ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
ئىزاھات :
بۇ يانفۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى مەن ئۈچۈن شۇنداقلا ‹
ئۇيغۇرچە ئاندىروئىد سىستېمىلىرىغا قانداق تەلەپ بار › دېگەن تېمىغا ئىنكاس يېزىپ تەلەپ-پىكىر بەرگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە .شەخسەن ئۆزۈم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاندىروئىد سىستېمىسىغا قىزىقىپ قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرسەم ئۇيغۇرلار ئۆزى قۇرغان يانفۇن شىركەتلىرىگە كىرىپ ئىشلەپ بىقىشنى ئارزۇ قىلغان ئېدىم ، بۇ شىركەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تاللىشىم قۇتلان شىركىتى ئېدى ، كېيىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا قۇتلان شىركىتىگە كىرىپ ئىشلەپ قالدىم، قۇتلاننىڭ بۇ ئانا تىلىم تۈرىدىكى A100 تىپلىق يانفۇنى ئۆزۈم ئىشلەشكە قاتناشقان تۇنجى يانفۇن . يۇقارقى ‹
ئۇيغۇرچە ئاندىروئىد سىستېمىلىرىغا قانداق تەلەپلەر بار ›دېگەن تېمىغا ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپ قىسىم تەلەپلىرى موشۇ يانفۇندا تۇنجى قېتىم روياپقا چىقتى .نىمىلا دېمىگەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىدە .
ئانا تىلىم A100 يانفۇنى ھەققىدە :
يانفۇن ماركىسى :قۇتلان
تۈرى : ئانا تىلىم
تىپى :A100
بازارغا چىقىدىغان ۋاقىت :2014-3-15
تور ھالىتى :CDMA 3G ۋە GSM
كارتا : قوش كارتا قوش ھالەت
ئېكران چوڭلۇقى : 5.0 دىيوم
ئېكران ئېنىقلىقى : 720*1280
كامېرا : ئالدى 2 مىليون ،كەينى 5 مىليون
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ : 4 يادرو 1.2G لىق شاۋلۇڭ S4 بىر تەرەپ قىلغۇچ
ئاندىرئىد سىستېما نەشىرى : 4.1.2
ئىجرا قىلىدىغان سىغىم ROM : 1G
ساقلاش سىغىمى RAM : 4G
باتارىيە : 2200mA
رەڭگى : ئاق رەڭ
تەھلىل :
بۇ يانفۇن كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭ كۆزى بۇيىچە خېلى چىرايلىق يانفۇن دەپ قارايمەن ، نىپىزلىگىمۇ بولىدۇ .ئېكران، ساقلىغۇچ ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە باشقا سەپلىمە جەھەتتىمۇ باھاسىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ .بولۇپمۇ ئېكرانى بەك سۈزۈك .قوش كارتا قوش ھالەت قوللايدۇ .باتارىيە 2200mA
سىستېما جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ، سىنبەلگە رەسىملەر پۈتۈنلەي مىللىيچە لايىھىلەنگەن ، ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ،كېيىن ئۆزىمىز خالىغانچە مىللىيچە ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيمىز.
يۇقارقى رەسىملەردە كۆرسىتىلمىگەن بىر ئىقتىدار recovery ئۇيغۇرچە ، كېيىن سىستېما نەشىرى يېڭىلايدىغان ۋاقىتتا باشقا تىلنى بىلمەيدىغانلار قىينالمايلا سىستېما يېڭىلىيالايدۇ .
قوشۇمچە :
نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە قارىساق كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز ،مەسىلەن ياپۇنىيە ،كورىيە ، يەھۇدىي دېگەندەكلەر .ياپۇنىيە ۋە كورىيەدە كۆپىنچى خەلق ئۆز دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ ، يەھۇدىيلار ئۆزى نەدىلا بولسۇن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى كۆپىنچىسىنى يىراق دېمەي يەھۇدىيلار ساتقان ئورۇنلاردىن ئەكەلدۈرۈپ ئىشلىتىدۇ . بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزمۇ كۆپ تىرىشىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ ۋەم داۋاملىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ ، شۇنداق مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز !
ئېتىبارلىق سېتىش پائالىيىتى
قۇتلان ئاناتىلىم ئەقلىيفونى بازارغا سېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش ۋە بىزنى قوللاۋاتقان كەڭ ئىستىمالچىلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئېتىبارلىق سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ !
پائالىيەت مەزمۇنى : ئەسلى باھاسى 1199 يۈەن بولغان ئاناتىلىم ئەقلىيفونى پائالىيەت مەزگىلىدە
999يۈەندىن سېتىلىدۇ .
پائالىيەت ۋاقتىدىن بۇرۇن ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلارغا يەنە باھادا %5 ئېتىبار قىلىنىدۇ ،يەنى
950 يۈەندىن بېرىلىدۇ .
بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سېتىۋالغۇچىلارغا باھادا ئىزچىل
%5 ئېتىبار قىلىنىدۇ .
پائالىيەت ۋاقتى :2014-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2014 -يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە .
يانفۇن سېتىۋېلىش نۇقتىلىرى :
قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى .
ئادرېس : ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭسەن خەلقئارا خەۋەرلىشىش مەيدانى 9-قەۋەت 903- ئىشخانا .
ئالاقىلىشىش ،مال زاكاس قىلىش نومۇرى 0991-2830803
تور ئادرېسى :
www.kutlan.net
ئەلتەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
ئادرېسى : ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئاققۇۋۇق ( نەنمېن ) ياخوڭ B بىناسى 12-قەۋەت 1204 ئىشخانا .
ئالاقىلىشىش ،مال زاكاس قىلىش نومۇرى 13319884244
تور ئادرېسى :
www.elter.cc
يازما مەنبەسى :
http://alip.biz/thread-27901-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇزئارت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 11:35 PM