روبائىي
كىتاب كېسىلى
بىلسەم مەن كېسەلمۇ ھەرخىل بولاركەن
بەزىسى تەنلەردە،روھتىمۇ ئىكەن
شۇنىڭدەك روھىمنى چىرمىدى كىسەل
ئىزدىسەم ئەسلىدە كىتاب كىسلىكەن
بىر زامان مىنىڭدە يامرىدى بەكلا
ياخشىلنىش بولمىدى ۋەياكى سەللا
ئۆزۈممۇ قورقىدىم دەسلەپ بۇنىڭدىن
ساراڭكەن دىيىشتى ئەتراپتا دوستلار
خىراجەت پۇلىنى يىغدىم مەن ھەر كۈن
شۇ سەۋەب قورساقمۇ بولمىدى پۈتۈن
ھەر ھەپتە ئاخىرى شەھەرگە كىرىپ
ئالدىم مەن كىتابلار بۇ پۇلغا پۈتۈن
ئېپ چىققان كىتابنى بىر ئاي ئىچىدىلا
ئوقۇپمۇ تۈگەتتىم ھەش-دىگۈچىلا
بۇلارمۇ كار قىلماي ئالدىم مەن يەنە
مەكتەپتىن تارقاتقان ئوقۇش پۇلىغا
مەن ھەممە كىسەلدىن نارازى ئىدىم
ئەمما بۇ كىسەلدىن بەك رازى ئىدىم
چۈنكى مەن ئويلايمەن تۇرۇ-تۇرۇپلا
ئويناپلا يۈرگەندىن ياخشى بۇ ئىشىم
شۇ كىتاب تەسىرى ئاز ئەمەس ماڭا
تەۋسىيە قىلايمەن كىتابنى ساڭا
ھىس قىلدىم ئويۇندىن بۇ ياخشى ئىشكەن
توختىماي ئالىمەن كىتابلار يانا
ئاپتور:ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى