|
|
|
|
دۇنيا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر(3)
ئانىنىڭ ھىكايىسىThe Story of a Mother
ھانىس كىرىستىن ئاندېرسون
ھانىس كىرىستىن ئاندېرسون Andersen Hans Christain (1805-1887يىللىرى)، دانىيەلىك داڭلىق باللار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى. ئاندېرسون بىر نامرات موزىدوز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 11يېشىدا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ ئانىسىغا ياردەملەشكەن. يېشىنىڭ كىچىك بولىشىغا قارىماي ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئاندېرسون كىچىكىدىن كىتاپ ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، پۇرسەت بولسىلا باشقىلاردىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان. 14يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ كورپىناگىنغا كەلگەن. تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئارتىس، ناخشىچى، ئۇسۇلچى بولغان. دوستى جون كوللىننىڭ ياردىمىدە پادىشاھنىڭ خاس مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ تىياتىر ۋە پىروزا ئىجادىيىتىي بىلەن شۇغۇللانغان. 1835-يىلى تونجى بالىلار ھىكايىلەر توپلىمىنى ئىلان قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخرغىچە ئىزچىل باللار پىروزىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ 100پرچىدىن ئارتۇق بالىلار ھىكايىسى ئىجاد قىلغان. ئاندېرسون كومپىزوتۇر لىست،گىرمانىيىلىك شائىر ھېنىرىچ ھېنى، يازغۇچى چارلېز دىكنېس، ۋىكتور ھىيوگۇ قاتارلىق كىشلەر بىلەن قويۇق دوسىتلۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆيلەنمىگەن. ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسەرلىرىدىن: «سەت ئۆردەك»، «بېلىق مەلىكە»، «سىزىلمىغان رەسىم»، «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»، «ئانىنىڭ ھىكايىسى» قاتارلىقلار بار.
ئانىنىڭ ھىكايىسىThe Story of a Mother
«ئانىنىڭ ھىكايىسىThe Story of a Mother » پەلسەپىۋى كۆز قاراشقا تويۇنغان ئەسەر بولۇپ،بىر ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بىرەلەيدىغان روھىغا مەدىيە ئوقۇلغان.
مەنبە: ئويتاغ قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-11 08:54 PM
|
|
|
|
|
|