مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3337|ئىنكاس: 32

مىسرانىم مەن كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسرانىم مەن كەلدىم


مىسرانىم مەن كەلدىم،

كۈتىۋال مېنى

كەسكىن رەت قىلىشلىرىڭ بىلەن،

كەسكىن تەنبىھلىرىڭ بىلەن،

   سۆيۈملۈك قۇچاقلاشلىرىڭ بىلەن.  


مىسرانىم مەن كەلدىم،

توسىۋال مېنى

   كۈچلۈك ئالقانلىرىڭ بىلەن،

مۇستەھكەم قالقانلىرىڭ بىلەن.

كۇكۇم-تالقان قىلىۋەت،

شۇ زامات مېنى،

تاغدەك بازغانلىرىڭ بىلەن.


مەن كەلدىم،

قارشى ئال مېنى

قاتتىق غەزىپىڭ بىلەن،

قەھرىڭ بىلەن،

پارە-پارە قىلىۋەت پۈتۈن جىسمىمنى

ئۆتكۈر قىلىچىڭ بىلەن.


مىسرانىم مەن كەلدىم

ئەسەبىيلەرچە،

مەجنۇنلارچە،

تەلۋىلەرچە.

قوي قوزىسىغا ئېتىلغاندەك،

چاڭقىغان دېۋانە سۇغا ئېتىلغاندەك.

چەۋەنداز رەقىبىگە ئىتىلغاندەك،

مۇساپىر قىرىندىشىغا ئىتىلغاندەك.


رۇخسەت قىل مېنى،

سېنى قۇچاقلاشقا،

ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ قاتتىق توۋلاشقا:

«مىسرانىم مەن كەلدىم!!!»


مىسرانىم مەن كەلدىم

بەرگىن ماڭا مىسران قىلىچنى،

بەرگىن ماڭا كۆك تۇلپارنى.

ئاندىن

قويۇۋەت مېنى بەيگىگە،

قويۇۋەت مېنى ئەركىگە،

قويۇۋەت ھەممىنى ئۆزۈمگە.


چىنىقىمەن خىرىس ئىچىدە،

چاپىمەن بەيگە سىپىدە.

يىقىلسام يۆلىمە ئۆزۈم تۇرىمەن

ئوغۇل بالا ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگىدە.


مېنى تىخى خامكەنسەن دېمە،

يېتىلمىگەن بالىسەن دېمە.

بۇ يەردە كۆپ تەنقىد پەشۋالار،

تىز كەينىڭگە يانغىن دېمە.


ياق،

«بالا»بولسام چوڭ بولىمەن

خام بولسام كۈرەشتە تاۋلىنىمەن.

ئۇنىڭ كۈچلۈك يالقۇنلىرىدا

ھامىنى پولاتقا ئايلىنىمەن.


شۇڭا ،

قويۇۋەت مېنى ئەركىگە،

قويۇۋەت مېنى بەيگىگە،

قويۇۋەت ھەممنى ئۆزۈمگە.


ئەنسىرمە دۇئېلدا يىڭىلارمۇ دەپ،

ئەنسىرمە بەيگىدە يىقىلارمۇ دەپ،

ئاشالماي ئىگىز-پەس داۋانلاردىن،

ئەنسىرمە باشلىرى پىرقىرارمۇ دەپ.

ياق!

كەلسۇن قىنى ئاشۇ سىناقلار،

كەلسۇن قىنى بوران-چاپقۇنلار،

ئۆز يولۇمدىن ياندۇرۇشقا،

  كەلسۇن قىنى جىمى شەيتانلار.


ياق!

ھىچ قايسىدىن قورۇقمايمەن،

نەيرەڭلەردىن ھودۇقمايمەن.

دوسلارنىڭ قوللىشى مەدەت ماڭا،

ئارقامغا قىلچىلىك داجىمايمەن.


شۇڭا

كۈتىۋال مېنى،

كەسكىن رەت قىلىشلىرىڭ بىلەن،

كەسكىن تەنقىدلىرىڭ بىلەن،

سۆيۈملۈك قۇچاقلاشلىرىڭ بىلەن.




مەنبە: ئۆزۈم

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى.

         

  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 02:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104212
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز  يازغان شئېرما    بۇ  ؟

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104253
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامىسلا قاچان كەللە

قاياش تورى رەتلىنىۋاتىدۇWww.Kayax.Cnھاياتىمنىڭ ئاپتورى ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4018
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يو  ئاخىرى كەپلا ھە!  كىلىدۇ دەپ  ئاڭلىغان بىزمۇ.(چاقچاق ھە)
بەلەن يېزىپسىز ئا شىئېرلىنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 03:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ! دەششەتقۇ؟
چاچمە شېئىرغا تازا قىزىقىپ كەتمەيتتىم، ما شېئىر قىزىقتۇرىۋەتتى جىما مىنى ؟
سىزگە رەھمەت ! ئەجايىپ ياخشى يېزىپسىز بۇ شېئىرنى!!!!!!!!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23729
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 04:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىملا ئەمەس ، ئەزالارمۇ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىدۇ .

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، قەدەملەر مۇبارەك .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91687
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 04:24:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(ئۆزىڭىز  يازغان شئېرما    بۇ  ؟.....)


مەنبە: ئۆزۈم دەپ تۇرمامدۇ ئەينا   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91064
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 04:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھام كەلگەندە راستىنلا توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پىكىر ئالماشتۇرۇش ماكانى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 12:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11441
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 05:06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېر دېگەن نېمىدىگەن ئەركىن ھە ، نېمىدەپ يازسا قاملىشىۋېرىدىكەن

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 05:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارشى  ئالىمىز !

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش