مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 13

سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا(ناخشا تېكىستى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104294
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-3-2
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 06:23:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا

نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش

مۇھەببەتتىن كۆكلەيدۇ كۆڭۈل ،

مېھىر بېرىڭ ھەر بىر گىياھقا.

ئېچىلدۇرۇپ قەدەملەردىن گۈل،

سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا .

گۈللەر تېرىپ تاشقا ۋاپادىن،

چىمەن ياساڭ ھەر بىر يۈرەككە.

دەرياسىدا ئېقىپ پەزىلەت...

<<چىن>>ئادەم بوپ ياشاڭ ئەبەتكە.


دىيانەتنى تۇتۇپ ھەمراھ ، يار ،

ساداقەتتىن ئېسىپ تىلتۇمار  ،

باشلاپ كۆڭۈل بېغىغا باھار  ،

سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا .



مۇھەببەتسىز كۈلگەن قاي يۈرەك؟

مۇھەببەتسىز نە بولسۇن تىلەك؟

ئېچىپ كۆڭۈل شېخىدا چېچەك،

سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا.




ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي


ھاياتىمدىن چەش،خامان يىغسسام،

چىن مېھرىمدىن گۈلزار ياسىسام ،

ئولتۇرغۇزۇپ <<ھۆرمەت>>تەختىدە

ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .


گەر ئاسماندىن قۇت،بەخىت ياغسا،

كۆڭۈل بېغىم گۈللەرگە تولسا  ،

<<شاھى >>بىلىپ سېنى قەلبىمنىڭ

ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .


بولمىساممۇ زەردار ،كاتتا باي،

سۆيگۈم بىلەن دەملەپ ئىسسىق چاي،

تەييار قىلىپ يۈرىكىمدە <<جاي>>،

ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .


سەن مېھىردىن پۈتكەن بىر دەريا،

سەن قەلبىمنى يۇرۇتقان زىيا ،

ئەجرىڭ ئۈچۈن ياساپ بىر دۇنيا،

ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي.



ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن


بارىنى ئايانماي بالام دەپ بەرگەن،


دۇنياغا مېھىردىن گۈللەرنى تەرگەن،


ھەر دىلدا سۆيۈلگەن،سۆيگۈ بوپ ئۈنگەن،


ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.



ھەر سۆزى بىر ھىكمەت،تىلەكلىرى قۇت،


قىسمەتكە بوي بەرمەس<<تاغ>>گويا مەزمۇت،


سۆيگۈدىن سىن ئالغان شۇ ئىللىق ۋۇجۇد ،


ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.



ئانىسىز كۈنلىرىڭ گويا قىيامەت،


كۈتىدۇ ھەر يولدا سېنى رىيازەت،


ئالەمگە ئەجرىدىن سۇنغان مۇھەببەت،


ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.




ئاناڭ يوق،ياشنىماس ،ھايات باھارىڭ،


ئاناڭ يوق،سەن مەجروھ،يوقتۇر مادارىڭ،


ئاناڭ يوق،خارۇ-زار،ئاھ سېنىڭ ھالىڭ،


ئاناڭنى ئەزىزلە، ئاناڭدۇر ۋەتەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش:سەمىمىي ،ئاقكۆڭۈل ناخشىچى ،مۇزىكانىت بولسا ھەمكارلىشىمەن.

تېلفۇن :15352579953


2013-يىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 03:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56060
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:54:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ،،،  دەرۋىش ئانسانبىلىنىڭ  ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقانمىتىڭىز ...  ئاشۇنداق ناخشا تىكىستلىرى  بولسا ياخشى بوللاتتى..

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56060
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 12:34 PM
ياخشى يېزىپسىز

نەگە بارسام سىزنىلا  ئۇچىرتىمەن  ،،  قارغاندا كۆرۈنمەس يىپتا باغلىنىپ قالغان ئوخشايمىز  ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىىزپسىز.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپسىز ،،،،،نەتىجە يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20289
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2296 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:31:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.   ياخشى يېزىپسىز...ھارماڭ

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرلارنىڭ تىلى جانلىق، قاپىيىسىمۇ جايىدا كەپتۇ. ناخشا تېكىستى قىلىشقا ھەقىقەتەن لايىقكەن. بۇ شېئىرلارنىڭ ناخشا قىلىپ ئېيتىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مۇزىكا ئىشلىيەلىگەن بولسام ئۆزۈملا ئېيتاتتىم .( چاقچاق ھە!)

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1200 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر كەسپىي ناخشىچى ياكى مۇزىكانت ئەمەس لىكىن ئىلھامىم تۇتۇپ قالسا ئاندى مۇندى مۇزىكا ئىشلەپ قويىمەن،شۇڭا ئالدىنقى تىكىستنى ئىشلەتسەم قانداق بولا؟؟خاتىرجەم بولۇڭ ئەگەر كەسپى مۇزىكانت تاللاپ قالسا دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 11:40 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش