بىر دادىنىڭ قىزىغا سۇنغان 7 تۈرلۈك تەۋسىيسى....زۈھرە. سۆيۈملۈك قىزىم!
سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك قالتىس ،ئاپاڭ ئىككىمىز سىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز.سىنىڭ بىزدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويدىغان كۈنلىرىڭگەشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساڭا بىر قانچە دوستانە تەكلىپ بىرەي بولامدۇ؟
بىرىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ تاشقى قىياپىتىڭدىن بىزار بولما.بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سەن ئىنتايىن قاملاشقان،گەرچە سەن كىيۋالغان بەزى كىيىملىرىڭ بىزنى ئەنسىرىتىپ تۇرسىمۇ سەن پەقەت سەن،ھەرگىز تاشقى قىياپىتىڭدىن بىئارام بولما.مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە كۆپرەك ھەركەت قىل،سالامەتلىكىڭگە كاپالەتلىك بول.بىزى قىزلار ھەر ۋاقىت ئورۇقلاش ياكى مۇكەممەل قىياپەتنىڭ غېمدە دادلاپ يۈرشىدۇ،ئەمما سەن ئاللىقاچان ئۇ غەملەردىن خالاس بولغانسەن.
ئىككىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ ئائىلىسى بار ئەرلەرگە يېقىنچىلىق قىلما.ئەرتاپىڭدا نۇرغۇن ئىسىل يىگىتلەر بار،سەن ھەرگىزمۇ ئائىلىسى بار ئەرلەر بىلەن يىقىن مۇناسىۋەت باغلىما.ھەتتا ئۇلار ھەرقانچە سېھرى كۈچكە تولغان بولسىمۇ.ئەگەر سىەن بۇ پەرھىزگە بويسۇنمايدىىكەنسەن،ھامان بىر كۈن كۆز ياشلىرىڭ بىلەن يۈزۈڭنى يۇيۇشقا مەجبۇر بولسەن.
ئۈچنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ بىخەتەرلىكىڭ بىلەن ئويناشما،ئۆزۈڭنى خەتەرلىك ھالغا مۇپتىلا قىلما. دىمەكچى بولغىنىم،ئۆزۈڭ تېخى كىچىك چۈشنىپ بولالمىغان ئادەملەرگە ئىشەنمە.بەزىدە سىنى تولمۇ قىزىقتۇرغان ئەشۇ مەپتۇن قىلارلىق ئىشلارغىمۇ قايتا-قايتا نەزەر سال.كەيىپ سورۇنلىردىن يىراق تۇر.تەلىيىڭنىڭ كاجلىقى شۇكى،بۇ جەمئىيەتتە ھەممىلا يەردە يامان ئادەملەر بار،شۇڭا تەۋەككۈلچىلىكنى ئاز قىل.
تۆتىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ ھالىڭدىن ھالقىغان ئىېستىمالنى قوغلاشما،تۇرمۇشتا كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشىڭ كىرەك،شۇڭا ئاز-تولا پۇل-پىچەك ساقلەشنى ئادەت قل.ھەققەتەن ھاجەتمەن بولمىساڭلا قەرىزدىن نىرى تۇر،ئەلۋەتتە بەزى ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا،مەسلەن ئۆي مەسىلسىنى ھەل قىلىش دىگەندەك...تۇرمۇشتا كىرىم -چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىنى كۆپلىگەن ئورۇنسىز غەملەردىن خالاس قىلدۇ.
بەشىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى كەمسىتىدىغان تۇيغۇدا بولما،سەن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ھەم گۈزەل كىلەچەكنى يارتالايدىغان ئىقتىدارنىڭ ئىگسىسەن،شۇڭا ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن.ئوڭۇشسزلىققا يولۇققاندىمۇ بەل قويۋەتمە.بەزى قىزلار شۇ سەۋەبتىن چۈشكىنلىشىپ كىتىدۇ.ئۆزنى ئەيىپلەيدۇ،ئۆزگە بولغان ھۆرمىتىنى يوقتىدۇ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك مەسسىللەر پەيدا بولىدۇ.
ئالتىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ ئەڭ ياخشى ھالىتىڭنى يوقتۇپ قويما.بىز سەن ئېرىشكەن نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىمىز،سەنمۇ بۇلاردىن پەخىرلەن.ئۈزلىكسىز تېرىش،قىلىش،قىلىشقا تىگشلىك ھەر بىر ئىشتا ئەستايىدىل بول.ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ھالقىغان تەلپى بولمايدۇ.
يەتتىنچى تەۋسىيە:سەن ھەرگىزمۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇھەببىتىنى ئۇنۇتما.تۇرمۇشتا قانداق ئىشلار يۈز بىرىشتىن قەتئينەزەر بۇ ئائىلە ھامان سىنىڭ ئائىلەڭ،مەيلى سەن قانداق مۈشكىلاتقا يولۇققىن،سەن بۇلارنى ئائىلەڭدىكىلەرگە ئىيتساڭ تامامەن بولىدۇ،ئائىلەڭدىكىلەر ساڭا كۈچنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلدۇ،ئائىلە مەڭگۈ سىنىڭ ئارقا تېرىكىڭ.
.
. قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئىمان ۋە ھايا.