مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5184|ئىنكاس: 38

ھەرگىز قورىقماڭلار دىمەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 09:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    ھەرگىز قورىقماڭلار دىمەيمەن

.1 بىر قىز ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشىدا ئۆيىگە كەچ قاپتۇ . ئۇ ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بۇ كوچىدىن ئالدىراش چىقىپ كىلىۋاتقان بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپتۇ ، ئۇ ئادەم بۇ قىزغا خېلى قاتتىق سۇقۇلغان بولسىمۇ ئەپۇ سورىمايلا كىتىپ قاپتۇ .  ئەتىسى بۇ جايغا  ساقچى ماشىنىسى يېغىپ كېتىپتۇ ، ئەسلىدە بۇ رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن ، قاتىل بەكمۇ ۋەھشى بۇلۇپ ھەتتا كىچىك بالىنىمۇ ئامان قويمىغان ئىكەن .                                                                                  ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بىر كۈنى كەچتە قىز ئۆيىدە يالغۇر تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسا ئىشىك چىكىلىپتۇ ، قىز ئىشىك قېشىغا بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن قارىسا بىر ساقچى ئىكەن ، قىز ئىشىكنى ئېچىپتۇ ، ساقچى ئۇنىڭدىن قاتىللىق يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە بىرەر گۇمانلىق ئادەمنى ئۇچىراتقان –  ئۇچىراتمىغانلىغىى سوراپتۇ ، قىز ھېلىقى كەچتىكى ئادەمنى ئىسىگە ئاپتۇ ، لىكىن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى ۋە كىيىم كېچىكى ھەققىدە بىرەر نەرسىنى ئەسلىيەلمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھۋالنى ساقچىغا          ئېيتىپ يۈرمەپتۇ ۋە ‹‹ ھىچنىمىنى كۆرمىدۈم ›› دەپ ساقچىنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپتۇ .   يەنە ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە قىز تېلىۋۇزۇردىن ۋەھشى قاتىلنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپتۇ ،  تېلىۋۇزۇردىكى ساقچىلار يالاپ ماڭغان قاتىلنىڭ چىرايىغا قاراپلا  ئۇنىڭ پۇت – قۇلىدا جان قالماپتۇ ،چۈنكى قاتىل دەل 3كۈن بۇرۇن ساقچى قىياپىتىدە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ كىرگەن كىشى ئىكەن .                                                                                          2 . كەچلىك ئېسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان بىر سېستىرا قىز بىر ئادەم ئاز ماڭىدىغان كوچىدا بىر بۇلاڭچىنىڭ بىرسىنى بۇلاپ پىچاق تىقىۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ قاپتۇ ، ئۇ قورقۇنچىلىغىدا كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قېچىپتۇ ، لىكىن بۇلاڭچى قىزنىڭ قاچقان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىدىن قىزنى سىزىپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپتۇ ، قىز ئادىمىزات يوق بۇ كوچىدا قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئۇرنغا يۇشۇرنىۋاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھاجەتخانىغا يەنە بىرەيلەننىڭمۇ كىرگەن ئاياق تېۋىشى ئاڭلىنىپتۇ ، قىز ئەڭ ئاخرىقى بىر ئۇرۇندا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىچە كىچىك ئىشىكلەرنىڭ ئاستا ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى مۈكۈۋالغان ئۇرۇننىڭ يېنىدىكى ينىدىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇددى ھوشسىزلىنىپ قالغاندەكلا جايىدىلا ئولتۇرۇپ قاپتۇ  . ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتۈپتۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇ ئۇ مۈكىۋالغان ئورۇننىڭ ئىشىكى ئېچىلماپتۇ ، ئۇ شۇ ئورۇندا  خۇددى تىنىغىمۇ يوقتەك ئولتۇرۇپ 3 سائەتنى ئۆتكۈزۈپتۇ ، بۇ چاغدا ئەتىراپتا ھىچقانداق تىۋىش بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئازىراق جان كىرىپتۇ ، ئۇ ئاستا يېنىدىن يان تېلىفۇننى چىقىرىپ ئۇنىڭدىكى ۋاقىتقا قاراپتۇ ، كېچە سائەت 3:30 بولغان ئىكەن ، ئۇ بۇ جايدىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپتۇ ، ئۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇت – قوللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇ  ئورنىدىن تۇرۇپتۇ –يۇ شۇ زامانلا ئۈزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ ، چۈنكى بۇلاڭچى قاتىل ئۇ مۈكۈۋالغان ئورۇننىڭ پاكار تېمىدا ئولتۇرۇپ ئىزچىل ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ئىكەن .                               . 