QQ بوشلىقىغا خالىغان ناخشىنى چىقىرىش ئۇسۇلى يىشىل ئالماس كەسپىنى ئاچمىغان دوسلارغا ماس كىلىدۇ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر،ھەممىڭلارغا كەمىنە مەشئەلدىن ئوتلۇق سالام،يىقىندىن بېرى ئوقۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ مىسرانىم مۇنبىرىنى پەقەت مىھمان سۈپىتىدە زىيارەت قىلىپ تۇردۇم،ھازىر بولسا ئىشلار بىر قەدەر ئىزىغا چۈشۈپ قالدى،شۇڭا بۇندىن كىيىن ھەر خىل قوللىنىشچان تور بىلىملىرىنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىمەن،ئۆزۈم 12 يىشىمدىن باشلاپ كومپىيوتور ئۆگەنگەن،مانا ھازىر كومپىيوتور دۇنياسىدا كىزىپ يۈرۋاتقىنىمغا 7 يىل بوپتۇ،مانا پات يىقىندا مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن،بۇ جەرياندا ئۆزۈم نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى توپلىدىم،ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئەمىلىيەتكە باغلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،بۇ جەرياندا كومپىيوتور ساھەسىدە قىيىنچىلىققا يولۇققان نۇرغۇن دوسلارغا ياردەم قىلدىم ۋە قىلىپ كىلىۋاتىمەن،ماڭا ئوخشاش كومپىيوتورغا ھەۋىسى بار ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققان دوسلار بولسا ئىمزايىمدىكى توپقا كىرىپ ياردەم سورسىڭىز ۋە پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز تامامەن بولىدۇ،توپقا كومپىيوتور ساھەسىدىكى كەسپى ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ يىغىلغان،مەسىلىڭىزنى ئاساسەن ھەل قىلالايمىز.كىرشىڭىزنى قارشى ئالمىز. ئەمسە نەق گەپكە كەلسەك يىقىندىن بېرى نۇرغۇن دوسلار مەندىن يىشىل ئالماس ئاچماي تۇرۇپ بوشلۇققا خالىغان ناخشىنى چىقىرىشنى سورىدى،مىنىڭ بۇ توغرىسىدا بۇرۇن ئىشلىگەن سۈرەتلىك دەرىسلىك بار ئىدى(دەرىسلىك خەنزۇ تىلدا)ھازىر بولسا بۇ ئۇسۇل يىڭىلانغىنى ئۈچۈن قايتىدىن دەرىسلىك ئىشلەشكە توغرا كەلدى،ناۋادا سىزمۇ بوشلۇققا ناخشا چىقىرىش ھەققىدە قىينالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندە بولسۇن. بىرىنجى قەدەمدە 百度 تور دىسكىسىنى ئاچىمىز،ھازىر كۆپىنچە دوسلارنىڭ 百度 تور دىسكىسى بار،ناۋادا يوق دوسلار بولسا بىرنى تىزىملاتسىڭىزلا بولىدۇ،سىزدىن پەقەتلا خەت ساندۇقى تەلەپ قىلىدۇ،تىزىملىتىش تولىمۇ ئوڭاي،ئاندىن ھىسابات نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئاچىسىز،ئاندىن قىزىل رامكا ئىچىدىكى خەتنى باسىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىن چىقارماقچى بولغان ناخشىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن كىيىن يوللاش باشلىنىدۇ،رەسىمدىكىدەك:
ناخشا يوللىنىپ بولغاندىن كىيىن ناخشىنى تاللاپ ئاندىن ھەمبەھىرلەش دىگەن خەتنى باسىمىز(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن پەستىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ،ئاندىن كىيىن قىزىل رامكا ئىچىدىكى خەتنى باسىمىز.
ئادىرىس چىقىدۇ،ئاندىن كۆچۈرۈشنى باسىمىز
ئاندىن كىيىن بۇ تور بەتنى ئاچىمىز،ئادىرىسى: - http://link.m1990.net/static/index.html
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بايا كۆچۈرۋالغان ئادىرىسنى چاپلايمىز،ئاندىن mp3 دىگەننى تاللاپ ئادىرىس چىقىرىشنى باسىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىن چىققان ئادىرسنىڭ ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆچۈرۋالىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىن بوشلىقىمىزنى ئاچىمىز،ئاندىن 音乐 دىگەننى تاللايمىز،رەسىمدىكىدەك:
چىققان كۆزنەكتىن 背景音乐 دىگەننى تاللايمىز،(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن 添加网络音乐 دىگەننى باسىمىز،(قىزىل رامكا ئىچىدىكى)
ئاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن بىرىنجى رامكىغا بايا كۆچۈرۋالغان ناخشا ئادىرسىنى چاپلايمىز،ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى كاتەكچىنى ئۆزىڭىز قاراپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ،(ناخشا ئىسمى ۋە ناخشىچى ئىسمى دىگەنلەر)رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن 添加 نى باسساق رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقسا ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ
ئاندىن ناخشا قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن بەتنى يىڭىلاپ قاراپ بىقىڭ،نورمال قويۇلدىمۇ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولسا نورمال قويۇلغان بولىدۇ.
بەلكىم بەزى تورداشلارنىڭ تور سۈرىتى ئاستا بولىشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ناخشا تىز ئۇلانماسلىقى مۇمكىن،بۇ نورمال ئەھۋال،شۇڭا بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە مەن خاتا قىلغان ئوخشايمەن دەپ بۇنىڭ بىلەن كۆپ ھەپىلەشمىسەڭلارمۇ بولىدۇ،بەزى چاغلاردا مۇلازىمىتىر ئالدىراش چاغلاردا ناخشىنىڭ نورمال ئۇلىنىشىغا 5~6 مىنۇتقىچە ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن،قانداقلا بولمىسۇن ھەقسىز چىقارغان بولغاندىن كىيىن ساقلاشقا ئەرزىيدىغۇ دەيمەن. ئاخىردا بارلىق دوسلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ھۆرمەت بىلەن Declan تور گۇرۇپىسى.
|