osmanjan37 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:06 PM
ماسسا ئۇ جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز-كۆپلىكىد ...
سىزنىڭ ئىملا توغرىسىدىكى ئەسكەرتمىڭىزگە رەھمەت.
.......................................................................
ماسسا ئۇ جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز-كۆپلىكىدۇر. بەزى فورمۇلالارنى تۈرلەندۈرۈپلا ماسسا مۇشۇ شۇ دەپ ئېيتىلسا تازا مۇۋاپىق ئەمەس.
...................................................................................................................................................
يۇقۇرىدىكى سۆزلىرىڭىز نۆۋەتتىكى ئاساسى ئېقىمغا ئاساسلانغاندا توغرا!.
ئەمما سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ بىر دانە ئىلىكتىرۇننىڭ ئوخشاش بولمىغان نىسبى تىزلىك شارائىتى ياكى ماكان زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىدىكى ماسسىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىلىكتىرۇن ئوز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز-كوپلۇكىدە ئوزگىرىش بولدى دەپ قاراشقا بۇلامدۇ؟
ئەنئەنىۋى قاراشتا فۇتۇننىڭ تىنچ ماسىسى نول بۇلىدۇ دىيىلىدۇ ، ئۇنداق بولسا فۇتۇن تىنچ تۇرغاندا ھىچقانداق ماددىنى ئوز ئىچىگە ئالمىغان بۇلۇپ چاستۇتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئوز ئىچىگە ئالدىغان ماددا مىقتارى ئېشىپ بارىدۇ دىيىش توغرىمۇ ؟
مۇتلەق ھىم قاچىدىكى جىسىم قىزدۇرۇلسا ئۇنىڭ ماسىسىدا ئېشىش كۇرۇلىدۇ ، بۇ جەرىياندا قاچا ئىچىدىكى جىسىمنىڭ ئوز ئىچىگە ئالغان ماددا مىقتارىدا ئېشىش كۇرۇلدى دەپ قاراش كېرەكمۇ؟
دوپلىرى ئىففىكتىگە ئاساسلانغاندا ھەرىكەتتىكى زەررىچىنىڭ چاستۇتىسىدا قىزىلغا ياكى بىنەپشىگە كۇچۇش كۇرۇلىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ خىل كۇچۇش جەرىيانىدىكى ماسسا ئوزگىرىشنى جىسىم ئوز ئىچىگە ئالغان ماددا مىقتارىدا ئوزگىرىش بولدى دىيىش كېرەكمۇ ؟
بۇ يەردىكى ماددا دىگەن زادى نىمە ؟
رەھمەت.