مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرىپلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:06:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار، بىر ياۋرۇپالىق بىر ئاسترونۇم ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى ساناپ كېتىۋېتىپ چوڭقۇر بىر كاتەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئۇ كاتەكتىن ئۆمىلەپ چىقىپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇۋاتسا يولدىن ئۈتۈۋاتقان بىر ھاماقەت ئۇنىڭغا:
-سەن يۇلتۇز سانايمەن دەپ ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ كۆزئالدىڭدىكى بۇ كاتەكنى كۆرەلمىدىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى ئۇ ھاماقەتكە:
-پەقەت يىقىلغان ئادەمنىڭلا ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ،-دەپتۇ ۋە كېتىپ قاپتۇ.
بۇ مىسالدىكى ھەرئىككىيلەننىڭ ئېيتقىنى توغرا، ئاسترونۇمنىڭ ئېيتقان ئاخىرقى سۆزى گەرچە ئالىجاناپلارچە ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى تەن ئالمىغان.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، ئالدىنقى يىلى بىر كەسىپدېشىمنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا  ئوقۇيدىغان قىزىغا ئانا تىل ئېلىپبەسى ئۈگىتىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ۋىجدانەن زىممەمگە يۈكلەندى، مەن ئۇنىڭغا ئېلىپبە ئۈگىتىش ئۈچۈن ئابدۇسالام توختى ئەپەندى تۈزگەن «ئېلىپبە»، ۋاھىتجان ئوسمان ئەپەندى تۈزگەن «ئېلىپبە» دىگەندەك كىتابلاردىن پايدىلىنىش بىلەن بىر چاغدا يانا باشقا ماتېرىياللارنى كۈرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى، مەن ھەر قايسى توربەتلىرىدىن، جۈملىدىن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەتلىرىدىن، بەيدۇ، گۇگىل تورلىرىدىن ئېلىپبەيىمىزگە ئائىت ماتېرىيال ئىزدەپ باقتىم، گۇگىل تورىدىن قىسمەن رەسىم ۋە باشقا مۇناسىپ رەسىم، يېزىق ماتېرىيالى دىگەندەك ماتېرىياللار تېپىلغاندىن باشقا كۆڭلۈمدىكى نەرسىلەرنى ئانچە كۆپ تېپىلمىدى. شۇ چاغدىلا كۆڭلۈمگە بىر غەشلىك ۋە شۇ غەشلىكتىن تۇغۇلغان بىر ئوت كىرىۋالدى. نىمە ئۈچۈن؟ بىز تىلىمىز يېزىقىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە كۆپ تالاش- تارتىشلارنى قىلىپ كەلدۈك ھەم كېلىۋاتىمىز، ئەجەبا، بىز ھەممىمىز ھېلىقى ئاسترونۇمدەك ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ساناپلا ئۆتەمدۇق ياكى كۆز ئالدىمىزدىكى كاتەككىمۇ قاراپ قۇيامدۇق؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىم، ئەرەب تىلى ئېلىپبەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۈرۈپ باقتىم، ئېنگىلىز تىلى، تۈرك تىلى ئېلىپبەلىرىگە قاراپ باقتىم، ھېس قىلغىنىم، بىزنىڭ بۇ ساھەدە يېزىقىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇش، تىلىمىزنى يېزىقىمىزنىڭ قېلىپىغا ماسلاشتۇرۇش دىگەندەك ساھەلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن، مەنچە بۇنى تىل-يېزىق كومتىتىدىكى بىرنەچچە جاپاكەشكە يۈكلەپ قويۇش سەل ناھەقچىلىق بولىدىغاندەك تۇيۇلدى.
تىلىمىزدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې،ئى»غا ئاجىزلىشىش مەسىلىسىغۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە ئىكەن.  سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئۇرنى، لەۋ ھالىتى جەھەتلەردىن ماسلىشىشى توغرىسىدىكى قائىدىلەردىمۇ تىل ئادىتىمىزنىڭ قائىدىگە چۈشمەيدىغان يەرلىرى خېلى بار ئىكەن، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزدىكى جاراڭسىزلىشىش، نۆۋەتلىشىش قائىدىلىرىنى دىمەيلا قۇيايلى.
نۆۋەتتە ، بىرى، بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئىلھام ئېلىپ باش-ئايىغى يوق مۇنازىرىلىرىمىزنى داۋام ئەتكەچ ئاممىباب بولغان، بالىلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ، غەيرىي تىلدا ساۋاد چىقارغان بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل توغرىسىدا دەسلەپكى ئاساسىنى سېلىش رولى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئۆزى ئويغۇر بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئويغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە دەسلەپكى ۋە تولۇقسىز ئاساس ماتېرىيال بولالىغۇدە بىر ماتېرىيال بەرپا قىلىش ئوينى ئويلاپ كەلگىلى خېلى بولدى، ئەقىللىق بوۋىلىرىمىزنىڭ: «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ»، «بىرلەشكەن ئۇزار، بىلەشمىگەن تۇزار» دىگەنلىرىدەك ھېكمەتلىرى ھازىرقى تور دەۋرىدە ھەممىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن مۇش چىقىرىپ بىر ئېغىز- بىرئېغىزدىن، بىرجۈملە- بىر جۈملىدىن، بىرئابزاس- بىربۆلەكتىن كۈچ قوشۇشىغا تامامەن ئىمكانلىقتۇر. مەن نۆۋەتتە ئۆزەم دەسلەپتە باشلىغان ماتېرىيالنىڭ بىرىنچى دەرۋازا، بىرىنچى ئىشىكى بولمىش «ئۇيغۇرتىلىدىكى ھەرپلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بايان» نىڭ بىرىنچى ھەرپىنى باش بولۇپ يوللىدىم، كۆپچىلىكنىڭ «تامچە تېمىپ تاشنى تېشەر» دىگەندەك تامچە- تامچىدىن كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىلدۇر.

ئا ھەرىپى توغرىسىدا

ئا ھەرپى ئۇيغۇر تىلىمىز ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرىپتۇر، شۇنداقلا ئەڭ ئاكتىپ سوزۇق تاۋۇشتۇر. تىلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئۇلۇغ ئاتالمىلار بۇ ئا ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ھەرپ تىلىمىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئوقۇغاندىكى  تىلنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا مەنسۇبتۇر. ئورنى جە بۇ ھەرپنىڭ خەلقئارا تىرانسىكىرىپسىيەدە ئوقۇلۇشى { ɑ,a } بۇ ھەرىپ تۆت دانە ھەرپ شەكلىدىن تۈزۈلگەن.

ئا ھەرىپىنىڭ ئايرىم-يالغۇز يېزىلىدىغان ئىككى خىل شەكلى ۋە ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان ئىككى خىل جەمئىي تۆت خىل شەكلى بولىدۇ.
ئا: بۇ مەزكۇر ھەرىپنىڭ باشتىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بولۇپ بۇشەكىل ھەرۋاقىت سۆزلەرنىڭ بېشىدا سۆز بېشى بولۇپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇ باش ئا دەپ ئوقۇلىدۇ.
ا: بۇ مەزكۇر ھەرپنىڭ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا يالغۇز ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكلى بولۇپ بۇ شەكىل سۆزلەرنىڭ ۋە بوغۇملارنىڭ ئاخىرىغا يالغۇز ھالەتتە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ يالغۇز ئا دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ ئىككى خىل شەكىل سۆزلەرگە بىۋاستە ئۇلانماي ئايرىم ھالەتتە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. ئەمدى قالغان ئىككى خىل شەكلى (كومپىيۇتېردا ئايرىم يېزىلمىغاچقا ) چۈشەندۈرۈشلىرىلا بېرىلدى. بىرسى ھەمزىلىك ئاياق ئا، يەنە بىرسى ھەمزىسىز ئاياق ئا دەپ ئوقۇلىدۇ. ھەمزىلىك ئاياق ئا سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇغۇم بېشى بولۇپ كېلىدۇ، ھەمزىسىز ئاياق ئا بولسا سۆز ۋە بۇغۇملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ.مەسىلەن: ئات (باش ئا)، ئارا(يالغۇز ئا)، ئانا (ھەمزىسىز ئاياق ئا)، تاشئالما (ھەمزىلىك ئاياق ئا)
مەشىق: 1.تۈۋەندىكى جۈملىلەردىكى ئا ھەرپىنىڭ ھەرقايسى ھەرپ بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ بېقىڭ.
(1) ئاپام ئايغا ئوخشايدۇ، ئاي ئۆگزەمدە توختايدۇ. (2) ئۆردەك ئارا كۈتىرىپ ئىشتىن ياندى، ھېرىپ كەتكەچ بىر ھازا يىغلىۋالدى. (3) شار… شار… شار، شار ئۇچىدۇ، ئېتىلمىغۇچە يەرگە چۈشمەيدۇ.( 3) ئابلىكىمنىڭ ئۈنئالغۇسى ناخشا ئېيتىدۇ، ئاپئاق تۇشقان خاپا بولۇپ يىراق كېتىدۇ.
2. ئا ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ مۇلاھىزىلەرنى بولسا ھەرقايسى تور بەتلىرىگە يوللاپ قويساق، بۇنىڭ ئاممىۋىيلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولاتتى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 01:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:11:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە «ئا»باش ئا ئەمەس بەلكى يالغۇز ئا.
بۇنداق بولغاندا ئا ھەرپى ئىككى يالغۇز ئا ئىككى ئاياغ ئا لىق ھەرپ بولىدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13084
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:35:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاۋۋال ماۋزۇغا بىر قاراپ باقايلى. ئۇيغۇر دېگەن خەتنىڭ خاتا يېزىلىشى بۇ ياخشى بولمىغىنى قېرىندىشىم. تىما ئىچىدىمۇ خاتاكەن مەيلى دېسەكمۇ بىراق ماۋزۇغا سەل قارىمىساق بولاتتى. مەنمۇ سىزمۇ ھەم باشقىلارمۇ تەڭ دىققەت قىلايلى. مۇلاھىزىلەر ئۈزۈلمىسۇن!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103405
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:46:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ىلىمىزدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې،ئى»غا ئاجىزلىشىش مەسىلىسىغۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە ئىكەن

تۈركىي قارىنداشلاردا ئاجىزلاشمايدۇ، كونا ئۇيغۇرچىدا ئاجىزلاشمايدۇ، كىم، نىمە مەقسەددە ئاجىزلاشتۇرغان؟... مۇشۇ ئىشنى ئويلانغانىمغا ئۇزۇن بولدى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:41:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 01:11 AM
ئەمەلىيەتتە «ئا»باش ئا ئەمەس بەلكى يالغۇز ئا.
بۇنداق ب ...

ئاكا ، ۋوي ، 《ئا》شەكلى  سۆزنىڭ بىشىدا ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا باش ئا بولىدۇ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10436
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:49:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئابدۇرەھىم زونۇن ئەپەندىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قايدىسى ۋە رولى» توغرىدا خېلى مۇپەسسەل ماقالىلىرى بار.
تېمىڭىزغا رەخمەت! ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداش، روناق تاپقۇزۇش مەسئۇليىتى بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:49:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇلاھىزىلەر ئۇزۇلمىسۇن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7700 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:09:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاناتىل يېزىقىمىزنى توغرا ئىشلىتىشنى  ئۆزىمىزدىن  باشلايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش ئا  يالغۇز ا  ئوتتۇر -ا  ئاخىر ىئا   دەپ ئۈگەنگەنىتم مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3921
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:19:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېگىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى بۇ يازمىسىدىكى “باش ئاغرىتىدىغان“دىگەن بۇ سۆزى بىرى سۆز ئىپادىلەشتىكى دىققەتسىزلىكى بولىشى ياكى ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىغا ئۆز مەيدانىدا قارىماي خۇددىي ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان خەنزو ياكى باشقا مىللەتتىكى ئادەمدەك تەسىر بەردى. مەن بىر ئۇيغۇر. ماڭا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى ئۆزگىرىشى ھىچقاچان باش ئاغرىتىدىغاندەك بىلىنمىدى، شۇنچىلىك تەبئىي. مەن ھىچقانداق بىر گىراماتتىكا ، فونتىكا ئۆگەنمىسەممۇ ئۇيغۇرچىنى ئىپادىلەش شۇنچىلىك ئاسان بىلىنىدۇ، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق گىراماتتىكا فونتىكا دىگەندەك تىل قانونىيەتلېرىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن. ئۇنى چۇقۇم تەتقىق قىلىشقا تۇغرا كىلىدۇ. سىز بىر ئۇيغۇر بولغان ئىكەنسىز ئالدى بىلەن ئانا تىلغا مۇھەببىتىڭىز بۇلىشى كېرەك. ئاندىن ئانا تىلنى تەتقىق قىلىڭ بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالىسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 11:27 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش