مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 13

نۇردىن : شائىرمەن (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104294
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-3-2
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:38:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە


شائىرمەن

(ساتىرا)

نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش


شۆھرەت ئۈچۈن غۇرۇرنى ئەرزان ساتقان شائىرمەن ،

ئادالەتكە كۆز يۇمۇپ،پەشۋا ئاتقان شائىرمەن  ،

ئىبلىسلارغا خۇش كۈلۈپ ،قۇچاق ئاچقان شائىرمەن،

دېڭىزىدا زۇلمەتنىڭ سەل بوپ ئاققان شائىرمەن ،

قوزغۇنلارغا قول بېرىپ ،يولدىن ئازغان شائىرمەن.


<<شەھەر>>ئېلىپ ئېغىزدا،باغ ياسايمەن بىنەمگە ،

كۆڭۈل ئۆيۈم كەڭ،ئۇچۇق،ساددا گۈزەل،سەنەمگە ،

قويار شاللاق مىجەزىم ،گاھى داغدا ئەلەمگە  ،

قالدى ئىسمىم ئۆزگىرىپ <<بۇزۇق>>دىگەن لەقەمگە ،

كوچىسدا ئىشرەتنىڭ ۋىسال تاپقان شائىرمەن .


ۋەتىنىمگە قان بەرگەچ،شېئىر يازسام تالاي رەت ،

روھسىز ،نىمجان ،<بىمار>مەن ،ۋۇجۇدۇمدا كەم قۇۋۋەت،

ئاھ ،شۇندىمۇ  ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئەبەت  ،

زورغا ماختاپ جان بېقىش ،مىزانىمدۇر ئاھ پەقەت ،

نەپسى ئۈچۈن قاۋاندەك ئىشىك قاققان شائىرمەن .


ياشاش ئۈچۈن كىملەرگە تەزىم قىلىپ ئۆتىمەن ،

پايخان قىلىپ غۇرۇرنى ،شەرىتىگە كۆنىمەن  ،

پارازىتتەك يۇشۇرۇن نەپ بار يەرگە ئۈنىمەن ،

شۇنداق ياشاش ئادىتىم،چىن ياشىسام ئۆلىمەن،

پەزىلەتنىڭ يولىغا لەھەت قازغان شائىرمەن.


2014-يىلى 22-يانىۋار ،ئۇچتۇرپان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 12:31 PM  


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچەى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن. قەلەم تۇلپارىڭىز كىشنەپ تۇرغاي .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخىشى چىقىپتۇ،رەھمەت سىزگە.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5344
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2098 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى   تۇنۇغاندەك   قىلىمەن  .   بىر  چاغلاردىكى    سۇمرۇغ  مۇنبىرىدىكى سىز
شۇمۇ  ؟     تۇرپاندا    بىر  ياتاقتا  ئازراق   سىردىشىش   نىسىپ  بولغان ئىدى .
سىزگە   ھېلىقى   خەنزۇ  قىز   بىلەن   ‹‹  جىلغىدىكى  ھىكايەم ››  سۆزلەپ بەرگەن
مەن  شۇ  ...  

مېنىڭ  سېنى  سۆيگىنىم  يالغان بولسا ،
ئادەمنىڭ  ھاۋانى  سۆيگىنى يالغان ...
دېگەن   بىر  شائىرەگە   رەددىيە  بەرگىنىڭىز  توغرۇلۇق  پىكىرلەشكەن  ئىدۇق ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 01:10 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104294
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-3-2
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق.مەن شۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزغا قول قويدۇم. ئالتە يىل مۇقەددەم شۇنداق كەچمىش بېشىمدىن ئۆتكەن. خالىسىڭىز ئۇچتۇرپانغا كېلىڭ.تىراگىدىيىلىك مۇھەببەت قىسسىڭىزنى  ئۆزۈملا يازاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ،شېئىرى تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۇپ يېزىپسىز ،،،،،،بۇ ئەسىرڭىزنىڭ  مۇكاپاتقا ئېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇت قىلىمەن،،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56060
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 03:42:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز  ،،،  دەرۋىش ئانسانبىلىنىڭ  ناخشىلىرنى ئاڭلاپ باققانمۇ ... ئاشۇنداق  ناخشا تېكىستلىرى  بولغان بولسا  ياخشى  بولاتتى،،،،
بۇ  مىسرانىم  قانداق توربەت  بۇ ئىنكاسنى قانداق ئەتىگەن يازگان  ئىدىم  نىمىگە ئۆچۈرۋىتىدۇ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسىدىن شائىرلارنى مەدھيلەپ يازغان شېئىر ئوخشايدۇ دەپ كىرگەنتىم، دەل ئەكسىچە «شائىر» دېگەن ئۇلۇغ نامغا داغ تەگكۈزىدىغان، نەپس ۋە شان-شۆھرەت ئۈچۈن شېئىر قەلەم تەۋرىتىدىغان ساختا «شائىر» لارنى سۆكۈپ يېزىلغان شېئىركەن ئەمەسمۇ.  بۇ شېئىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر بولۇپ تاللىنىشىغا تىلەكداشمەن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 09:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىق پائالىيەت يوقتۇ ھازىر

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 12:29:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ٌشۇ نداق ئەسكى تۇرۇپمۇ. مۇكاپاتتىن ئۇمىد كۇتۇۋاتامسىز...!!!
چاقچاق       مۇكاپاتقا ئىرىششىڭىزگە تىلەكداشمەن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش