|
|
|
|
بېلگىيە مەنزىرىلىرى ( 4 ) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 v7 P9 r, z2 i8 f7 \$ ?- B: W0 J7 O
بىز 2012-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسىل شەھرىدە سەيلە-ساياھەتتە بولدۇق. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق يۈزلىگەن خەلقئارالىق ئاپپارات مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان بولغاچقا، بۇ شەھەر «ياۋروپانىڭ پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. 1905-يىلى ياسالغان مۇستەقىللىق دەرۋازىسى بىلەن ھەيۋەتلىك ئاتوميۇم مۇنارى بۇ شەھەرنىڭ سىمۋۇل خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ شەھەردىكى قەدىمىي كوچىلار، قەدىمىي ئىمارەتلەر، زامانىۋىي ئىگىز بىنالار جايلاشقان ئازادە، كەڭ كوچىلار، بۈك-باراقسان ئورمانلار ۋە يايېشىل چىمەنزارلىقلار بۇ شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇدىكەن. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بىريۇسسىل شەھرىنىڭ بىر قىسىم كۈرۈنۈشلىرى بۇلۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار «ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر»نىڭ 5-قىسمى بولغان «بېلگىيە تەسىراتلىرى»دا بايان قىلىنغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 H) p& |& L6 Z( J2 E9 S1 |. ]( n' V
|
|
|
|
|
|