ئاناڭ ئەمەسمۇ
تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ مىڭبىر تىرىلىپ،
بالام دەپ ئىشقىڭدا گۈلخاندەك يېنىپ،
سەن كۆيسەڭ تېشىدا، ئوتنىڭ ئىچىدە،
تولغىنىپ كۆيگەن شۇ ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
ئۇيقۇسىز تالاي تۈن قىزارغان كۆزى،
كۈمۈشتەك ئاقارغان قۇندۇزدۇك چېچى.
جاپادىن پۈكۈلگەن زىلۋا قامىتى،
دەردىڭنى كۆپ تارتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
كۆزۈڭدىن ئاقسا ياش، يۈرىكىدىن قان،
تامدۇرۇپ دەردىڭگە زار-زار يىغلىغان،
ئايىماي سېنىڭدىن تاپسا بىر تال دان،
يەنە شۇ جاپاكەش ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
بىر ئۆمۈر بارىنى ساڭىلا ئاتاپ،
ئېغىر كۈنلەردە سەن ئۈچۈن ياشاپ،
بەختىڭگە كۈلۈپ، دەردىڭگە يىغلاپ،
سېنى دەپ ياشىغان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
كۈتمىگەن مال-دۇنيا سېنىڭدىن پەقەت،
پەقەتلا ئىستىدى سەندىن مۇھەببەت،
سىلكىمە، ئۇنىڭغا قىل رەھىم-شەپقەت،
سەن خارلىغان ئۇ، ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
مەنبە: ئۆزۈم
2014.3.10