بوزقىرنىڭ ئانىسى ئۈچۈن قوللىرىمىز دۇئادا...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
بۈگۈن(2014-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ) كەچتىكى ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە كۆرە بوزقىر(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر) ئاكىمىزنىڭ ئانىسى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.بۇخەۋەر بوزقىرنى ۋە ئۇنىڭ يىللاردىن بىرى خەلقىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن تونوشلىقى بولغان ھەر بىرەيلەننى قاتتىق قايغۇغا چۈمدۈرىدۇ.
مەرھۇم ئاپىمىزنىڭ بۇ دۇنيادا بىلىپ بىلمەي ئۆتكۆزگەن گۇناھلىرىنى ئىگىمىز ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى،ئۇ دۇنيالىقىنى ئاسان ،ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلىشىنى،بوزقىر ئاكىمىزدەك يۈرىگى خەلىق ئۈچۈن لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان باتۇر ئەزىمەتنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان ئەجرىنىڭ كاتتا بولىشىنى مىھرىبان ۋە بىردىنبىر قۇدرەت ساھىبى بولغان شەپقەتلىك ئىگىمىزدىن تىلەيمىز.ئاكىمىز بوزقىر ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمىز...
خەلقىمىز ئۆزىگە زۇلۇم سالغان ھەر بىر مەلئۇننى مەڭگۈ ئۇنتىمىغاندەك ئۆزىگە ئەجىر مىھنەت قىلىۋاتقان،قەلبى ۋە يۈرىگى خەلىق ئۈچۈن سوقىۋاتقان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان پەرىشتە سۈپەت ئاپىلىرىمىز ۋە خىزىر سۈپەت دادىلىرىمىزنى ئۇنتۇمىغان ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ...
پۈتۈن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئالىرى شۇ ئاپىمىز بىلەن بىرگە…ھەممەيلەن دۇئا قىلايلى قىرىنداشلار… يۈرىكى خەلىقى ئۈچۈن سوقوۋاتقان ئەزىمەتلەرنى بىزگە تۇغۇپ تەربىيلەپ بەرگەن ئاپىمىلىرىمز ئۈچۈن دۇئا قىلايلى …ياشلار كۆزىمىزدىن ئەمەس قەلبىمىزدىن ئاقسۇن،نالە پەريادىمىز،نىدالىرىمىز ئىگىمىزگە يەتسۇنكى ئارىمىزدىن شۇنداق ئەزىمەتلەرنى تۇغۇپ تەربىيلەيدىغان ئاپىلىرىمىز ۋە شۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنى ئارىمىزدىن تىخىمۇ كۆپلەپ چىققىلى نىسىپ ئەتسۇن…دۇئا قىلايلى قىرىنداشلار چۈنكى بىزنىڭ ئۇشبۇ پەيىتتە شۇ پەرىشتە سۈپەت ئاپىمىز ئۈچۈن قىلالايدىغىنىمىز پەقەتلا شۇ دۇئا…
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 12:37 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-12 01:55 PM):
ئايرۇپىلان ۋەقەسىنىڭ ئەڭ تولوق خەۋەر ۋە مۇنازىرىسى شاھتۇر تورىدا
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-12 01:56 PM):
ئاكىمىز بوزقىرنىڭ تەرجىمىلرى ئارقىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-12 01:58 PM):
تۆت كۈن ئىچىدىكى ئىنكاس 750 كۆرۈلىشى 80 مىڭغا يەتكەن.
http://xahtur.com/bbs/forum.php? ... 2&page=75#lastp