|
|
|
|
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق ئاخىرى109-104 نەتىجە گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىنى 2-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 43 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ مورسى 31 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 12 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى گېن 7 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. يى جيەنليەن 27 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ شىپېڭ 16 نومۇر ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ پوۋېل 24 نومۇر،14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇ شىياۋيۈ 10 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇ فاڭيۈ 5 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.phpبۇ
|
|
|
|
|
|