مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

ئۇيغۇرلاردىكى بىرقىسىم داڭلىق كىشىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:14:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەشھۇرلارنى تىزىدىغان دەۋىر ئەمەس!!! بەلكى مەشھۇرلارنى ئىزدەيدىغان دەۋىر ئىدى.....

ناۋادا بېلىمىزغا ئاق باغلاپ يۇقارقى ئۇسلۇبتا شۇئارۋازلىق قىلىۋېرىدىغان بولساق ئەتىمىز بۈگۈنكىدىنمۇ قىرتاق بولىشى مۇمكىن......

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:38:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا توۋا،ئىسىت ۋاقتىم،بىرەر دىنى ئالىم چىقىپ قالامۇ دەپ ۋاقىت سەرىپ قىپتىمەن،ساپلا ەرتىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:48:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىزىملىكتە خاتالىقلار كۆپكەن، لېكىن تېما ئىگىسى خېلى ئەجىر قىپتۇ.
بىلگەنلىرىمىز تۈزىتەيلى، بىلمىگەنلىرىمىز تۈزۈتىلگىنىدىن كۆرۈۋالسۇن.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ئۇيغۇرلاردىكى 104مەشھۇر كىشى دېگەن چوڭ تېمىنى ئۆچۈرۋىتىپ ئەسلىدىكى  
ئۇيغۇرلاردىكى بىرقىسىم داڭلىق كىشىلەر  دېگەن كىچىك تېمىنى قوللانغان بولسىڭىز  بوپتىكەن ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101061
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:32:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسگە قاقشاپ ، تاپا-تەنە قىلغۇچە كام قالغاننى تۇلۇقلاپ قويساڭلارلا بولمىدىمۇ ، خەقمۇ بىلگەننى دەيدۇ قېرىنداشلىرىم .............باشىقلارنى ئېتراپ قىلشقمۇ جۈرئەت كېرەك ئەلۋەتتە ،
تىما ئىگسگە رەھمەت ..............

ئالەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالەم.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101061
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى، (ھىجىرىيە- يىلى) ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقىغان. 1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، << رەستە ۋەقەسى >> سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەرخانلىق مەدىرىستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇ ددەررىسلىك قىلغان .

شەمسىدىن تۈردى داموللام (1874 -- 1934) سابىت داموللام بىلەن دېمەتلىك كىشى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ تۆركۈل كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەر ۋە بۇخارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىدا ھەم ئالىملاردا ئوقۇپ، ھىندىستان، ئەرەبىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ئىلمىي سوھبەتلەردە بولغان ئۇلارنىڭ چوڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن. شەمسىدىن داموللام سىستېمىلىق بىلىم ئالغان كىشى بولۇش سالاھىتى بىلەن، دىني ۋە پەننىي ئىلىم ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا) ، ئاسترونومىيە، شىئېرىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن . << ئولموھا توزمۇچەيىن >> ، << مۇھىمماتىز - زەۋجەيىن >> (ئاياللارغا دائىر مۇھىم ئەخلاق - پەزىلەتلەر) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1910 - ۋە 1920 - يىللىرى شىەمسىدىن داموللامنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭغا شاگىرىت بولۇش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. مەسىلەن، خوتەندىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، غۇلجىدىن تىيىپزات تاھىرى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ، شەمسىدىن داموللامدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۇگەنگەن. تەجەللى بىلەن ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم مۇشائىرە يىزىشىپ تۇرغان. دېمەك، غولجىدىن قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام قەشقەردە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ۋە مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر تەۋەسىدە مۇتەئەسسىىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن .
1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927 - يىلى، << شىرىنكالام >> دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان .

سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۇرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسىرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھرىدە دەڭ مەسچىتىدە << قۇرئان كەرىم >> نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن << ئىسلام قانۇنى >> ، << ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى >> (بۇ ئىبىن مالىك دېگەن ئالىمنىڭ ئالفىيەسىگە قىلغان شەرھى ۋە ھاشىيىدۇر) ، << ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۇننەت >> دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930 - يىلى غولجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمسىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان .

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئاداقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان (بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، سابىت داموللام، ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتار لاردىن چىققان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . سابىت داموللام، مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ، شەمسىدىن داموللام ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ << ئىسلام قانۇنى >> ناملىق كىتابى ئاساسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن) . سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان .


سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932 - يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم << ئاقائىدە جەۋھەريەت، بايان ئەل سۈننەت >> ، << ئالفىيەنىڭ شەرھىسى >> ، << شىرىن كالام >> ناملىق كىتابلىرىنى باستۇرغان.

سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان . 1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قارىقاش ئويباغ مەدىرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قۇبۇل قىلغان ھەمدە قوزغۈلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بىكىتكەن.

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم،
ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغۇلۇش نوقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم .
سابىت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا << قۇرئان >> ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھات توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومومىي بىر پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى .

1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قارىقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى 4 - ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنىڭ بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى << ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەت خوتەن >> دېگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان .

1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭىش ئۆتكۈزگەن . سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان .
(ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەسىت قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر سىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكە بويىچە ئېچىلغان << ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى >> گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ << ئالتە بۈيۈك سىياسىتى >> نى تەشۋىق قىلغان .

1936 - يىلى 5 - ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشىۋېكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن. شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەپلىنىپ، مەھمۇت سىجاڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەمەت قۇل ھاجىنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.)

ئەنە شۇ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام سابىت داموللاملار بىلەن يەكەندە قىلغان كېڭىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دېگىنى نېمىسى؟ ماجەنساڭلارغا كۇچى يېتەمدىكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغان. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۇشكە مەسئۇل بولغان بىر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئىمىر ئابدۇللاغا ئېيتىپ قويغان.

قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايىتماقچى بولغاندا، ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مانسۇر) ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قويغان. ۋەكىللەر قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ يەكەندىكى كېڭىشتە بولۇنغان سۆزلەرنى ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى تۆمۈر سىجاڭغا يەتكۈزگەن. تۆمۈر شىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ئولىمالىرىدىن يەنە ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يەكەنگە ئەۋەتكەن . ئىمىر ئابدۇللا ۋەكىللەرگە: ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنى ھازىر قوشۇپ بېرىمىز، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىتنە - پاسات تارقاتمىسۇن! دەپ جىكىلىگەن .

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يىتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدەە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ .

قەشقەردىكى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان (ئۆزبېك، قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ باشلىقى) ، كىچىك ئاخۇن تۈئەنجاڭ قاتارلىقلار ئالتە يۈزدەك ئەسكەر بىلەن، ئوسمان پاشا (لۈيجاڭ) ، ئۇراز تۈئەنجاڭلار باشچىلىقىدىكى قىرغىزلار تۆت يۈز قۇشۇن بىلەن سابىت داموللىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىشىدۇ.

سابىت داموللام، ئىمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر سىجاڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، 1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، سابىت داموللام ۋە شاھ مانسۇر تۇرغان ئورۇنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە سابىت داموللام بىلەن شاھ مانسۇرنى ياۋاغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا << سىلىڭ >> لىق تامغىسىنى تاپشۇرغان. تۆمۈر سىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئوسمان پاشا 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئۆز يۇرتى قىزىل ئۇيغا چىقىپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ماجەنساڭ تۆمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ماجەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سابىت داموللام بۇ چاغدا يۇرتى ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئىلكىگە ئالغان ھەمدە تۆمۈر سىجاڭغا تەۋە قوشۇنلارنى ئۆزىگە قوشىۋالغان .

ئوسمان قەشقەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سابىت داموللام ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرۇشكەن. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆرنىغا << شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى >> نى قۇرغان .

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا، ئەينى مەيداندا بار بولغان سەيپىدىن ئەزىزى كېيىن << ئۆمۈر داستانى >> ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق يازغان: << شۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مىلادى 1933 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىپ، < جۇمھۇرىيەت > قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، < ھۆكۈمەت > ئىسىملىكى، ئاساسىي قانۇن ۋە < دۆلەت شېئىرى > ئېلان قىلىندى >> .

<< قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى >> نىڭ 1 - قىسمىدا چاڭ شېياڭ مۇنداق يازغان: <<11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى) كېچىدە < شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى > قەشقەر كونىشەھەردە يىغىن چاقىرىپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. < تەشكىلىي پروگرامما > قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ماقۇللىدى .
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا، يەنى ياۋاغ كۆۋرىكىنىڭ يېنىدا، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. سابىت داموللام ئۆزى < دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى > بۇلدى. ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسى ئورنىنى قويۇپ قويدى. سابىت داموللام ئۇزۇن سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن، شەھەردە نامايىش قىلىندى.

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سابىت داموللام شۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋەكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىر لىكىدىكى باسمىخانىسىدا < شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى > نى (بەزىلەر < يېڭى ھايات گېزىتى > دەيدۇ) چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، < مۇستەقىللىق > ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھوججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تاييارلاندى >>.

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر << ئويغانغان زېمىن >> ناملىق رومانىنىڭ 2 - قىسمىدا مۇنداق يازغان: << . . . ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجىم دېيىلگەن كېيىن، سابىت داموللام (ئاتۇش) باش ۋەكىللىككە، جانىبېك قازى (قىرغىز) مۇئاۋىن باش ۋەكىللىككە، زېرىپ قارا ھاجى (ئۆزبىك) ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە، قاسىمجان ھاجى (خوتەن) خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر) مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇللاخان(ئۆزبىك) سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، مەھمۇت موھىتى (تۇرپان) ھەربىي قۇماندانلىققا، ئورازبېك (قىرغىز) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە، يۈسۈپجان قۇربېشى (ئۆزبېك) باش شىتاپ باشلىقلىقىغا، ئۇبۇل ھەسەن ھاجى (ئاتۇش) سودا - دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە، شەمسىدن داموللام (ئاتۇش) ئەۋقاپ < ۋەخپە > ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە، مۇھەممىدىن ھاجى (قەشقەر) ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلگەنىكەن >>.


ئالەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالەم.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101110
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:43:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 01:44 PM
بۇ مەسئۇلىيەتسىز تىما بولسا سىز بۇنىڭدىنمۇ مەسئۇل ...

توغرا ئىيتىسىز ،مايەتتىن ئىيتقاندا بۇ بىر ياخشى تىما بوپتۇ. لىكىن بەزى مەزمۇنلا ئازراق مۇقمەللىك باردەك يىس قىلدىم. داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن..... ھارمىغايسىز..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101110
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:52:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ رەخمەت سىزگە بۇ مەزمۇنلانى يوللاش ئۇچۇن نۇرغۇن كىتاپلانى كوردىڭىزغۇ دەيمەن ھارمىغايسىز. مەن ئەسىرنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ۋە ماڭا چۇڭقۇر تەسىرلەنى قالدۇرغالانلا كوپكەن، شۇ بەزى يەرلا ئازراقلا مۇجمەل بوپ قاپتۇ دەپ قارىدىم، ئارتۇق سوزلەپ قۇيغان بولسام كەچۇرە سىز..................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 08:57:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Server يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 01:38 PM
سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى، (ھىجىرىيە- يى ...

ئاللا رەھىم رەھمەت قىلسۇن ! ئىسىل  بىر ئادەمنى تونۇشتۇرۇپسىز! سابىت داماللام ھەقىقەتەن مەشھۇر ئالىم ھەم ئەل بەختى ئۈچۈن بەك كۆپ تىرىشقان ئادەم !........ بىلىدىغانلار مۇشۇنداق  مەشھۇرلىرىمىزنى ئىنكاس ئارقىلىق تونۇشتۇر ساق !.... بىلمەيدىغانلار بىلىۋالساق...................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش