مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 10

2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلانما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 04:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى نىشان نۇمۇرۇم   


ئۈنۋېرسال ئىجتىمائىي پەن


ماتىماتىكا


خەنزۇتىلى


تىل-ئەدەبىيات



ئومومىي



جۇغراپىيە



تارىخ



سىياسەت





ئىگىسى: -قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ

تولۇق 3-يىللىق 4-سىنىپ ئوقوغۇچىسى ئالىمجان تۇرسۇن

تولۇق يىللىقلار ئۈچۈن سىياسەت (زۆرۈر دەرسلىك ئۈچ قىسىم)

-2013 يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش تەكرار ماتېرىيالى

تەييارلىغۇچىلار:ـــ قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت ئوقۇتۇش گورپپىسىدىكى مىيەسسەر مۇئەللىم ۋە تولۇق 3-يىللىق 4-سىنىپتن

ئالىمجان تۇرسۇن

I .ئىقتىساد تۇرمۇش

.1تاۋار:- ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى . ئېستىمال قىممىتى بىلەنقىممەت  تاۋارنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي فۇنكىسىيسى . ئېستىمال قىممىتى بىلەن قىممەتنىڭ مۇناسىۋىتى:تاۋار ئېستىمال قىممىتى ۋە قىممەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن گەۋدىسى، بۇئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، ئېستىمال قىممىتى- قىممەتنىڭ ماددىي كاپالەتچىسى،قىممىتى بار نەرسىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئېستىمال قىممىتى بولىدۇ.پۇلنىڭ بارلىققا كىلىش جەريانى :- (1) مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش (2)ئومومىي قىممەتداش بۇيۇم (3)ئالتۇن ۋە كۆمۈش پۇلنىڭ ماھىيتى:- ئومومىي قىممەتداش بۇيۇم بولغانلىقىدا.

پۇلنىڭ ئاساسىي فۇنكىسىيسى:-.1قىممەت ئۆلچىمى ،2.ئوبروت ۋاستىسى،3.تۆلەش ۋاستىسى،4.ساقلاش ۋاستىسى،5.دۇنيا پۇلى بولۇش. قىممەت باھانىڭ ئاساسى. باھا قىممەتنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىلىنىشى.قىممەت باھانى بەلگىلەيدۇ.

باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار:-.1تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ باھاغا تەسىر كۆرسىتىشى 2. قىممەت باھانى

بەلگىلەيدۇ.

باھا ئۆزگىرىشىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا بولغان تەسىرى :-

.1ئىستىمالچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى 2.ئىشلەپچىقىرىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى   3.ئېھتىياج مىقدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى. زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.چىداملىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ. تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى بىلەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى ۋە ئەمگەك

ئۈنۈمدارلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى :- تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى  ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىلىدۇ، بۇ ئىككىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى بىلەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ، ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

قىممەت قانۇنىيتى :- تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تۈپ قانۇنىيتى.

قىممەت قانۇنىيتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:-تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىلىدۇ.تاۋار قىممەت مىقدارى ئاساس قىلىنغان ھالدا تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرىلىدۇ.

قىممەت قانۇنىيتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى:- باھانىڭ قىممىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ تۇرىشى.

قىممەت قانۇنىيتىنىڭ تاۋار ئىگىلىكىدىكى رولى:-

.1قىممەت قانۇنىيتى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىدىكى تەقسىماتنى تەڭشەيدۇ.

.2قىممەت قانۇنىيتى تاۋار  ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى،ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

.3قىممەت قانۇنىيتى رىقابەت داۋامىدا تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن سەرخىللىرىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى،ناچارلىرىنىڭ شاللىنىپ كېتىشىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ.

ئېستىمال سەۋىيسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار:- كىرىم سەۋىيسى، مال-باھا سەۋىيسى، ئېستىمال قۇرۇلمىسى.

ئېنگىل كوئېففىنسىنتى:-يىمەكلىك خىراجىتىنىڭ ئائىلە خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نېسبىتى. ئېنگىل كوئېففىنسىنتىنىڭ كىچىكلىشى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، ئېستىمال قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. خېلمۇخىل ئېستىمال پىسخىكلىرى :-1.باشقىلارغا ئەگىشىش پىسخىكىسى،2.غەيرىلىكنى قوغلىشىش پىسخىكىسى،3.بەسلىشىش پىسخىكىسى ،4.ئەمىلىيەتچىل بولۇش پىسخىكىسى.

توغرا ئېستىمال قارىشىنى تىكلەش:-1.كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ مۇۋاپىق ئېستىمال قىلىش 2.قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلىنىپ،ئاقىلانە ئېستىمال قىلىش3.مۇھىيتنى ئاسراپ،يىشىل ئېستىمال قىلىش، 4.تېرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇپ،جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېستىمالنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى: -

1.ئىشلەپچىقىرىش ئېستىمالنى بەلگىلەيدۇ.2. ئىشلەپچىقىرىش ئېستىمال ﺋﻮبيېكتىنى بەلگىلەيدۇ،

3. ئىشلەپچىقىرىش ئېستىمال ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.4. ئىشلەپچىقىرىش ئېستىمالنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيسىنى بەلگىلەيدۇ. 4. ئىشلەپچىقىرىش ئېستىمال ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ يارىتىپ بىرىدۇ.

ئېستىمالمۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئەكىس رولى:-

.1 ئېستىمال-ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىدى. 2. ئېستىمال   ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ تەڭشىلشى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .3 . ئېستىمالمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ يارىتىپ بىرىدۇ. 4 . ئېستىمال ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يېڭى ئەمگەك كۈچى يارىتىپ بىرىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ (ئاساسىي) ئىقتىسادىي تۈزۈمى:-ئومومىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ،كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش.

دۆلىتىمىزنىڭ مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسى :- دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت خارەكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن،مەلۇم بىر خىل مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ـ بولمايدىغانلىقىنى ئۆلچەشتە ئاساسلىقى ئۈچكە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىغا قاراش كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مىكرو سۇبېيىكتى – كارخانا،زامانىۋىي كارخانىنىڭ تەشكىلىي شەكلى ـ شىركەت تۈزۈمى

شىركەتنىڭ تۇرلىرى:-1.چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە چەكلىك پاي شىركىتى.

ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئەھمىيتى:-ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ،ئۇ پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىياتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق  ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ، جەمئىيەتكە ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋىي بايلىق يارىتىدۇ.ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ھەققە ئېرىشىپ تۇرمۇش مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىشى ،مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيتىشى ،مەنىۋى مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرىشى ،ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.   نېمە ئۈچۈن پارتىيە ھۆكىمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بىرىدۇ؟

بۇنداق سۇئاللارغا قارىتا يۇقىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئەھمىيتىنى دەپ بەرسەك بولىدۇ.

ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەئىتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا :- ئەرز قىلىش ،كېڭىشىش ،مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم چىقىرىشنى ئېلتىماس قىلىش، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش  قاتارلىق يوللار بىلەن قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ تەقسىمات تۈزۈمى :-ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ،كۆپ خىل تەقسىمات شەكىللىرىنى يولغا قويۇش.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەقسىماتنىڭ مۇناسىۋىتى: - ئىشلەپچىقىرىش تەقسىماتنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرىگە بولغان مۈلۈكچىلىك تۈزىمىنى، تەقسىمات ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.

سوتسىيالىستىك ئومومىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدە،شەخسىي ئېستىمال بويۇملىرىنى تەقسىم قىلىشنىڭ پىرىنسىپى :- ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش.

ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيتى:-

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ ،ئۇلارنىڭ تېرىشىپ پەن-تېخنىكا ئۈگىنىپ ،ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرىشىگە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق . ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم شەرتى.

كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى:1.يەككە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىش.

.2 ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا قاراپ تەقسىم قىلىش- بۇنىڭدا باشقۇرۇش،تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ،كاپىتال ،ئەمگەك ئامىلىغا قاراپ تەقسىم قىلىش بار، ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئىپادىسى-مۇۋاپىق بولغان كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى.

ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغا تەدبىرلەر :

.1ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدا مۇۋاپىق نېسبەتنى ئىگىلىشىگە، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتا مۇۋاپىق نېسبەتنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلش ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.2. قايتا تەقسىماتتا ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىر .

ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتى:- سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق بىردەكلىككە ئىگە.بىر جەھەتتىن  ئۈنۈم ئادىللىقنىڭ ماددىي ئالدىنقى شەرتى ،يەنە بىر جەھەتتىن ئادىللىق ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنىڭ كاپالىتى.

سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا دەسلەپكى تەقسىمات بىلەن قايتا تەقسىماتنىڭ ھەر ئككىلىسىدە  ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلش ،يەنى ھەم ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ھەم ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دۆلەت مالىيەسىنىڭ رولى: -

.1 دۆلەت مالىيەسى بايلىقلارنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

.2 دۆلەت مالىيەسى خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال ۋە مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ئىقتىسادنىڭ نورمال ۋە مۇقىم ھەركىتى ئىجتىمائىي ئومومىي تەمىنلەش بىلەن ئىجتىمائىي ئومومىي ئىھتىياجنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ،چوڭ داۋالغۇش بولۇشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا بولسا ،ئىھتىياج يىتەرلىك بولمىغاندا ،ھۆكۈمەت كېڭەيتىش خارەكتېرلىك مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش چىقىمىنى كۆپەيتىش،باج كىرىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئومومىي ئىھتىياجنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.ئەكىسچە ،ئىقتىساد زىيادە قىززىپ كەتكەندە ،مال باھاسى ئۆرلەپ ،ئىقتىسادى ھەركەت ئاساسلىقى تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندا ،ھۆكۈمەت قىسىش خارەكتېرلىك مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ،مالىيە چىقىمىنى  ئازايتىپ،باج كرىمنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ،ئومومىي ئىھتىياجنى تېزگىنلەپ ،مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

.3 دۆلەت مالىيەسى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى  ئىلگىرى سۈرۈش ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ماددىي كاپالىتى.

ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ مەزمۇنى:- .1تەرەققىيات ـ بىرىنجى مۇھىم مەزمۇنى. 2. يادروسى ـ ئادەمنى ئاساس قىلىش.. 3 ئاساسىي تەلىپى ـ ئىمكانىيەتلىك،ماس سىجىل تەرەققىيات . . 4تۈپ ئۇسۇلى:-بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بىرىش.

II سىياسى تۇرمۇش

دۆلىتىمىزنىڭ خارەكتېرى:- ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان،ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيسى دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.

خەلق دېموكراتىيسى دىكتاتۇرىسىنىڭ ماھىيتى:-خەلىقنىڭ ئۆز ئىشىغا  ئۆزى خوجا بولۇشى.

خەلق دېموكراتىيسى دىكتاتۇرىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى :-كەڭ دائىرىلىك ھەقىقىيلىققا ئىگە.

ئېلىمىز پۇقرالىرى بەھرىمان بولىدىغان سىياسىي ھوقوقلار:-

1. سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقوقى 2 .سىياسىي ئەركىنلىك   3.نازارەت قىلىش ھوقوقى.

ئېلىمىز پۇقرالىرى چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلەر:-

1.دۆلەت بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغداش،2 .ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا رۇئايە قىلىش، . 3دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى،شان-شەرپىنى قوغداش،4.ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش .

ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ سىياسىغا قاتنىشىش يولى ۋە شەكىللىرى:-دېموكراتىك سايلام ،دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ، دېموكراتىك باشقۇرۇش ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت .

ئېلىمىزنىڭ سايلام شەكلى :-بىۋاستە سايلام،ۋاستىلىك سايلام،ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ۋە تەڭ نامزاتلىق سايلام.

ئېلىمىزدە ئاساسلىق قوللىنىۋاتقان سايلام ئۇسۇلى بىۋاستە سايلام بىلەن ۋاستىلىك سايلامنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتەك سايلام ئۇسۇلى .

پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرى ۋە تۈزۈملىرى:-

.1جەمىئىيەت ئەھۋالى ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى 2.مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى 3.ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمى .

پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە بىۋاستە قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيتى:-

.1تەدبىر بەلگىلەشتە خەلق رايىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىنىڭ دېموكراتىيلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق. 2 . خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كەڭ كۆلەمدە مەركەزلەشتۈرۈپ،تەدبىرنىڭ ئىلمىيلىقنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق . 3.پۇقرالارنىڭ تەدبىرلەرنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ ،تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. 4 .پۇقرالارنىڭ ئومومنىڭ ئشلىرىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ،پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. دېموكراتىك باشقۇرۇش:-كەنىت ئاھالىلەر ئاپتونومىيەسى ۋە شەھەر ئاھالىلەر ئاپتونومىيەسى. كەنىت ئاھالىلەر ئاپتونومىيەسى ۋە شەھەر ئاھالىلەر ئاپتونومىيەسىنىڭ ئەھمىيتى(كىتابتىن تېپىپ يادلايمىز 33-ۋە 35-بەت)

دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ قانۇنىي يوللىرى:-1.ئەرزىيەت ئارقىلىق پاش قىلىش تۈزۈمى، 2.خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش تۈزۈمى، 3.جامائەت پىكرى ئارقىلىق نازارەت قىلىش تۈزۈمى ،4. ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى،5.دېموكراتىك باھالاش يىغىنى ،6.توردا ھۆكۈمەتنى باھالاش قاتارلىقلار بار.

