«ئىپارخان» دېگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشى
ۋەلى كەرىم كۆكئالپ
«ئىپارخان» دېگەن نام تىلغا ئېلىنسا، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سەزگۈرلۈكى قوزغالماي قالمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىپارخان ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى، ئىززەت-ئابرۇيىنى، نومۇسىنى ھاياتىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالىغان، نومۇسى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمىغان بىر ئىپپەت سىمۋۇلىدۇر. ئىپارخان خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىدە دەل مۇشۇنداق يۇقىرى ئورۇن تۇتقاچقا، ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان ھەرقانداق بىر باھا ۋە بايان بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ.
تارىختا «ئىپارخان» دەپ ئاتالغان، گۈزەللىك ۋە لاتاپەتتە يېتىشكەن، ئۆز ئىپپىتىنى ساقلاش يولىدا ھەرقانداق ئامال ئىشلىتىشتىن يانمىغان بىر تارىخىي شەخس ھەقىقەتەن ئۆتكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى «ئىپارخان» ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا، «ئىپارخان» دېگەن نام قانداق پەيدا بولغان؟
تارىخىي ماتېرىياللارنى ۋە ئىپارخان ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلىساق، بۇ ھەقتە بەزى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھازىر بىز «ئىپارخان» دەپ ئاتاۋاتقان تارىخىي شەخسنىڭ ئەسلىي ئىسمى مەمۇرە ئەزىزەم بولۇپ، ئۇ 1734-يىلى ھازىرقى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاش دەرياسى بىلەن ئاۋرال تېغى ئارىسىدىكى «ئىرەن قابىرغا» دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. «ئىرەن قابىرغا» دېگەن موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «ئىرەن دەرىخى ئۆسكەن قوۋۇرغىسىمان تاغ» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ 4-ئەۋلاد پىرى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجامغا، يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەندە مەخدۇم ئەزەم (يەنى خوجا ئەھمەد كاسانى)گە تۇتىشىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپ خوجام مەشھۇر ھىدايىتۇللا ئىشان (يەنى ئاپاق خوجا)نىڭ دادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە كارامىتۇللا، ئىشقۇللا دېگەن ئوغۇللىرى بولغان. بۇلاردىن ھىدايىتۇللا ئىشان خوجىلىق ئېرشاتنامىسىگە ئېرىشىپ قەشقەردە سۈلۈك تارتقاتقان، كارامىتۇللا ئۇچتۇرپاندا تۇرۇپ پۈتۈن ئاقسۇ دىيارىغا سۈلۈك تارقاتقان، ئىشقۇللا بولسا تۇرپاندا تۇرۇپ سۈلۈك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. تۇرپاندىكى ئەمىن خوجا دەل شۇلارغا قول بېرىپ سوپىلىق تەرىقىتىگە كىرگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
ھىدايتۇللا ئىشان (ئاپاق خوجا) 1680-يىلى غالدان بوشۇقتۇخان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار ئاتلىقلىرىنى باشلاپ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىقىغا ناھايىتى كۆپ ئولپان تاپشۇرۇش بەدىلىگە مۈلكىي قەشقەرىيەگە نائىب (قورچاق خان) بولغان، بۇ جەرياندا قارا تاغلىقلار بىلەن ئاق تاغلىقلار ئارىسىدا كۈرەش ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان، 1696-يىلى ئاپاق خوجا قارا تاغلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى سۈلۈك ئارىسىدىكى كۈرەش بەك پاجىئەلىك داۋاملاشقان، ئاپاق خوجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى يەھيا خوجا ئولتۇرغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ جاللات خېنىم (مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. خەلقىمىز مۇشۇ كۈرەشلەر جەريانىدا ناھايىتى زور پاجىئەلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئاخىرىدا قەشقەردە ئاق تاغلىقلارنىڭ ئاتامىنى ئەھمەد خوجا (ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى)، يەركەندە قارا تاغلىقلارنىڭ ئاتامىنى دانىيال خوجا تەختتە ئولتۇرغان. 1713-يىلى يېڭىدىن تەختتە ئولتۇرغان جۇڭغار خانى سىۋان ئاراندان ئىككىنچى قېتىم مۈلكىي قەشقەرىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، دانىيال خوجا يەركەن دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن، ئەمما ئەھمەد خوجا قەشقەر دەرۋازىسىنى تاقاپ ئۇرۇش قىلغان ۋە جۇڭغارلارنى كۆپ تالاپەتكە ئۇچراتقان، ئاخىر باراۋەرلىك قىلالماي ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. جۇڭغارلار ئۇنى جەددى-جەمەتى بىلەن قوشۇپ ئىلىدىكى ئىرەن قابىرغىغا نەزەربەنت قىلغان. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر جۇڭغار قىزىنى ئېلىپ بەرگەن، ئەھمەد خوجام جۇڭغار خوتۇنىنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن بۇرھانىددىن ۋە خوجا جاھان ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتلىك بولغان.
جۇڭغارلار ئۇزۇن ئۆتمەي مۈلكىي قەشقەرىيەنىڭ نائىبلىقىنى (قورچاق خانلىقىنى) قارا تاغلىقلارنىڭ ئاتامىنى دانىيال خوجامنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان.
يۇقىرىدا مۇھەممەد يۈسۈپ خوجامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى كارامىتۇللا خوجامنى ئۇچتۇرپانغا سۈلۈك تارقىتىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. كارامىتۇللا خوجامغا ئۇنىڭ ئوغلى مۆمىن خوجام ۋارىسلىق قىلغان، مۆمىن خوجامغا ئوغلى ئەلى خوجام ۋارىسلىق قىلغان، ئەلى خوجام دەۋرىدە مۈلكىي قەشقەرىيەنىڭ ھوقۇقى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئۇلار ئاق تاغلىق خوجىلارغا نىسبەتەن قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ بىلەن ئەلى خوجام ئۇچتۇرپاندا تۇرالماي ئىلىغا، نەۋرە ئاكىسى ئەھمەد خوجام نەزەربەنت قىلىنغان ئىرەن قابىرغىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن قوشۇلغان. 1734-يىلى ئابرال تېغىنىڭ باغرىدا، قاش دەرياسى بويىدا، يەنى ئىرەن قابىرغىدا مەمۇرە ئەزىزەم (يەنى ئىپارخان) دۇنياغا كۆز ئاچقان.
مەمۇرە ئەزىزەم خوجىلار يۇقىرى تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە قاش دەرياسى بويىدىكى خوجىلار نەزەربەنت قىلىنغان جايدا تىنچ-ئاسايىش تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى، بۇ يەردىكى ئىلىم مۇھىتىدىن يېتەرلىك ئوزۇق ئالغانلىقى سەۋەبتىن، 15 ياشقا كىرمەيلا ئىلىمدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇنىڭغا بىر ئەۋرە ئاكىسى، يەنى ئەھمەد خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى، يەنى كىچىك خوجا ياكى خان خوجا دەپ ئاتالغان خوجا جاھان باشتىن-ئاخىر تەلىم بەرگەن ۋە ئۇنى كېيىن قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن ماھارەت ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان. مەمۇرە ئەزىزەم 16 ياشقا كىرگەن يىلى خوجا جاھان بىلەن توي قىلغان.
1745-يىلى جۇڭغار خانى غالدان سېرىن ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىق تەختىگە كەينى-كەينىدىن سېۋان دورجى، لاما دارجا، سېۋان داش قاتارلىقلار ئولتۇرغان، 1753-يىلىغا كەلگەندە، خانلىق تەختى چوڭ سېرىن دوندوپنىڭ نەۋرىسى داۋاچىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. داۋاچى چوڭ سىياسىي سۈيىقەستچى ئامۇرسەنانىڭ ياردىمىدە جۇڭغار تەختىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ، ئاخىر ئامۇرسەنا يېڭىلىپ، خاقانىي چىندىن (چىڭ سۇلالىسىدىن) مەدەت تىلەپ بېيجىڭغا بارىدۇ ۋە مانجۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ 1755-يىلى يازدا جۇڭغار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. 1756-يىلى جۇڭغار خانلىق تەختى قولىغا تەگمىگەن ئامۇرسەنا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتىرىدۇ ۋە مەغلۇپ بولۇپ 1757-يىلى روسىيە تەۋەسىگە قېچىپ بارغاندا چېچەك كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ.
جۇڭغار خانلىقىنى (يەنى ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ ۋە يەتتە سۇ رايونى) ئاغدۇرغان چاغدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۈلكىي قەشقەرىيە (يەنى جەنۇبىي شىنجاڭ) رايونىنى بويسۇندۇرۇش خىيالى يوق ئىدى، ئامۇرسەنا ۋە ھۈسەيىن خوجا، خوجاسى بەگ، ئەمىن خوجا، يۈسۈپ خوجا دېگەن كاتتىۋاشلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بۇرھانىددىن خوجا يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان 5000 لەشكەر بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە بىرنەچچە ئايغا قالمايلا قارا تاغلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدۇ. ئىنىسى خوجا جاھان بولسا ئىلى رايونىدا (يەنى شىمالىي شىنجاڭدا) مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇ چاغدا جۇڭغارلار ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ۋە تاشقى موڭغۇلىيەگە تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېتىپ، ئىلى رايونىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلار قالغان ئىدى.
1757-يىلى خوجا جاھان ئاكىسى بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈن ئامۇرسەنا بىلەن جەڭ قىلىپ، تەلەمەت داۋىنىدىن ئېشىپ كۇچارغا كېلىدۇ ۋە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ. چۈنكى، خوجا جاھان ئاكىسى بۇرھانىددىن خوجىغا قارىغاندا ئىلىملىك، جەڭ ماھارەتلىرىدە پىشقان، سىياسەتچى ۋە يىراقنى كۆرەر، تەدبىرلىك ئىدى. خوجا جاھان بىر تەرەپتىن چىڭ سۇلالىسى بىلەن ئەپ ئۆتۈش ئويۇنىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر چىڭ سۇلالىسى قوشۇن باشلاپ كېلىپ قالسا، قارشى جەڭ قىلىش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەيدۇ، ئۇ غايىلىك بولغاچقا، كەلگۈسىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1757-يىلى چىڭ سۇلالىسى بىلەن كۇچاردا رەسمىي تۇتۇشىدۇ ۋە ئۆزى قۇرغان ھاكىمىيەتنى «باتۇرخان» دەپ ئاتايدۇ. 1758-يىلىدىن 1760-يىلىغىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانلىق جەڭلار بولىدۇ. ئاخىردا ئۆز جەمەتىدىن چىقان ھۈسەيىن خوجا (خوجا جاھاننىڭ تاغىسى)، تۇردى خوجا (مەمۇرە ئەزىزەمنىڭ ئاكىسى)، قۇمۇللۇق يۈسۈپ خوجا، تۇرپانلىق ئەمىن خوجا، كۇچارلىق مىرزا ھادى، ئۇچتۇرپانلىق (ئەسلى تۇرپانلىق) خوجاسى خوجا ۋە قىرغىزلارنىڭ كەينى-كەينىدىن ئاسىيلىق قىلىشى بىلەن چوڭ-كىچىك خوجىلار يېڭىلىپ بەدەخشانغا قاچىدۇ. بەدەخشان ھاكىمى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەھدىتى ۋە نۇرغۇن سوۋغا-سالاملىرىغا ئالدىنىپ بۇ ئىككى خوجىنى ئۆلتۈرىدۇ.
مەمۇرە ئەزىزەم (يەنى ئىپارخان) ئېرى خوجا جاھان ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان كۈندىن باشلاپ «نۇرئەلانۇر خېنىم» دە ئاتىلىشقا باشلايدۇ. بۇ «نۇرغا كۆمۈلگەن ئەتىۋارلىق خانىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇ ئېرىغا ياردەملىشىپ جەڭلەردە نۇرغۇن تاكتىكىلارنى بېكىتىشكە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە خېلى كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. بەدەخشانغا چېكىنىپ بېرىپ، ئېرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 400-500 ئادىمىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرەر يىلدەك چۆگىلەيدۇ، ئاخىردا يەنە پامىر ئارقىلىق قەشقەر چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئەسىرگە چۈشىدۇ.
ئۇ 1762-يىلى بېيجىڭغا كەلتۈرۈلىدۇ، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭ داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ، ياخشى سارايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كۈندە نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى ئەۋەتىدۇ. ئەمما مەمۇرە ئەزىزەم (ئىپارخان) بۇلارغا نەزەر كۆزىنى سالمايدۇ ھەم خاننى قەتئىي كۆزگە ئىلمايدۇ. بېيجىڭدا قەشقەرچە ئۇسلۇپتا بازار قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن ئىشلار قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىەلبى ئېرىپ قالمايدۇ. خاننىڭ سەۋدايىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ چاغدا خاننىڭ ئانىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوغلىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئۇ گەپكە كىرمەيدۇ. بۇ ھال خان ئانىنى بەك ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئېرى (يەنى يوڭجېڭ خان)مۇ جېجياڭلىق گۈزەل بىر خەنزۇ قىزىنى تۆشەككە ئېلىپ كىرگەندە، پىچاق يەپ ئۆلگەن ئىدى. خان ئانىسى مانا مۇشۇ پاجىئەنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىدىن بەك ئەنسىرەيدۇ. ئاخىر ئوغلى چيەنلۇڭ خاننى يىلدا بىر قېتىم چېڭدېدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەجدادلىرىغا تاۋاپ قىلىش مۇراسىمىغا كەتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىپارخانغا قول سالىدۇ. ئىپارخان ئۆلۈش ئالدىدا: «مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، پەقەت ئۆچ ئالالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسۇلىنىمەن!» دەپ ھەسرەت چېكىدۇ ۋە پاك ئىمانى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئوردىدىكى ئىشلار ئاسانلىقچە سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى ئىشلارمۇ ھەم شۇنداق. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا شۇنچە كۆپ پاجىئەلىك ئىشلار يۈز بەرگەنكى، ھازىر بۇلارنىڭ ئون مىڭدىن بىرىمۇ ئاشكارىلانغىنى يوق.
چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئىپارخان»، يەنى «香妃» دېگەن بىر مەلىكىنىڭ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات كۆرۈلمىگەن. پەقەت 1912-يىلى گۇگۇڭ سارىيىدا «ئىپارخان»، يەنى «香妃»نىڭ ئىتالىيەلىك رەسسام گاستىلىئون تەرىپىدىن سىزىلغان ساۋۇت-قۇياق كىيگەن مەغرۇر ھالدىكى رەسىمى كۆرگەزمە قىلىنغان، مانا مۇشۇ چاغدىلا «ئىپارخان»، يەنى «香妃» دېگەن نام جامائەتكە ئاشكارىلانغان ۋە پۈتۈن جۇڭگونى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. بۇ دەۋردە جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك سىياسىتىدىن جاق تويغان بولغاچقا، ئىپارخاننىڭ مانجۇ خانى چيەنلۇڭغا قارشى تۇرۇشلىرى خەلقنىڭ، جۇڭخۇا مىنگو ھاكىمىيىتىنىڭ تازا كۈتكەن يېرىدىن چىققان. ئۇ بىر ئىپپەت سىمۋۇلىلا بولۇپ قالماي، يەنە مانجۇلارغا قارشى تۇرغان مىللىي قەھرىمان ھېسابلانغان. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان «ئىپارخان» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ۋە بۇ قىزغىنلىق ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغىچە داۋاملاشقان.
ئۇنداقتا، خەنزۇچە «香妃» دېگەن نام ئۇيغۇرچىدا نېمە ئۈچۈن «ئىپارخان» دەپ ئاتىلىپ قالغان؟ بۇ نام قاچاندىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان؟
ئالتە-يەتتە يىل ئىلگىرى مەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى مەلۇم بىر كىتاب يايمىسىدا داڭلىق تىلچىىز، تەرجىمانىمىز توختى باقى ئارتىشى ئەپەندىم بىلەن يېرىم سائەتچە ھەمسۆھبەت بولۇپ قالدىم. مەن ئۇ چاغدا ئىپارخان ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن مۇشۇ ھەقتە قانداق مەنبەلەرنى ئۇقىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ كىشى ماڭا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
1951-يىلى بىز بېيجىڭغا ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگىلى باردۇق. بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئالىم جيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. بىر كۈنى بېيجىڭ تىياتىرخانىسىدا «ئىپارخاننىڭ غەزىپى» دېيىلىدىغان بىر تىياتىر ئوينالماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىرنەچچەيلەن بېرىپ كۆردۇق. بۇ گەرچە بېيجىڭ تىياتىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە تەسىرلىك ئىدى، بىز ئەنە شۇ چاغدا بىزدىن چىققان ئىپارخان ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى خەنزۇچە «香妃» دەپ ئاتالسىمۇ، ئۇيغۇرچىسىنى نېمە دەپ ئاتاش مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن بىرەر ئاتالغۇ يوق ئىدى. بىز بۇ جەرياندا بۇ تىياتىرنى ھەر بىرىمىز بىرنەچچە قېتىمدىن كۆرۈپ چىقتۇق. شۇ جەرياندا ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق خەنزۇچە «香妃» دېگەن نامنىڭ بىزدىكى «ئىپارخان» دېگەن نامغا ئۇدۇل كېلىدىغانلىقىنى، مەنە جەھەتتىن تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنى بېكىتىشنى قارار قىلدۇق. كېيىن مۇشۇ ھەقتىكى ماقالە ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرىدە خەنزۇچە «香妃»نىڭ تەرجىمىسى «ئىپارخان» دەپ ئېلىنىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن «ئىپارخان» دېگەن بۇ نام خەلقىمىز ئارىسىغا ئومۇملىشىپ كەتتى...
ئېلىمىز تارىخچىلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ رەسمىي تارىخ-تەكىرە كىتابلىرىدىن «香妃» دېگەن نامنى ئۇچرىتالمايدۇ ۋە ئۇنى خانىشلار تەزكىرىسىدە خاتىرىلەنگەن مۇسۇلمان خانىش «容妃»نى ئەنە شۇ «香妃»، يەنى ئىپارخان، ئۇ چيەنلۇڭ خان بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئوغۇل تۇغقان ۋە 1788-يىلى 54 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن... قېشى مۇنداقتى، چېچى مۇنداقتى... دەپ غەۋغا كۆتۈرۈشىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئېنىق پاكىت يەنىلا كەمچىل. بۇ قاراشلار بىزنى ھەرگىز قايىل قىلالمايدۇ.
ئوردىدىكى پاجىئەلەر ھەرگىز سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەھىم سابىت ئەپەندىنى 2004-يىلى قەشقەردە زىيارەت قىلغان چېغىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا ئائىت تۈرلۈك «غەيرىي تارىخ» (野史) لاردىن بەش ئىپارخاننى تاپقانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ئىپارخان دەپ ئاتالغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. دېمەك، ئوردىدا تۈرلۈك ئويۇنلار ئوينىلىدۇ، ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنى باشقىلار كۆرمەيدۇ، شۇڭا كىمنى نېمە دېسە شۇ بويىچە ئاتىلىۋېرىدۇ. بىزنىڭ مەمۇرە ئەزىزەم (يەنى ئىپارخان)نىڭ تەقدىرىمۇ بۇنىڭدىن ئەسلا مۇستەسنا ئەمەس.
يىغىنچاقلىغاندا، بىز ھازىر ئىپارخان دەپ ئاتاۋاتقان ئىپپەت قەھرىمانىمىزنىڭ ئەسلىي ئىسمى مەمۇرە ئەزىزەم، نەسەبى ئاق تاغلىق خوجىلارغا تۇتىشىدۇ، كېيىن ئېرى خوجا جاھان ھاكىمىيەت تۇتقاندا «نۇرئەلانۇر خېنىم» دەپ ئاتالغان. ئۇ يۇقىرى قاتلام تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە بىزنىڭ تەبىئىي خۇشپۇراق گىرىم بۇيۇملىرىمىزدىن ئىپار-زەپەر، ئەنبەر، گۈل سۈيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خۇشپۇراق ماتېرىياللاردىن ئايرىلمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ «غەيرىي تارىخ»لىرىدا «香妃» (يەنى ئىپاردەك خۇشپۇراق بۇرايدىغان شاھبانۇ» دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzal~yurtum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 01:30 AM