رەھمەت ساڭا يولباشچى شائىر
مەھەللىدىن ياپياش بىر يىگىت
شائىرلارنىڭ سېپىگە قېتىلدى
شېئر يازسامىنى يازغاندەك
ئەجەب ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى
ئارقامدىنلا يۈرەمدۇ پايلاپ
كىچە -كۈندۈز بۇنى بىلمىدىم
قىلغان مەخپىي،ئوچۇق ئىشىمنى
ئۇنىڭدىنمۇ يوشۇرالمىدىم
قاچانلاركى بۇنى بىلمىدىم
تاماكىغا كۆنۈپ قاپتىمەن
ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن
بالىكونداچىكىپ ساپتىمەن
بۇنى كۆرۈپ قالدىغۇ شائىر
كۆۈپ قالسا كۆرۈپ قالمامدۇ
ئويلاپتىمەن باشتىلا بۇنداق
ئۆز-ئۆزىگەخان،بەگ جاھان بۇ
بىر ئايدىن كىيىن شېئىرى چىقىپتۇ
مەن ئەڭ ئامراق ياشلار گېزتىغا
شېئىرىدا يېزىپتۇ بۇنداق
《ساڭانىم دەرت ئاچچىق يۇتۇشقا»
دوسلىرىمنىڭ زورلىشى بىلەن
مەيخانىغا كۆنۈپ قاپتىمەن
شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن سىرىىتتا
رۇخسەتسىزلا قونۇپ قاپتىمەن
بۇنى بىلگەن ئاتام ۋە ئانام
بۇ دەردىنى شائىرغا دەپتۇ
ئادەم يوقتەك شائىردىن باشقا
مەن ئازغۇنمۇ بالاغا قاپتۇ
يەنە بىر ئاي ئۆتكەندىكىنلا
شېئىرى چىقىتى يەنە گېزتقا
بۇ قېتىمدا بۇنداق يېزىپتۇ
ئىچتىڭ ھاراق نىمە بولغانغا
مەن بۇلارنى دادامغا ئېيتتىم
ھەم ئۇنىڭغا كايىپمۇ سالدىم
سورىمايلا مەندىن نىمىشقا؟
دەت تۆكىسەن ئۇنىڭغا دىدىم
بۇنى بىلگەن خولۇم-خوشنىلار
كۆپتۈرۈپتۇ كىچىك ئىشلارنى
بىرسى قوپۇپ تىللىدى دىسە
بىراۋ دەپتۇ ئۇردى دادىسىنى
بۇ گەپلەرمۇيىتىپ بىرىپتۇ
شائىر قۇلىقىغا ناھايىتى تىزلا
يەنە سۆكۈپ شېئىر يىزىپتۇ
ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا
يەنە دەپتۇ شېئىرىدا ماڭا
ھاراق ئىچىپ بولدى قىلمايسەن
ئالىجاناب بابىدا بۈيۈك
ئاتاڭغىمۇ قوللار سۇنۇپسەن
نىمىدىگەن تەڭسىز جاھان بۇ
ھەممە ئىشلاربىر يولدا ئىكەن
ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاققا
يەنە ئوخشاش ياغلىق قاپاقكەن
بۇ ئازابقا چىداپ بولالماي
شائىر بىلەن سۆزلىشىپ كۈردم
مەن ئەدەبسىز ئەدەبنى بىلمەي
ئۇنى دەسلەپ «سەن»لەپلاچۈشتۈم
شېئىر تىلى قوپال بولسىمۇ
ئەمما شۇنداق مۇلايىم ئىكەن
مەندىن قىلچەخاپا بولۇش يوق
كۆكسى قارنى بىپايان ئىكەن
ئېيتتىم شۇئان ئېنىق مەقسەتنى
ئۇمۇ بىلدى كۆڭلۈمدىكىنى
سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بولۇپلا
ئېيتتى ماڭا يۈرەك سۆزىنى
ئەمدى بىلدىم مەنمۇ ھەم بۇنى
مەنلا ئەمەس شائىر يازغىنى
ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ھاماقەت
ئىكەن ئەسلى يولدىن ئازغىنى
مەسلەھەتلەرسورىدىم ئاندىن
نىم ئىش قىلسام توغرا بولۇر دەپ
بۇرۇن قىلغان خاتا ئىشىمنى
قانداق قىلسام تۈزىتەلەيمەن دەپ
ئۇ دىدىكى تەمكىنلىك بىلەن
دۇنيادا ھىچ ئازماس كىشى يوق
ئېزىپ قاپسىز بىتەلەي دوستۇم
پۇشايماننىڭ كېچىككىنى يوق
يەنە ئېيتتى ئۇماڭا قاراپ
ئۈگىنىشنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ
بىلىم،بايلىق بىباھا گۆھەر
ئىشلەتكەنگەخوراپ كەتمەيدۇ
قايتىپ كىلىپ راسا ئويلاندىم
قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم
شۇ شائىرنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس
يامان ئىشتىن قولۇمنى ئۈزدۈم
بىر يىل ئىشلەپ كۆپ پۇللار يىغىپ
يىغقان پۇلغا كىتابلار ئالدىم
بىكار قالغان ۋاقتىملابولسا
شۇ كىتابتىن ئوزۇقلار ئالدىم
ئەمدىلىكتە ھىسقىلىپ يەتتىم
شائىر دىگەن ئۇلۇغ كىشىكەن
بىر مىللەتنىڭ تۈزىلىپ-بۇزىلىشى
شائىرغىمۇ باغلىقلا ئىكەن
شۇ شائىرنىڭ ياردىمى بىلەن
مانا مەنمۇ شائىر ئاتالدىم
بۇرۇن بولسا ۋاپاسىز بولسام
بۈگۈن داڭلىق ئەدىب سانالدىم
رەھمەت ساڭا ياش شائىر دوستۇم
سەن بولغاچقا قۇتۇلۇپ قالدىم
سەن بولمىساڭ بۈگۈنمەنمۇ يوق
ياخشىلىققا قەدەم تاشلىدىم
ئاپتور:ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimjan705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 10:50 PM