3 . ئالىي مەكتەپنىڭ بىرقىز ئوقۇغۇچىسى ئوپچە ياتاققا كۈنەلمىگەچكە چەتىرەك بىر ئاھالىلىك رايۇنىدىن ئايرىم ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى يۇرتىدىن بىر نەۋىرە سىڭلىسى يوقلاپ كەپتۇ ، ئۇ قىز بۇ مەركىزى شەھەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەچكە ئاچىسى دەم ئالغان بىركۈنى بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنى بىللە ئاچىقىپ كەچكىچە بازا ئايلاندۇرۇپتۇ ، شۇنداق خوشال ئويناپتۇ ، ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر كۈننى كەچ قىلىپ يەيدىغان قىزلار ئامىراق ئۇششاق – چۈششەكلەر ۋە مىۋە سۇلىرى دىگەندەكلەرنى ئېلىپ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئۆيگە قايتىپتۇ ، ئۇلار ياتاققا كېلىپىلا ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى جوزا ئۈستىگە قۇيۇپ ئۆزلىرىنى كارۋاتقا تاشلاپتۇ ، قىزلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ماڭغاچقىمۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەن ئىكەن ، قىزلارغا كەچلىك تاماق يىيىشمۇ خوشياقماپتۇ ، سىڭلىسىنىڭ كۈندە كەچتە يۈزىنى يۇيۇپ ياتىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇ كارۋات ئاستىدىكى ئاچىسىنىڭ كىپىشىنى كىيىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ ، ئاچىسىنىڭ ئەمدىلا كۈزى ئۇيقۇغا ئىلىنىشىغا سىڭلىسى ئۇنى ئويغۇتىۋېتىپتۇ ؛                                                                                                  -   ئاچا ، تۇرغىنە ، شاتۇت سۇيى ئەكىرىپ ئىچەيلى .                                                                    -   ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزمىغىنە ، ئىچكىڭ بولسا ئاۋۇ خالتىدا چىلان سۈيى بار ،شۇنى ئىچكىن ، - دەپتۇ ئاچىسى .                                                                                                                              -   ياق ، ياق ، چىلان سۈيى ئىچكىم يوق، تۇرغىنە ، دوقمۇشتا بايا كۆرگەن ئىدىم ، لىكىن ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىردەمدىلا كىرىپ بۇلىمىز .                                                                              ئاچىسىنىڭ خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغان بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنىڭ كىچىك بالىدەك قىلىۋاتقان ئىشىغا ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ لىكىن مىھمان بولغاچقا گېپىنى يىرالماي ئامالسز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىشىغىلا سىڭلىسى جىددىلىشىپ ئاچىسىغا دەپتۇ :                                                                      -   ئاچا ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغىن ؟                                                                                 -   نىمىنى ؟                                                                                                                         - بايا سىنىڭ ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان ئايىغىڭنى ئىزدەپ كارۋات ئاستىدا قۇلىدا پىچاق تۇتۇپ مۈكۈپ ياتقان بىرىنى كۈرۈپ قالدىم ..........                                                                                                    4 . بىر تاكسى شوپۇرى كېچىدە تىجارىتىنى توختۇتۇپ ئۆيىگە قايىتماقچى بولۇپ كىتىۋېتىپ ئايالىنىڭ ئازىراق پول ئەكىلىش توغرىسىدا تېلىفۇن قىلغىنىنى ئەسلەپتۇ ۋە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپلا بىر بانكىنىڭ ئالدىدىكى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ قېشىدا توختاپتۇ ، بۇكېچىدە ئەتىراپتا باشقا ئادەملەرمۇ قالمىغاچقا ئۇماشىنىنىڭ ئۇتىنى ئۈچۈرمەيلا چۈشۈپ كېتىپتۇ ، ئالاھەزەل 5 مىنۇتلاردىن كىيىن ئىشىنى بېجىرىپ قايتىپ چىقىپتۇ ۋە ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ . ئۇ كېتىۋېتىپ بىر نورمالسىزلىقنى ھىس قىلىپتۇ ، ئۇنىڭ كەيندىلا بىر ماشىنا خۇددى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەندەك كەلمەكتىكەن ، ئۇماشىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىپتىكەن ، كەيندىكى ماشىنىنىڭ سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا تىزلىشىپتۇ . ئۇماشىنىنڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر تاكسى ماشىنا ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ ، ئۇ بەلكىم يولىمىز بىر ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ ، لىكىن يەنە بىر ماشىنا ئۇنى يانداپ چىقىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا يىنىك سوقۇلۇپتۇ ، بۇ چاغدا ئۇ ئشنىڭ رەسمى چاتاقلىغىنى ھىس قىلىپ يېتىپتۇ ۋە ئۇ ماشىنىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوڭ يولنى كىسىپ ئۆتكەن بىر كىچىك يېزا يولىغا قاراپ رولنى بۇراپتۇ ، لىكىن ھېلىقى تاكسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۇنى قوغلاپ كەپتۇ ، ئۇ بۇ يولغا خاتا كىرىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ تار ھەم ئەسكى يولدا ماشىنىسىنى بۇلۇشىغا ھەيدەپتۇ ، كەينىدىكى ماشىنىمۇ ئۇنىڭغا يىتىشەلمەي قاپتۇ ، بۇ چاغدا چاتاق چىقىپتۇ ، ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك تىز بولغاچقا يولدىن چەتنەپ چىقىپ بىر ئىگىز توپا دوۋىسىگە ئۈسۈپلا ئوتى ئۈچۈپ تۇختاپ قاپتۇ ، ئۇ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تولغاپ قايتا ئوت ئالدۇرماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىدا يەنە بىر ماشىنىمۇ يول ياقىسىدىلا تۇختاپتۇ ،ئۇ ماشىنىنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپتۇ ، لىكىن يەنە بىر شوپۇر ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئۇنىڭغا قاراپ توۋلاپتۇ ‹‹ھۇ ، كالۋا ، ماشىنىدىن چۈشۈپ تىز قاچ ، تىز ،تىز بول دەيمەن !›› بۇ چاغدا ئۇ كىچىككەن ئىكەن ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بىرىنىڭ تىنغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ۋە ئۇلاپلا گېلىغا مۇزدەك بىر پىچاق ....................                                      شۇڭا شوپۇر دوستلار ماشىنىدىن چۈشكەندە ئىشىكنى تاقاپ چۈشۈڭلار ۋە ھەر ۋاقىت  ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇنىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار ......ھىھ  ھىھ  ھىھ ھىھ                                                                       5 . ئالىي مەكتەپنى يېڭىدىن پۈتتۈرگەن بىر يىگىت بىر شەخسى شىركەتتىن ئىش تېپىپتۇ ، شەھەر ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ئۇ شەھەرنىڭ چېتىدىكىرەك بىر كونا ئولتۇراق رايۇنىدىن خېلى مۇۋاپىق باھادا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئاپتۇ ، بۇ جايدىكى ئۆيلەر ئاساسەن 80 يىللارنىڭ ئىچىدە سېلىنغان بۇلۇپ شەھەر تەرەقىياتىغا ماس كەلمىگەنلىكتىن چېقىلىپ كېتىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالغان ئىكەن .  يىگىت ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بىنادىن 50مىتىرچە يىراقتا بىر بىنا بۇلۇپ ئۇ مۇشۇيەر بۇيىچە ئەڭ كونا بىنا ھىسابلىنىدىكەن ، شۇڭىلاشقىمىكىن ئۇ بىنادا بىر نەچچە ئۆيلۈك كىشىلەرلا ئولتۇرىدىكەن . يىگىت ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا ھەم ئىشتىن چۈشكەندە مۇشۇ بىنا ئالدىدىن ئۆتىدىكەن ، ۋاقىت ئۇزىرىغانچە ئۇ بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ قاپتۇ ، بۇ بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆينىڭ رېمىغا پەردە تارتىلغان بولۇپ ، پەردىنىڭ كەينىدە بىرسى ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرىدىكەن ، يىگىت نىپىز پەردە ئارقىسىدىكى غۇۋا كۈرۈنۈپ تۇرغان ئادەمنىڭ ئۇزۇن چېچىدىن ئۇنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىپتۇ ، يىگىتمۇ ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغىچە ۋە ئىشتىن كەلگۈچە ئۇ ئايالغا قاراپ ماڭىدىكەن ،ئارىدىن 2 ئايچە ئۆتكەندىن كىيىن تۇرۇپلا ئۇئايال كۈرۈنمەپتۇ ،يەنە ئارىدىن 2 كۈن ئۈتكەندە يىگىت ئىشتىن يېنىپ كىلىۋېتىپ ھېلىقى كونا بىنانىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ يېغىپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ ، يىگىت قىزىقىپ تۇرۇپ قاپتۇ ، بۇ چاغدا ساقچىلار ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئۈستىگە  ئاق رەخىت يېپىلغان بىر مىيىتنى ئېلىپ چۈشۈپتۇ ، ئۇ بۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئۇ ئايالنىڭ ئېسىلىپ ئۈلىۋالغانلىغىنى ئۇقۇپتۇ ، ئۇ بىر ساقچىدىن سوراپتۇ :                                                                                                                               -ئۇ ئايال قاچانراق ئۈلىۋالغان ئىكەن؟                                                                                        - قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ 2 ئايدىن ئېشىپتۇ دەيدۇ ، - دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان يىگىت داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ ، ئەسلى ھېلىقى پەردىنىڭ كەينىدىكى  دەل شۇ ئايال بۇلۇپ 2 كۈن ئاۋال بەك چىرىپ كېتىپ بېشى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئېسىلىپ تۇرغان يېرىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەچكە  يىگىتكە كۈرۈنمىگەن ئىكەن ........

                                                     2014 يىل 9 - مارت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 09:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100579
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچنىمە يۇققۇ..  ياكى مەندە ئىچىلمىدىمۇ يا؟

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىن قوقۇپ كېتىپ ئېiqلمايۋاتامدۇ نىمە؟؟ ھەجەپ بىر قوقاي دىسەم ھىچنىم يوق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurmamat0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 10:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103788
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:58:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي نىمانداق پەيزى يازغان ئەسەرلەر بۇ تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت. لىكىن كىچىدە يالغۇز ئۇقۇغاچقىمىكىن سەل قۇرقۇپ قالدىم.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق بەتتىن نىمىشقا قورققۇدەكمەن؟

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 11:02 PM
ئاق بەتتىن نىمىشقا قورققۇدەكمەن؟

ئاق بەتكە بىردەم قاراپ تۇرسىڭىز جىن چىقىشى مۇمكىن

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1405 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئۇزاققىچە قاراپ تۇرسام ھېچنىمە چىقمىدى .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

بىرسى دىدى تۇخۇم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3002
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  يېزىپسىز.شائىرمۇ  بو  روماننى  مۇنچىلىك  يازمىغان،تېما  بولا  
مۇشۇنداق  بولا،ماقالە  بولا  مۇشۇنداق  بولا،دەل  ئوقۇپ  مۇشۇ  يەرگە
كەلگەندە  كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى.
بۇ  تېمىنى  پەقەت  ئەقىللىق ئادەملەرلا كۆرەلەيدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahbusman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 11:17 PM  


مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:27:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahbusman يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 11:16 PM
بەك  ياخشى  يېزىپسىز.شائىرمۇ  بو  روماننى  مۇنچىلىك  ياز ...


   توغرا ، مەن بۇ تىمىنى كۆزى ئۆتكۇر ، ئۆزى ئەقىللىق ، يۇرىگى توم ، بەردەم تورداشلار ئۇچۇن يوللىدىم . كۆزى ئاجىز ، قورقۇنجاق ، يۇرىگى پوك - پوكلار كۆرمىسۇن . بىرەر ئەھۋال كۆرۇلسە مەن ئىگە ئەمەس !!!


شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:13:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 11:27 PM
توغرا ، مەن بۇ تىمىنى كۆزى ئۆتكۇر ، ئۆزى ئەقىللىق ،  ...

يوۋۋۋۋۋ. ئۇنداقتا قوقمىغانلارغا ھىچنىما چىقماي ، قوققانلارغا بىرنەرسە كۆرۈندىكەندە بۇ تېما،،

تېما دىگەننى مۇشۇنداق يوللىماندۇ دەيمەن،، نىم قىلىدۇ بىر چىرايلىق ئاپئاق بەتنى بوياپ ئالا قىلىپ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش