|
|
|
|
ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لوجىياخۈي ئەپەندىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەن شۇنداقلا ئامېرىكىغا تەكلىب قىلىنغان ئىدىم...ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بارلىق قانۇنىي تەرتىپ قائىدىلەر بويىچە بۇ قېتىملىق سەپىرىمنىڭ تۈنجى كۈنىنى باشلىدىم...ئىشلارنىڭ بەك تۇيۇقسىز ھەم بەكلا جىددىي بوپ قالغانلىقى سەۋەبلىك كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىم بىلەن دىدارلىشىش مۇمكىن بولمىدى...ۋاقىت يار بەرمىدى..ئاللاھ خالىسا كۈندىلىك زىيارەت خاتىرىلىرىم ھەر ۋاقىت سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ...قېرىنداشلارنىڭ دۇئالىرىدا ئەسلەپ ،سېغىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...ئاللاھقا ئامانەت
تۈنۈگۈن دوستلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندا كۆزۈمگە لىق ياش كەلگەن ئىدى،بۈگۈن ئاپام دادامنىڭ قوچاقلاپ سۆيۈشلىرى قەلبىمنى ئېزىپ ياشلىرىمنى ئېقىتقىلى تاس قالدى.... شۇنداق قىلىپ سەپەرنىڭ 1-كۈنىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىۋالدىم...بېيجىڭغىمۇ كېلىۋالدىم....ئەمما مۇساپىرچىلىق،يالغۇزچىلىقىمدا ئۈرۈمچى ئايدىرومىدىلا كەيپىمنى ئۇچۇردىغان ئىش يەنە يۈز بەردى... ئەسلىدىنلا بارچە يەردە تەكىتلەۋاتقان مىيىپلا ۋە مىيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشلەر ئەڭ ئالىي مۇلازىمەت ئورنى بولغان ئايدىرومدا خارلاندى....ئايدىرومغا كىرىپلا تۇنجى بولۇپ قىلدىغان ئىش باشقىلارنىڭ يۈك تاقىلىرىنى ئوراپ يولغا سېلىش بولسا مىيىپلارغا كۆرۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك ھاجىتىنى راۋا قىلىۋاتقان جابدۇقلىرىدىن ئايرىش ....ئۇنىمۇ قوشۇپ ئايرىم يولغا سېلىش...ئايروپىلان ئىستانسى ئىشكىدىن كىرىشىمىزگىلا ھاسا بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دىققىنى قوزغايدۇ...ئايرىم قويۇپ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئۆتكۈزۈپ ھاسىدا مىخ نىڭ بارلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بېرىش شەرىپىگە ئېرىشىمىز....ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ ئەلۋەتتە..بىرقاتار جەدۋەللەرنى توشقۇزغاندىن كېيىن ھارۋا ئىلتىماس قىلدىم...ھارۋىنى ئالغاندىن كېيىن ھاسىنى يۈك توشۇش ئورنىغا تاپشۇرۋەتتىم..مۇلازىمەتچىگە قانۇنلۇق ھالدا مىيىپلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدا ئازراق ھەق سۆزلەپ باققىم كېلىپ ئەھۋاللارنى دىدىم ،بۇنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مىيىپ ئەمەسلىكىنى ،بالىلار پارالىچ كېسىلى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ھۆكۈمىتىمىز بەرگەن قانۇنلۇق ،تۆمۈر تامغىلىق كېنىشكىنى كۆرسەتتىم...ئۇمۇ ئاقمىدى....ئەمدى ئۇنىڭدىن ماتىريال ئارقىلىق ئەمەس ئىنسانىي مېھرى بىلەن ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن ،ئىككى ھاسامنىڭ بولمىغىنىدا مېنىڭ ئۆرىمۇ تۇرالمايدىغانلىقىم،ئايروپىلان ئىچىدە ھاجەتكە بېرىش شۇنىڭدەك تاسادىبىي ئەھۋاللار يولۇققاندا ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بولمايدىغانلىقى ،ئايروپىلان ئىچىگە ھارۋىنى ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقىدەك بىر قاتار ھەقىقەتلەرنى پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ چۈشەندۈرىشىممۇ ھېچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرسەتمىدى...خەيىر.....نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنى قەلبىمگە پۈكۈپ ئاتلانغان سەپىرىمنىڭ ھۆرمىتى ،يۈكسەك غايىلىرىم ئۈچۈن ئامالسىز مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم...ئايروپىلانغا چىقىدىغان كۆزنەك 23- نۇمۇرلۇق بولۇپ شۇ يەرگە چۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم پەلەمپەيدىن چۈشىشىمىز كېرەك ئىكەن...ھارۋا چۈشەلمەيدۇ دېگەن سەۋەب بىلەن ئۆزۈم پەلەمپەيلەرنى تۇتۇپ بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇتۇم بىلەن ئەمەس،ئىرادەم بىلەن مېڭىپ پەسكە چۈشۈپ ئايروپىلان ئالدىغا كەلگەندە ئىككى مۇلازىمغا تەكەللۇپ بىلەن دەپ يۈرۈپ ئىككى قولۇمدا ئىككىسىگە ئېسىلىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم...ما تەلەينىڭ كەلگىننى دىمەيسىز...بايا مىيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغداش يولىدىكى تالاش تارتىشىم سەۋەبلىك ئايروپىلاندىكى ئورنۇم ئەڭ ئاخىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ...بېرىپ بولغىچە ئاۋۇ ئىككى مۇلازىمغا كىيىم ئاسقۇچقا مەجبۇرىي ئېسىپ قويۇلغان كىيىمدەك قوللىرىمنىڭ سۆڭەكلىرى تارتىشىپ ،ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك ئاغرىپ ئاخىرى ئورنىمدا ئولتۇردۇم...مانا ....ئايروپىلان باغچىدىكى ئويۇنچۇقتەك ئىككى تەرەپكە پۇلاڭلاپ جايىدىن قوزغالدى....ئەمما مېنىڭ ھاسام ماڭا ھەمراھ ئەمەس.....قانداق قىلىش كېرەك؟ چوقۇم ئايروپىلاندا نەرسە يىمەسلىك،سۇ ئىچمەسلىك لازىم...بولمىسا ئامال قىلغىلى بولمايدۇ....ئەگەر ئايروپىلاندىن كاشىلا چىقىپ ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن پاراشوت ئېچىپ سەكرەش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ قالسا ،ھېچكىم مىيىپلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ...شۇ ئايروپىلاندا پاراشوتىنى ئېچىپمۇ باقماي ۋەقەگە ئۇچىرغىنى يەنىلا شۇ مىيىپ بولۇپ قالىدۇ...شۇ سەۋەبلىك بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمەي سەپەرنىڭ تۇنجى كۈنىنى تامام قىلىۋالدىم ... دۆلىتىمىزدە ئادىمىيلىك ،شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر تەكىتلىنىۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە بىر مىيىپ،ياق نۇرغۇن مىيىپلار شارائىتنىڭ قەستەن ناچارلاشتۇرۋىتىلىشى سەۋەبلىك ئىزدىنىش ھۆجەيرىلىرى ئۆلۈپ ئۆيىدە ئارام ئېلىپ ئەجەلنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولماقتا....نۇرغۇن قۇرۇلتايلار ئېچىلىۋاتىدۇ...ياخشى تەكلىبلەر بولىۋاتىدۇ...ئۈمىدىم مىيىپلار ئۈچۈن ئالاھىدىرەك قەدىرلەش بولۇپ ئۇلاردىكى يوشۇرۇن تالانتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن ياخشى بولغان شارائىتلار ھازىرلانسا.........بەلكىم يۇقارقىلار يالغۇز مەن ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭلا سۆزى بولماستىن نۇرغۇنلىغان قەلبدىن چىقىرالمىغان خورلىنىپ قېلىۋاتقان،كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مىليونلانغان مىيىپلارنىڭ ئۇچرايدىغان ئەھۋالى بولىشى مۇمكىن...! ..... بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ئورۇن زادى چىقماسمۇ؟ شۇ خىياللاردا بېيجىڭ ئايدىرومىدىن تاكسىيدا كېتىپ باراتتىم تاكسىي شوپۇر بىلەن ئارقا ئورۇن ئارلىقىدا يۇرتىمىزدىكىدەك ئايرىپ تۇرىدىغان تۆمۈر سەتكىنىڭ يوقلىقى بايقى غودۇراشلىرىمنى سەل پەسەيتتى ....
بېيجىڭ---
|
|
|
|
|
|