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ فۇنكىسىيسى(دۆلەت فۇنكىسىيسى) :-1.دېموكراتىينى كاپالەتلەندۈرش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغداش فۇنكىسىيسى،2.سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تەشكىللەش فۇنكىسىيسى،3.سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت  قۇرۇلۇشنى تەشكىللەش فۇنكىسىيسى، 4.ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش فۇنكىسىيسى.

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ مەسئۇلىيتى:-خەلىققە مەسئۇل بولۇش

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ رولى :-خەلىققە قولايلىق يارىتىش ،خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش.

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ تۈپ  پىرىنسىپى :-خەلىققە مەسئۇل بولۇش.

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيسى:-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش .

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ خىزمەت ئىستىلى :-ھەقىقىي ،ئەمىلىيەتچىل بولۇش .

ئېلىمىز ھۆكىمتىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى:-ئاممىدىن ئېلىپ ،ئاممىغا قايتۇرۇش.

پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىش يوللىرى:(ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن)

.1قىززىق لىنىيلىك تېلفون تەسىس قىلىش، 2.ئەرزىيەت تارماقلىرىنى تەسىس قىلىش، 3.قانۇن بويىچە مەمۇرىي كېسىم،مەمۇرىي جەھەتتە قايتا قاراپ چىقىش ۋە مەمۇرىي دەۋا تۈزىمى تۇرغۇزۇش، 4.ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى(دەرسلىك كىتاب61-بەت1-ئابزاس)، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشتە ئورۇنداشقا تېگەشلىك تەلەپلەر(دەرسلىك كىتاب61-بەت2-ئابزاس)

ھۆكۈمەت ھوقوقىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ ئەھمىيتى:-

ھۆكۈمەتنىڭ نازارەتنى قوبۇل قىلىشى قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ،خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى.ھۆكۈمەت نازارەتنى قوبۇل قىلغاندىلا ،ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەل رايىغا مايىل بولۇپ،خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،خەلقنىڭ كۆڭلىنى بىر قىلىپ ،توغرا تەدبىر بەلگىلىيەلەيدۇ،ئاندىن ھوقوقىنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش،مەمۇرىيەت ۋاستىسىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ ،خىزمەتتىكى سەۋەنلىكلەرنى ئازايتالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنالايدۇ، ئاندىن ھوقوقىنى خالىغانچە  ئىشلىتىش،ھوقوقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش،ھوقوق-پۇل سودىسىنى قىلىش قاتارلىق چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ،خەلىققە بەخىت يارىتىشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ،خەلىققە مەسئۇل بولىدىغان ،نوپۇزلۇق ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە ھۆكۈمەتىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

ھۆكۈمەت ھوقوقىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش:-(بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارنى يادلاش)

دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي نازارەتچىلىك سېستىمىسى :-1.تاشقى قىسىمدىكى نازارەتچىلىك (دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىنىڭ نازارىتى،ج ك پ نىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىيىشىنىڭ ،ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ،جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتى) .2ئىچكى قىسىمدىكى نازارەتچىلىك(يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ،قانۇن تارماقلىرىنىڭ نازارىتى،دېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ نازارىتى،مۇپەتتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتى) .

سوتسىيالىستىك دېموراتىينىڭ ماھىيتى ۋە يادروسى:-خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولىشى.

خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومتىتېنىڭ قانۇنىي ئورنى:-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئورگىنىدۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومتىتېنىڭ خىزمەت ھوقوقلىرى:-1.قانۇن چىقىرىش ھوقوقى 2.قارار قىلىش ھوقوقى 3.ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقوقى 4.نازارەت قىلىش ھوقوقى.

خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ھوقوقلىرى:-1.ھەرخىل تەكلىپلەرنى كۆرۈپ چىقىش ھوقوقى ، 2.ھەرخىل قارارلارنى ئاۋازغا قويۇش ھوقوقى ،3 .تەكلىپ بىرىش ھوقوقى، 4. سۇئال قويۇش ھوقوقى.

خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيتى:- خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ھوقوقلارغا ئاساسەن ،دۆلەت ھاكىمىيتى يۈرگۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ،خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيتى جەريانىدا ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇلارنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ياردەملىشىدۇ.خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدۇ، خەلق ئۈچۈن تېرىشىپ  خىزمەت قىلىپ،خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خەلقنڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى –دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسى تۈزۈمى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:-(ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى، دۆلەت باشقۇرۇش شەكلى ، دۆلەت تۈزۈمى، دۆلەت تۈزۈلمىسى ، دۆلەت خارەكتېرى،دۆلەت قۇرۇلما شەكلى) .

ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى:- خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ، دۆلەت تۈزۈلمىسى: –خەلق دېموكراتىيە دېكتاتۇرىسى. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت  تۈزۈمى:- دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ۋە پائالىيەت پىرىنسىپى:- دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى.

ج ك پ نىڭ خارەكتېرى:- ج ك پ  جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى،شۇنداقلا جوڭگۇ خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى   ج ك پ نىڭ مەقسىدى:-جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ج ك پ نىڭ يېتەكچى ئىددىيسى :-ماركىسىزىم-لېننىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شىياۋپىك نەزەرىيسى،ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى.

ج ك پ نىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى :- ئىلمىي ، دېموكراتىك ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش .

جۇڭگۇچە  سىياسى پارتىيە تۈزۈمى :- كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسى كېڭەش تۈزۈمى.

(دوست پارتىيلىك مۇناسىۋەت ، ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرت ۋە تۈپ كاپالەت ، ج ك پ نىڭ ھەر قايسسى پارتىيە –گوروھلارغا بولغان رەھبەرلىكى)

دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپى:-مىللەتلەر بارەۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى .

مەسىلەن :پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەب نىمە؟  دېگەندەك

بۇنىڭغا ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئۇنى قەتئىي قوغداش :-دۆلەت مەنپەئىتى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ھوقوق- مەنپەئەت بولۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى پائالىيتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلەش نۇقتىسى.

دۆلەت مەنپەئىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشنىڭ ئاساسى ،مەنپەئەت جەھەتتىكى قارىمۇ-قارشىلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ  مەنبەسى. خەلقئارادا رىقابەتنىڭ ماھىيتى:- ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا كۈچىنى ئاساس قىلغان ئۈنۋېرسال دۆلەت كۈچى جەھەتتىكى سىنىشىش.

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى :-

.1ئاساسىي مەقسىدى :-دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش،ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش .

.2ئاساسىي نىشانى :-دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش .

.3ئاساسىي مەيدانى :-مۇستەقىل ،ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇش.

.4ئاساسىي مىزانى :-تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى.

III.مەدەنىيەت تۇرمۇش

مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب:-ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيتىنى ئېتراپ قىلش ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىگە ھۆرمەت قىلىش،ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىش ،ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كىلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش،دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش.

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب:-‹‹شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش››تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلش ،قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارتىشنىڭ يوللىرى: -

.1 ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلش ،كونىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش .. 2دۇنياغا يۈزلۈنۈپ ،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش.  3.توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ ،خاتا خاھىشلارنى تۈگىتىش.

جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزاق،مەزمۇنىنىڭ مول بولۇشىدىكى سەۋەب:-كەڭ قورساقلىقىدا.

ھەرىكەت بىلەن ماددىنىڭ مۇناسىۋىتى ،سېستىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش.

خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى.

مەسىلەن :-پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىشى تارىخىي ماتېرىيالىزىم نۇقتىسىدىن ‹‹خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخىنىڭ ياراتقۇچىسى››دىگەننى چىقىش قىلىپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

سىياسىي تۇرمۇش نۇقتىسىدىن  :- ھۆكىمەتىنىڭ مەقسىدى:- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش . ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ تۈپ  پىرىنسىپى :- خەلىققە مەسئۇل بولۇش. ھۆكۈمەت خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ،ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيسى قاتارلىق نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

.1مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. . 2سودا:-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.ئۇنىڭدىن باشقا ئاھالىنىڭ كۆچىشىى،مائارىپ،دوسلار يىغىلىشى،سەيلە-ساياھەت،قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ يوللىرى.

.3زامانىۋى تارقىتىش يوللىرى :-ئىلىكتىرون تېخنىكىسى،تور تېخنىكىسى ،گىزىت-ژورنال.

.4زامانىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا-شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش،تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىش،قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك..5مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار:-پەن-تېخنىكا ۋە ئىدىيە ھەركىتى. 6. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۇلىقى:-ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت. .7مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يوللىرى:-ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش،كونىللىرىنى چىقىرىپ، يېڭىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.دۇنياغا يۈزلىنىپ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش،توغرا يۆلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ،خاتا خاھىشلارنى تۈگىتىش. . 8جۇڭخۇا مىللىي روھىنىڭ يادروسى: - ۋەتەنپەرۋەرلىك. . 9جۇڭخۇا مىللىي روھىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: - ئىتتىپاقلىق،بىرلىك،تىنىچلىقپەرۋەرلىك،ئەمگەكچانلىق،توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش.

.10مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى مەركىزى ھالقا:-ئىدىيە ئەخلاق قۇرلۇشى. . 11ئىقتىساد:-ئۇل،  سىياسىي:-ئىقتىسادنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، مەدەنىيەت-ئىقتىساد بىلەن سىياسىنىڭ ئىنكاسى،مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىساد ئۆز-ئارا سىڭشىدۇ.

.12مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي پائالىيتى،بىلىش پائالىيتى،تەپەككۇر شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. . 13ئادەم مەدەنىيەتنى يارىتىدۇ،مەدەنىيەتمۇ ئادەمنى سۇغىرىدۇ. .14مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ھەم دۇنيا مەدەنىيتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

.15‹‹تەنھا گۈلنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باھار بولمايدۇ،بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغاندىلا باھار كەلگەن بولىدۇ›› بۇ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

IV. پەلسەپە تۇرمۇش

.1پەلسەپە:-كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان - سەنئەت ،سېستىمىلاشتۇرۇلغان ،نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن دۇنيا قاراش. دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىمات،تەبىئەت،جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى ۋە يەكۈنى.

. 2پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە: - تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسلىسى..3ماتېرىيالىزىم-قەدىمكى زامان ساددا ماتېرىيالىزىم (ئوت،سۇ،گاز،تۇپراق)،يېقىنقى زامان مېتافىزىكىلىق ماتېرىيالىزىم(ئاتوم)،دىيالىكتىك

4. ئېدىئالىزىم :-سۇبيېكتىپ ئېدىئالىزىم(مۇددىئا،ئىرادە،تۇيغۇ،قەلبى)،ئوبېيكتىپ ئېدىئالىزىم (خۇدا،روھ)دىن ئىبارەت ئىككى خىل فورماتسىيسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. . 5ھەقىقىي پەلسەپە دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى.يەكۈنى ۋە يۈكسەلدۈرۈلىشى،ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ باشلامچىسى. . 6ماركىسىزىملىق پەلسەپە مەيدانغا كىلىشتىكى سىنىپىي ئاساس پۇرۇلتارىياتنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى.

.7‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىددىيسىنىڭ ماھىيتى:-ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش ،خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش. .8ماددا ئادەمنىڭ ئېڭىغا بېقىنمايدىغان،ئادەمنىڭ ئېڭى ئارقىلىق ئەكىس ئىتىدىغان ئوبېيكتىپ چىنلىق.9.ئاڭ:- ئوبېيكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى.

10.ھەركەت:-ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر،ھادىسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .

ھەركەت ماددىنىڭ ھەركىتى ماددا ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچى،ھەرىكەت قىلمايدىغان ماددا ماددا بولمايدۇ،ھەرىكەت شەرتسىز،مەڭگۈلۈك،مۇتلەق بولىدۇ.

.11قانۇنىيەت دىگىنىمىز:-شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى جەريانىدا ئەسلىدە بار بولغان ماھىيەتلىك ،مۇقەررەر مۇقىم باغلىنىش.

.12ئەمەلىيەت:-كىشىلەرنىڭ ئوبېيكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ماددى پائالىيتى.ئۇ ئوبېيكتىپ ماددىيلىققا ،سوبىيكتىپ پائالىيەتچانلىققا ،ئىجتىمائىي تارىخىيلىققا ئىگە.

.13ئەمەلىيەت:- بىلىشنىڭ ھەقىقەتلىكىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم. 14. ئەمەلىيەت:- بىلىشنىڭ مەنبەسى.بىلىش:- تەرەققىياتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. 15. ئەمەلىيەت:- بىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە ماكانى .

.16ھەقىقەت شەرتلىك ۋە كونكېرت بولىدۇ. 17.بىلىش تەكرارچانلىققا ،چەكسىزلىككە ئىگە .

.18 باغلىنىش:- شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى شۇنداقلا شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھەر قايسى ئامىللار ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ،چەكلەش ۋە ئۆز- ئارا رول ئويناشتىن ئىبارەت. .19باشلىنىش ئومومىي ، ئوبېيكتىپ بولىدۇ،باغلىنىش كۆپ خىللىققا ئىگە.

.20ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىنىڭ باغلىنىش نۇقتىنەزىرى بىزدىن پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىلىش ، ۋە توغرا ئىگەللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىك باغلىنىشلىق بولۇپ،بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈنلۈك قىسمەنلىكتىن تەركىپ تاپىدۇ.قىسمەنلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىرىشى پۈتۈنلىكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.پۈتۈنلۈك يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ قىسمەنلىككە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. 21. تەرەققىياتنىڭ ماھىيتى:-شەيئىلەرنىڭ ئىلگىرلەش ۋە يۇقىرى كۆتىرىلىشى ،يېڭى شەيئىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە كونا شەيئىلەرنىڭ يوقىلىشى. 22. يېڭى شەيئىلەر-تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ، ئوبېيكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ،ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ كونا شەيئىلەر ئىچىدە بارلىققا كىلىدۇ. 23. شەيئىلەرتەرەققىيات يۆنىلىشى:- ئىلگىرلەش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش ،يولى:- ئەگرى-توقاي بولىدۇ.

.24 شەيئىلەرتەرەققىياتى سان ئۆزگىرىش بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سان ئۆزگىرىش سۈپەت ئۆزگىرىشنىڭ زۆرۈر تەييارلىقى . سۈپەت ئۆزگىرىش سان ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. . 25زىددىيەت :- قارىمۇ قارشلىقنىڭ بىرلىكى. 26.زىددىيەتنىڭ ئومومىيلىقى بىلەن ئالاھىدىلىكى باغلىنىشلىق بولىدۇ.ئومومىيلىق ئالاھىدىلىك ئىچىدە بولىدۇ.ھەمدە ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ،ئالاھىدىلىك بولمىسا ئومومىيلىق بولمايدۇ،ئالاھىدىلىك ئومومىيلىقتىن ئايرىلالمايدۇ..27شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدىغان،ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان  زىددىيەت:-ئاساسىي زىددىيەت .

شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى ئورۇندا تۇرىدىغان،ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىغان  زىددىيەت:-ئىككىنچى   ئورۇندىكى (ئاساسىي بولمىغان )زىددىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

.28ئىككى نۇقتىچىلىق:- ئاساسىي زىددىيەت، ئىككىنچى ئورۇندىكى زىددىيەت،ئاساسىي تەرەپ ۋە ئىككىنچى ئورۇندىكى تەرەپنى چىڭ تۇتۇش دىگەنلىك. مۇھىم نۇقتىچىلىق ـ ئاساسىي زىددىيەت، ئاساسىي تەرەپنى تونۇش دىگەنلىك(كالىنى بۇرنىدىن يىتلەش)

.29كونكېرت مەسىلىنى كونكېرت تەھلىل قىلىش:-ماركىسىزىمنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، مەنبەسى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى(توغرا ئۇسۇلى)شۇنداقلا شەيئىلەرنى توغرا بىلىشىمىزنىڭ ئاساسى.

.30دىيالېكتىكىلىق ئىنكار قىلىش تەرەققىياتنىڭ ھالقىسى .ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم ئىنكار قىلىش.

ئەمەس بەلكى ئىنكار قىلىش ھەم ساقلاپ قېلىش.ماھىيتى:-ئېلغاش. دىيالېكتىكىلىق ئىنكار قىلىش بىزدىن يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ 31. .يېڭىلىق يارىتىشنىڭ رولى:-1. يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ  تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.2. يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.3. يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلار تەپەككۇرى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. . 32ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتئىجتىمائىي ئاڭنى بەلگىلەيدۇ، ئىجتىمائىي ئاڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.( تارىخىي ماتېرىيالىزىم)

. 33ئىجتىمائىي ئاڭ سىنىپىي مۇستەقىللىققا ئىگە. ئۇ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.ئىلغار ئىجتىمائىي ئاڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، قالاق ئىجتىمائىي جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. 34. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى:ـ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

.35ئىقتىسادى بازىس ئۈستىقۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ. ئۈستىقۇرۇلما ئىقتىسادى بازىسقا  ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ..

.36ئسلاھاتنىڭ تۈپ مەقسىتى:-ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش. ئۈستىقۇرۇلمىسىنى  ئىقتىسادى بازىسقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت .

.37خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى تارىخنىڭ سۇبېيكتى.جەمئىيەتكە ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق ياراتقۇچى،خەلق ئاممىسى جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ .

.38 ئاممىۋى نۇقتىنەزەرنىڭ مەزمۇنى:- خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش، جان دىل

بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،ھەممىدە  خەلىققە مەسئۇل بولۇش، خەﻟﻖ   ئاممىسىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش.

.39 ئاممىۋى لۇشىيەننىڭ  مەزمۇنى:-ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇش،ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش ، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇش. 40. ئادەمنىڭ قىممىتى:-قىممەت يارىتىشتا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش ۋە  تۆھپە يارىتىشتا بىر ئادەمنىڭ قىممىتىگە باھا بىرىشتە ئۇنىڭ تۆھپىسىگە قاراش لازىم.

.41قىممەت قارىشى:-كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش پائالىيتىدە مۇھىم يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاللاشتا مۇھىم  يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

.42 كىشىلەرنىڭ توغرا قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش قىممەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى توغرا تاللاشتا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش،جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ﺋﻮبيېكتىپ قانۇنىيتىگە ھۆرمەت قىلىش،تارىخنىڭ مۇقەررەر يولىدا مېڭىش كېرەك. 43. قىممەتكە ھۆكۈم قىلىش ۋە قىممەت تاللاشنىڭ توغرىلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم-خەلىقنىڭ قوللاش-قوللىماسلىقى، قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى،خۇشال بولۇش –بولماسلىقى ،ھىمايە قىلىش-قىلماسلىقى .

.44ئەمگەك قىلىۋاتقان ئادەم بەخىتلىك بولىدۇ  ،ئادەم پەقەت ئەمگەك جەريانىدىلا قىممەت يارىتالايدۇ.

.45ئادەمنىڭ قىممىتى ئەمگەكتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.شۇنداقلا  جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. . 46كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ،توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە بولۇش كېرەك .

ئۆز قابىلىيتىنى تېرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ،شەخسى ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك . شۇنداقلا مۇستەھكەم غايە-ئېتقاد، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە  بولۇشى كېرەك.

سىياسەت

نىشان نۇمۇر


1.قېتىملىق

مانۋېردا


2.قېتىملىق

مانۋېردا


3.قېتىملىق

مانۋېردا


4.قېتىملىق

مانۋېردا


5.قېتىملىق

مانۋېردا


77








نىشاندىن

پەرقى








ئەگەر كەڭ تورداشلار بۇماتىرىيالغا ھەقىقىي تۈردە كېرەكلىك بولسا 18799529870غا تېلغۇن قىلىش ياكى552482073 كىيۇ كىيۇ نى قېتىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.


.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 08:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102653
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-22
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 07:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىجدىمائىي  پەننىڭ ئىكەنغۇ ، تەبىي پەننىڭ بولسا  تىخىمۇ ياخشى بولاتتى،  ئاكامنى ماتىرىيال بىلەن تەمىللىسەم بولغۇدەك

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 07:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلاپ قۇياي ، بىرەسىگە لازىم بۇپ قالسا پايدىلىنا .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1gulnigar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 07:29 PM
بۇ ئىجدىمائىي  پەننىڭ ئىكەنغۇ ، تەبىي پەننىڭ بولسا  تىخ ...

كېيىنچە ئۇممۇ بولۇپ قالار،قېرىندىشىم!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1407 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:43:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئى پەننىڭ پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بولسا  يوللاپ  بەرساڭلا.....  
  ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا 100 كۈنگە ياتمىگەن ۋاقىت قالدى .  مەن ۋە باشقىلارغا پايدىسى تىگىپ قالار.

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 09:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىي پەننىڭ يوقمۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 09:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 09:29 PM
تەبىي پەننىڭ يوقمۇ؟

ھازىرچە يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 09:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك   پايدىلانما  بولاپتۇ .    ئەجرىڭىزگە  رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104212
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:18:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى  ئەجىر  قىپسىز  جۇمۇ  

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 09:21:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش