مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 10

توزىغان گۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101426
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                          توزىغان گۈل

ھايات گۈلزارلىقىمدىن ھۆسنىگە تولغان ھىلال ئايدەك گۈزەل بىر گۈلنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قان كەبى قىزىل مەرۋايىتتەك بەرگىللىرى خۇددى نازىنىننىڭ چوغ لىۋىدەك يىقىشلىق ۋە شىرىن ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بەرگىسىدىن تارالغان ھىد مىنى مەسىت-خامۇش قىلاتتى، ئەقلىمدىن ئازدۇراتتى.
مەن گۈل مىھرىگە قىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىمتاس يىقىنلاشتىم ۋە ئۇنى باغرىمغا بىسىش ئۈچۈن قولۇمنى ئاستا ئۇزاتتىم. ئەمما ئۇنىڭ نەشتەر كەبى تىكەنلىرى قولۇمنى قاناتتى، يۈرۈكىمنى يىغلاتتى. بىراق مەن ئۇ گۈلگە چىدىمايىتىم، ئۇنىڭدىن بىر دەقىقە ئايرىلىشقىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيىتتىم.ئۇنىڭ نەشتەرلىرى مىنىڭ ھىجرانىمغا مەلھەم، يوپۇرماقلىرى قان ياشلىرىمغا تەسەللى، ھەر بەرگىللىرى مۇھاببىتىمنىڭ شاھىدى ئىدى.لىكىن ئۇ بۇنى بىلمىدى.
مەن گۈلگە ئۆزۈمنىڭ بۇلبۇل ئىكەنلىكىمنى ئىيتقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىچىلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر كىچە تاڭ ئاتقۇچە ساقلىغان ئىدىم. گۈلزارلىقتىكى نۇرغۇن گۈللەر ئارىسىدىن پەقەت ئۇنى تاللىغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىخەتەر ئۆسۈشى ئۈچۈن پەرۋانە بولغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم، ئۇنى شۇ قەدەر سۆيەتتىم، ئۇنىڭ ئىشقىدا سايرايىتتم.
ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس....... مىنىڭ كىچىككىنە بىخەستەلىكىم تۈپەيلى ئۇ كىپىنەككە ئالداندى.
تۈگىدى، ھەممىسى تۈگىدى...... مىنىڭ ئەقىدەم بەربات بولدى.
پۈتكۈل ھۇجۇدۇم بىلەن، ئەقىل ۋە روھىيىتىم بىلەن تىكلىگەن بىر جان-بىر گىياھلىق مۇھاببىتىم ئاخىرلاشتى. يەتمەكچى بولغان ئارزۇلۇرۇم چۈشكە ئايلاندى.
              
گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى گۈلنار ئەمەس،
تۈرلىرى كۆپتۇر ۋە لىكىن بارچىسى دىلدار ئەمەس.
               
گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى گۈلزار ئەمەس،
گۈل ئۆزى گۈللۈكتىكى ھەر بىرى ئەسرارى  ئەمەس.

گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى ئىزھار ئەمەس،
توزىسا گۈل بەرگىسى ئۇ ساڭا دىل يارا   ئەمەس.

گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى توزغاق ئەمەس،
گۈل ھۆسنىگە چۈشسە شەبنەم، ئۇ ساڭا كۆز ياش ئەمەس.

گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى مودەن ئەمەس،
گۈللۈكتىكى بارچە گۈللەر، كۈزگىچە تۇرغان ئەمەس.

گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى غۇنچە ئەمەس،
گۈل ئىچىلسا تاڭ سەھەردە بارچىسى پۇرىغان ئەمەس.

گۈل تولا گۈللۈكتە، ئەمما ھەممىسى ئۆز يار ئەمەس.
تىكەنلىكتۇر گۈزەل گۈللەر، ئۈزمەككە ئاسان ئەمەس.


ئەمدى گۈل كىپىنەكنىڭ، كىپىنەك بۇلبۇل ئەمەس. مانا كىپىنەك خالىغاندا گۈل ھۆسنىدىن، شىرىن لىۋىدىن، مەسىتخۇش ھىدىدىن، گۈل پىتىدىن ئىختىيارىچە ھوزۇرلىنىپ كىتىدۇ. خالاس.   
گۈل كىپىنەكنىڭ ئىلكىدە....... ئەمدى گۈل ھۆسنى سۇلىدۇ، بەرگىللىرى تۆكىلىدۇ، يوپۇرماقلىرى سارغىيىدۇ، تىكەنلىرى قۇرۇيدۇ. گۈل ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ھىس قىلىدۇ ۋە تولىمۇ كىچىككەنلىكىنى ھەم تونۇپ يىتىدۇ.
گۈل ناھايىتى تىزلا كۈز ئايلىرىنى كۈتىۋالدى. لىكىن تىخى ۋاقتى ئەمەس ئىدى.ئەمما  ئۇ توزىغان گۈلگە ئايلاندى.
ھازىر ئۇنىڭ قۇرۇپ قاقشال بولغان غولىلا قالدى. غولىدا قۇرۇپكەتكەن تىكەنلىرى ئاندا-ساندا كۆرۈنىپ تۇراتتى. بۇ غولدا نە يوپۇرماق، نە بەرگىللىرى بولسۇن. ھەتتا كىپىنەكمۇ ھەم كۆرۈنمەيىتتى. دىمەك كىپىنەك گۈلنى تاشلاپ كەتكەن ئىدى.
گۈل ھەم يىگانە، يىگانە پىتى ئىچىنىشلىق تەغدىرگە بوي سۇنغان ھالدا ھىجران ئازابىنى قاماللاپ جىمجىتلىققا ھۆكۈمران بولغان ئىدى.
ئۇ ئەمدى گۈل ئەمەس........ ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىنىڭ ئورنىغا زەپىرانلىق، شىرىن لىۋىنىڭ ئورنىغا چىرىندىلىك، مەسىتخۇش ھىدىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق دەسسىدى. بۇ ئەمدى گۈلزارلىق ئەمەس، قەبرىگاھ بولدى. گۈلگە ئۆز غولى قەبرە تاش بولدى. گۈل ئەتراپىنى مۇدھىش-زەئىپلىك قاپلىدى. زىمىننى كۆكۈش تۇمان باستى. خۇددى جان ئالغۇچى پەرىشتە پۈتكۈل زىمىننى ۋەيران قىلىدىغاندەك سۈرلۈك ئىدى. ھەممە بۇ ئەزگۈلەر ئىچىدە ئۆزى ئۈچۈن ئويلىنىۋاتقاندەك سۈكۈتتە ئىدى.
مەن غولدىن ئىبارەت بۇ قەبرە تاشقا ئىككىمىزنىڭ ئىچىنىشلىق تىراگىدىيىمىزنى مەڭگۈگە پۈتۈھ قىلىپ مۆھرىلىدىم.
گۈل بىلەن بۇلبۇلنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى مەڭگۈلۈك ئابىدە بولدى.بۇندىن كىيىنكى ئاشىق -مەشۇقلار  بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالسۇن.
مەن كەتتىم. ئۆز بەختىمنى ئىزدەپ ماڭدىم.
ئۇچىۋاتىمەن. قاناتلىرىم ئىغىر، يوللۇرۇم ئۇزۇن، ھەرتىنىقلىرىم ھەسرەتلىك، سايراشلىرىم ئازاپلىق.
ئالدىمغا قارىدىم. ئەتراپ تۇمانلىق، نىشانىم ئىنىق ئەمەس، مەن ئىزدەپ ماڭغان بەخىتنىڭ نەدىلىكىنى ھەم بىلمەيمەن.
چەكسىز ئاسمان . ئۆزۈم يالغۇز ، ئەتراپ جىمجىت، ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ شۇنداق سايرۇغۇم كەلدى. بىراق ھىجران ئازابىدىن تىللىرىم گەپكە كەلمەي قالغان ئىدى.
قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ فانتازىيە مىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. مەن ھەم ئاچچىق ئەسلىمىلەر ئىچىدە تولغاندىم، زارلاندىم، ئۆلگىدەك بولدۇم.

يار كىلىپ ياردەم قىلىپ ئالسا جىنىمنى مىنىڭ،
ھىجراندا ئۆلسەم تۆكۈلمىسە قانلىرىم مىنىڭ.
مەن رازى قان تۆكمەي ئۆلسەم يار ئىتەكلىرىدە،
يار تۇتۇپ قولۇم، ئۆلتۈرسە بوغۇپ گىلىم مىنىڭ.

ئاپتۇرى: ئاق تۈرك                         2014.3.8                          ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiltez5203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 09:16 PM  


ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈر ئىكەن...ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن،...

ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 10:00:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت تەسىرلىك يېزىپسىز سىزنىڭ كەسپىڭىز نىمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subat786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 10:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 10:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .

[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 11:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن ، ئىنتايىن قايىل بولدۇم....ماڭا قويۇپ بەرسە بىر مىسرانىمۇ جايلاپ يازالماسلىقىم مۇمكىن......ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101426
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:37:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قىرىنداشلا! ياقتۇرغىنىڭلادىن بەك خۇش بولدۇم.
مىنىڭ ئەسلى كەسپىم گۈزەل-سەنئەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104212
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھامىڭىزغا   ھەم  شۇ   ئۆتكۈر   قەلەملىرىڭىزگە  بارىكاللا   

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 03:45:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەر رەسىمنى تەسۋىرلىدىڭىزمۇ       خىلى گۇزەل رەسىم  ئوخشايدۇ ھە   

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 08:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلالىغانلىقىدا.
قەلەملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!
بىچارە گۈلگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 09:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
laylim يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 02:11 PM
ئىلھامىڭىزغا   ھەم  شۇ   ئۆتكۈر   قەلەملىرىڭىزگە  بارىكا ...

ئەگەشتىم.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش