچىلىك ،سۇخەنچىلىك قىلمايدىغان ھەم خوشامەتچىلىكنى ياقتۇرمايدىغان، ئۇنداقلارنى يېنىغا تارتمايدىغان، ئۇچۇق-يۇرۇق، ئاق كۆڭۈل ، ئاداۋەت ساقلىمايدىغان  گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.

13) ئالىم، ئۆلىمالارنى دوس تۇتىدىغان،  ئېقتىساسلىقلارنى بايقىيالايدىغان ھەم ئۇلارنى قوللايدىغان ،يىتەكلەيدىغان ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.

14) ۋەتەن ،مىللەت غېمىنى يەپ ،ۋەتەن سۈيەرلەرنى ئالقىشلاپ ،ۋەتەن تەغدىرى،مىللەت تەغدىرى ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلىش ئىدىيىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

15) ۋەتەن سۈيۈش ئۈچۈن ئىلىم-پەن تېخنىكا ئگىلەپ ، ئۇنى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم، ئىلىم-پەنسىز، تېخنىكاسىز   ھېچقانداق ئىشنى ئورۇنلىغىلى،شۇ جۈملىدىن ۋەتەننىڭ  كېلەچىگىنى ياراتقىلى بولمايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

16) ئۇقەيەرگە بارسا شۇ يەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش نۇرىنى چاچىدىغان رەھنى قالدۇرۇپ كەتتى .


    گەرچە پېشقەدەم مائارىپچى  ئاتاغلىق پېداگوك ،ئۇستاز  بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ،ئۇ بىزگە، مەڭگۈ ئولمەس،مىللىي مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش ، مائارىپ ئارقىلىق قەد كۈتۈرەش ، گۈللىنىش،مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش يۇلى ئىكەنلىگى دىن ئىبارەت بىر يولنى كۆرسۈتۈپ كەتتى.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 10:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەنەتتە بولسۇن ،مەرھۇمنىڭ نامىزىغا كەلگەنلەر بەك كۆپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31290
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4223 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 02:00:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئۇستاز راھمان ۋاھىتنىڭ ئۆمۈرلۈك ھايات مۇساپىسىنى، بولۇپمۇ ئاقسۇدا ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم، ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇش، باشقۇرۈش جەھەتتكى تۆھپىلىرىنى تولىمۇ ياخشى خۇلاسىلاپسىز....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىي ئۇستازلىرىمىز بىر-بىرلەپ كىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىز تىلىنى چۈشەنمەيدىغانلار كىلىپ،،،ھەي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 11:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ئاسمىنىمىزدىن يەنە بىر نۇرلۇق يۇلتۇز ئۈچۈپتۇ. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73026
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 11:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىن

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تۇرداشلار ئايىمىڭلاغا ھەم ھىتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 01:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلىم-مەرىپەت يولىغا نۇر چاچقان ئۇستازلارنىڭ روھى ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 11:39:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ رەسىمىنى تېمىغا قۇشۇپ قويسىڭىز.

rahmankam_meitu_1.jpg

rahmankam_meitu2.jpg

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 12:33:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىز مىللى مائارىپىمىزنىڭ يۇ يولباشچى سەركەردىسىنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش