مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 6

پەرزەنت تەربىيسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104195
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم مىسىرانىم توردىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر !! مەن ئۇزۇندىن بىرى مىسرانىم تورى ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ھەمدە دۆلىتمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئويغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم . مۇشۇنداق بىر سۆھىبەت مۇنبىرنىڭ بولغانلىقىدىن بەك رازى .    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يىقىندا ئوقۇغان يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ  ‹‹ئۇيغۇرلاردا  پەرزەنت تەربىيسى›› دېگەن كىتابتىن ماڭا تەسىر قىلغان ۋە تەربىيە ئەھمىيىتى يوقىرى بولغان ‹‹ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار ›› دېگەن قىسىمىنى تورداشلارغا سۇنماقچىمەن .مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمامنى تەستقلىشىنى سورايمەن

.

perzent tebiyisi.jpg


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 y% q$ u  y. p! L9 ?4 Mبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; B# Z& h$ m7 E+ Z7 p, r

پەرزەنت تەربىيسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار

                                        پەرزەنتنىڭ خۇيى يامانبولسا،ئۇنى يامان قىلغان ئانا.

                                                                       ــــ يۈسۈپ خاس ھاجىپ  

    ئۆز بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئاتا-ئانا يوق .ھېچقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى يامان بولسۇن تەربىيىلىمەيدۇ. ئەپسۇسكى،ئىرادىمىزگە قارشى ھالدا بەزى ئەسكى خۇيلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ تۇپ سەۋەبى نەدە ؟ ياق ھېچقانداق بالا تۇغۇلۇشىدىن ئەسكى تۇغۇلمايدۇ. بۇ مەسىلە ئالابۇرۇن ئىلم-پەن تەرىپىدىن ئسپاتلانغان ھەقىقەت ، ھەتتامىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ سوئالغا ناھايىتى ئىلمىي جاۋاپ بەرگەن.ئۇ: ‹‹ئىنسان بالىلىرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىي بۈيۈك، تەربىيلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ تۈزۈك بولىدۇ. ھېچقانداق بالا تۇغۇلۇپلا بىلىملىق، پەزىلەتلىك بولۇپ قالمايدۇ، ئۇئۆگىنىش ئارقىلىق بىلم ، پەزىلەت تۆرىگە چىقىدۇ. پەقەت ئەقىللا تەبىئىي بولىدۇ،قالغان ھەممىنى يۈرۈپ ئۆگىنىدۇ››دېگەن. ئۇ يەنە پەرزەنتنىڭ يامان خۇي-پەيلىك بولۇشنىڭ ئاساسي سەۋەبىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەنلىكى ئۈستىگە يۈكلىگەن. بۇ شۇنى چۈشەندۇردىكى، تەربىيىلەش مۇددىئاسى بىلەن تەربىيلەش ئۇسۇلى، بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنى چۈشىنىش ئوتتۇرسىدا زىددىيەت بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ زىدىيەتنى توغرا ھەل قىلالمىغاندا يامان نەتىجە تەرەپكە سۆرەيدۇ. ھەر بىربالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بالىلارغا قۇيۇلىدىغا نتەربىيە ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى كېرەك.بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بەش بالىنىڭ مىجەزى ئوخشاش بولمايدۇ، بىرى كىچىكىدىن تەرساراق بولسا، بىرى ئىغىر-بېسىق بولسا، يەنەبىرى رايىش بولىدۇ، بىرى تەۋاز بولسا، يەنە بىرى قېيدىغاق بولسا، يەنە بىرى رايىشبولىدۇ، يەنە بىرى تەرۋاز بولسا، يەنە بىرى ئاچچىقى يامان بولىدۇ. بۇ خىل مىجەزنىڭ تەربىيە بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىلىكىدىن كېلىپ چىققان پەرق. بۇ دۇنيادا كۆرۈنۈشى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەرمۇ ئادەمنى تاپقىلى بولمىغانغا ئوخشاش، پسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كېتىدىغان بىرمۇ بالا يوق. ھەر بىر ئادەمىنىڭ ئۆزى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر دۇنيا.

     بىراق، پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدە يېزىلغان كىتاب، ماتېرىياللاردا بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسىسلىرى، بالىلار پىسخولوگلىرى ۋەپېداگوكلار بالىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان :

     1) بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ باشقۇرۇش ئەڭ ئەسكى ناچار ئۇسۇلدىن بىرى .

     بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدەئۇرۇش، تىللاش ۋە ھاقارەتلەشنى مۇھىم تەربىيە ۋاستىسى قىلىۋالغان. بىز ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇاتقانلىقىنى، ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاۋاتقانلىقىنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز. ھەتتا تىلى چىقمىغان بۇۋاق بالىلارنى يىغىلاپ خاپا قىلدىڭ دەپ، نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى ئۇقماي قارىغۇلارچەئۇرىدىغان ئانىلارنىمۇ ئۇچراتتۇق.

     بىلىش كېرەككى، ئۇرۇش، تىللاش يولى بىلەن ھەرگىزمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرشكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، بالىلارنىڭ پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز.ھاقارەتلەنگەن بالا كۆپىنچە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ھېچ ئىشقاجۈرئەت قىلالمايدىغان پىسخكىنى يېتىلدۇرۈۋالىدۇ؛ ئاز ھاقارەتلەنگەن بالا،سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيىلەنگەن بالا ئۆز قەدىر قىممىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان،ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ئادەم بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇرۇپ-تىللاش بىلەن چوڭ قىلغانبالىلار قورقۇنچاق، كەم ئەقىل، تەربىيە تەسىر قىلمايدىغان، قېلىن، ئۆز بېشىمچى،جاھىل خارەكتىرنى يېتىلدۇرۈۋالىدۇ، يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكەتەسىر يېتىدۇ، بالىلار ئۆزىنى يالغۇز، يەككە-يىگانە ھېس قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن نەپرەتلىنىدۇ-يۇ، قورقۇپلا ئىتائەتمەن بولۇۋالىدۇ. ئىزۇپ شۇڭا: ‹‹ قوپال كۈچ ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ياخشى گەپ بىلەن ھەر دائىم كۆپرەك نەتىجىگە ئىگە بولىسەن ››دېگەن . پىفاگور پەرزەنتلىرىنى ئۇرۇپ-تىللايدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئېچىنىپ ئەپسۇسلانغان ھالدا : ‹‹ قەبرىڭىز ئۈستىدە يىغلاشلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۆز يېشىنى تۆكمەڭ ›› دېگەنىكەن.

     بىراق، پەرزەنتلەرنى ھە دېگەندىلا سىلىق سۆزبىلەن، ئالداش بىلەن ئىش پۇتمەيدۇ، نۆۋىتى كەلگەندە، بىر قىسىم جازالاشۋاستىلىرىنى، قاتتىق قول بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ يەردەتىلغا ئالغان ‹‹ قاتتىق قول بولۇش ›› ھەرگىزمۇ ئۇرۇپ-تىللاشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى تەلەپنىڭ قاتتىقراق بولۇشىنى، ئەتراپلىق بولۇشىنى قاتتىق قوللۇق قىلىدىغان چاغدا يۇمشاقۋاشلىق  قىلماسلىقىنى، ئانچە-مۇنچەھەيۋە قىلىپ چۆچۈتۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئارسىدا ‹‹ بالىلار تومۇرچىكېلىدۇ ›› دېگەن گەپ بار. شۇڭا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى سۆيۈپلا قالماي، بەلكى ئاتا-ئانىسىدىن ئەيمىنىدىغان بولۇشى كېرەك. بەزى زۆرۈر تېپىلغان چاغلاردائانچە-مۇنچە پەش قېقىپ قويۇشنىڭمۇ تەسىرى ياخشى بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا ئانامىنى بەك خاپا قىلغان بولسام كېرەك. بۇنىڭ ئۈستىگە دادام كېلىپ قالدى. ئانام ئەھۋالنى ئېيتقانىدى، دادام بىر چىۋىقىنى قايرىۋېلىپ مېنى ساۋاشقا تەمشەلدى،ئانام بولسا، ‹‹ قاچ، بولمىسا تاياق يەيسەن ›› دېدى، مەن قاچتىم، دادامكەينىمدىن خېلى يەرگىچە قوغلىدى. كۆرگەنلەر ‹‹ تاھىر ئەمەت بالىسىنى تۇتۇۋالسا بىر يېرىنى چېقىۋېتىدىغان بولدى ›› دەپ قالاتتى. دادام ماڭا يېتىشىۋالدى. بىراق، ئىككى قوتۇقۇمدىن تۇتۇپ، لېۋىنى چىشلەپ دەس كۆتۈرۈپ دىككىدە دەسسىتىپ قويۇپ كەينىگە قارىماي ماڭدى، مەنمۇ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بۇنداق ئۇسۇل بەزىدە قاتتىق ئۇرغاندىنمۇ، سىلىق-سىپايە بولغاندىنمۇ ياخشىراق ئۇنۇم بېرىدۇ. شۇنى سەمىڭلارغاسېلىپ قويۇش كېرەككى، پەرزەنتلەرنىڭ يۇمران قەلبىدە قالدۇرۇلغان كىچىكىنە داغمەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .

     2) ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە قىلىپ قويۇش پەرزەنتلەرنى كېرەكتىن چىقىرىدۇ.

     يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق ئەسكەرتكەن: ‹‹قىز-ئوغلۇڭنى ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭمۇ، بولدى ئۇنىڭدىن كۆڭلۈڭنى ئۈز. ›› گېگېلمۇنداق دەيدۇ؛ ‹‹ ئومۇمەن، ھەممە ئەخلاقسىز مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە بالىلارغا قۇللارچە مۇناسىۋەتتە بولۇش ئەڭ زور ئەخلاقسىزلىق. ››

     ئۇنداقتا، بالىلارنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇشنىڭ ئىپادىلىرى نىمە ؟

(1)   بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش.

(2)    ھەممە ئىشتا بالىلارنىڭ رايىغا بېقىش.

(3)  ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈلچەكلىك بىلەن مۇئامىلەقىلىش

(4)    ئورۇنسىز تەرەپلەرگە يول قويۇش، نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىش.

(5)   بالىلارنى ئاسىرايمەن دەپ ئىشقا سالماسلىق.

(6)  ھە دېگەندە ماختاش ۋە ئەركىلىتىش.

(7)   بالىلاردىن گۇناھ ئۆتسىمۇ بالىغا يان بېسىش.

ئەركە تەربىيىلەش پەرزەنتلەرگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

(1)    بالىلار ھەممىدە ئاتا-ئانىغىلا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

(2)  سىز بالىنى تىزگىنلەش ئىختىيارىڭىزنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويىسىز، بالىلار سىزگە ھۆكۈمران بولىدۇ.

(3)  پىشىپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھۇرۇن، ھارام تاماق بولىدۇ، ئازىراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ،مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، قىلغان كىچىكىنەئىشىغا مىننەت قىلىدۇ.

(4)  تەرسا، نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىدۇ.

(5)  تەمەخۇر، شەخسىيەتچى، ئۆز بېشىمچى بولۇپ قالىدۇ.

3) بالىنى ئىككى ئارىلىق قىلىپ قويۇش يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك قىلىپ قويىدۇ.

يۈسۈپخاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: ‹‹ سەن بالىلىق بولىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىيىچىسى ئۆزۈڭلا بول. ›› بۇ تەۋىسىيە شۇنى ئۇقتۇردۇكى، بىرى، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىشى ناتايىن. يەنەبىرى، باشقىلار بالىلارغا ئۆزىڭىزدەك كۆيۈنمەيدۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

بالىلارنى چوڭ دادا، چوڭ ئانىلىرىغا باقتۇرغاندا،بالىلار ئىككى يۈزلىمە خارەكتېرنى يېتلدۇرۈۋالىدۇ. ئوتتۇرىدا گەپ توشۇپ نەپ ئالىدىغان چېقىمچى ئادەتنى يېتىلدۇرۇۋالىدۇ. ئۆيدىن ئازىراق كۆڭلى رەنجىسە، تەلىپى قاندۇرۇلمىسا چوڭ ئۆيگە بېرىۋالىدۇ. ئۇلارنى ئۆزىگە پاناھ قىلىۋېلىپ گەپكەكىرمەيدۇ. شۇڭا بالىلارنى بىر قوللۇق تەربىيىلەش لازىم.

يەنە بىر تەربىيىدە ئاتا-ئانىلار بىردەك بولۇشى لازىم،تەربىيىدە بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم. مۇنداق بولمايدىكەن، بىر تەرەپ تەربىيە قىلۋاتسا، يەنە بىر ئادەم ئارىلىشىۋالسا،بىر تەرەپ بىر نىمە دېسە، يەنە بىر تەرەپ ئەكسىچە بىر نەرسە دېسە، بىر تەرەپ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يەنە بىر تەرەپ بالىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتسە، بالىلار ئىككى ئارىدا گاڭگىراپ قالىدۇ. كىمنىڭ توغرا،كىمنىڭ خاتا ئېكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھىيلىگەرلىك، قۇۋلۇقنى ئۆگىنىدۇ. كىم ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلسا شۇنىڭ بېقىنىغا كىردۇ، قاتتىق تەلەپ قويغان تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بالىلارنى ئاشكارە سورۇنلاردائەيىبلەش، باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ بالىنى كەم سۇندۇرۇش، بالىنىڭ تاللىشىغا،پىكىرگەھۆرمەت قىلماسلىق، بالىلارنى كىچىك دەپ ئېتىبارغا ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ھېس قىلماسلىق، كۆڭلىنى چۈشەنمەسلىك، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرماسلىق، ئۇلارغازورلۇق ۋە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خاتا تەربىيىلەش ئۇسۇلىدۇر.

ئۇنداق بولسا مۇۋاپىق ۋە پايدىلىنىش ئۇسۇل قايسى؟

(1)     نورمال، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

(2)     ئاددىي، كىچىك سەۋەنلىكلىرىگىمۇ سەل قارىماسلىق.

(3)      ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق، سەۋرچان بولۇش.

(4)      ئۇلىنى دەسلەپكى تەربىيە مەزگىلىدىن چىڭتىپ مېڭىش.

(5)     بالىغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش.

(6)      ھە دېسە چېچىلىشتىن ۋە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش.

4)      بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋېلىش بالىلارنى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىداردىن مەھرۇم قىلىدۇ.

بالىلارنىڭمۇ ياشاش ئۇسۇلى ۋەياشاش ئادىتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىگە خاس قىزىقىشى بولىدۇ، ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان يولى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرى ئۇلارغا زىيان سالمايدىغان بولسا، ئۇلار شۇ ئىشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىشكېرەك. ھە دېگەندە ئۇلارنى كونترول قىلىپ، ئۆز خائىشىڭىز بويىچە ئىشقا سالىمەن دېسىڭىز، ئۇ بالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى بولۇپ قالىدۇ، بالىڭىزنىڭ شۇ ئىشتىكى مەغلۇبىيىتى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز بولىدۇ. پەرزەنت بولسا سىزنىڭ خاھىشىڭىزنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىك چېغىدىلا مۇنداق ئىش قىلدۇرىمەن دەپ تون پىچىپ قويىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بالىنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇنى ھېسابقا ئالمايدۇ،بۇ ياخشى تەربىيە ئۇسۇلى ئەمەس.

يەنە بىرى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بېرىش كېرەك. بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ كىرگىدەك بولسا، بالىغا يان بېسىپ ئۇرۇشۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. بۇ ئىنتايىن خاتا ئۇسۇل. ھېكايە قىلىنشىچە، ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى دادىسىنىڭ ئالدىغا غەزەپلەنگەن ھالدا كىرىپ كەپتۇ-دە، شۇنداق دەپتۇ: ‹‹ پالانى لەشكەر بېشىنىڭ بالىسىنى مېنى قاتتىق تىللىدى. ››

ھارۇن بولسا: ‹‹ ئوغلۇم، مەردلىك قىلاي دېسەڭ، ئۇنى ئەپۇ قىل. ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، سەنمۇ ئۇنى تىللىۋال، ئەمما ئىنتىقام چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۇنكى ئۇ چاغدا زورلۇق سەن تەرەپتىن بولۇپ قېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ دەۋاسىغا قالىسەن! ›› دەپتۇ.

مانا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

5)     ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەردائىم ئەيىبلىگۈچى بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ، ئەگەر ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا پەرزەنتلەرگە نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق،لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگۈدەك ساپا بولۇشى كېرەك.

    بىلىش كېرەككى، بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلمىگەن ۋە ھېس قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلىرى، سادىر قىلغان كەمچىلىكى بالىلار ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپلا كايىپ كېتىش تەربىيە ئەمەس، بەلكى زەربە بولىدۇ.يېڭىلىشىپ قېلىشتىن قورققۇلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇقى ھېچ ئىش قىلماسلىق. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ‹‹ يېڭلمەس مەرگەن يامغۇرى، ئازماس ئالىم ئەكس سادا ›› دېگەن ھىكىمەتلىك ماقال بار. پەقەت ھېچ ئىش قىلمىغان ئادەملا يېڭلىشىپ قالمايدۇ،ئەمەلىيەتتە بولسا ھېچ ئىش قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ يېڭىلىشش. بالىلارنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ھېچ ئىش قىلدۇرماسلىق، ماھىيەتتە ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ،ئىلھام بېرشنىمۇ، تەنقىدلەشنىمۇ بىلش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم .

ــــــــمەنبەسى: يازغۇچى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; w) k# a, E5 `' A, w, }8 Lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  A& u7 H3 `% N8 f2 j5 m3 o! E% M
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abral99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 10:42 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Y/ f8 f9 ~4 D0 ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) t9 Z" v# H  e; i- Z" _- x

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:37:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ئۇلۇغ ، ئانىلار جاپاكەش ، لىكىن ھەممە ئانىلار بۇ ھۆرمەتكە لايىق كىلىۋەرمەيدۇ . چۈنكى ئانىلار ئىككى خىل بۇلىدۇ . بىرسى بالا باقىدىغان ئانا ، يەنە بىرسى بالا تەربىيلەيدىغان ئانا . بىزنىڭ ئىچىمىزدە  بالا تەربىيلەيدىغان ئانىلاردىن بالا باقىدىغان ئانىلار كۆپ . بالا تەربىيلەيدىغان ئانىلارنىڭ كۆپرەك يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مائارىپنى قوللاش ، قىز پەرزەنتلەرنىڭ ئالى مائارىپلاردا تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك  . ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن ئانىنىڭ قولىدىن مىللىتىمىزگە باش بولغىدەك سەركىلەر يىتىشىپ چىقىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقايماس كىسەل ، كۆڭۈل ئاغرىقى .
سەۋرچانلىق ،ئەپۇچانلىق ، شىرىن تىلەك ئۇنىڭ دورىسى .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4239
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:20:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم يار مۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103464
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 10:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە توغرا بولغان تەربىيىلەش ئۇسۇلى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى ئېلىپ  كەپسىز، رەھمەت سىزگە؛

مېنى ساغلام، ئەقىل-ئىدراكلىق ياراتقان ئۇلۇغ اللەقا شۈكۈرلەر بولسۇن

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا تەربىيلەشتە ئاتا - ئانىنىڭ تەربىيسى بەكلا مۇھىم ئۇرۇندا تۇردۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخىشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36393
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 02:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا پەرزەنىتنى ياخشى تەربىيلەش بەك مۇھىم

ھەرقانداقداق مىللەت نىڭ ئوغۇللىرى ۋىجدانىنى يوقاتماي تۇرۇپ ، قېزلىرى ئىپپېتىنى يوقاتمايدۇ.ئوغلۇڭنى باشقۇرماي تۇرۇپ قىزىڭنى ئادەم قېلىمەن دىمە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش