رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ناخشا تېكىستى
ئاللاھنى سۆي ئاللاھ سۆيىدۇ،
يەتكۈزىدۇ سېنى مەنزىلگە.
ئالتە كۈنلۈك ئۆتەڭ ئالەم بۇ،
ئەگەشمەيلى شەيتان رەزىلگە.
ئويغان بەندە غەپلەت ئۇيقىدىن،
ئاللاھنى سۆي چۇڭقۇر ھەممىدىن.
ئاللاھنى سۆي ئىخلاسىڭ بىلەن،
مەرتىۋەڭنى قىلىدۇ ئۈستۈن.
ئىبادەت قىل ئىمانىڭ بىلەن،
كېچە-كۈندۈز ئاللاھقا يۈكۈن.
ئويغان بەندە غەپلەت ئۇيقىدىن،
ئاللاھنى سۆي چۇڭقۇر ھەممىدىن.
ئاللاھنى سۆي ئادەم ياراتتى،
قارا تۇپراق چىمدىم تۇپىدىن.
ئامانەت تەن ئامانەت ھەم جان،
قاچالمايمىز ئەجەل ئوقىدىن.
ئويغان بەندە غەپلەت ئۇيقىدىن ،
ئاللاھنى سۆي چۇڭقۇر ھەممىدىن.
رۇستەم قاراسۇ.2014.يىلى3.ئاي10.كۈن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-10 08:20 PM