رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ياخشىلىق قىلىڭ
تۇرمۇش دېگەن ھەر كويغا سالار ئادەمنى،
مېھىر بېرىپ سۆيەيلى بارچە ئالەمنى،
ياخشىلىققا ئالايلى ھەر بىر قەدەمنى،
يېتىم،مىسكىن پېقىرغا ياخشىلىق قىلىڭ.
بەش قول كەبى تەڭ ئەمەس ئىنسان تۇرمۇشى،
يوقسۇزلىقتىن بىرىنىڭ ئاقار كۆز يېشى،
يالاڭ ئاياغ ئۆتىدۇ بىرىنىڭ قېشى،
يېتىم،مىسكىن پېقىزغا ياخشىلىق قىلىڭ.
ئاياغ مايلار كوچىدا تالاي گۆدەكلەر،
مېھىر بىلەن قىشتىمۇ گۈللەر پورەكلەر،
ئېھسان ىېلىڭ مېھىرلىك بولسۇن يۈرەكلەر،
يېتىم،مىسكىن پېقىرغا ياخشىلىق قىلىڭ.
2014.يىلى 3.ئاينىڭ 11. كۈنى ئالاتاۋ شەھرى
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 449743158
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 04:16 PM