مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3740|ئىنكاس: 22

تاشپولات: مېنىڭ ئۇستازىم ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئۇستازىم ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن

تاشپولات روزى

R9.jpg.thumb.jpg


ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن ئاكا، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىم بولۇپ، ئۇ 1934-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.  رىشات ئاكا 1942-يىلى 9-ئايدىن 1951-يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ھەم تولۇقسىزنى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ. ئۇ 1951-يىلى 9-ئايدىن 1953-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. رىشات ئاكا، مىللەتلەر ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،  1953-يىلى 9-ئايدىن 1957-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1957-يىلى 9-ئايدىن 1960-يىلى 8-ئايغىچە شاڭخەي فۇدان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا 3 يىل بىلىم ئاشۇرىدۇ. 1960-يىلى 8-ئايدىن 1988-يىلغىچە ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور ھەم پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1980-يىلى شىنجاڭ مائارىپ كومىتېتى ئۇنۇڭغا ماتېماتىكا دوتسېنتى ئۇنۋانى بېرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە رىشاتكام ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تەبىئىي پەندىن بىرىنچى بولۇپ بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. رىشات ئاكا 1989-يىلى قازاقىستانغا كۆچمەن بولۇپ چىقىپ 2006-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاغرىق سەۋەبىدىن 2007-يىلى 7-ئايدا بەخت قارشى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

R8.jpg.thumb.jpg



رىشات ئاكا 1972-يىلدىن باشلاپ ماقالە يېزىش ھەم تەرجىمانلىق ئىشى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يازغان ئۇيغۇرچە ماقالىلەر، ""شىنجاڭ مائارىپى"، "بىلىم كۈچ"، "ئىلىم-پەن ھەم تۇرمۇش"، ھەم "شىنجاڭ ئۇنۋەرسىتى ژۇرنىلى" قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنىدۇ. رىشات ئاكىنىڭ تۆۋەندىكى يازغان ماقالىلىرى ئۇيغۇر ماتېماتىكا ساھەسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. "تۆت رەڭ مەسىلىسى توغرىسىدا"
2. "نيۇتون نەزەرىيىسى"
3. "قارا ئۆڭكۈرنىڭ قۇرغۇچىسى"
4. "نۆلنىڭ ئىپادىلىنىشى"
5. "ماتېماتىكىغا نەزەر"

R2.jpg.thumb.jpg



ئۇ يەنە تۆۋەندىكى كىتابلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتابلار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، جۇڭگو ئىلى-پەن نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تارماق نەشرىياتى، ھەم مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

1. "گولدباھ قىياسى"
2. "گېئومېتىرىيىلىك ئالماشتۇرۇش"
3. "ترىگونومېتىرىيە"
4. "ماتېماتىكا ئانالىزى"
5. "دىففېرېنسىئالىق گېئومېتىرىيە"
6. "باشلانغۇچ گېئومېتىرىيىدىكى قىيىن مەسىلىلەر كۆرسەتمىسى"
7. "ئۆسمۈرلەر گېئومېتىرىيىسى"
8. "ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قوللانمىسى"
9. "ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى"

R3.jpg.thumb.jpg



رىشات ئاكا، مېنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ماڭا ترىگونومېتىرىيە، دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيە، رىمان گېئومېتىرىيىسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.  ئۇنۇڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى ئالاھىدە بولۇپ، بىر قېتىملىق دەرسنى ھېچقانداق ماتېرىيال ياكى قولىدا ھېچقانداق بىر قەغەزنى تۇتماي بىر تال بور بىلەن دەرس ئۆتۈپ تۈگىتەتتى. ئۇنۇڭ دوسكا تۇتۇشى ھەقىقىي پېداگوگلاردەك بولۇپ، خەتنى باسمىدا باسقاندەك چىرايلىق يېزىپ، دەرس تۈگىگەندە دوسكىنىڭ ئەڭ ئاخىرى خەت بىلەن بويىلىپ ئاخىرلىشاتتى. گېئومېتىرىيىدىكى ئەڭ قىيىن تېئورېمىلارنى ناھايىتى ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەتتى. شۇڭا ئۇنۇڭ ئۆتكەن دەرسىنى چۈشەنمەي قالىدىغان ئوقۇغۇچى سىنىپتا ئاساسەن بولمايتتى.

R4.jpg.thumb.jpg



ئۇ ناھايىتى چاقچاقچى بولۇپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئارىلاپ-ئارىلاپ چاقچاق قىلىپ تۇيۇقسىزلا كۈلدۈرۈۋېتەتتى. ئۇنۇڭ ئانا تىلىدا ئېيتىلغان چاقچاقلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېگەن يەرلىرىگە بارغاچقا سىنىپ كەيپىياتى ناھىيىتىمۇ جۇشقۇن بولۇپ، بېرە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇخلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. رىشاتكامنىڭ كېيىنكى قېتىم دەرسى كەلگىچە بىز ئۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتەتتۇق.

رىشاتكام بىر قېتىم ترىگونومېتىرىيە دەرسى ئۆتۈۋاتقىنىدا، قەشقەردىن كەلگەن ساۋاقدىشىم رىشاتكامدىن، "مۇئەللىم بۇلۇڭنىڭ گرادۇسى دەيمىز، يەنە بەزىدە ھاراقنىڭ گرادۇسى دەيمىز، بۇلار ئوتتۇرىسىدا بېرە مۇناسىۋەت بارمۇ دەپ سورىدى". رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ، "ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار دەپ جاۋاب بېرىپ، ئەگەر سەن 60 گرادۇسلا ئىلى ھارىقىنى ئىچىۋالساڭ، يولدا چوقۇم 60 گرادۇسلا بۇلۇڭ ياساپ ماڭىسەن دەپ جاۋاب بەردى" بۇنى ئاڭلىغان ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق. يەنە بىر قېتىم بۇ ساۋاقدىشىم رىشاتكامدىن، "3 بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس بولىدۇ دەيمىز. ئەگەر ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ئاشۇ ئۈچبۇلۇڭ قانداق ئۈچبۇلۇڭ بولىدۇ دەپ سورىدى" رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ، "ئۇنداق 3 بۇلۇڭ ئەلۋەتتە يېرىلىپ كېتىدۇ-دە دەپ جاۋاب بەردى" ھەممىمىز يەنە پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق. ئۇنۇڭ ھەر بىر دەرسىدە چاقچاقلىرى ئۈزۈلمەيتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنۇڭ دەرسىدە بېرە ئوقۇغۇچىنىڭ مۈگدۈيىپ قالغىنىنى كۆرمەيمىز. مېنىڭ چەت ئەل ھاياتىمدا دەرسلەرنى رىشاتكامغا ئوخشاش ئانا تىلىدا قىزىقارلىق دەرس ئۆتكەن سۆيۈملۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن باشقا بىرەر ئوقۇتقۇچىنى تېخى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم.

بىز ئوقۇغان قاراردا ئىككى ماتېماتىكا سىنىپى بولاتتى. مەن ئوقۇغان سىنىپ 79-يىللىق 2-سىنىپ. يەنە بىر سىنىپ 79-يىللىق 4-سىنىپ ئىدى. مەن ئوقۇغان سىنىپتا تۆتىمىز ياپونىيەدە ئوقۇپ، ئۈچىمىز دوكتورلۇق، بىرىمىز ئىقتىسادتىن ماگىستىرلىق (مېنىڭ ئايالىم) ئۇنۋاننى ئالدۇق. 79-يىللىق 4-سىنىپتىن ئىككىسى ياپونىيەدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى. بۇ ئىككى قارارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھازىر ۋەتەندە داڭلىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مانا بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، بىلىمنى ئىلىكلىرىمىزگىچە سىڭدۈرگەنلىكىدىن بولغاندۇر. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

sawaqdashlar.jpg.thumb.jpg


ئالدىنقى رەت سولدىن 4-كىشى رىشات ئاكا.

بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىمىزدا رىشاتكامنىڭ رىمان گېئومېتىرىيە دەرسىنى تاللىغان ئىدۇق. رىمان گېئومېتىرىيىسى خېلى تەس دەرسكە كىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تەس دەرسنى رىشاتكام ئانا تىلىدا بەكمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆتۈپ بەرگەن. رىمان گېئومېتىرىيىسى ئېينىشتېين نەزەرىيىسىنىڭ جېنىدۇر. رىشاتكام 30 يىلنىڭ ئالدىدا بىزگە قارا ئۆڭكۈر، ئېينىشتېين نەزەرىيىسىنى بەكمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن. مېنىڭ ئالەم ئىلمىگە ھازىرمۇ قىزىقىشىم مانا شۇ رىشاتكامنىڭ ئاشۇ ۋاقتىدا سۆزلىگەن لېكسىيىلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. مېنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇستازىم فىزىكا ئالىمى بولغاچقا، ئۇنۇڭ تەتقىقاتلىرى تېنزور (tensor) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئوقۇتقۇچىم بىلەن تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا، مەن ئۇنۇڭ سوئاللىرىغا خېلى ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ ئۇنى ھەيران قالدۇراتتىم.

رىشاتكام قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئاز ئۆتمەي يەنى 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتىم. ياپوندا 10 يىل تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇستازىم رىشاتكام بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى پەقەتلا بولمىدى. بىراق دائىم ئۇستازىمنى ئەسلەيتتىم. ئۇنۇڭ ماڭا بەرگەن چەكسىز بىلىمى ئۈچۈن بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈپ رەھمىتىمنى ئېيتقۇم بار ئىدى. ياپونىيەدە ماتېماتىكىدىن ماگىستىرلىق ھەم دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشتىم. ئامېرىكادا تۇرغان ۋاقتىمدىمۇ داۋاملىق ئۇستازىم رىشاتكام بىلەن پاراڭلىشىش ئۈمىدىم پەقەتلا ئۈزۈلمىدى. 2006-يىلى مەن ئاخىرى  قازاقىستاندىكى رىشاتكامنىڭ قول تېلېفوننى ئىزدەپ يۈرۈپ تاپتىم. قول تېلېفوننى تاپقان كۈنى قازاقىستانغا تېلېفون قىلىپ رىشاتكام بىلەن ئاخىرى پاراڭلاشتىم. ئۇ مېنى تېلېفوندا ئۇققاندىن كېيىن يىغلاپ تاشلىدى. مەن ھەم ئايالىم ئىككىمىز ئۇنۇڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئۆپكىمىزنى باسالماي يىغلاپ كەتتۇق. قەدىرلىك ئۇستاز دېگەننى تاپقاندا پۈتۈن بەدەن باشقىچە سىلكىنىپ ئاجايىپ بىر دۇنياغا كىرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن ئادەمدە. بۇ مىنۇتلار مېنىڭ ھاياتىمدا مەنگۇ ئۆچمەيدىغا مىنۇتلاردۇر! رىشاتكام مەنىڭ ئامەرىكادا ماتەماتىكا پروفەسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ بەكمۇ تەسىرلىنىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئىككىڭلاردىن مەڭگۈ رازى. مەن سىلەردىن بەكمۇ پەخىرلەندىم. رىشاتكام مېنىڭ ھازىرقى ئورنۇمنى بىلگەن بولسا ئوقۇغۇچىسىدىن قانچىلىك پەخىرلەنگەن بولغىيتتى؟"

R7.jpg.thumb.jpg



مۇشۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىز ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بەزىدە تېلېفون ئۇرۇپ تۇرىدىغان بولدۇق. رىشاتكام 2006-يىلى ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئوغلىنىڭ يېنىدا بىر يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن 2007-يىلى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇنۇڭ بىلەن تېلېفوندا ئىككى قېتىم سۆزلىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇنۇڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ماتېماتىكا ساھەسىدىكى چوڭ بىر يوقىتىشتۇر. ئۇنۇڭ خەلقىمىزگە قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزلىرى نۇرلۇق يول بولۇپ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

ئاخىرىدا رىشاتكامنىڭ رەسىملىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن ئەلى رىشاتقا ئۇكامغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 02:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 03:58:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ ياتقان يەرىنى جەننەتتىن قىلسۇن .
غۇلجا خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى رىشات ھەسەن ئاكىمىز ،
ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ماتىماتىكا ئالىمى ئىدى .
مانا ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز.
ھازىر  سەھنىگە چىقىپ ئىككى قېتىم ناخشا ئېيتىپ قويغان،ئاتالمىش سەنئەتكارلانىڭ تەرجىمھالى يېزلىپ توشاپ كەتتى. ھەقىقى ئۇيغۇر ئالىملىرمىز ئۈن تىنسىز دۇنيادىن قايتماقتا.
بىز ۋە ئەۋلادلار رىشات ھەسەن ئاكىمىزغا قەلبىمىزدىن ھۆرمەت قىلمىز.
ھەم ئىجابەتلىك دۇئالىرمىزدا ئەسلەپ تۇرمىز.
ھەم ماتىماتىكا ساھەسىدە ياكى ھەرساھەدە بولغان ،
ئۇستازلىرمىزغا ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلەيمىز.
ھەم سىزنىڭمۇ شۇ ئۇستازلاردىن ئۈگنىپ ئەۋلادلار جۈملىدىن مىللتىمىزگە شان شەرەپ ئەكىلشىڭىز گە تىلەكداشمىز .
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىقتا بىللە قىلسۇن .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:05:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن!

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تىنىنى سالامەت قىلسۇن

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تاشپولات ئاكا،يەنە بىر ئالىمىمىز بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بەرگىنىڭىزگە؟
مەن بۇندىن بۇرۇن بۇ ئالىمىز توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم .
ئاخىردا تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن!

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇنداقتا بۇ ئادەم دادامنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىسىكەندە. داداممۇ سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىزمۇ تېخى.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83671
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالىملىرىمىزنى تونۇشىمىز ،ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز بەك يىتەرسىز بولغان بىلەن ،ئەمما ئۇسۇلچى ،ناخشىچى ......لىرىمىزنى  ھەتتا چەتئەلنىڭ ‹‹چولپان››لىرىنى  بوۋا-مومىلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك تونۇيمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 05:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تاشپۇلاتكا .
مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3065 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 05:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېئومېتىرىيىدىكى ئەڭ قىيىن تېئورېمىلارنى ناھايىتى ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەتتى.
ئۇ ناھايىتى چاقچاقچى بولۇپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئارىلاپ-ئارىلاپ چاقچاق قىلىپ تۇيۇقسىزلا كۈلدۈرۈۋېتەتتى.

دەرىس دىگەننى شۇنداق ئۆزىنىڭ بەش بارمىقىنى بىلگەندەك بىلىدىغان ئالىم ئۇقۇتقۇچىلار ئۈتسە ‹‹ نىمىشكە دەرىس بىلمەيسەن›› دەپ چىچاڭشىپ سەكرەپ كىتىش دىگەن ئاتالغۇلارغا ئورۇن نىم ئىش قىلسۇن.
ئۈتكەندە ئامىركا مەكتەپلېرىدە تىل-يىزىق ۋە ماتىماتىكا پەنلېرىدىن باشقا تەبئى-پەنلەرنى شۇ ساھەدە ئالدىدا تۇرىدىغان كىشىلەر ۋە تەتقىقاتچى ئالىملار تەكلىپ قىلىنىپ دەرىس ئۈتىدۇ دەپ بىر ماتىريالدا كۆرگەندەك قىلىۋدىم. ئەنگىليىلىك 13 ياشلىق بالىنىڭ يادرو يىغىلىش رائاكسىيسى تەجىربىسى ئىشلىگەن خەۋىرىنى كۆرۈپ، سەرەڭگە تىلىغا قايسى يەردىكى تۇپىنى لاي قىلىپ چاپلىسا سەرەڭگە بۇلىدىغىنىنىمۇ بىلمەيدىغان مەن چاچلېرىمغا كىرگەن ئاقتىن باشقا بىرنىمە ئويلىيالماي قالدىم.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش