مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7549|ئىنكاس: 95

ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 09:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر ئاستى ئوتۇشمە يولدىن ئوتۇپ كىتىۋاتسام 10ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا  - ئاكا تازلىق قەغىزى ئىلىۋالسا ئىككىسى بىر يۇەن  - دىدى . مەن ئۇنىڭغا بىشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ لازىم ئەمەسلىكىنى بىلدۇرۇپ ئوتۇپ كەتتىم . بىر نەچچە قەدەم مىڭىشىمغا 50ياشلار چامىسىدىكى يامان ئەمەسلا بىر ئادەمنىڭ ئۇ بالىغا قاراپ - قانداق بىرەمسە ئۇچنى بىر يۇەنگە - دىگىنىگە ۋە ئۇ بالىنىڭ - ئاكا پايدا قىلمايدۇ ئىككىنى بىر يۇەنگە ئىلىۋەرسىلە -  دىگەن تارتىشملىرى دىققىتىمنى تارىتتى . ھىلىقى ئادەم  - بەرمىسەڭ بولدى ئالمايمەن - دىگىنىچە ئالدىغا قاراپ مىڭىشقا تەمشەلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن گەپ قىتىپ - ئاكا ئەگەر سىز ئىھتىياجلىق بولسىڭىز تالاشماي ئىلىڭ بىر يۇەننى ھازىر سەدىقىگىمۇ ، ھاجەتخانىغىمۇ بىرىۋىتىدۇ  ،  شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل ئىلىپ خەجلەپ ئويناپ يۇرمەي ئازراق بولسىمۇ ئوزىنىڭ خىراجتىنى مۇشۇنداق كىچىك تىجارەتلەرنى قىلىپ چىقىرشىمۇ ياخشى ئىش ،   ھىچ بولمىسا قوللاش ، رىغبەتلەندۇرۇش بوپ قالىدۇ - دىدىم . لىكىن ئۇ ئاكىمىز گىپىمگە پىسەنىت قىلماي كىتىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئىسىمگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر ئىش كاللامغا كەلدى . تەخمىنەن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر نەچچە كونا ساۋاقداش بالىلار دىدارلاشقاچ بازار ئايلاندۇق توساتتىن ئالدىمىزغا قولىدا يىرىم پىچىغلىق قوغۇن كوتۇرگەن بىر كىشى كىلىپ سوۋىتىنى ئالدىمىزغا قويدى دە - ھە ئۇكۇلۇرۇم ھەسەلدەك قوغۇن تىتىشىپ بىقىشماملا - دىدى . قارىساق قوغۇن راسىت دىگەندەك رەڭگىمۇ چىرايلىق ئادەمنىڭ يىگۇسىنى كەلتۇرگۇدەك قوغۇن ئىدى ، مۇشۇ 1-ئايلاردىمۇ مۇشۇنداق پاكىز ساقلىغان قوغۇننىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن خوش بولغۇدەك ئىش ۋە باھاسىنى تالاشمايلا بىر-ئىككى تىلىم يەۋالساقمۇ ئەرزىيدۇ . ئارىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارىتىنى قىلىپ مىليۇنىر بولۇپ قالغان بايۋەچچە ساۋاقدىشىمىز - ھە بولىدۇ يوغانراق پىچە ئاكا قەغەزدەك پىچماي - دىدى . قوغۇنچى ھەممەيلەنگە ئادەتتىكىدىن چوڭراقتىن پىچىپ بەردى . قوغۇننى يەپ بولغاندىن كىيىن ھەممەيلەن پۇلىنى تولەشنى تالاشتۇق لىكىن ئۇ مىليۇنىر ساۋاقدىشىم ئۇنماي ئوزى 20يوەننى چىقىرىپ بەردى . قوغۇنچى "رەھمەت " دەپ يانچۇقغا سىلىشقا تەمشەلدى ، توساتتىن ئۇ ساۋاقدىشىم - نەچچىدىن ئىلىپ قالدىڭ ئاكا دىدى ، قوغۇنچى - توت تىلىمغا بەش يۇەندىن 20 يۇەن بولدى رازى بولاشلىما . مىليۇنىر - ھەي ئاكا ھەي مەن پۇلنى يەرگە تىرىپ تاپمايمە نايماندىن كەلگەن كورۇپ قالدىڭمۇ يا ھەممە يەردە ئىككى يۇەندىن پىچسا سەن بەش يۇەندىن پۇل ئالامسا ئاشقان پۇلنى قايتۇرە تولا گەپ قىلماي - دەپلا قوغۇنچىنىڭ قولىدىكى 20يۇەنگە ئىسىلدى . قوغۇنچى پۇلنى بەرمەي چىڭ سىقىمدىۋىلىپ - ئۇكام مەن ئەسلى ئۇچ يۇەندىن پىچقان سىلە چوڭراق پىچسىلا دىگەندىن كىيىن شۇنداق بەش يۇەندىن پىچىتىم - دىدى . مىليۇنىر - باشتا دەپ قويساڭ بولمامدۇ بولمىسا يىمەيتۇق 20يۇەنگە يوغان قوغۇندىن بىرسى كىلىدۇ ھازىر . شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىر ساۋاقدىشىم گەپكە ئارلاشتى - ماڭغا قارا سەن ئىككى-ئۇچ يىل يۇرىتقا چۇشمەي بۇرۇنقىغا ئوخشىتىپ قالدۇڭمۇ قوغۇن - تاۋۇزنىڭ ئەزانلىقىنى ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى ھازىر ئۇ پۇلۇڭغا كىچىك سويمىدىن بىرسىمۇ كەلمەيدۇ ئاكا بىرە مانىڭ پۇلىنى مەن بىرەي دەپ - پورىتمالىدىن پۇل چىقارغىلى تۇردى . مىليۇنىر سەل نۇمۇس قىلدى بولغاي - بولدى-بولدى نىمىنداق سەت ئىشنى قىلىسەن دەيمەن - دىگىنىچە ئۇنى تارتىپ ئىلىپ ماڭدى . شۇنىڭ بىلەن تارتىشمىلار تۇگىدى .
كەچتە ئويگە قايىتقاندىن كىيىن ئالدىمدىن ئوتكەن بۇ ئىككى ئىش بۇندىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئوقۇغان ئامرىكىلىق بىر يازغۇچىنىڭ بىر ھىكايىسنى ئىسىمگە سىلىپ قويدى .
    ئامرىكىدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ژورنال شىركىتىنىڭ لىدىرى داۋاملىق ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن شوپۇرغا كەمبەغەل يايمىچىلار بار يولدا ئويگە قايتىشقا تەۋسىيە قىلىدىكەن .
ۋە  شۇ يايمىچىلار قاتارىدىن گىزىت ساتقۇچى بالىلارنى ئىزدەپ شۇلارنىڭمۇ ئىچىدىن شۇ كۇنى گىزىت ساتالماي مەيۇسلىنىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ گىزىتىنىڭ ھەممىسىنى سىتىۋىلىپ قايتىدىكەن . ئۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقىنىغا 30يىلچە بوپتۇ ئۇنىڭ ھازىرقى شوپۇرى يىڭىدىن خىزمەتكە چۇشكەن ياش بولۇپ خوجايىنىنىڭ بۇ ئىشىدىن ئەجەپلىنىپ - ئەپەندىم سىز ئاتايىن بۇيەرگە كىلىپ گىزىت سىتىۋالمىسىڭىزمۇ ھەر كۇنى ئوستىلىڭىزدىن شۇ كۇنلۇك يىڭى گىزىتلەر ئۇزۇلمەيدىغۇ - دەپ سوراپتۇ . لىدىر ئۇنىڭغا ئوزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا شۇنداق گىزىت ساتقۇچى بالا ئىكەنلىكىنى بىر كۇنى ئۇ نەچچە ھەپتە تۇزۇك گىزىت ساتالماي گىزىتچىلىكتىن ۋاز كىچىپ باشقا ئىش قىلماقچى بولۇپ مەيۇسلىنىپ ئولتۇرسا توساتتىن يىراقتىكى بىر ئالى دەرجىلىك پىكاپتىن بىر زەردارنىڭ چۇشۇپ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ساتالماي قالغان گىزىتلىرنىڭ ھەممىسىنى سىتىۋىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەر كۇنى ئوزىگە گىزىت لازىملىقىنى ئوزىنى مۇشۇ يەردە داۋاملىق ساقلاپ ئوزىگە گىزىت بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى ئىيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىلھام كىلىپ ئوزىنىڭ گىزىتچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ ۋە شۇ باينىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇپ ئاخىرى شۇ باينىڭ گىزىتچىلىك شىركىتىدە خىزمەتكە چۇشۇپ ئىشلەپ ئاخىرى شۇ شىركەتنىڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلىنىپ ھازىرىقىدەك زەردارغا ئايلىنىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇمۇ ئوزىگە ئوزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك گىزىت ساتالماي روھى چۇشكۇن تۇرغان بالىلارغا ئىلھام بىرىش قوللاش يۇزسىدىن شۇنداق قىلىپ كىلىشنى ئوزىنىڭ بورچى قىلىپ كەپتۇ .
يەنە بىر ئىش بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى بايدىن دولىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەندە بىيجىڭدىكى مەلۇم بىركىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يەپ پۇل بەرگەندىن كىيىن " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دىگەن سوزىنى تاراتقۇلار ماختاپ ئۇنىڭ غەرىبنىڭ ئادىتى بويىچە ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ دەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى دىگەن خەۋەرنى تىلۋۇزۇردىن كورگەن ئىدىم . دىمىسىمۇ مۇشۇ غەرىبنىڭ ۋە تۇركىيەنىڭ كىنولىردا بايۋەچچىلەر كىچىك يايمىچىلاردىن ، ئاشپۇزۇللاردىن نەرسە - كىرەك سىتىۋالغاندا ، تاماق يىگەندە پۇلنى ئارتۇقراق بىرىپ " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دەپ كىتىپ قىلىشلىرنىڭ ياكى مىھمانخانا ، رىستۇرانلارغا كىرگەندە مۇلازىملارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئارتۇقچە مۇلازىمىتىگە مەسىلەن ؛ پىكاپلىرنى ئەكىپ بىرىش ، پەلتۇ -چاپانلىرنى سىلىشىغا ياردەملىشىش ، يۇك -تاقىلىرنى توشۇشۇپ بىرش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرگە سويۇنچە پۇلى بىرىشىنىڭمۇ ئەسلى ئۇ ئاجىزلارغا شۇ  ئىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەم بىرىش ، قوللاش ، ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۇشۇنۇپ يەتتىم .
ھەمدە مەنمۇ بىر بايۋەچچە بولمىساممۇ بۇ ياخشى ئەخلاقنى دوراپ بىقىش ئۇچۇن بۇ ئىشقا يۇز يۇەن دەسمى سىلىپ ، شۇنداق كىچىك تىجارەتچى بالىلار ۋە ئاياللاردىن لازىملىق نەرسىلەرنى سىتىۋىلىپ ئىككى يۇەندىن ئارتۇق بەش يۇەندىن توۋەن ھىساباتقا بەش يۇەن بىرىپ  ۋە بەش يۇەندىن يۇقىرى ئون يۇەندىن توۋەن بولغان ھىساباتلارغا ئون يۇەن بىرىپ " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دىيىشنى ئوزۇمگە ئادەت قىلماقچى بولۇۋاتىمەن ، ھەمدە تورداشلارنىڭمۇ مىنىڭ بۇ ئىشىمغا قانداق پىكىر - تەلەپلىرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى تورداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى ئۇمىدى قىلىمەن ، ھەمدە بۇ خىل ئەخلاقنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدىمۇ تارقىلىشقا مۇناسىپمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:25:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 12:15 AM  


ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1920
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 959 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئويلاپسىز،ئەگەشتىم.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللەردىكى رىستۇران ئاشخانا مۇلازىمەتچىللىرىگە مۇئاش بەرمەيدۇ،ئۇلار شۇ خېرىدار بەرگەن‹ئاشقان ›پۇللارغا تايىنىپ جان ساقلايدۇ دەپ ئاڭلىغان.
ئەگەر يېنىمدا ئېشىنچە پۇل بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئايال كىشىدىن ياكى ئۇششاق يايمىچىلاردىن بىر نەرسە سېتىۋالسام (بۇلۇپمۇ قىشنىڭ كۈنىدە) ئاشقان پۇلنى ئالمايمەن.
كىشىلەرنىڭ كىرىم پەرقى ئوخشاش ئەمەس ،شۇڭا بۇنى چۇقۇم شۇنداق قىلىسەن دىيىش زۈرۈر ئەمەس.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4983
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2092 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئويلاپسىزقېرىندىشىم.ھەممەيلەن مۇشۇنداق بىرياخشى ئادەتنى ئومۇلاشتۇرساق ياخشى بولاتتى،مەنمۇبىرئاشپەز،بەزىبىركىشلەرنىڭ ناچارمۇئامىلىلرىگەئۇچراپ تۇرىمەن،ئۆزكۈچىگەتاينىپ ئىشلەپ ھالال يەۋاتقان كىشلەرنى كۆزگەئىلماسلىق،كىچىككىنەپايدىنى دەپ جاپاتارتىپ ئۇششاق چۈششەك يايمائېچىپ جان بېقىۋاتقانلارنىڭ شۇكىچىككىنەچىقىش يولىنى ئۈزۈشكەئۇرۇنۇش بەك ئەخلاقسىزقىلمىش...................

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىق ياخشى پىكىركەن.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر قوللاشقا ئەرزىيدۇ

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101956
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولايمەن.   مۇناسىپ كىلىدۇ ، بىز ئۆزىمىزنى -ئۆزىمىز قوللىمىساق ،باشقىلار قولۇشى ناتايىن .  توغرا ئويلاپىسىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 12:16 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98458
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى پىكىرىڭىزنى مەن شەخسەن قوللايمەن،گەرچە ھازىرغا قەدەر بۇئىشنى قىلىپ باقمىغان بولساممۇ.بىراق بۇندىن كىيىن قۇربىمنىڭ يىتىشىچە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن!ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ قوللىشىمىزغا مۇھتاج!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13132
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3900 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 12:02:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق ئىكەن، مەن ئۇنداق قىلىپ باقمىغان بولساممۇ، قىيىنچىلىق ئېغىرلارغا ئازدۇر- كۆپتۇر يادەم بېرىشنى ياخشى كۆرۈمەن...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش