ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، يېقىنقى قىسقىغىنا بىر مەزگىللىك كڭتابخانىمىزنىڭ تاقىلىشى بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدۇق، بۇ ئەلۋەتتە توردىكى كىتابخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا خېلىلا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس، شۇ سەۋەب بىلەن بۈگۈن ئەتىگەندە ھاپىلا شاپىلا يامان تەستە دۇكاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا بىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان دوستلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش ھەمدە دۇكىنىمىزنىڭ قايتىدىن نورمال تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپرىمەن . بىزگە كۆڭۈل بلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت، كىتابخانىمىز نورمال تىجارەت باشلىدى، زىيارەت قىلىشىڭلارنىقارشى ئالىمىز ...
تاۋباۋ تور ئادرىسىمىز:
http://paraset.taobao.com
ئۇيغۇرچە تورئادىسىمىز:
www.kitabhumar.biz
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
1. كىتابخانا قۇرغۇچىسى ھىزبىللاھېبىبۇللا، بۇ كىتابخانىنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا ئاچقان ، ئىلگىرى بىرقانچە قىتىم نامىمىزنى سۈيئىستىمال قىلىدىغانلار چىقتى، ئۆتكەن ئىشلارغا سالىۋات، لېكىن بۇندىن كېيىن نامىمىزنى بىزدىن خەۋەرسىز سۈيئىستىمال قىلىدىغانلار چىقسا بىردەك قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز، شۇڭا نامىمىزنى سۈيئىستىمال قىلىپ بىزگە ئاتالمىش «ھەقسىز ئېلان تەشۋىقاتى» قىلىپ بىرىۋاتقانلارنىڭ ياخشى كۆڭلى تېگىل بولدى، ئەگەر كىتابخانىنى تەشۋىق قىلىش خىيالىم بولغان بولسا خېلى بۇرۇنلا قىپ بولاتتىم ...ھەمم ئىشلارنىڭ نورمالبولغىنى ياخشى .... نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىدىن يامان تەرىپى كۆپرەك ... قالغىنىنى ئۆزۈڭلار چۈشىنىۋالارسىلەر .....
2. يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مال سېتىۋالغاندا ئىشەنچلىك بولۇش ئۈچۈن تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىە قىلىمىز، ئەگەرئۇنداق قىلماي بانكا كارتىسى ئارقىلىق مال سېتىۋالماقچى بولغانلار بولسا ئاۋال ئالاقىلىشىپ بوپ ئاندىن پۇل سېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولمىسا كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە بىز ئىگە بولمايمىز.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
تېلېفۇن نومۇرى: 13279893920
QQ: 1321611421
ئۈندىدار: OMER729
يۇقارقىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ نامىمىزدا سودا قىلىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا بىز مەسئۇل بولمايمىز.
3.كىتابخانىمىزنىڭ دىنىي كىتابلارنى سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق بولغاچقا دىنىي كىتابلار توردا بىردەك سېتىلمايدۇ، (بۇ قېتىمقى تاۋباۋ باش ئاپىراتىدىن تاقىۋېتىشىگىمۇ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى مۇشۇ بولسا كېرەك ....) قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان ۋە دۆلىتىمىز قانۇنىدا چەكلەنگەن كىتابلارنى ساتمايمىز ياكى سېتىۋالمايمىز، ئەگەر شۇنداق كىتابلار سۈرۈشتۈرگۈچىلەر بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىمىز،
بىزنى قوللاپ، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بارلىق دوستلىرىمىزغا يەنە بىر قىتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
پاراسەت تور كىتابخانىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-10 01:07 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-11 02:02 PM):
نائۇستىلىقىمدىن ئىنكاسنى كۆرەلمەيدىغان قىپ قوياپتىمەن، ئوڭشىيالمىدىم......
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-11 02:03 PM):
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجىم بار .... ياردەم قىلساڭلارچۇ؟